باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

    7 –   ئاخىرقى مەنزىلگە ئورۇنلىشىش

1)     ياخشىلار

ياخشىلار يامانلاردىن ئايرىلىپ، ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىغا سېپىل سوقۇلغاندىن كېيىن ياخشىلارنى پەرىشتىلەر: «بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەپ قارشى ئالىدۇ[1]. بۇ چاغدا ئۇلارغا جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ[2].‏ ئاندىن ئۇلار نەبىي، سىددىق، شېھىت ۋە ياخشىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا[3] مېھمان سۈپىتىدە[4] ۋە گۇرۇھ – گۇرۇھ ھالىتىدە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ[5]. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق، مۇئەككەل پەرىشتىلەر قارشى ئېلىشقا ھازىر ھالەتتە بولىدۇ[6].

(1)    جەننەت پەرىشتىلىرىنىڭ تەبرىكلىشى

بۇ پەرىشتىلەر ئۇلارنى تۆۋەندىكى تەبرىك ۋە سالاملار بىلەن قارشى ئالىدۇ. بۇ توغرىدىكى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَسِيقَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا وَفُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَا سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ طِبۡتُمۡ فَٱدۡخُلُوهَا خَٰلِدِينَ  ٧٣﴾

«رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار گۇرۇھ – گۇرۇھ ھالەتتە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: ‹سالام سىلەرگە! خۇش كەلدىڭلار! قېنى جەننەتكە مەرھەمەت! بۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر!› دەيدۇ»[7].‏

﴿إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ  ٤٥ ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٍ ءَامِنِينَ  ٤٦﴾

«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ.‏ ئۇلارغا: ئۇ يەرلەرگە خاتىرجەم ھالدا كىرىڭلار‹ دېيىلىدۇ»[8].

﴿هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِكُلِّ أَوَّابٍ حَفِيظٖ  ٣٢ مَّنۡ خَشِيَ ٱلرَّحۡمَٰنَ بِٱلۡغَيۡبِ وَجَآءَ بِقَلۡبٖ مُّنِيبٍ  ٣٣ ٱدۡخُلُوهَا بِسَلَٰمٖۖ ذَٰلِكَ يَوۡمُ ٱلۡخُلُودِ  ٣٤﴾ ‏

«مانا بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىدۇر. بۇ ئاللاھقا يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ساقلىغۇچى ھەر كىشى ئۈچۈندۇر،‏ يەنى رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن، ئۇنىڭغا يۆنەلگۈچى قەلب بىلەن كەلگەن كىشى ئۈچۈندۇر.‏ ئۇنىڭغا ئامانلىق بىلەن كىرىڭلار. بۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان كۈندۇر»[9].‏

(2)    ياخشىلارنىڭ جاۋابى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي صَدَقَنَا وَعۡدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلۡأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلۡجَنَّةِ حَيۡثُ نَشَآءُۖ فَنِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ  ٧٤﴾

«ئۇلار: ‹بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ۋە بىزنى بۇ يەرگە ۋارىس قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. جەننەتتە خالىغان يېرىمىزگە ئورۇنلىشالايمىز. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!› دەيدۇ.»[10].

(3)    ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپات قىلىشى

ئاللاھ تائالا جەننەتكە كىرىش ئالدىدا تۇرغان ياخشىلارغا مۇنداق دەپ ئىلتىپات قىلىدۇ:

﴿يَٰعِبَادِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡكُمُ ٱلۡيَوۡمَ وَلَآ أَنتُمۡ تَحۡزَنُونَ  ٦٨ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِآيَٰتِنَا وَكَانُواْ مُسۡلِمِينَ  ٦٩ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ  ٧٠﴾

«ئى بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئەسلا غەمكىن بولمايسىلەر.‏ ئى ئايەتلىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر!‏ جەننەتكە كىرىڭلار. سىلەر ۋە جۈپلىرىڭلار كۈتۈلىسىلەر»[11].‏

