باش بەت > باشقىلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

كىتاب ۋە سۈننەتمۇ؟ كىتاب ۋە ھېكمەتمۇ؟

ھېچبىر ئايەتتە، كىتاب ۋە سۈننەت ئىپادىسى بىر يەردە تىلغا ئېلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ سۈننىتى، ئاللاھ بەلگىلىگەن توغرا يولنى يەنى كىتاب ۋە ھېكمەتنىڭ تەتبىقلىنىش ساھەسىنى كۆرسىتىدۇ. كىتاب ۋە ھېكمەت تەتبىقلانمىغان يول، ئاللاھنىڭ سۈننىتى بولمايدۇ.

كىتابتىن مەقسەت قۇرئان كەرىمدۇر. ئاللاھ پەقەت ئۇنىڭغا بۇيسۇنۇشنى بۇيرۇيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿اتَّبِعُوا مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاءَ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ٣﴾

«رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە[1] ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر» – (7 – سۈرە ئەئراف، 3 – ئايەت).

ھېكمەت – ئىلىم ۋە ئەقىل يولى ئارقىلىق توغرا ھۆكۈم چىقىرىش دېگەنلىكتۇر[2]. بۇ سۆز قۇرئاندا 18 قېتىم ھېكمەت (حكمة)، تۆت قېتىم ھۆكۈم (حكم) شەكلىدە جەمئىي 22 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ[3]. بۇلاردىن 13 دانىسى كىتاب سۆزى بىلەن بىللە كېلىدۇ[4]. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىربىرى بىلەن باغلاپ ئوقۇغاندا ھېكمەتنىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن توغرا ھۆكۈملەر چىقىرىش ئىلمى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

قۇرئاننىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىدىن بىرى بولغان سۈننەت ئىپادىسىنىڭ ئەسلى مەنىسى يول دېگەنلىكتۇر[5].  سۈننەت سۆزى 11 ئايەتتە 16 قېتىم ئۆتىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ ئىككىسىدە ئاللاھ، ئىنسانلارنى سۈننەتكە بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ[6]. باشقا توققۇز ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا، سۈننەتكە بويسۇنمىغانلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ[7]. باشقا بىر ئايەتتە بولسا، سۈننەت، يول مەنىسىدە مىنھاج (منھاج)[8] دېگەن سۆز قوللىنىلىدۇ. سۈننەتكە بويسۇنغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، بويسۇنمىغانلار بولسا ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ.

قۇرئاندا نەبىي ۋە رەسۇل ئۇقۇمىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. نەبىي – ئاللاھ تەرىپىدىن مەرتىبىسى يۈكسەلتىلگەن كىشىدۇر[9]؛ ئاللاھ نەبىي قىلغان كىشىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىپ، ئۇلارغا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغاندۇر[10]. رەسۇل بولسا، بىرىنىڭ سۆزىنى باشقا بىرىگە ئۆز ئەينى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن كىشىدۇر. ئاللاھ، بارلىق نەبىيلىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىتىش ۋەزىپىسى تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەر نەبىي، ئاللاھنىڭ رەسۇلى يەنى ئەلچىسىدۇر[11].

پەقەت ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن قويۇلغان كىچىك كىچىك ئۆزگۈرۈشلەردىن باشقا (مائىدە 5/48)،  نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن بېرى تەتبىقلىنىپ كەلگەن بارلىق شەرىئەتلەر ئوخشاش بىر شەرىئەتتۇر (شۇرا 42/13). بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ نازىل قىلغان ھەر كىتاب، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىنى تەستىقلايدۇ (ئال ئىمران 3/3، 81). شۇڭلاشقا، تەستىق (تصديق – يصدّق مصدّق) ئۇقۇمى قۇرئاندىكى ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇقۇمدۇر.

ھەر نەبىينىڭ ئۈممىتى، يېڭى كېلىدىغان نەبىيگە ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان كىتابقا ئىشىنىشى كېرەك. مانا بۇنى ئىسر (ئال ئىمران 3/81) دېيىلىدۇ. ئاخىرقى نەبىي بىلەن ئىسر ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندۇر (ئەئراف 7/157).

زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىتاب، ھېكمەت، سۈننەت، نەبىي، رەسۇل، تەستىق ۋە ئىسر ئۇقۇملىرىنىڭ ئەسلى مەنىلىرى ئۆزگەرتىلىپ، دىننىڭ ھۆكۈملىرى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندۇر. ئەمدى بۇ ئۇقۇملار بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى:

ئا – كىتاب ۋە ھېكمەت

ئاللاھ بارلىق نەبىيلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندۇر. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83 – ۋە داۋامىدىكى ئايەتلىرىدە ئاللاھ، نۇھتىن ئىيساغىچە 18 نەبىينى سانىغاندىن كېيىن[12] ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدىن، نەسىللىرىدىن ۋە قېرىنداشلىرىدىنمۇ تاللانغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:

﴿أُولَئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ …٨٩﴾

«ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر…» – (6 – سۈرە ئەنئام، 89 – ئايەت).

رىۋايەتلەردە سانىنىڭ 124 مىڭ ئىكەنلىكى بىلدۈرىلگەن[13] نەبىيلەرنىڭ ھەربىرى، بۇ 18 نەبىينىڭ ئاتىلىرىدىن ياكى قېرىنداشلىرىدىن ياكى ئۇلارنىڭ نەسلىدىن تاللانغاندۇر.

تۆۋەندىكى ئايەتكە ئاساسلانغاندا ھەر بىر نەبىيگە، كىتاب بىلەن بىللە بېرىلگەن ھۆكۈم، ھېكمەتتۇر:

﴿وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ٨١﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 81 – ئايەت).  

كىتاب ۋە ھېكمەت ئايرىم ئىككى نەرسە بولماستىن، بىربىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بىر نەرسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنزَلَ عَلَيْكُم مِّنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُم بِهِ …٢٣١﴾

«… ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى، سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر…» – (2 – سۈرە بەقەرە، 231 – ئايەت).

چۈنكى، كىتاب ۋە ھېكمەت ئايرىم ئىككى نەرسە بولغان بولسا، ئايەتتىكى كىتاب ۋە ھېكمەتنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن «ئۇنىڭ بىلەن – بِهِ» دېگەن ئالماش بىرلىك شەكىلدە ئەمەس، ئىككىلىك (بهما) شەكىلدە كەلگەن بولاتتى. بۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نەبىيلەرگە نازىل بولغان كىتاب ۋە ھېكمەتكە چىن قەلىبتىن سەمىمىيلىك بىلەن ئىشىنىش كېرەك. ئۇلارنى بىر بىرىدىن ئايرىماسلىق كېرەك. ئۇنداق قىلىش يولدىن چىققانلىق بولىدۇ.

﴿قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ إِلَى إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَى وَعِيسَى وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ١٣٦ فَإِنْ آمَنُوا بِمِثْلِ مَا آمَنتُم بِهِ فَقَدِ اهْتَدَوا وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا هُمْ فِي شِقَاقٍ فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ١٣٧﴾

«ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز. ئەگەر ئۇلارمۇ سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۆرۈسە سىلەردىن ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» – (2 – سۈرە بەقەرە، 136 – 137 – ئايەتلەر).

ئىنسانلار بىر ئاتا-ئانىنىڭ يەنى ئادەم ۋە ھەۋۋانىڭ بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن[14] دەسلەپتە بىر قېرىنداشلار ئۆزئارا ئۆيلىنىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇ ھۆكۈمنىڭ (بىر قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىنىشى) ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامغىچە جائىز ئىكەنلىكى، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئۆزگەرگەنلىكى بىلىنمەكتە. ئۆزگەرگەن باشقا ھۆكۈملەرمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:    

﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ …١٣﴾

«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار»…» – (42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت).

