باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

1§.          ئومۇمىي بايان

قۇربانلىق قىلىش، يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قىلىنىپ كەلگەن ئىبادەتتۇر[1]. ئىنسانلار بۇ ئىبادەتنى پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە قىلغاندا ئاللاھقا ئاتاپ، پەيغەمبەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن يىراقلاشقان چاغلىرىدا ئاللاھتىن غەيرىيگە ئاتاپ قىلغان[2].

ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان مەككە مۇشرىكلىرى ئىبادەتلەرنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى ئۆزگەرتكەن[3]، ھەتتا بەزى ئىبادەتلەرنى ئاللاھقا قىلماي، ئاللاھقا يېقىن دەپ ئويلىغان خىيالى كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىگە قىلغان[4]. ئۇلار جۈملىدىن قۇربانلىق ئىبادىتىنىڭمۇ شەرت ۋە شەكىللىرىنى ئۆزگەرتكەن. ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەك بولغان قۇربانلىقنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن يەردە بۇتلىرىغا ئاتاپ قىلغان[5]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَعَلُواْ لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ ٱلۡحَرۡثِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ نَصِيبٗا فَقَالُواْ هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعۡمِهِمۡ وَهَٰذَا لِشُرَكَآئِنَاۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَآئِهِمۡ فَلَا يَصِلُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَآئِهِمۡۗ سَآءَ مَا يَحۡكُمُونَ  ١٣٦﴾

«مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: ‹بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر[6]› دېدى. ئۇلارنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![7]»[8].

ئاللاھ تائالا بۇتلارغا ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ھارام قىلغان[9]، بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنىش ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىق قىلىشنى ۋە ئۇ يەردە قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنى پاسكىنىچىلىق ۋە شەيتاننىڭ ئىشى دەپ سۈپەتلەپ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان[10]، شۇنداقلا ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىنى ئاللاھقا قۇربانلىق قىلىشقا ئەمر قىلغان[11]. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى قۇربانلىق قىلغان.[12]

‮ 2§.   قۇربان (قۇربانلىق)نىڭ مەنىسى

1.     قۇربان «قربان» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى

قۇربان – «قربان» ئەرەبچىدە يېقىنلاشماق، يېقىن بولماق، يېقىنچىلىق قىلماق دېگەنلىكتۇر[13]. 46 – سۈرە ئەھقافنىڭ 28 – ئايىتىدىكى قۇربانەن «قُرْبَانًا» كەلىمىسى مانا مۇشۇ مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَلَوۡلَا نَصَرَهُمُ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ قُرۡبَانًا ءَالِهَةَۢۖ بَلۡ ضَلُّواْ عَنۡهُمۡۚ وَذَٰلِكَ إِفۡكُهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ  ٢٨﴾

«ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى، نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ مەبۇدلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر»[14].

2.     قۇربان «قربان» سۆزىنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى

قۇربان ئاللاھ تائالانى رازى قىلىپ، يېقىنلىقىنى قازىنىش ئۈچۈن ھايۋان بوغۇزلىماقتۇر ۋە بۇ نىيەتتە بوغۇزلانغان ھايۋاندۇر. 3 – سۈرە ئال ئىمراننىڭ 183 – ئايىتىدىكى قۇربانىن «قُرْبَانٍ» ۋە 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 27 – ئايىتىدىكى قۇربانەن «قُرْبَانًا» كەلىمىلىرى مانا بۇ مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ عَهِدَ إِلَيۡنَآ أَلَّا نُؤۡمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأۡتِيَنَا بِقُرۡبَانٖ تَأۡكُلُهُ ٱلنَّارُۗ قُلۡ قَدۡ جَآءَكُمۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِي بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَبِٱلَّذِي قُلۡتُمۡ فَلِمَ قَتَلۡتُمُوهُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ  ١٨٣﴾

«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى: ‹ئاللاھ بىزگە ئاسماندىن چۈشكەن ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگۈچە ھېچبىر ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپشۇرغان‹ دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار توغرا بولسا، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»[15].‏

﴿وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱبۡنَيۡ ءَادَمَ بِٱلۡحَقِّ إِذۡ قَرَّبَا قُرۡبَانٗا فَتُقُبِّلَ مِنۡ أَحَدِهِمَا وَلَمۡ يُتَقَبَّلۡ مِنَ ٱلۡأٓخَرِ قَالَ لَأَقۡتُلَنَّكَۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ  ٢٧﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: ‹مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن› دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى: ‹ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ› دېدى»[16].