(4)    جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى بىلەن ياخشىلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ ۋە خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇلارغا جەننەتنىڭ نېمىشقا بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا يېڭى بىر نىدا كېلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَذۡهَبَ عَنَّا ٱلۡحَزَنَۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٞ شَكُورٌ ٣٤ ٱلَّذِيٓ أَحَلَّنَا دَارَ ٱلۡمُقَامَةِ مِن فَضۡلِهِۦ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٞ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٞ  ٣٥﴾

«ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بىزدىن غەم – قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. شۈبھىسىزكى، رەببىمىز مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.‏ ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن بىزنى ئەبەدىي يۇرتقا يەرلەشتۈردى. بىز بۇ يۇرتتا ھېچ ھارمايمىز ۋە ھېچ چارچىمايمىز»‏[12].‏

﴿وَنَزَعۡنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنۡ غِلّٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي هَدَىٰنَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهۡتَدِيَ لَوۡلَآ أَنۡ هَدَىٰنَا ٱللَّهُۖ لَقَدۡ جَآءَتۡ رُسُلُ رَبِّنَا بِٱلۡحَقِّۖ وَنُودُوٓاْ أَن تِلۡكُمُ ٱلۡجَنَّةُ أُورِثۡتُمُوهَا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ٤٣﴾

«بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: ‹بىزنى بۇنىڭغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايتتۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقنى ئېلىپ كەلگەن‹ دەيدۇ. ئۇلارغا: ‹مانا بۇ سىلەرگە ئەمىلىڭلار ئۈچۈن بېرىلگەن جەننەتتۇر‹ دەپ نىدا قىلىنىدۇ»[13].‏

2)     يامانلار

يامانلار ياخشىلاردىن ئايرىلىپ قاراڭغۇلۇقتا قالغاندىن كېيىن دوزاخ ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ[14] ۋە ئۇلاردىن بەزى سوئاللار سورىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقِيلَ لَهُمۡ أَيۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ  ٩٢ مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلۡ يَنصُرُونَكُمۡ أَوۡ يَنتَصِرُونَ  ٩٣﴾

«ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟‏ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ ئۇلار ھازىر سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ياردەم بېرەلەمدۇ؟»[15].‏

ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ:

﴿خُذُوهُ فَغُلُّوهُ  ٣٠ ثُمَّ ٱلۡجَحِيمَ صَلُّوهُ  ٣١ ثُمَّ فِي سِلۡسِلَةٖ ذَرۡعُهَا سَبۡعُونَ ذِرَاعٗا فَٱسۡلُكُوهُ ٣٢ إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ ٱلۡعَظِيمِ ٣٣ وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ ٣٤﴾

«ئۇنى تۇتۇڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ ئوتقا قاقلاڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇنى يەتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتىكى زەنجىرگە كىرگۈزۈڭلار[16]. چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى، مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايتتى»[17].

﴿ٱحۡشُرُواْ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ وَأَزۡوَٰجَهُمۡ وَمَا كَانُواْ يَعۡبُدُونَ  ٢٢ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهۡدُوهُمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡجَحِيمِ  ٢٣ وَقِفُوهُمۡۖ إِنَّهُم مَسْئُولُونَ  ٢٤﴾

«ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەپ ئەمر قىلىدۇ: «زالىملارنى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار،‏ ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى. ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار. ئۇلارنى توختىتىڭلار، ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ»[18].‏ ‏

شۇنىڭ بىلەن يامانلار زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ. گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ، ئاندىن خۇددى چاڭقىغان پادىلاردەك دوزاخقا ھەيدىلىدۇ[19]، يولدا توختىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر – بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايۋاتىسىلەرغۇ؟!»[20]، «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دېيىلىدۇ[21].

