باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

3.      مۇشرىكلارنىڭ تۈرلىرى

1)     كۈچ ۋە ھوقۇق ئىگىلىرىگە چوقۇنغۇچىلار

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ھەقكە ئەمەس كۈچكە بويسۇنۇش، ھەقىقەتنى ئەمەس ھاكىمىيەتنى قوللاش سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا جەمئىيەتتە ھەقلىقنىڭ ئەمەس ھوقۇقلۇقنىڭ، ھەقىقەتچىنىڭ ئەمەس ھۆكۈمراننىڭ تەرەپدارى كۆپ بولىدۇ. مەزكۇر بويسۇنۇش ۋە قوللاش شەرتسىز، چىن قەلبتىن ۋە ئىختىيارىي بولسا چوقۇنۇش سەۋىيەسىگە چىققان، شۇنداقلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ بايان قىلىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ مَا عَلِمۡتُ لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرِي فَأَوۡقِدۡ لِي يَٰهَٰمَٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجۡعَل لِّي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ ٣٨ وَٱسۡتَكۡبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ إِلَيۡنَا لَا يُرۡجَعُونَ ٣٩ فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٤٠ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ  ٤١ وَأَتۡبَعۡنَٰهُمۡ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلۡمَقۡبُوحِينَ  ٤٢﴾

«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ ئويلايمەن›. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار، بىز ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلمايمىز دەپ گۇمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇتۇپ نىل دەرياسىغا ئاتتۇق. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىۋاشلار قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈردۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنى سەتلەشتۈرۈلگەن ئادەملەردىن بولىدۇ»[1].

2)     بۇتقا چوقۇنغۇچىلار

 قۇرئان كەرىمدە «بۇت» پەرقلىق ئۈچ كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن:

(1) تەماسىل «تماثيل»، بىرلىك شەكلى تىمسالدۇر. بىرەر ئۆرنەككە قاراپ ياسالغان ھەيكەللەر تەماسىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ياغاچ، تاش، تۆمۈر، گىپس، مېتال قاتارلىق نەرسىلەردىن بىرەر ئىنسان، بىرەر ھايۋان، بىرەر قۇش شەكلىدە ياسالغان ھەيكەللەردىن ھەر بىرى بىرەر تىمسالدۇر. قۇرئان كەرىمدە تىمسال دېگەن كەلىمە يوق، لېكىن ئۇنىڭ كۆپلۈك شەكلى (جەمئى) بولغان تەماسىل ئىككى يەردە كەلگەن[2]

(2) ئەسنام «أصنام»، بىرلىك شەكلى سەنەمدۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان تەماسىل ۋە  ئانئورگانىك ماددىلار ئەسنام دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەسنام كەلىمىسى بەش يەردە كەلگەن[3].

(3) ئەۋسان «أوثان»، بىرلىك شەكلى ۋەسەندۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەۋسان دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان، ھايۋان، دەرەخ ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئىچىدىن ئىبادەت قىلىنغان، دۇئا قىلىنغان ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان سەۋىيەدە ئىتائەت قىلىنغان، ئاللاھ بىلەن تەڭ سەۋىيەدە سۆيۈلگەن، ئۈمىد باغلانغان ۋە قورقۇلغانلاردىن ھەر بىرى بىرەر ۋەسەندۇر. ئەۋسان كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە ئۆتكەن[4].

ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسىگە چوقۇنغۇچىلار مۇشرىكلارنىڭ «بۇتقا چوقۇنغۇچىلار» گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَخۡلُقُونَ شَيۡئًا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ  ٢٠﴾

«مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر»[5].

﴿وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ رِزۡقٗا مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ شَيۡئًا وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ  ٧٣﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن ھېچ رىزىق بېرەلمەيدىغان ۋە بۇنداق قىلىشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ»[6].

ئەسكەرتىش:

قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە نۇسۇب «نصب» كەلىمىسى[7]، بىر يەردە ئەنساب «أنصاب» كەلىمىسى[8] كەلگەن. بۇ كەلىمىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىنىدىغان ۋە سۇنۇلىدىغان مەخسۇس جايدىكى مۇئەييەن تاشلارنى ئىپادىلەيدۇ[9].

3) موللا – ئىشانغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار ئالىم – ئۆلىمالارنى ۋە موللا – ئىشانلارنى رەب قىلىۋالغان مۇشرىكلاردۇر. بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ موللىسى ياكى پىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە توغرىلاپ باقمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلەتكەنلەرگە ئۆز موللىسىنىڭ ياكى ئۆز پىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

بۇ مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ نازىل قىلغان دىننى ئۈستۈن بولۇشتىن توسۇش ۋە تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «دىن»نى راۋاج تاپقۇزۇشتۇر، خالاس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ  ٣١ يُرِيدُونَ أَن يُطۡفِئُواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَيَأۡبَى ٱللَّهُ إِلَّآ أَن يُتِمَّ نُورَهُۥ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ  ٣٢﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كافىرلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ»[10].