 دېمەك، قۇرئان كەرىمدە 3 يەردە «قۇربان» دېگەن سۆز كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى لۇغەت مەنىسىدە، ئىككىسى ئىستىلاھ مەنىسىدىدۇر. 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 196 – ئايىتىدىكى ۋە 6 – سۈرە ئەنئامنىڭ 162 – ئايىتىدىكى نۇسۇك «نسك» كەلىمىسى، 22 – سۈرە ھەجنىڭ 34 – ۋە 67 – ئايەتلىرىدىكى مەنسەك «منسك» كەلىمىسى ئەنە شۇ «قۇربان» دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

3.     قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئىي مەنىسى

قۇربانلىق قىلىش، ئىقتىسادى يار بەرگەن كىشىلەر ھەر يىلى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە زۇلھەججە (12 – ئاي) نىڭ 10 – كۈنى ۋە داۋامىدىكى 3 كۈن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بوغۇزلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر.[17]

زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 – كۈنى يەنى قۇربان ھېيت كۈنى ۋە داۋامىدىكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق، ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىق قىلىش دېيىلىدۇ.

3§.  قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى  

قۇربانلىق قىلىش ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن قادىر بولالىغانلارغا پەرزدۇر. قادىر بولالىغانلار قىلسا قادىر بولالمىغانلارنىڭ زىممىلىرىدىن ساقىت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلۡ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحۡيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ  ١٦٢ لَا شَرِيكَ لَهُۥۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرۡتُ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ  ١٦٣﴾

«ئېيتقىنكى: مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن»[18].

بۇ ئايەتتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقنى كەۋسەر سۈرىسىدە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّآ أَعۡطَيۡنَٰكَ ٱلۡكَوۡثَرَ  ١ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنۡحَرۡ  ٢ إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ ٱلۡأَبۡتَرُ  ٣﴾

«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنداقتا رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن. ئەسلىدە نەسلى ئۈزۈلگەن كىشى سېنى دۈشمەن تۇتقان كىشىدۇر»[19].

بۇ سۈرىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ بۇيرۇق تەھەججۇد نامىزى ئۆتەشكە قىلىنغان بۇيرۇققا ئوخشاش «بۇ ساڭا مەخسۇس» دېگەن مەنىدە بىر ئەسكەرتىش بىلەن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن ئۈممەتكىمۇ قىلىنغان بۇيرۇق بولىدۇ[20]. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ پۈتكۈل ئۈممەتكە پەرز قىلىنغانلىقىغا، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ:

﴿وَأَذِّن فِي ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَجِّ يَأۡتُوكَ رِجَالٗا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٖ يَأۡتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٖ  ٢٧ لِّيَشۡهَدُواْ مَنَٰفِعَ لَهُمۡ وَيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡلُومَٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۖ فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡبَآئِسَ ٱلۡفَقِيرَ  ٢٨ ثُمَّ لۡيَقۡضُواْ تَفَثَهُمۡ وَلۡيُوفُواْ نُذُورَهُمۡ وَلۡيَطَّوَّفُواْ بِٱلۡبَيۡتِ ٱلۡعَتِيقِ  ٢٩﴾

«ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادە كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلار ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ. ئۇلار مەنپەئەتلىرنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەفەسىنى[21] ئادا قىلسۇن، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن ۋە بەيتى ئەتىقنى[22] تاۋاپ قىلسۇن»[23].