(1)    دوزاخ يولىدا مۇنازىرە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَنۡ أَضَلُّ مِمَّن يَدۡعُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَن لَّا يَسۡتَجِيبُ لَهُۥٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَهُمۡ عَن دُعَآئِهِمۡ غَٰفِلُونَ  ٥ وَإِذَا حُشِرَ ٱلنَّاسُ كَانُواْ لَهُمۡ أَعۡدَآءٗ وَكَانُواْ بِعِبَادَتِهِمۡ كَٰفِرِينَ  ٦﴾

«ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزدۇر.‏ ئىنسانلار ھەشىر‏‎ ‎قىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلار‎ ‎تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»[22].‏

بۇ ئايەت مەھشەرگاھتا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ بىر – بىرىگە دۈشمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ دۈشمەنلىكنىڭ دوزاخ يولىدا تالاش – تارتىش ۋە تاپا – تەنە شەكلىدە باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

﴿وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ  ٢٧ قَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَأۡتُونَنَا عَنِ ٱلۡيَمِينِ  ٢٨ قَالُواْ بَل لَّمۡ تَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ  ٢٩ وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنِۢۖ بَلۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا طَٰغِينَ  ٣٠ فَحَقَّ عَلَيۡنَا قَوۡلُ رَبِّنَآۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ  ٣١ فَأَغۡوَيۡنَٰكُمۡ إِنَّا كُنَّا غَٰوِينَ  ٣٢﴾

«ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر – بىرىدىن سورىشىدۇ: بەزىسى: ‹سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار› دەيدۇ. بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: ياق، ئۆزۈڭلار مۇئمىن بولمىدىڭلار. بىز سىلەرنى زورلىمىغان. بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم ئىدىڭلار. رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئازابنى تېتىغۇچىلارمىز. سىلەرنى ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ئازغۇن ئىدۇق»[23].

﴿قَالَ ٱلَّذِينَ حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقَوۡلُ رَبَّنَا هَٰٓؤُلَآءِ ٱلَّذِينَ أَغۡوَيۡنَآ أَغۡوَيۡنَٰهُمۡ كَمَا غَوَيۡنَاۖ تَبَرَّأۡنَآ إِلَيۡكَۖ مَا كَانُوٓاْ إِيَّانَا يَعۡبُدُونَ  ٦٣﴾

«ئازاب قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار: ‹رەببىمىز! مانا بۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز قانداق ئازغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدا بىزنىڭ جاۋابكارلىقىمىز يوق. ئۇلارنى سېنىڭ ھۆكمىڭگە تاپشۇرىمىز. ئەسلىدە ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى› دەيدۇ»[24].

(2)    ئېغىزلىرىنىڭ مۆھۈرلىنىشى

ئاندىن ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى مۆھۈرلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿ٱلۡيَوۡمَ نَخۡتِمُ عَلَىٰٓ أَفۡوَٰهِهِمۡ وَتُكَلِّمُنَآ أَيۡدِيهِمۡ وَتَشۡهَدُ أَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ  ٦٥﴾

«ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، قىلمىشلىرىنى بىزگە قوللىرى سۆزلەيدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»[25].‏

﴿وَيَوۡمَ يُحۡشَرُ أَعۡدَآءُ ٱللَّهِ إِلَى ٱلنَّارِ فَهُمۡ يُوزَعُونَ  ١٩ حَتَّىٰٓ إِذَا مَا جَآءُوهَا شَهِدَ عَلَيۡهِمۡ سَمۡعُهُمۡ وَأَبۡصَٰرُهُمۡ وَجُلُودُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ  ٢٠ وَقَالُواْ لِجُلُودِهِمۡ لِمَ شَهِدتُّمۡ عَلَيۡنَاۖ قَالُوٓاْ أَنطَقَنَا ٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَنطَقَ كُلَّ شَيۡءٖۚ وَهُوَ خَلَقَكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ  ٢١ وَمَا كُنتُمۡ تَسۡتَتِرُونَ أَن يَشۡهَدَ عَلَيۡكُمۡ سَمۡعُكُمۡ وَلَآ أَبۡصَٰرُكُمۡ وَلَا جُلُودُكُمۡ وَلَٰكِن ظَنَنتُمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَا يَعۡلَمُ كَثِيرٗا مِّمَّا تَعۡمَلُونَ ٢٢ وَذَٰلِكُمۡ ظَنُّكُمُ ٱلَّذِي ظَنَنتُم بِرَبِّكُمۡ أَرۡدَىٰكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ  ٢٣﴾

«شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى توپلىنىپ دوزاخقا ھەيدىلىدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا توختىتىلىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇلار تېرىلىرىگە: ‹نېمىشقا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟› دەيدۇ. تېرىلىرى: ‹بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى› دەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. سىلەر گۇناھ قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلارنىڭ، كۆزلىرىڭلارنىڭ ۋە تېرىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار. لېكىن سىلەر: ‹ئاللاھ قىلمىشىمىزنىڭ تولىسىنى بىلمەيدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار. مانا بۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قىلغان گۇمانىڭلاردۇر. سىلەرنى ئۇ ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار»[26].

بۇ ئايەتلەر دوزاخ ئەھلىنىڭ ئېغىزلىرىنىڭ باشتا مۆھۈرلىنىپ، قول – پۇت، كۆز – قۇلاق ۋە تېرىلىرى زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز تېرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

(3)    دوزاخقا تاشلىنىشى

ئاندىن ئاللاھ تائالا ئىككى پەرىشتىنى ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان كاپىرلارنى دوزاخقا تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿أَلۡقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٖ  ٢٤ مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٖ مُّرِيبٍ  ٢٥ ٱلَّذِي جَعَلَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ فَأَلۡقِيَاهُ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلشَّدِيدِ  ٢٦﴾

«ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كافىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار!‏ ئۇ ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، شەك كەلتۈرگۈچى ۋە ئاللاھقا باشقا ئىلاھنى تەڭ قىلغۇچى كىشىدۇر. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار»[27].‏

بۇ چاغدا ھەر يامان كىشى: «مېنى شەيتىنىم ئازدۇردى» دەيدۇ. شەيتىنى: «رەببىمىز! بۇنى مەن ئازدۇرمىدىم. لېكىن بۇ چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا ئىدى» دەيدۇ[28]. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالَ لَا تَخۡتَصِمُواْ لَدَيَّ وَقَدۡ قَدَّمۡتُ إِلَيۡكُم بِٱلۡوَعِيدِ  ٢٨ مَا يُبَدَّلُ ٱلۡقَوۡلُ لَدَيَّ وَمَآ أَنَا۠ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ  ٢٩﴾

«مېنىڭ ھۇزۇرىمدا تارتىشماڭلار. سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم. مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سۆز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايمەن»[29].

شۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە مۇئەككەل پەرىشتىلەر: «سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن، رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. كاپىرلار: «شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى! لېكىن ئازاب سۆزى كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ[30].‏ بۇ چاغدا كاپىرلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!»[31].‏

 پەرىشتىلەر كاپىرلارغا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ  ١٤ أَفَسِحۡرٌ هَٰذَآ أَمۡ أَنتُمۡ لَا تُبۡصِرُونَ  ١٥ ٱصۡلَوۡهَا فَٱصۡبِرُوٓاْ أَوۡ لَا تَصۡبِرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ١٦﴾

«مانا بۇ سىلەر يالغان دېگەن ئوتتۇر.‏ بۇ سېھىرمىكەن ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟‏ ئۇنىڭغا كىرىڭلار. سەۋر قىلساڭلارمۇ ياكى سەۋر قىلمىساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ»[32].‏

پەرىشتىلەر ئۇلارنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن كوكۇلا ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇپ دوزاخقا تاشلايدۇ[33].

بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار تۆۋەندىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان بويىچە بولىدۇ.

