باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

10 –     دوزاخ ھاياتى

قۇرئان كەرىمدە دوزاخنىڭ (جەھەننەمنىڭ)، ئاخىرەتتە ئازغۇنلارنىڭ جەم بولىدىغان يېرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يەتتە دانە دەرۋازىسى بارلىقى، ھەر دەرۋازىسىدىن پەرقلىق گۇرۇھلارنىڭ كىرىدىغانلىقى ۋە ئىچىدە تۈرلۈك – تۈرلۈك ئازابلاش ۋاسىتىلىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنىدۇ[1]. شۇنىڭدەك، مەزكۇر گۇرۇھلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرۇلۇقمۇ  تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1)     دوزاخنىڭ ئىسىملىرى

  • جەھەننەم[2]،
  • جەھىم[3]،
  • نار[4]،
  • ھۇتەمە[5]،
  • سەئىر[6]،
  • سەقەر[7]،
  • ھاۋىيە[8].

2)     دوزاخ ئازابىنىڭ ۋاسىتىلىرى

(1)    تاقاق، زەنجىر ۋە تۆمۈر توقماق

دوزاخ ئەھلىنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاق سېلىنىدۇ، پۇت – قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئۇلار تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ[9].

(2)    ئوت ۋە قايناق سۇ

دوزاخ ئەھلى دوزاخ ئوتى بىلەن  كۆيدۈرۈلىدۇ[10].

دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇ تۆكۈلىدۇ، دوزاخ ئەھلى قايناق سۇنىڭ ئىچىدە سۆرىلىدۇ[11].

(3)    ئازابلىغۇچى تاماق

دوزاخ ئەھلى تۆۋەندىكى «تاماقلار»نى يەيدۇ:

  • زەققۇم[12]،
  • بەتبۇي ۋە ئاچچىق تىكەن[13]،
  • يىرىڭ[14]،
  • گالغا تۇرۇپ قالىدىغان بىر تۈرلۈك تاماق[15]،
  • ئوت[16].
(4)    ئازابلىغۇچى ئىچىملىك

دوزاخ ئەھلى يۇقىرىدىكى تاماقلارنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ:

  • قايناق سۇ[17]،
  • زەرداب سۇ[18]،
  • قايناپ تۇرغان بىر تۈرلۈك بۇلاق سۈيى[19]،
  • مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بىر خىل سۇ[20]،
  • يىرىڭ[21].
(5)    ئازابلىغۇچى كىيىم

دوزاخ ئەھلى تۆۋەندىكى «كىيىملەر»نى كىيىدۇ:

  • قەتىران[22]،
  • ئوتتىن تەييارلانغان كىيىملەر[23].
(6)    ئوتتىن يوتقان – كۆرپە

دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاستىغا ئوتتىن تۆشەك سېلىنىدۇ، ئۈستىگە ئوتتىن يوتقانلار يېپىلىدۇ[24].

(7)    زەھەرلىك ھاۋا

دوزاخ ئەھلى ناھايىتى ھارارەتلىك شامال ۋە قاتتىق بۇلغانغان ھاۋادا نەپەس ئالىدۇ[25].

3)     دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختىكى ھالى

دوزاخقا كىرگەنلەر توختىماي نالە – پەرياد قىلىپ تۇرىدۇ[26].

4)     دوزاخ ئەھلىنىڭ كىملىكى

قىيامەت كۈنى كىملەرنىڭ دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق يەرلەردە بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا تۆۋەندىكىچە:

  • كاپىرلار[27]،
  • مۇشرىكلار[28]،
  • مۇرتەدلەر[29]،
  • مۇناپىقلار[30]،
  • ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر[31]،
  • ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلار[32]،
  • قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلار[33]،
  • ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلار[34]،
  • غەيۋەتخورلار[35]،
  • يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغانلار[36]،
  • تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار[37]،
  • جازانىخورلار [38]،
  • مۇئمىنلارنى قەستەن ئۆلتۈرگۈچىلەر[39]،
  • زالىملار[40]،
  • يامان ئىشلارنى قىلغانلار[41].
(1)    دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىنسانىيەت ئىچىدىكى نىسبىتى

دوزاخ ئەھلى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِن تُطِعۡ أَكۡثَرَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ  ١١٦﴾

«ئى مۇھەممەد! ئەگەر زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ»[42].‏

(2)    دوزاخ ئەھلىنىڭ ئورتاق سۈپەتلىرى
①      فاسىقلار (توغرا يولدىن چىققانلار)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَفَمَن كَانَ مُؤۡمِنٗا كَمَن كَانَ فَاسِقٗاۚ لَّا يَسۡتَوُۥنَ  ١٨ أَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَلَهُمۡ جَنَّٰتُ ٱلۡمَأۡوَىٰ نُزُلَۢا بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ  ١٩ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُواْ فَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَآ أُعِيدُواْ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمۡ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ  ٢٠ وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ  ٢١﴾

