قۇرئاندا يېمەك-ئىچمەك
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قۇرئان كەرىمدە بەزى يېمەك-ئىچمەكلەر زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن زىكىر قىلىنىدۇ. بىر قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ، بىر قىسمى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَفِي الْأَرْضِ قِطَعٌ مُتَجَاوِرَاتٌ وَجَنَّاتٌ مِنْ أَعْنَابٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَى بِمَاءٍ وَاحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَى بَعْضٍ فِي الْأُكُلِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ}
«زېمىندا بىر-بىرىگە قوشنا ھەر خىل يەر پارچىلىرى[1]، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن ئوخشاش بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان ۋە بىر ئۇرۇقتىن پەقەتلا بىر تال ئۈنۈپ چىققان خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مەھسۇلاتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»- رەئد 13/4.
{مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ فِيهَا أَنْهَارٌ مِنْ مَاءٍ غَيْرِ آسِنٍ وَأَنْهَارٌ مِنْ لَبَنٍ لَمْ يَتَغَيَّرْ طَعْمُهُ وَأَنْهَارٌ مِنْ خَمْرٍ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ وَأَنْهَارٌ مِنْ عَسَلٍ مُصَفًّى وَلَهُمْ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَمَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ كَمَنْ هُوَ خَالِدٌ فِي النَّارِ وَسُقُوا مَاءً حَمِيمًا فَقَطَّعَ أَمْعَاءَهُمْ}
«تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزمە ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ بىلەن سۇغىرىلىپ ئۈچەيلىرى پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەنلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟»- مۇھەممەد 47/15.
مەزكۇر يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەپسىلاتى مۇنداق:
1- ئىچىملىكلەر
ئا- سۇ
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَاللَّهُ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ}
«ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك تۇپراققا ھايات بەرمەكتىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»- نەھل 16/65.
{أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ}
«كاپىرلار كۆرمىدىمۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق، بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق؟. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟»- ئەنبىيا 21/30.
{وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى أَرْبَعٍ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ}
«ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- نۇر 24/45.
{وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَى رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ. ارْكُضْ بِرِجْلِكَ هَذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ}
«بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىل، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: ‹شەيتان ماڭا بىر ھارغىنلىق ۋە بىر ئازاب يەتكۈزدى› دەپ نىدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا ‹پۇتۇڭ بىلەن يەرگە ئۇر، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن› دېدۇق»- ساد 38/42.
ئە- سۈت
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهِ مِنْ بَيْنِ فَرْثٍ وَدَمٍ لَبَنًا خَالِصًا سَائِغًا لِلشَّارِبِينَ}
«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكۈچىلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»- نەھل 16/66.
{وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُّسقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ}
«تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر.»- مۇئمىنۇن 23/21.
ب- ھەسەل
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ. ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ}
«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر ياساڭلار. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يەڭلار، ئاندىن رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىك ئىنسانلارغا شىپا بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»- نەھل 16/68-69..
2- يېمەكلىكلەر
يېمەكلىكلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى دانلار (ئاشلىقلار) ۋە مېۋىلەر، يەنە بىرى گۆشلەر.
ئا- دانلار ۋە مېۋىلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ نَبَاتَ كُلِّ شَيْءٍ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًا نُخْرِجُ مِنْهُ حَبًّا مُتَرَاكِبًا وَمِنَ النَّخْلِ مِنْ طَلْعِهَا قِنْوَانٌ دَانِيَةٌ وَجَنَّاتٍ مِنْ أَعْنَابٍ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُشْتَبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ انْظُرُوا إِلَى ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَيَنْعِهِ إِنَّ فِي ذَلِكُمْ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ}
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ ئۆسۈملۈكىنى چىقاردۇق. ئۇ ئۆسۈملۈكتىن بىر نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىقلارنى چىقاردۇق. بۇلارنىڭ بەزىسى ئوخشىشىدۇ، بەزىسى ئوخشاشمايدۇ. ھەر بىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- ئەنئام 6/99.
{وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ جَنَّاتٍ مَعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ كُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ وَلَا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ}
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى ۋە ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- ئەنئام 6/141.
«وَأَصْحَابُ الْيَمِينِ مَا أَصْحَابُ الْيَمِينِ. فِي سِدْرٍ مَخْضُودٍ. وَطَلْحٍ مَنْضُودٍ. وَظِلٍّ مَمْدُودٍ. وَمَاءٍ مَسْكُوبٍ. وَفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ. لَا مَقْطُوعَةٍ وَلَا مَمْنُوعَةٍ. وَفُرُشٍ مَرْفُوعَةٍ»
«ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر، كىملەردۇر ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر! ئۇلار تىكەنسىز گىلاس، سانجاق-سانجاق بانان، ئۇزىتىلغان سايە، ئېقىتىلغان سۇ، تۈگىمەيدىغان ۋە مەنئى قىلىنمايدىغان كۆپ مېۋە، يۈكسەلدۈرۈلگەن تۆشەكلەر قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.»- ۋاقىئە 56/27-33.
{وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ}
«ئەنجۈر ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى»- تىن 95/1.
ئە- گۆشلەر
1- بېلىق گۆشلىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ}
«سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئېھرامدا چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئاللاھدىن قورقۇڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»- مائىدە 5/96.