﴿وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ فَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَلَهُۥٓ أَسۡلِمُواْۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُخۡبِتِينَ  ٣٤﴾

«بىز ھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلارنى بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[24].

بۇ ئايەتلەردىن مۇنداق مەنىلەر چىقىدۇ: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ مەككىگە كەلگەنلەر ئۇ يەردە مۇنۇ تۆت ئىش ئۈچۈن كېلىدۇ:

  • مەنپەئەتلىرىنى كۆرۈش،
  • ئۆزلىرى بىلىدىغان كۈنلەردە قۇربانلىقلىرىنى بوغۇزلاش،
  • تەفەسىنى ئادا قىلىش،
  • بەيتى ئەتىقنى يەنى كەبىنى تاۋاپ قىلىش.

دېمەككى، قۇربانلىق ئىبادىتى ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىلىنىپ كەلگەن بىر ئىبادەت، ئۇلار ئۇنىڭ قايسى كۈنلەردە بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

4§. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى

1.     ئاللاھقا يېقىنلىشىش

قۇربانلىق قىلىش، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغاندەك ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ «قۇربانلىق قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى: «مۇئەييەن سۈپەتلەردىكى ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىڭلار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتلەر «قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى»دە زىكىر قىلىندى.

2.     گۆش يېيىش ۋە يېگۈزۈش

ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ گۆشلىرىدىن قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى يەيدۇ، شۇنداقلا ھېيتلاپ كەلگەنلەرگە سۇنۇلىدۇ  ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە ھەدىيە قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٣٦﴾

«ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شۈكۈر قىلغايسىلەر»[25].

3.     ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش

قۇربانلىق قىلىش – ئاللاھ تائالا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھايۋانلاردىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ يولىدا بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشتۇر. 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ ئاخىرى (يەنى يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرى) بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

4.     ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تىرىلدۈرۈش

ئاللاھ تائالا ئەلچىلىرىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن بىر ئىمتىھان ئالغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئەنە شۇ ئىلاھى ئىمتىھان ئەسلىنىدۇ ۋە زېھىنلەردە جانلاندۇرۇلىدۇ. ئۇ ئىمتىھاننىڭ جەريانى مۇنداق:

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرگەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە خاس ئىمانى ۋە ئاتىلارغا خاس مېھرى بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دەيدۇ، ئوغۇل دادىسىغا: «دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن. ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن: «دادا – بالا ئىككىيلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزىدۇ»، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئىبراھىم! سەن چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن: «شۈبھىسىزكى بۇ، ئوپئوچۇق بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز ئىبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق بەردۇق» دەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ[26].

5§.          قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرى

5 – سۈرە ئەنئامنىڭ 162 – ۋە 163 – ئايەتلىرى، 108 – سۈرە كەۋسەرنىڭ 2 – ئايىتى، 22 – سۈرە ھەجنىڭ 34 – ئايىتى قۇربانلىق قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ئايىتى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنىڭ شەرتلىرىنى ۋە قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىنىڭ قانداق قىلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ بېشىدىكى «ئەلبۇدنە» دېگەن سۆز ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٣٦ لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقۡوَىٰ مِنكُمۡۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمۡ لِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ٣٧﴾

«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شۈكۈر قىلغايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[27].

بۇ ئايەتلەرنىڭ قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرىگە دالالەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرى:

  • ئەلبۇدنە ﴿الْبُدْنَ﴾ دېگەن كەلىمە. بۇ كەلىمە بەدەنە «بدنة» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، مەنىسى «گەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق» دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ سۈپەت ئىكەنلىكى ۋە بۇ كەلىمىنىڭ بېشىدىكى ئەل «ال»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى قۇربانلىق قىلىدىغان ماللارنىڭ گەۋدىلىك، بەستلىك، كېلىشكەن ۋە چىرايلىق ماللار بولۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ ئۇ ماللارنىڭ مەلۇم ياشقا كىرگەن، سېمىز ۋە بېجىرىم بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ .
  • ﴿فَإِذَا وَجَبَتْ جُنُوبُهَا فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ﴾

«ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار»[28].