سىناق سەۋەبىدىن كىچىك ئۆزگۈرۈشلەردىن باشقا، شەرىئەت ھەر زامان ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان، ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكمىنى ۋە مەزمونىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِن لِّيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ٤٨﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول[15] بەلگىلىدۇق[16]. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى[17]، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە[18] سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار[19]. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» – (5 – سۈرە مائىدە، 48 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلگەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِّمَّا كُنتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ قَدْ جَاءَكُم مِّنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُّبِينٌ١٥ يَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ١٦﴾

«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان[20] نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.‏ ئاللاھ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 15 – 16 – ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ:

﴿قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ فَمَنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَمَا أَنَا عَلَيْكُم بِوَكِيلٍ١٠٨ وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّى يَحْكُمَ اللَّهُ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ١٠٩﴾

«ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق كەلدى[21]. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن[22]». سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن ۋە ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 108 – 109 – ئايەتلەر).

ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان، ئاللاھ تەرىپىدىن قوغدالغان ۋە قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر ئىلاھىي كىتابتۇر. شۇڭلاشقا، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق ئەمر قىلىدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ اتَّقِ اللَّهَ وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا١ وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا٢ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا٣﴾

«ئى نەبىي! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن، كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 1 – 3 – ئايەتلەر).

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەن ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر، ھازىرمۇ تەتبىقلىنىشى كېرەك بولغان بىردىنبىر مەنبەنىڭ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر.

1 – ھېكمەت ئىلمى

ھېكمەت ئىلمى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلاردىن تەپسىلى جاۋابلار چىقىرىش ئىلمىدۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن كۆرىۋالالايمىز:

﴿وَلَقَدْ جِئْنَاهُم بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَى عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ٥٢﴾

«بىز ئۇلارغا كىتاب كەلتۈردۇق، ئۇنى بىر ئىلىمگە ئاساسەن تەپسىلىي بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىشىنىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق» – (7 – سۈرە ئەئراف، 52 – ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى «ئۇلارغا» سۆزى، تۇنجى ئىنساندىن باشلاپ، ئاللاھنىڭ كىتابى يەتكەن ھەر بىر ئىنساننى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئايەت، جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە، جەھەننەم ئەھلىنىڭمۇ جەھەننەمدە، ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەردىن كىيىن كەلمەكتە ۋە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتىدۇ.

دەرۋەقە، تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئاننىڭ ھەر نەرسىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتىدۇر:  

﴿… وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِّكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَى لِلْمُسْلِمِينَ٨٩﴾

«…بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق» – (16 – سۈرە نەھل، 89 – ئايەت).

﴿لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَى وَلَكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ١١١﴾

«شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىسسەسىدە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار. بۇ قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ تەستىقىدۇر[23]، ھەر نەرسىنىڭ تەفسىلىدۇر[24]، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر» – (12 – سۈرە يۈسۈف، 111 – ئايەت).

ئاللاھ، قانداق بايان قىلغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۇسلۇب قوللانغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿الر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ١ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ٢﴾

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن، ئايەتلىرى ئىخچام ۋە ئېنىق قىلىپ تۈزۈلگەن، ھەمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر[25]. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن‏» – (11 – سۈرە ھۇد، 1 – 2 – ئايەتلەر).

مۇھكەم ئايەتلەر، مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ أَنزَلْنَا إِلَيْكَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَمَا يَكْفُرُ بِهَا إِلَّا الْفَاسِقُونَ٩٩﴾

«بىز ساڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئۇ ئايەتلەرنى فاسىقلاردىن باشقىسى ئىنكار قىلمايدۇ‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 99 – ئايەت).

ئايەتلەرنىڭ روشەن بولۇشى، ئىزاھلىنىشقا ۋە چۈشەندۈرۈشكە ئېھتىياجى يوق دېگەنلىق بولمايدۇ. بەلكى ئايەتلەر بىربىرىنى ئىزاھلايدۇ، ھەر بىر ئايەت باشقا بىر ئايەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى بولىدۇ. قۇرئاننىڭ روشەنلىكى بۇ نۇقتىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿هُوَ الَّذِي أَنزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُّحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ …٧﴾

«ئى مۇھەممەد! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇھكەم ئايەتلەردۇر. ئۇلار كىتابنىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر[26]…‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ئايەت).