{وَهُوَ الَّذِي سَخَّرَ الْبَحْرَ لِتَأْكُلُوا مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُوا مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ}
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۇ يەنە دېڭىزنىمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن تازا گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن، (سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.»- نەھل 16/14.
2- تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە گۆشلىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَوْفُواْ بِالْعُقُودِ أُحِلَّتْ لَكُم بَهِيمَةُ الأَنْعَامِ إِلاَّ مَا يُتْلَى عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنتُمْ حُرُمٌ إِنَّ اللّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ}
«ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ»- مائىدە 5/1.
{وَالأَنْعَامَ خَلَقَهَا لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ}
«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن سوغۇقتىن ساقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار؛ ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر»- نەھل 16/5..
{أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ. وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ. وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ أَفَلَا يَشْكُرُونَ}
«ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا يەنە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟» ياسىن 36/71-73.
{اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَنْعَامَ لِتَرْكَبُوا مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ}
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى يارىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مىنىسىلەر، بەزىسىنى يەيسىلەر»- مۇئمىن 40/79.
3- قۇش گۆشلىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ. أُولَئِكَ الْمُقَرَّبُونَ. فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ. ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ. وَقَلِيلٌ مِنَ الْآخِرِينَ. عَلَى سُرُرٍ مَوْضُونَةٍ. مُتَّكِئِينَ عَلَيْهَا مُتَقَابِلِينَ. يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ. بِأَكْوَابٍ وَأَبَارِيقَ وَكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ. لَا يُصَدَّعُونَ عَنْهَا وَلَا يُنْزِفُونَ. وَفَاكِهَةٍ مِمَّا يَتَخَيَّرُونَ. وَلَحْمِ طَيْرٍ مِمَّا يَشْتَهُونَ}
«ياخشىلىقنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار جەننەتكە ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئەنە شۇلار يېقىنلاشتۇرۇلغۇچىلاردۇر، نەئىم جەننەتلىرىدىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ئاۋۋالقىلاردىندۇر، ئېزى ئاخىرقىلاردىندۇر، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەر بىلەن تۇقۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇ كارىۋاتلارغا يۆلەنگەن ۋە بىر-بىرىگە قاراشقان ھالەتتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان بالىلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ بالىلار ئۇلارغا پىيالە، چەينەك ۋە بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەرنى- بۇ شاراب ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئاغرىتمايدۇ، ئۇلارنى مەست قىلمايدۇ- ئۇلار تاللايدىغان مېۋىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغان قۇش گۆشلىرىنى سۇنىدۇ»- ۋاقىئە 56/10-21.
3- يېمەك-ئىچمەكلەرگە تەم كىرگۈچى ماددىلار
ئا- دورا-دەرمەكلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَالْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ. فِيهَا فَاكِهَةٌ وَالنَّخْلُ ذَاتُ الْأَكْمَامِ. وَالْحَبُّ ذُو الْعَصْفِ وَالرَّيْحَانُ}
«رەھمان زېمىننى مەخلۇقاتنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدى. ئۇنىڭدا مېۋىلەر، بوغۇملۇق خورمىلار، سامانلىق دانلار ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار»- رەھمان 55/10-12.
ئە-زەنجىۋىل
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَيُسْقَوْنَ فِيها كَأْساً كانَ مِزاجُها زَنْجَبِيلاً. عَيْناً فِيها تُسَمَّى سَلْسَبِيلاً}
«ئۇلار يەنە ئۇ جەننەتتە زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ. ئۇ سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقتۇر»- ئىنسان 76/17-18.
ب- كافۇر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِنْ كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا. عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا}
«شۈبھىسىزكى، ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان جاملاردىن ئىچىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى خالىغان يەرلىرىگە ئېقىتىپ ئىچىدىغان بىر بۇلاقتۇر.»- ئىنسان 76/4-5.
پ- زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى
ئاللاھ تائالا مۇندا دەيدۇ:
{وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّا عَلَى ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ. َأَنْشَأْنَا لَكُمْ بِهِ جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ لَكُمْ فِيهَا فَوَاكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِنْ طُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلْآكِلِينَ}
«بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋىتىشكىمۇ يېتىدۇ. بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر. بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىنا تېغىدا چىقىدىغان بىر دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەختىن ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بىر خىل قوشۇمچە يېمەكلىك چىقىدۇ»- مۇئمىنۇن 23/18-20.
{اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ عَلَى نُورٍ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ}
«ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شېشە خۇددى بىر گۆھەر يۇلتۇزدۇر. ئۇ چىراغ شەرققىمۇ، غەربكىمۇ مەنسۇپ بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇنداق مۇبارەك دەرەخكى، يېغى ئوت تەگىمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نۇر 24/35.
[1]– بىر- بىرىگە يېقىن، لېكىن ھەر خىل. يەنى يەر مۇنبەت يەر، شورلۇق يەر، ئاچچىق يەر، تاتلىق يەر، يۇمشاق يەر، قاتتىق يەر، تۈز يەر، ئېگىز- پەس يەر دېگەندەك بىرقانچە خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەتتا يەرلەرنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز نۇرلىرى ئوخشاشلا چۈشىدۇ. يامغۇرمۇ ئوخشاشلا ياغىدۇ.