قۇربانلىقتىن قان ئېقىتىشلا مەقسەت ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننىڭ قېنى چىقسىلا كۇپايە قىلغان بولاتتى. لېكىن قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆزى يېيىشكە ۋە موھتاجلارغا يېگۈزۈشكە بۇيرۇلۇشى قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋاننىڭ سېمىز ۋە تېنى ساق بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. 

  • ﴿لَنْ يَنَالَ اللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَاؤُهَا وَلَكِنْ يَنَالُهُ التَّقْوَى مِنْكُمْ﴾

«ئاللاھقا قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ»[29].

قۇربانلىقتىن ئاللاھقا يېتىدىغىنى ئۇنىڭ گۆشى ياكى قېنى ئەمەس، ئەكسىچە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ تەقۋالىقىدۇر، خالاس. قۇربانلىق قىلىشتا ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق ئەڭ قىممەتلىك ھايۋاننى يەنى سۈپەتلىك، ساغلام، سېمىز، بېجىرىم ۋە چىرايلىق ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار ۋە بولمايدىغان ھايۋانلار توغرىسىدىكى ھەدسىلىرى ئەنە شۇ 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ۋە 37 – ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

6§.          قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار

  • قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا 22 – سۈرە ھەجنىڭ 28 – ۋە 34 – ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى «ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىلا ئىپادىلەيدۇ[30]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك، بېلىق، كەپتەر ۋە توخۇ… قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن قۇربانلىق قىلمىغان.
  • يېشىغا توشقان بولۇشى لازىم. چۈنكى يېشىغا توشمىغان ھايۋان تاكامۇللاشمايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۈپەتتە بولمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەقەت چىشىگەن ھايۋاننىلا قۇربانلىق قىلىڭلار. لېكىن چىشىگەن ھايۋان تاپالمىساڭلار، قوينىڭ ئالتە ئاينى توشقۇزۇپ بولغىنىنى قۇربانلىق قىلساڭلار بولىدۇ»[31].

ھەدىستىكى «چىشىگەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلاردا پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: تۆگىنىڭ تۆت ياشنى توشقۇزۇپ بەش ياشقا ماڭغىنى، كالىنىڭ ئىككى ياشنى توشقۇزۇپ ئۈچ ياشقا ماڭغىنى، قوي بىلەن  ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى توشقۇزۇپ ئىككى ياشقا ماڭغىنى «چىشىگەن» بولىدۇ. لېكىن ھەدىستىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بۇنداق «چىشىگەن ھايۋان» تاپالمىغانلار 6 ئايلىقتىن ئاشقان پاقلاننى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

7§.          قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدىغان ھايۋانلار

كور، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزى سۇنۇق، كېسەل ۋە بەك ئورۇق ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ھايۋانلار 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ئايىتىدىكى ئەلبۇدنە «گەۋدىلىك» دېگەن سۈپەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىزنى قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋانلىرىمىزنىڭ كۆز ۋە قۇلاقلىرىغا دىققەت قىلىشقا، قۇلىقى ئۇچىدىن ياكى ياندىن كېسىلگەن، قۇلىقى يېرىلغان ياكى تېشىلگەن ھايۋاننى قۇربانلىق قىلماسلىققا بۇيرۇدى[32].

بەرائـ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «توكۇرلۇقى ئېنىق بولغان توكۇر، كورلۇقى ئېنىق بولغان كور، كېسەللىكى ئېنىق بولغان كېسەل ۋە يىلىكى قۇرۇغان ئورۇق ھايۋان قۇربانلىق قىلىنمايدۇ»[33].

