باش بەت > ھېكمەت ئىزدىنىشلىرى > باشقىلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

پ – نەبىي ۋە رەسۇل

نەبىي ۋە رەسۇل ئۇقۇملىرى تېمىمىزغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. نەبي، مەرتىۋىسى ئاللاھ تەرىپىدىن يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا نەبىيلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىش ئارقىلىق، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلىگەندۇر (بەقەرە 2/213). رەسۇل بولسا، بىرىنىڭ سۆزىنى ھېچبىر نەرسە قاتماستىن باشقا بىرىگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار كىشىدۇر. ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىنىڭ، كىتاب ۋە ھېكمەتنى تەتبىقلاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىتىش ۋەزىپىسىمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر نەبىي، نەبىي بولۇش بىلەن بىرگە رەسۇلدۇر.

1 – ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت شەرتسىزدۇر

ئاللاھنىڭ رەسۇلى (ئەلچىسى)نىڭ ۋەزىپىسى، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ھېچبىر نەرسە قاتماستىن ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئەگەر ئۆزىنىڭ خىيالىچە بىر نەرسە قىتىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ٤٤ لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ٤٥ ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ٤٦ فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ٤٧﴾

«ئەگەر ئۇ ئەلچى بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائورتا تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار» – (69 – سۈرە ھاققە، 44 ~ 47 – ئايەتلەر).

﴿…فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ٣٥﴾

«… ئەلچىلەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى بارمۇ؟» – (16 – سۈرە نەھل، 35 – ئايەت).  

﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ وَإِن لَّمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ٦٧﴾

«ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن[1]. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن…» – (5 – سۈرە مائىدە، 67 – ئايەت).

بۇ سەۋەبلەردىن ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ وَمَن تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا٨٠﴾

«كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» – (4 – سۈرە نىسا، 80 – ئايەت).

ئاللاھنىڭ بىزدىن نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى پەقەت رەسۇل ئارقىلىق بىلەلەيدىغانلىقىمىز ئۈچۈن «ئاللاھ ۋە رەسۇلۇ» سۆزلىرى بىللە كەلگەن ئايەتلەردىكى ئەسلى مەقسەت رەسۇلنىڭ يەتكۈزگەن خەبەرلىرىدۇر. بىر ئايەت بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا٣٦﴾

«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق – ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 36 – ئايەت).

2 – نەبىيگە ئىتائەت شەرتلىكتۇر

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەبىي سۈپىتى بىلەن قىلغان سۆز – ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ ھېكمەت ئىلمى بىلەن ئۆز ئىجتىھادىغا تايىنىپ، قۇرئاندىن چىقارغان ھۆكۈملىرىدۇر، لېكىن بۇ ئىجتىھادى ھۆكۈملەردە خاتالىق سادىر بولۇشى مۇمكىندۇر. دەرۋەقە، ھۈدەيبىيە سۈلھى كېلىشىمىدىن كېيىن ئائىلىلرىنى تاشلاپ، مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ كەلگەن ئاياللار بىلەن نەبىيىمىز ئارىسىدىكى توختامنامىدە مۇنداق ئىپادىلەر بار ئىدى:

وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ

«… ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا …» – (60 – سۈرە مۇمتەھىنە، 12 – ئايەت). 

بۇ ئايەتتىكى «ياخشى ئىش – مەئرۇف (معروف)» قۇرئانغا ئۇيغۇن بولغان ئىشلار دېمەكتۇر[2]. دېمەككى، نەبىيمىزدىن قۇرئانغا ئۇيغۇن بولمىغان سۆز – ھەرىكەتلەر سادىر بولغان تەقدىردە ئۇنىڭغا ئېتىراز قىلىشقا بولىدۇ. ئەنئەنىۋى كۆزقاراشتا، ئۇنىڭدىن قۇرئانغا زىت سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ سادىر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان زەيد ۋە زەينەپ ۋەقەسى، ئۇنىڭمۇ خاتا سادىر قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

﴿وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَاهُ فَلَمَّا قَضَى زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا٣٧﴾

«ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىنئام قىلغان، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا  تەقۋادارلىق قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، بۇنى دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلاردىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ لازىم ئىدى. زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت).