«مۇئمىن بولغان كىشى فاسىق بولغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇلار باراۋەر بولمايدۇ.‏ ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەئۋا جەننەتلىرى بار. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە كۈتۈلىدۇ.‏ فاسىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. ئۇلار قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر‹.‏ بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز»[43].‏

②      يامانلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٖ  ١٤﴾

«شۈبھىسىزكى، يامانلار دوزاختا بولىدۇ»[44].

③      ئاسىيلىق قىلغانلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلۡ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ ٱللَّهِ أَحَدٞ وَلَنۡ أَجِدَ مِن دُونِهِۦ مُلۡتَحَدًا  ٢٢ إِلَّا بَلَٰغٗا مِّنَ ٱللَّهِ وَرِسَٰلَٰتِهِۦۚ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا  ٢٣﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن.‏ مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ»[45].‏

④      ئازغۇنلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ثُمَّ إِنَّكُمۡ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلۡمُكَذِّبُونَ ٥١ لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ ٢ فَمَالِئُونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ  ٥٣ فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ  ٥٤ فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ  ٥٥ هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ  ٥٦﴾

«ئاندىن سىلەر، ئى راستنى يالغان دېگۈچى ئازغۇنلار! چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر، قورساقلىرىڭلارنى ئۇنىڭدىن تولدۇرىسىلەر، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇدىن ئىچىسىلەر، تەشنا تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر. مانا بۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان زىياپەتتۇر»[46].

⑤      گۇناھكارلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱمۡتَٰزُواْ ٱلۡيَوۡمَ أَيُّهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ  ٥٩ أَلَمۡ أَعۡهَدۡ إِلَيۡكُمۡ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعۡبُدُواْ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ ٦٠ وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ  ٦١ وَلَقَدۡ أَضَلَّ مِنكُمۡ جِبِلّٗا كَثِيرًاۖ أَفَلَمۡ تَكُونُواْ تَعۡقِلُونَ  ٦٢ هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ  ٦٣ ٱصۡلَوۡهَا ٱلۡيَوۡمَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ  ٦٤﴾

«ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر› دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ سىلەرگە:‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر› دېمىدىممۇ؟ شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم! بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەر تۇزكورلۇق قىلدىڭلار»[47].

﴿إِنَّ ٱلۡمُجۡرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَٰلِدُونَ  ٧٤ لَا يُفَتَّرُ عَنۡهُمۡ وَهُمۡ فِيهِ مُبۡلِسُونَ  ٧٥ وَمَا ظَلَمۡنَٰهُمۡ وَلَٰكِن كَانُواْ هُمُ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٧٦ وَنَادَوۡاْ يَٰمَٰلِكُ لِيَقۡضِ عَلَيۡنَا رَبُّكَۖ قَالَ إِنَّكُم مَّٰكِثُونَ  ٧٧﴾

«شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار جەھەننەم ئازابى ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏ ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ. ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە ئۈمىدسىز بولغۇچىلاردۇر.‏ بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر ئىدى.‏ ئۇلار جەھەننەمنىڭ كۆزەتچىسىگە: ‹ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈپ ئىشىمىزنى تۈگەتسۇن› دەپ توۋلايدۇ. كۆزەتچى: «سىلەر مەڭگۈ قالغۇچىلارسىلەر» دەيدۇ»[48].‏

5)     دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختا ئازابلىنىش مۇددىتى‏

ئاللاھ تائالا دوزاخقا تاشلانغان ئىنسانلارنىڭ دوزاختىن چىقالمايدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىرقانچە ئايەتتە بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡ أَنَّ لَهُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لِيَفۡتَدُواْ بِهِۦ مِنۡ عَذَابِ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنۡهُمۡۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ  ٣٦ يُرِيدُونَ أَن يَخۡرُجُواْ مِنَ ٱلنَّارِ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنۡهَاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّقِيمٞ  ٣٧﴾

«كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چىقالمايدۇ. ئۇلارغا دائىمىي ئازاب بار»[49].‏

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَظَلَمُواْ لَمۡ يَكُنِ ٱللَّهُ لِيَغۡفِرَ لَهُمۡ وَلَا لِيَهۡدِيَهُمۡ طَرِيقًا  ١٦٨ إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا  ١٦٩﴾

«كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ. ئۇلارغا پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»[50].

﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَعَنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمۡ سَعِيرًا  ٦٤ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ لَّا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا  ٦٥﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى.‏ ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ، ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ»[51].‏

﴿قَالُواْ رَبَّنَا غَلَبَتۡ عَلَيۡنَا شِقۡوَتُنَا وَكُنَّا قَوۡمٗا ضَآلِّينَ  ١٠٦ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡهَا فَإِنۡ عُدۡنَا فَإِنَّا ظَٰلِمُونَ  ١٠٧ قَالَ ٱخۡسَئُواْ فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ  ١٠٨﴾

«ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىز يامان ئارزۇلىرىمىزغا يېڭىلىپ ئازغۇن قەۋم بولدۇق.‏ رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر يەنە ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز›.‏  ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: تۇرغان يېرىڭلاردا قېلىپ خورلۇق تارتىڭلار ۋە ماڭا گەپ قىلماڭلار»[52].‏

﴿إِذۡ تَبَرَّأَ ٱلَّذِينَ ٱتُّبِعُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَ وَتَقَطَّعَتۡ بِهِمُ ٱلۡأَسۡبَابُ  ١٦٦ وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ لَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَتَبَرَّأَ مِنۡهُمۡ كَمَا تَبَرَّءُواْ مِنَّاۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡ حَسَرَٰتٍ عَلَيۡهِمۡۖ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنَ ٱلنَّارِ  ١٦٧﴾

‏«ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا – جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا – جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا – جۇدا بولساق!›. ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس»[53].

﴿… وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًا  ٢٣﴾

«… كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ»[54].‏

‏﴿وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فَسَقُواْ فَمَأۡوَىٰهُمُ ٱلنَّارُۖ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَآ أُعِيدُواْ فِيهَا وَقِيلَ لَهُمۡ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ  ٢٠﴾

«فاسىق بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. ئۇلار قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر»[55].‏

﴿هَٰذَانِ خَصۡمَانِ ٱخۡتَصَمُواْ فِي رَبِّهِمۡۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قُطِّعَتۡ لَهُمۡ ثِيَابٞ مِّن نَّارٖ يُصَبُّ مِن فَوۡقِ رُءُوسِهِمُ ٱلۡحَمِيمُ  ١٩ يُصۡهَرُ بِهِۦ مَا فِي بُطُونِهِمۡ وَٱلۡجُلُودُ  ٢٠ وَلَهُم مَّقَٰمِعُ مِنۡ حَدِيدٖ  ٢١ كُلَّمَآ أَرَادُوٓاْ أَن يَخۡرُجُواْ مِنۡهَا مِنۡ غَمٍّ أُعِيدُواْ فِيهَا وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ  ٢٢﴾

«ئەنە شۇ ئىككىسى رەببى توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىشقان ئىككى پىرقىدۇر: كافىرلار پىرقىسىگە ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ ۋە باشلىرىنىڭ ئۈستىدىن قايناق سۇ تۆكىلىدۇ. ئۇ سۇ ئۇلارنىڭ ئىچ ئەزالىرىنى ۋە تېرىلىرىنى ئېرىتىۋېتىدۇ. ئۇلار يەنە تۆمۈر توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ. ئۇلار دەرد – ئەلەمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاچان دوزاختىن چىقماقچى بولسا، ‹كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار› دەپ ئازار بېرىلىپ ئارقىسىغا قايتۇرۇلىدۇ»[56].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 117 – 128.

[1] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 43 – ۋە 44 – ئايەتلەر؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 12 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 4 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 43 – ئايەت. «جەھەننەم»، دوزاخنىڭ ئىسمى بولۇپ قۇرئان كەرىمدە 77 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ.

[3] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 86 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 24 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 104 – سۈرە ھۇمەزە، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 67 – سۈرە مۇلك، 10 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 54 – سۈرە قەمەر، 48 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 101 – سۈرە قارىئە، 8 ~ 11 – ئايەتلەر.

[9] قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 49 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 21 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 38 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 71 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 32 – ئايەت؛ 73 – سۈرە مۇززەممىل، 12 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 4 – ئايەت؛ 89 – سۈرە فەجر، 26 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 24 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 181 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 56 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 50 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 9 – ۋە 22 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 104 – ئايەت؛ 66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 16 – ئايەت؛ 104 – سۈرە ھۇمەزە، 6 ~ 9 – ئايەتلەر.

[11] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 19 – ۋە 20 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 71 ۋە 72 – ئايەتلەر؛ 44 – سۈرە دۇخان، 47 ~ 50 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 62 – ئايەت؛ 44 – سۈرە دۇخان، 63 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 52 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 88 – سۈرە غاشىيە، 6 – ئايەت.