﴿وَقُرْآنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَى مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنزِيلًا١٠٦﴾

«بىز قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئالدىرىماي[27] ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق‏» – (17 – سۈرە ئىسرا، 106 – ئايەت).

﴿اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُّتَشَابِهًا مَّثَانِيَ …٢٣﴾

«ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن – ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى…» – (39 – سۈرە زۈمەر، 23 – ئايەت).

2 – كىتاب ۋە ھېكمەت تەربىيىسى

ئاللاھ تائالا بارلىق نەبىيلىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىپ، ئۇلارنى بېرىلگەن بۇ كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۈممەتلىرىگە ئۆگىتىشكە بۇيرۇغاندۇر.

مەسىلەن: تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە بەرگەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ٤٨﴾

«پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 48 – ئايەت).

﴿إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَى وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدتُّكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ …١١٠﴾

«ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم…‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 110 – ئايەت).

﴿وَلَمَّا جَاءَ عِيسَى بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُم بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُم بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ٦٣﴾

«ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.» – (43 – سۈرە زۇخرۇف، 63 – ئايەت).

ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەنلىكىنى مۇنداق بىلدۈرىدۇ:

﴿إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللَّهُ وَلَا تَكُن لِّلْخَائِنِينَ خَصِيمًا١٠٥﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولمىغىن!» – (4 – سۈرە نىسا، 105 – ئايەت).

﴿… وَأَنزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُن تَعْلَمُ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا١١٣﴾

«… ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 113 – ئايەت).

﴿لَقَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِّنْ أَنفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِن كَانُوا مِن قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ١٦٤﴾

«ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 164 – ئايەت).

خۇلاسە شۇكى، بارلىق نەبىيلەر ئايەتلەرنى ھەم يەتكۈزۈزش، ھەم تەتبىقلاش ۋەزىپىسى بېرىلگەندۇر. شۇڭلاشقا، ھەر نەبىي رەسۇلدۇر. ئۇلار كىتاب ۋە ھېكمەتنى رەسۇل سۈپىتى بىلەن ئۆگىتىدۇ. رەسۇل سۈپىتى بىلەن قىلغان ئشلىرىدا قەتئىي خاتالاشمايدۇ، ھەم خاتالىشىغا يول قويۇلمايدۇ (ھاققە 69/44 – 47). لېكىن كىتاپتىن ھۆكۈم چىقىرىش ئىشىنى نەبىي سۈپىتى بىلەن ئىجتىھاد قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىشىش ئېھتىمالى بولىدۇ. بۇ ھەقتە كېيىن توختىلىمىز.

داۋامى بار…..

يازغۇچى: پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

[1]  ۋەلىي – يېقىنلىق، دوستلۇق، نۇسرەت، ۋارىسلىق، ئارقىمۇئارقا، ئىگىدارچىلىق، يانمۇيان قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان ۋەلائـ (ولاء) سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، كۆپلۈك شەكلى ئەۋلىيا (أولياء)دۇر. ۋەلىي (ئەۋلىيا) – مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقە  – ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ۋاسىتە بولالايدىغان، ئۇچالايدىغان، ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامان ھازىر بولالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا، ھەتتا ئېتىقاد قىلىنماقتا. بۇ ئېتىقادنىڭ قۇرئاندىكى ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە غەيىبنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدا  – زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق  – ئاشكارا بايان قىلىنماقتا (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 50 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 188 – ئايەت؛‏‎ ‎‏11 – سۈرە ھۇد، 31 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 109 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 9 – ئايەت).‏

[2]  ئىسفاھانىي، مۇفرەدات، (حكم) ماددىسى.

[3]  ئال ئىمران، 3/79، ئەنئام 6/89، مەريەم 19/12، جاسىيە 45/16.

[4]  بەقەرە 2/129، 151، 231، ئال ئىمران 3/48 ، 79، 81، 164، نىسا  4/54، 113، مائىدە 5/110، ئەنئام 6/89، جاسىيە 45/16، جۇمۇئە 62/2.

[5]  ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەپ، (سنن) ماددىسى.

[6] نىسا 4/26، ئەھزاب 33/38.