ئەرەپ جەمئىيىتىدە ئاسراندى بالىلار، ئۆز بالىسىغا ئوخشاش كۆرۈلەتتى. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 33 – سۈرە ئەھزابنىڭ 4 – 5 – ئايەتلىرىگە ئاساسەن، ئاللاھنىڭ ئاسراندى بالىلارنى ئۆز بالىلار ھېسابلىمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاسراندىسى زەيد، ئايالى زەينەبنى قۇيۇۋەتمەكچى بولغاندا، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى  ئاسراندىسى زەيدنىڭ ئايالىنى نىكاھىغا ئېلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، زەيدكە «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن»-(33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت) دەپ بۇيرۇق قىلغان ئىدى. لېكىن زەيد رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي ئايالىنى قويۇۋەتتى. چۈنكى زەيد قۇرئانغا ئۇيغۇن بولمىغان بىر ئەمىرگە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتىڭ يوقلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە كىشىگە ئورتاق بەرگەن مۇنۇ ئەمرىنى ياخشى بىلەتتى:

﴿كِتَابٌ أُنزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُن فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِّنْهُ لِتُنذِرَ بِهِ وَذِكْرَى لِلْمُؤْمِنِينَ٢ اتَّبِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ٣﴾

«بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يۈرىكىڭدە ھېچ سىقىلىش بولمىسۇن. بۇ، سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا ئەسلىتىش بولۇشى ئۈچۈندۇر. رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر» – (7 – سۈرە ئەئراف، 2 ~ 3 – ئايەتلەر).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئاللاھ ھوقۇق بەرگە كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن چەكلىنىدۇ (ئەھزاب 33 /1~3 – ئايەتلەر)؛ ئاللاھ زەيدكىمۇ ئايالىنى قويىۋېتىش ھوقۇقى بەرگەنلىكى ئۈچۈن (بەقەرە 2/228 – 232، تالاق 65 / 1 – 3) ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئەمرىگە بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى:

﴿… فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ذَلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا٥٩﴾

«… ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش – تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 59 – ئايەت). 

كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنسىرىگەن ئىش بېشىغا كەلدى. زەيد زەينەبنى قويىۋەتتى ۋە ئاللاھ ئۇنى زەينەب بىلەن نىكاھلىنىشقا بۇيرىدى. ئاللاھ بۇ نىكاھنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

  ﴿…فَلَمَّا قَضَى زَيْدٌ مِّنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا٣٧﴾

«… زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت).

بۇ نىكاھنى زەينەبمۇ خالىمايتتى لېكىن ئاللاھ بىۋاستە شۇنداق بولۇشىنى ئەمىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ، زەينەبنىڭمۇ باشقا تاللىشى يوق ئىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا٣٦﴾

«ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق – ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 36 – ئايەت).

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە زەينەب بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىپ، ئاللاھنىڭ نىكاھلىنىش ھەققىدە بەرگەن ئەمرىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلدى.  

زەيد، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن»-(33 – سۈرە ئەھزاب، 37 – ئايەت) دېگەن ئەمرىنى بىرىنىڭ رىۋايىتى بىلەن ئەمەس بىۋاستە ئۇنىڭدىن ئاغزىدىن ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنى قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە زىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالا زەيدكە ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كايىدى. مانا بۇ ئىشلاردىن مۇنداق بىر خۇلاسىنى چىقارغىلى بولىدۇ؛

«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇل سۈپىتى بىلەن قىلغان سۆزلىرىگە ئۆزىدىن باشلاپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك بولسىمۇ، نەبىي سۈپىتى بىلەن قىلغان سۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، مەئرۇفقا يەنى قۇرئانغا ئۇيغۇن بولۇپ بولمىغانلىقى شەرت قىلىنىدۇ».

داۋامى بار…

يازغۇچى: پروفىسور ئابدۇلئەزىز بايىندىر   

[1] ‎‏ رەببىڭ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننى تولۇق يەتكۈزگىن.‏

[2]  ئەئراف 7/157.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