[14] قاراڭ: 69 – سۈرە ھاققە، 36 – ئايەت.

[15] قاراڭ: 73 – سۈرە مۇززەممىل، 13 – ئايەت.

[16] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 174 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 10 – ئايەت.

[17] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 70 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 4 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 67 -ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 57 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 15 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 54 – ۋە 93 – ئايەتلەر؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 25 – ئايەت.

[18] قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 16 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 88 – سۈرە غاشىيە، 5 – ئايەت.

[20] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 38 – سۈرە ساد، 57 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 25 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 50 – ئايەت. قەتىران رەڭگى قاپقارا، پۇرىقى ناھايىتى بەتبۇي بىر خىل سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قوتۇر بولۇپ قالغان تۆگىلەر مايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆگىلەرنىڭ قوتۇرلىرى كۆيۈپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەھلى دوزاخلارنىڭ تېرىلىرىگە ئۇ سۇيۇقلۇقتىن سۈركىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇيۇقلۇق ئۇلارنىڭ كىيىمىدەك بولىدۇ. قاراڭ: فەخرۇددىن ئەبۇ ئابدىللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھۇسەيىن تەيمىي رازى ، مەفاتىھۇل غەيب – تەفسىرۇل كەبىر، 3 – باسما (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، ھ 1420/ م 1999)، 19: 113.

[23] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 19 – ۋە 20 – ئايەتلەر.

[24] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 41 – ئايەت.

[25] قاراڭ: 56 – سۈرە ۋاقىئە، 42 ~ 44 – ئايەتلەر. 77 – سۈرە مۇرسەلات، 30 – ۋە 31 – ئايەت.

[26] قاراڭ 11 – سۈرە ھۇد، 106 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 100 – ئايەت.

[27] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 161 – ، 162 – ۋە 257 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 116 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 56 -، 168 – ۋە 169 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 78 ~ 80 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 68 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 5 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 64 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 71 – ۋە 72 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 16 – ۋە 17 – ئايەتلەر؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 10 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 6 – ئايەت.

[28] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 128 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 17 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 98 – ۋە 99 – ئايەتلەر؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 68 – ۋە 69 – ئايەتلەر؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 6 – ئايەت.

[29] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 217 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 86 ~ 88 – ئايەتلەر.

[30] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 145 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 68 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 14 ~ 17 – ئايەتلەر.

[31] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 36 – ئايەت؛ 20 – سۈرە  تاھا، 99 ~ 101 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 70 ~ 76 – ئايەتلەر؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 28 – ئايەت

[32] قاراڭ: 70 – سۈرە مەئارىج، 15 ~ 17 – ئايەت.

[33] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 11 – ئايەت.

[34] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 14 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 63 – ئايەت؛ 72 – سۈرە جىن، 23 – ئايەت؛ 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 42 ~ 47 – ئايەتلەر.

[35] قاراڭ: 104 – سۈرە ھۇمەزە.

[36] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 10 – ئايەت.

[37] قاراڭ: 44 – سۈرە دۇخان 47 ~ 50 – ئايەتلەر.

[38] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[39] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 93 – ئايەت.

[40] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 82 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 28 – ۋە 29 – ئايەتلەر.

[41] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 27 – ئايەت.

[42] 6 – سۈرە ئەنئام، 116 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت؛ ؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 103 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئــ، 13 – ئايەت

[43] 32 – سۈرە سەجدە، 18 ~ 21 – ئايەتلەر.

[44] 82 – سۈرە ئىنفىتار، 13 – ۋە  14 – ئايەتلەر.

[45] 72 – سۈرە جىن، 22 – ۋە 23 – ئايەتلەر.

[46] 56 – سۈرە ۋاقىئە، 51 ~ 56 – ئايەتلەر.

[47] 36 – سۈرە ياسىن، 59 ~ 64 – ئايەتلەر.

[48] 43- سۈرە زۇخرۇف، 74 ~ 77 – ئايەتلەر.

[49] 5 – سۈرە مائىدە، 36 – ۋە 37 – ئايەتلەر.

[50] 4 – سۈرە نىسا، 168 – ۋە 169 – ئايەتلەر.

[51] 33 – سۈرە ئەھزاب، 64 – ۋە 65 – ئايەتلەر.

[52] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 106 ~ 108 – ئايەتلەر.

[53] 2 – سۈرە بەقەرە، 166 ~ 167 – ئايەتلەر.

[54] 72 – سۈرە جىن، 23 – ئايەت.

[55] 32 – سۈرە سەجدە، 20 – ئايەت.

[56] 22 – سۈرە ھەج، 19 ~ 22 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