[7] ئال ئىمران 3/137، ئەنفال 8/38، ھىجر 15/10-15، ئىسرا 17/76-77، كەھف 18/55، ئەھزاب 33/60-62، فاتىر 35/43، مۇئمىن 40/84-85،فەتھ 48/22-23.

[8]  مائىدە 5/48.

[9]  ئىسفاھانىي، مۇفرەدات، (نبأ) ماددىسى.

[10] بەقەرە 2/213.

[11] ئەئراف 7/157-158، مەريەم 19/51، 54، ئەھزاب 33/40.

[12]  ئايەتتىكى تىزىلىش مۇنداقتۇر: ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇب، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇن، نۇھ، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، ئىلياس، ئىسمائىل، ئەليەسەئ، ئىلياس، يۇنۇس ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملاردۇر.

[13] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 5 : 266.

[14] نىسا 4/1، ھۇجۇرات 49/13.

[15]  بۇ يەردە «شەرىئەت» دەپ مەنە بەرگەن سۆز «شىرئەھ – شِرْعَةً» بولۇپ، ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەر بىرىگە قويۇلغان مەخسۇس ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئۈممەتكە خاس بولغان بۇ ھۆكۈملەر، نەسخ (ئەمەلدىن قالدۇرۇش) ئۇقۇمىنى (بەقەرە 2/106)  توغرا چۈشىنىشىمىزگە ياردەمچى بولىدۇ. «يول» دەپ مەنە بېرىلگەن سۆز مىنھاج (منھاجا) بولۇپ، ئاللاھ سۈننەت ياكى سۈننەتۇللاھ دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ئىنسانلارنى چىقماي مېڭىشقا بۇيرۇغان يولنى كۆرسىتىدۇ.

[16]  ھەج 22/67، جاسىيە 45/18. 

[17]  بۇ يەردىكى «خالىسا» دەپ مەنە بېرىلگەن سۆز شائە (شاء) بولۇپ، بىر ئىشنى قىلىش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش مەنىسىدىكى شەيئى (شئ)  دېگەن سۆز تۇمۇرىدىن تۈرلەنگەندۇر. ئاللاھنىڭ خالىشى (قىلىشى)  ئۇ نەرسىنى يارىتىشى، ۋۇجۇدقا كەلتۈرىشىدۇر، ئىنساننىڭ خالىشى (قىلىشى)، بىر نەرسىنى قىلىشقا غەيرەت كۆرسىتىشىدۇر.

[18]  بۇ يەردىكى «نەرسە» پەرقلىق شەرىئەت ۋە يولنى كۆرسىتىدۇ.‏

[19]  بەقەرە 2 /148.

[20] يەھۇدى ۋە خرىستىيانلار كىتابلىرىدا بولغان نۇر نەرسىلەرنى يۇشۇرىدۇ. ئەنئام 6/91.

[21] ئىسرا 17/ 105، كەھف 18/29، زۈمەر 39/41.

[22]  ھېچكىم ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرىسىگە ئىگە چىقالمايدۇ، ئۇنى ئاقلاپ ئادۇكاتلىق قىلالمايدۇ.

[23]  ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.

[24]  ئىسرا 17/89.

[25]  ‏قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى مۇھكەم ئايەتلەردۇر، بۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر، بۇلار بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئايەتلەردۇر (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ئايەت). مۇھكەم ئايەتلەر مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەر مەنە جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. 39 – سۈرە زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن – ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بولسا ئەنە شۇ ھەقىقەتنى تەكرارلايدۇ ۋە ئىككىنچى ئايەتتە «بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن» دەپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، قۇرئاننى ئاللاھتىن غەيرىي تەپسىر قىلغان تەقدىردە، بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ – دە، ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلغان بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھكەم ئايەتنى ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىدىغان باشقا ئايەتلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ، چىققان نەتىجىنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر. تەبلىغنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇدۇر.‏

[26]  مەنە جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەر.‏

[27]  قۇرئاننى ئىنسانلار چۈشەنگەنسېرى ئۇلارغا ئاز – ئازدىن، ئاستا – ئاستا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن پارچە – پارچە نازىل قىلدۇق.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