ئەدىي ئىبنى ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم. بوينۇمدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر كرېست بار ئىدى. ئۇ: «ئى ئەدىي! ئۇ بۇتنى تاشلىۋەتكىن!» دېدى، «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھنى ئاللاھنى قويۇپ رەبلەر قىلىۋالدى…» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى، لېكىن بۇلار ئۇلار بىر نەرسىنى ھالال دېسە ھالال، ھارام دېسە ھارام دەپ بىلدى». بۇلارنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنى قويۇپ رەب قىلىۋېلىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە بولدى[11].

4) جىنلارغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ مەقسىتى قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولۇش ۋە جىنلاردىن پايدىلىنىش.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلۡجِنَّ وَخَلَقَهُمۡۖ وَخَرَقُواْ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتِۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ  ١٠٠﴾

«ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ‹ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار› دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»[12]

﴿وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ قَدِ ٱسۡتَكۡثَرۡتُم مِّنَ ٱلۡإِنسِۖ وَقَالَ أَوۡلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلۡإِنسِ رَبَّنَا ٱسۡتَمۡتَعَ بَعۡضُنَا بِبَعۡضٖ وَبَلَغۡنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِيٓ أَجَّلۡتَ لَنَاۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثۡوَىٰكُمۡ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ  ١٢٨﴾

«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: ‹ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: ‹رەببىمىز! بىز بىر – بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق‹ دەيدۇ. ئاللاھ: ‹دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا‹ دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[13].‏

﴿وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ يَقُولُ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَهَٰٓؤُلَآءِ إِيَّاكُمۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ  ٤٠ قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِمۖ بَلۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ ٱلۡجِنَّۖ أَكۡثَرُهُم بِهِم مُّؤۡمِنُونَ  ٤١﴾

«ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟› دەيدۇ. پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئىدى»[14].

﴿وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا  ٦﴾

«بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ»[15].

5) نەپسى خاھىشىغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى – ھەۋىسىنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ بۇ شېرىكتىن مەقسىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىدىن ئازاد ھېس قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا  ٤٣ أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا  ٤٤﴾

«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر»[16].

﴿أَفَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلۡمٖ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمۡعِهِۦ وَقَلۡبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةٗ فَمَن يَهۡدِيهِ مِنۢ بَعۡدِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ٢٣ وَقَالُواْ مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا يُهۡلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهۡرُۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ  ٢٤﴾

«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟ ئۇلار: ‹ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ»[17].

بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تىرىكچىلىك يولىنى ۋە ياشاش شەكلىنى ئۆزى خالىغان بويىچە بەلگىلەيدۇ. ئىمان شەرتلىرىگە، ئىسلام ئەركانلىرىغا، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاتا – ئانىسىنىڭ تەلىم – تەربىيەلىرىنى قۇلىقىدا تۇتمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن: «ھايات مېنىڭ ھاياتىم، ئۆزۈم چاغلاپ ياشايمەن، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ، ياشاش كېرەك، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ھاياتنىڭ كەيپىنى سۈرۈش لازىم، موللام نادان، دادام جاھىل، ئانام قاتمال، دىن كونىلىق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ ياكى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئالدىغا كەلگەننى يەيدۇ، ھالال – ھارامنى ئىلغىمايدۇ، ياخشى – ياماننى ئايرىمايدۇ، گۇناھ – ساۋابنى تاللىمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەنە شۇ چۈشەنچە ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن شەيتانغا مۇرىت، نەپسىگە بەندە بولغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق كىشىلەر ئۆز نەپسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان مۇشرىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 371 – 378.

[1] 28 – سۈرە قەسەس، 38 ~ 42 – ئايەتلەر. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 11 – سۈرە ھۇد، 96 ~ 101 – ئايەتلەر؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 51 ~ 54 – ئايەتلەر؛ 79 – سۈرە نازىئات، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.

[2] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 52 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 13 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 74 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 138 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 14 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 57 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 71 – ئايەت.

 [4]قاراڭ:  22 – سۈرە ھەج، 30 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 17 – ۋە 25 – ئايەتلەر.

[5] 16 – سۈرە  نەھل، 20 – ئايەت.

[6] 16 – سۈرە نەھل، 73 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

[9] قاراڭ: ئەنەس ئالىم، قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى، (130 – ئىزاھات).

[10] 9 – سۈرە تەۋبە، 31 – ۋە 32 – ئايەتلەر.

[11] تىرمىزى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 10.

[12] 6 – سۈرە ئەنئام، 100 – ئايەت.

[13] 6 – سۈرە ئەنئام، 128 – ئايەت.

[14] 34 – سۈرە سەبەئـ، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر.

[15] 72 – سۈرە جىن، 6 – ئايەت.

[16] 25 – سۈرە فۇرقان، 43 – ۋە 44 – ئايەتلەر.

[17]  45 – سۈرە جاسىيە، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