يەزىد زۇمىسىر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇتبە ئىبنى ئابدۇسسۇلەمىنىڭ يېنىغا كېلىپ: يا ئەباۋەلىد! قۇربانلىق ئالاي دەپ چىققان ئىدىم، بولغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىدىم، چىشلىرى چۈشۈپ كەتكەن بىر مال بار ئىدى، ئۇنىڭغا كۆڭلۈم رازى بولمىدى. سىز بۇ ئىشقا نېمە دەيسىز؟ دېدىم،  ئۇتبە:

– ئۇنى ماڭا ئەكەلمىدىڭىزمۇ؟ دېدى، مەن:

– سۇبھاناللاھ! ئۇ سىز ئۈچۈن جايىز، مەن ئۈچۈن جايىز ئەمەس؟ دېدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:

– ھەئە، شۇنداق، سىز شەكلىنىۋاتىسىز، مەن شەكلەنمەيمەن. بىلىڭكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن توستى: قۇلىقى تۈۋىدىن كېسىك، مۈڭگۈزى تۈۋىدىن چىقىپ كەتكەن، بىر كۆزى قۇيۇۋېتىلگەن، ئورۇقلۇقىدىن ياكى كۈچسىزلىكىدىن پادىدىن ئايرىلىپ يېتىپ قالغان، پۇتى سۇنۇپ كەتكەن[34].    

‮ 8§.   قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡلُومَٰتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۖ …  ٢٨﴾

«ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن»[35].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھاجىلارنى يۇرتلىرىدىكى چېغىدا قىلىپ كەلگەن قۇربانلىقلىرىنى ھەج ئەسناسىدا ئەييامى مەئلۇمات ﴿أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ مەلۇم كۈنلەردا يەنى ئۆزلىرى بىلىدىغان كۈنلەردە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 203 – ئايىتىدە ئۇلارنى ئەييامى مەئدۇدات ﴿أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ – ساناقلىق كۈنلەردا زىكىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوۡمَيۡنِ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۖ لِمَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ  ٢٠٣﴾

«ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق. بۇ تەقۋادار بولغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىسىلەر»[36].

ئەييام (كۈنلەر) يەۋم (كۈن)نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل ئاز بولغاندا ئۈچنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر دەلىل بولسا ئۈچتىن ئارتۇق ساننى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿أَيَّامٍ مَّعْدُودَاتٍ – ساناقلىق كۈنلەر دېگەن سۆزى، داۋامىدىكى ﴿فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلاَ إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلا إِثْمَ عَلَيْهِ – كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق دېگەن سۆزىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ كۈن تەشرىق كۈنلىرى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە بۇ كۈنلەردىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ»[37].

تەشرىق كۈنلىرى نەھىر كۈنىنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىنى) ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چۈنكى ھاجىلارنىڭ «ساناقلىق كۈنلەر»دە ئاللاھنى زىكىر قىلىش (ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ شەيتانغا تاش ئېتىش) پائالىيىتى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى يەنى ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلىنىپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. «ساناقلىق كۈنلەر»دىن ئىبارەت بولغان بۇ ئۈچ كۈنگە نەھىر كۈنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) قوشۇلسا «مەلۇم كۈنلەر» بولىدۇ. بۇ «مەلۇم كۈنلەر»نىڭ تۆت كۈن ئىكەنلىكىگە، «ساناقلىق كۈنلەر»نىڭ ئۈچ ئىكەنلىكى ۋە نەھىر كۈنىنىڭ بۇ ئۈچ كۈننىڭ ئىچىگە كىرمەيدىغانلىقى دەلىل بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئۇقبە ئىبنى  ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەرەفە كۈنى، نەھىر كۈنى (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) ۋە تەشرىق كۈنلىرى بىز ئەھلى ئىسلامنىڭ بايرىمىمىزدۇر. ئۇ كۈنلەر يېمەك ۋە ئىچمەك كۈنلىرىدۇر»[38].

پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىپ، ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى كۈن پاتقۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. لېكىن ھېيت كۈننىڭ چىقىشى بىلەن ئەمەس، ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلانغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغان ۋاقىتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان كىشى بىلسۇنكى، بوغۇزلىغىنى، ئائىلىسىگە تەقدىم قىلغان گۆشتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ قۇربانلىق ئەمەستۇر»[39].

9§.  قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر

  • بىر قوي قۇربانلىق قىلىش پۈتۈن بىر ئائىلىگە كۇپايە قىلىدۇ. ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى. ئۇلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۆزلىرى يەيتتى ۋە باشقىلارغا يېگۈزەتتى[40].
  • تۆگە يەتتە كىشىگە (ئائىلىگە)، كالا يەتتە كىشىگە قۇربانلىق بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر تۆگە يەتتە كىشى ئۈچۈن، بىر كالا يەتتە كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[41].
  • قۇربانلىقنى ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پىچاقنى چاقلاش ياكى بىلەش ئارقىلىق ئىتتىكلىتىش كېرەك. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە ياخشىلىق قىلىشنى سۆيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال بوغۇزلىساڭلار ياخشى بوغۇزلاڭلار، بىرىڭلار پىچىقىنى ئىتتىكلەتسۇن ۋە بوغۇزلىماقچى بولغان مېلىنى راھەتلەتسۇن»[42].
  • مالغا پىچاق سۈرۈشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىش لازىم. بۇ پەرزدۇر. 22 – سۈرە ھەجنىڭ 34 – ۋە 36 – ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
  • قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە تەقسىم قىلىپ، بىر قىسمىنى ئائىلىسىگە يېگۈزۈش، بىر قىسمىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش، بىر قىسمىنى ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە دوست – بۇرادەرلىرىگە ھەدىيە قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى 22 – سۈرە ھەجنىڭ 36 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
  • قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقنى ئاللاھ يولىدا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر پارچىسى بولغان تېرىسىنى ئاللاھ يولىدا بېرىۋېتىشى ياخشى ئىشتۇر.
  • قۇربانلىقنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ياكى باشقا ئەزالىرىدىن (مەسىلەن: كاللا – پاچىقىنى، تېرىسىنى) ئەجرىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئەجرىگە ھېسابلىماي بېرىشكە بولىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مېنى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ قۇربانلىق تۆگىلىرىنى قۇربانلىق قىلىشىمغا، ئۇلارنىڭ گۆش، تېرە ۋە يوپۇقلىرىنى سەدىقە قىلىشىمغا، ئۇلاردىن قاسساپقا بىر نەرسە بەرمەسلىكىمگە بۇيرۇدى». ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قاسساپنىڭ ھەققىنى يېنىمىزدىن بېرەتتۇق دەيدۇ [43]بۇ ھەدىس يۇقىرىدىكى ئىككى مەسىلىگە دەلىل بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 187 – 204.

[1] قاراڭ: ئادەم ئاتىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قۇربانلىق قىلغانلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ. قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 27 – ئايەت.

[2] قۇرئان كەرىمدە ئاللاھدىن غەيرىيگە ئاتاپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 189 – ۋە 196 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 35 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 18 – ئايەت.

[5] جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۈركەپ قويۇلاتتى – قاراڭ: ئەبۇ ئابدىللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھۇسەيىن تەيمىي رازى فەخرۇددىن، مەفاتىھۇل غەيب – تەفسىرۇل كەبىر، 3 – باسما (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، ھ 1420/ م 1999)، 5: 285.

[6] مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: «لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ هُو لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ – خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك – خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى. (قاراڭ: مۇسلىم، «ھەج»، 22). دېمەككى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ۋە ئېكىنلىرىدىن، تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىيتتى. ئايەتتە پۈتۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇ باتىل قىلمىشى ئەيىبلىنىدۇ.