﴿وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا  ١٣ لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا  ١٤﴾

«ئۇلار قوللىرى بويۇنلىرىغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چېغىدا، شۇ يەردە يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ.‏ ئۇلارغا: ‹بۈگۈن بىر قېتىم يوق بولۇشنى تىلىمەڭلار، كۆپ قېتىم يوق بولۇشنى تىلەڭلار‹ دېيىلىدۇ»[34].‏

﴿إِذَآ أُلۡقُواْ فِيهَا سَمِعُواْ لَهَا شَهِيقٗا وَهِيَ تَفُورُ  ٧ تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ ٱلۡغَيۡظِۖ كُلَّمَآ أُلۡقِيَ فِيهَا فَوۡجٞ سَأَلَهُمۡ خَزَنَتُهَآ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَذِيرٞ  ٨ قَالُواْ بَلَىٰ قَدۡ جَآءَنَا نَذِيرٞ فَكَذَّبۡنَا وَقُلۡنَا مَا نَزَّلَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٍ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ كَبِيرٖ  ٩ وَقَالُواْ لَوۡ كُنَّا نَسۡمَعُ أَوۡ نَعۡقِلُ مَا كُنَّا فِيٓ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ  ١٠﴾

«ئۇلار ئۇنىڭغا تاشلانغاندا ئۇنىڭ قايناپ چىقارغان خىرتىلدىشىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئاچچىقىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭغا بىر گۇرۇھ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلاردىن: ‹سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟› دەپ سورايدۇ. ئۇلار: ‹ھەئە، بىزگە ئەلۋەتتە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز يالغانچى دېگەن ۋە ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى، سىلەر بۈيۈك ئازغۇنلۇق ئىچىدىسىلەر دېگەن› دەيدۇ. ئۇلار يەنە: ‹ئەگەر قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولماسكەنمىز› دەيدۇ»[35].

﴿وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ وُقِفُواْ عَلَى ٱلنَّارِ فَقَالُواْ يَٰلَيۡتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ  ٢٧﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: ‹ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساقچۇ!› دەيدۇ»[36].

(4)    شەيتاننىڭ نۇتۇقى

يامانلار دوزاخقا تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن شەيتانغا مالامەت قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر نۇتۇق سۆزلەيدۇ. نۇتۇق تۆۋەندىكىچە:

﴿وَقَالَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لَمَّا قُضِيَ ٱلۡأَمۡرُ إِنَّ ٱللَّهَ وَعَدَكُمۡ وَعۡدَ ٱلۡحَقِّ وَوَعَدتُّكُمۡ فَأَخۡلَفۡتُكُمۡۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّآ أَن دَعَوۡتُكُمۡ فَٱسۡتَجَبۡتُمۡ لِيۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوٓاْ أَنفُسَكُمۖ مَّآ أَنَا۠ بِمُصۡرِخِكُمۡ وَمَآ أَنتُم بِمُصۡرِخِيَّ إِنِّي كَفَرۡتُ بِمَآ أَشۡرَكۡتُمُونِ مِن قَبۡلُۗ إِنَّ ٱلظَّٰلِمِينَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ  ٢٢﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىنى ۋەدە قىلدى. مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم. مەن سىلەرنى زورلىمىغان. مەن سىلەرنى پەقەت چاقىردىم، سىلەر چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار! مەنمۇ سىلەرنىڭ دادىڭلارغا يېتەلمەيمەن، سىلەرمۇ مېنىڭ دادىمغا يېتەلمەيسىلەر! مەن سىلەرنىڭ ئىلگىرى مېنى ئاللاھقا شىرىك قىلىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان ئىدىم»[37].

يامانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ كۆزلىرىنى ئەبەدىي ھاياتقا ئاچقاندىن تارتىپ، دوزاخقا تاشلانغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ياخشى گەپ ئاڭلىمايدۇ، سۆيۈندۈرىدىغان بىرەر مەنزىرە كۆرمەيدۇ، خۇشاللىق ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئېغىر سۆز قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَن يَهۡدِ ٱللَّهُ فَهُوَ ٱلۡمُهۡتَدِۖ وَمَن يُضۡلِلۡ فَلَن تَجِدَ لَهُمۡ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِهِۦۖ وَنَحۡشُرُهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ عُمۡيٗا وَبُكۡمٗا وَصُمّٗاۖ مَّأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ كُلَّمَا خَبَتۡ زِدۡنَٰهُمۡ سَعِيرٗا  ٩٧﴾

«ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرسا، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ۋەلىىيلەر تاپالمايسەن. بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كور، گاچا ۋە گاس ھالدا يۈزلىرى بىلەن دۈم ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇنىڭ ئوتى پەسەيگەنسېرى بىز ئۇلارغا يالقۇننى زىيادە قىلىمىز»[38].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 94 – 106.

[1] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 103 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 90 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 31 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 13 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 69 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 85 – ئايەت.

[5] قاراڭ 39 – سۈرە زۇمەر، 73 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 38 – سۈرە ساد، 50 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 73 – ئايەت.

[7] 39 – سۈرە زۇمەر، 73 – ئايەت.

[8] 15 – سۈرە ھىجر، 45 – ۋە 46 – ئايەتلەر.

[9] 50 – سۈرە قاف، 32 ~ 34 – ئايەتلەر.

[10] 39 – سۈرە زۇمەر، 74 – ئايەت.

[11] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 68 ~ 70 – ئايەتلەر.

[12] 35 – سۈرە فاتىر، 34 – ۋە 35 – ئايەتلەر.

[13] 7 – سۈرە ئەئراف، 43 – ئايەت.

[14] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 91 – ئايەت.

[15] 26 – سۈرە شۇئەرا، 92 – ۋە 93 – ئايەتلەر.

[16] تەپسىرلەردە بۇ سۆز ئىككى تۈرلۈك ئىزاھلىنىدۇ: 1 – «ئۈنچە – مارجانلارغا يىپ ئۆتكۈزگەندەك زەنجىرنى ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن كىرگۈزۈپ مەقئەتلىرىدىن چىقىرىپ، ئاندىن ئىككى موكلاشتۇرۇپ باغلاڭلار»، 2 – «ئۇلارنى زەنجىرلەر بىلەن ئوراپ قىمىرلىيالمايدىغان شەكىلدە مۇستەھكەم باغلاڭلار».   

[17] 69 – سۈرە ھاققە، 30 ~ 34 – ئايەتلەر.

[18] 37 – سۈرە ساففات، 22 ~ 24 – ئايەتلەر.

[19] قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 86 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 83 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 71 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 19 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 4 – ئايەت.

[20] 37 – سۈرە ساففات، 25 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 30 – ئايەت.

[22] 46 – سۈرە ئەھقاف، 5 – ۋە 6 – ئايەتلەر.

[23] 37 – سۈرە ساففات، 27 ~ 32 – ئايەتلەر.

[24] 28 – سۈرە قەسەس، 63 – ئايەت.

[25] 36 – سۈرە ياسىن، 65 – ئايەت.

[26] 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 19 ~ 23 – ئايەتلەر.

[27] 50 – سۈرە قاف، 24 ~ 26 – ئايەتلەر.

[28] قاراڭ: 50 – سۈرە قاف، 27 – ئايەت.

[29] 50 – سۈرە قاف، 28 – ۋە 29 – ئايەتلەر

[30] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 71 – ئايەت.

[31] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 72 – ئايەت.

[32] 52 – سۈرە تۇر، 13 ~ 16 – ئايەتلەر.

[33] قاراڭ: 55 – سۈرە رەھمان، 41 – ئايەت.

[34] 25 – سۈرە فۇرقان، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.

[35] 67 – سۈرە مۇلك، 7 ~ 10 – ئايەتلەر.

[36] 6 – سۈرە ئەنئام، 27 – ئايەت.

[37] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 22 – ئايەت.

[38] 17 – سۈرە ئىسرا، 97 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