[7] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇشرىكلار ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئايرىيتتى. ئۇلار بۇتلىرى ئۈچۈن ئايرىغىنىنى بۇتقا چىقىم قىلاتتى. ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنى بىلەن ئۆسمۈر بالىلارنى ۋە يوقسۇللارنى تەمىنلەيتتى ۋە ئۆزلىرى بۇنىڭدىن يېمەيتتى. ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە قوشۇلۇپ كەتسە، ئۇنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەتتى ۋە: «ئاللاھ بۇنىڭدىن بىھاجەت» دەيتتى. ئەگەر بۇتلار ئۈچۈن ئايرىغىنىدىن ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىغا بىر نەرسە قوشۇلۇپ كەتسە ئۇنى ئېلىپ بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى ۋە: «بۇ پېقىر» دەيتتى. (قاراڭ: فەخرۇددىن رازى، تەپسىرى كەبىر، 5 : 158).

[8] 6 – سۈرە ئەنئام، 136 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە 3 – ۋە 90 – ئايەتلەر.

[11] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 162 – ۋە 163 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 34 -، 36 –  ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 108 – سۈرە كەۋسەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[12] جۇندۇب ئىبنى سۇفيان بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇربانلىق قىلدۇق. قارىساق، بىرقانچە كىشى قۇربانلىقلىرىنى ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى بوغۇزلاپتۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قايتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىنى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «كىمكى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان بولسا ئورنىغا باشقا بىرىنى بوغۇزلىسۇن، كىمكى بىز ناماز ئوقۇپ بولغۇچە بوغۇزلىمىغان بولسا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلىسۇن» (بۇخارى، «زەبائىھ ۋەسسەيد»، 17؛ مۇسلىم، «سەيد ۋە زەبائىھ ۋە ما يۇئكەلۇ مىنەلھەيۋان»، 1، 2 ، 3؛ نەسەئى، «داھايا»، 3؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 12). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەتتە دانە تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ بوغۇزلىدى. مەدىنىدە مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى (بۇخارى، «ھەج»، 117، 119، «جىھاد»، 104، 126؛ مۇسلىم، «ئەداھى»، 17؛ تىرمىزى،  «ئەداھى»، 2؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 4؛ نەسەئى، «داھايا»، 28 -31؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 1. ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. قوچقار قارانىڭ ئىچىدە قارايتتى، قارانىڭ ئىچىدە ماڭاتتى ۋە قارىنىڭ ئىچىدە يەيتتى (يەنى قوچقارنىڭ تۇمشۇقى، كۆزلىرىنىڭ چۆرىسى ۋە پۇتلىرىنىڭ ئۇچلىرى قارا ئىدى)» (مۇسلىم، «ئەداھى»، 19؛ تىرمىزى،  «ئەداھى»، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 4؛ نەسەئى، «داھايا»، 14؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 1.

[13] جەۋھەرى، «قرب»، 1: 198 – 200؛ ئىبن فارىس، «قرب»، 5: 80؛ ئىسفاھانى، «قرب»، 1: 663 – 665؛ ئىبن مەنزۇر، «قرب»، 1: 662 – 669؛.

[14] 46 – سۈرە ئەھقاف، 28 – ئايەت.

[15] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 183 – ئايەت.

[16] 5 – سۈرە مائىدە، 27 – ئايەت.

[17] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 28 ~ 37 – ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[18] 6 – سۈرە ئەنئام، 162 – ۋە 163 – ئايەتلەر.

[19] 108 – سۈرە كەۋسەر.

[20] 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەشكە، 79 – ئايىتىدە ھەر كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۆتەشكە بۇيرۇيدۇ. تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش توغرىسىدىكى ئايەتتە كەلگەن «بۇ ساڭا مەخسۇس» دېگەن مەنىدىكى ئەسكەرتىش 78 – ئايەتتىكى بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەشكە قىلىنغان بۇيرۇقنىڭ پۈتۈن ئۈممەتكىمۇ قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدىكى سۈرىدە (كەۋسەر سۈرىسىدە) ئۇنداق بىر ئەسكەرتىش كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر بۇيرۇق ئۇممەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

[21] «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن»نىڭ مەنىسى توغرىسىدا تەپسىرلەردە ئاساسلىق ئىككى كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن، تەفەسنى ئادا قىلىش، ئېھرام سەۋەبىدىن بەدەندە پەيدا بولغان كىرلەرنى تازىلاش، خۇسۇسەن تىرناقلارنى ئېلىش، بۇرۇتنى كېسىش، چاچنى چۈشۈرتۈش ياكى قىرقىتىش دېمەكتۇر. يەنە بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن تەفەسنى ئادا قىلىش، ھەم بۇ ئىشلارنى قىلىش ھەم ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزچە بۇ «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن»نىڭ ئەڭ توغرا مەنىسى، «ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تازىلىق قىلسۇن» دۇر.

[22]  «بەيت» ئۆي، «ئەتىق» كونا، ئازات قىلىنغان دېگەن بولۇپ، كەبىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كەبە ھەم يەر يۈزىگە سېلىنغان ئەڭ قەدىمىي ئۆيدۇر (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ئايەت) ھەمدە ئاللاھ تائالا دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن ساقلاپ ئازاد ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئۆيدۇر. ئۇ ئۆينىڭ «ھەرەم» (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ۋە 97 – ئايەتلەر)، «مۇھەررەم» (قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 37 – ئايەت) دېيىلىشى، ئۇ ئۆي ئورۇن ئالغان شەھەرنىڭ «بەلەدى ئەمىن» (قاراڭ: 95 – سۈرە تىن، 3 – ئايەت) دېيىلىشى قاتارلىقلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[23] 22 – سۈرە ھەج، 27 ~ 29 – ئايەتلەر.

[24] 22 – سۈرە ھەج، 34 – ئايەت.

[25] 22 – سۈرە ھەج، 36 – ئايەت.

[26]  قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 102 ~ 107 – ئايەتلەر.

[27] 22 – سۈرە ھەج، 36 – ۋە 37 – ئايەتلەر.

[28] 22 – سۈرە ھەج، 36 – ئايەت.

[29] 22 – سۈرە ھەج، 37 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 144 – ئايەت.

[31]  مۇسلىم، «سەيد ۋە زەبائىھ ۋە ما يۇئكەلۇ مىنەلھەيۋان»، 13؛ ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 5؛ نەسەئى، «داھايا»، 12؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 7.

[32] تىرمىزى، «ئەداھى»، 6؛ ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 6؛ نەسەئى، «ئەداھى»، 10، 11،12؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 8.

[33] مۇۋەتتا، «داھايا»، 482؛ تىرمىزى، «ئەداھى»، 5؛ ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 6؛ نەسەئى، «داھايا»، 5، 6، 7 .

[34] ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 6.

[35] 22 – سۈرە ھەج، 28 – ئايەت.

[36] 2 – سۈرە بەقەرە، 203 – ئايەت.

[37] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 27:  316 – 317.

[38] ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، 49؛ تىرمىزى، «سەۋم»، 59؛ نەسەئى، «مەناسىك»، 195.

[39] بۇخارى، «ئەداھى»، 1، 4، 12، «ئىيدەين»، 5، 23؛ مۇسلىم، «ئەداھى»، 16؛ نەسەئى،  «ئىيدەين»، 30. 

[40] تىرمىزى،  «ئەداھى»، 10؛ ئىبنى ماجە، «ئەداھى»، 2، 10؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 29: 582.

[41] مۇسلىم، «ھەج»، 350؛ مۇۋەتتا، «داھايا»، 9؛ تىرمىزى، «ھەج»، 66؛ ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 7؛ نەسەئى، «داھايا»، 16.

[42] نەسەئى، «داھايا»، 21، 26؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 28: 342.

[43] بۇخارى،«ھەج»، 112، 120، 122، «ۋاكالەت»، 1؛ مۇسلىم، «ھەج»، 348؛ ئەبۇ داۋۇد،  «مەناسىك»، 20؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 97.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