باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

شاھادەت (گۇۋاھلىق بېرىش)

بۇ يەردىكى شاھادەت[1]– ”أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ“ «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق ئىسلامغا كىرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شاھادەت ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئەركانى بولۇپ، مۇسۇلمان بولماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇنى تىلى بىلەن ئىقرار قىلىشى ۋە دىلى بىلەن تەستىقلىشى، شۇنداقلا شەرتىنى، مەنىسىنى ۋە ئىپادىسىنى بىلىشى مۇھىمدۇر، بولمىسا تەلەپكە لايىق شاھادەت ئەمەلىيلەشمىگەن بولىدۇ.

1§.            شاھادەتنىڭ شەرتى

«ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ بىردىنبىر شەرتى بۇ توغرىدا تولۇق ئىلىمگە ئىگە بولۇشتۇر. باشقىلارنى دوراپ «ئەشھەدۇ…» دېيىش «گۇۋاھلىق» ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن تاشقى ئالەمگە قاراپ تەپەككۇر سەپىرىگە ئاتلىنىش لازىم.

ئىنسان بۇ سەپىرى جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ بۇ تەپەككۇر سەپىرىدە بايقىغان ھەر بىر يېڭىلىق ئالدىدا ئۇ ياراتقۇچىنىڭ كائىناتنى باشقۇرۇۋاتقۇچى، پۈتۈن جانلىققا رىزىق بېرىۋاتقۇچى، كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچى ۋە ئۆلتۈرۈپ – تىرىلدۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ چۈشەنچىسى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئۇ ياراتقۇچىنىڭ يەككە – يېگانە ئىلاھ بولغان ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش باسقۇچىغا يۈكسىلىدۇ.

ئۇ بۇ سەپىرى جەريانىدا ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ رەببى (ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى، پەرۋىش قىلغۇچىسى) ۋە يەككە – يېگانە ئىلاھى (قۇلچىلىق قىلىشىغا لايىق بولغان بىرلا مەبۇدى) ئىكەنلىكىنى قەتئىي رەۋىشتە بىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن كىشىنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ توغرىدا ئىشەنچكە تولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَٱعۡلَمۡ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ …  ١٩﴾

«ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن، …»[2].‏

﴿أَفَمَن يَعۡلَمُ أَنَّمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ ٱلۡحَقُّ كَمَنۡ هُوَ أَعۡمَىٰٓۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ  ١٩﴾

«ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم كور ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى چۈشىنىدۇ»[3].‏

بىرىنچى ئايەت «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئىككىنچى ئايەت، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن كۆزى ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئۇنىڭ ئەبەدىي مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنى بۇ ئىككى ئايەت شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى نېمىگە نېمە ئۈچۈن شاھادەت ئېيتقانلىقىنى بىلىشنىڭ شەرتلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ ئىشەنچىنى تىلى بىلەن ”أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللَّهِ“ دەپ ئىقرار قىلىدۇ، بۇ كەلىمە شاھادەتنىڭ: «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن مەنىسىنى دىلى بىلەن تەستىقلايدۇ.

2§.            «شاھادەت»نىڭ مەنىسى

ئەرەبچىدە بىرەر ئەھۋالغا بىۋاسىتە قاتناشقان، يۈز بەرگەندە نەق مەيداندا بولغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەم «شاھىد – گۇۋاھ، گۇۋاھچى» دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن ئۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش جەريانىدا ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشى «شاھىتلىق (گۇۋھلىق) بېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ[4].

قۇرئان كەرىمدە شاھادەت كەلىمىسى گرامماتىكىلىق شەكىللىرى بىلەن 135 قېتىمدىن كۆپ ئۆتىدۇ ۋە ھەممىسى يۇقىرىدىكى مەنىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پەرقلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بىر كىشى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دىيىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئىقرارنى قىلغان ۋە قەتئىي سۆزنى بەرگەن بولىدۇ:

مەن قۇلچىلىق قىلىشىمغا ئاللاھتىن باشقا ھېچ شەيئىنىڭ ۋە ھېچ شەخسنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم، ئىشەندىم، دىلىم بىلەن تەستىقلىدىم.

مەن يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ماڭا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىم ۋە ئۇنى ئۈلگە ئېلىشىم كېرەكلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم، ئىشەندىم، دىلىم بىلەن تەستىقلىدىم.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 1 – 3.

[1] بۇ كەلىمىنىڭ ئەسلى ئەرەبچە بولۇپ «شەھادەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تىلىمىزغا ئەرەبچىدىكى مەنىسى بىلەن «شاھادەت» شەكلىدە كىرگەن.

[2] 47 – سۈرە مۇھەممەد، 19 – ئايەت.

[3] 13 – سۈرە رەئد، 19 – ئايەت.

[4] ئەبۇلھۇسەين ئەھمەد ئىبنى فارىس ئىبنى زەكەرىييا قۇزۋىنى، «شھد»، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇسسالام مۇھەممەد ھارۇن (دەمەشق: دارۇل فىكر، ھ 1399/ م 1979)، 3: 221؛ مۇھەممەد ئىبنى مۇكەررەم ئىبنى ئەلى ئەبۇلفەزل جەمالۇددىن ئىبنى مەنزۇر ئەنسارى رۇۋەيفىئى ئىفرىقى،  «شھد»، لىسانۇل ئەرەب (بېيرۇت: دارۇ سادىر، ھ 1414/ 1993)، 4: 239 – 240؛ زەينۇددىن ئەبۇ ئابدىللاھ ئىبنى ئەبى بەكىر ئىبنى ئابدىلقادىر رازى، «شھد»، مۇختارۇسسىھاھ، تەھقىقلىغۇچى: يۇسۇف شەيخ مۇھەممەد، 5  – باسما (بېيرۇت: مەكتەبەتى ئەسرىييە، ھ 1420 / م 1999)، 169؛ ئەبۇلئابباس شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى يۇسۇف ئىبنى ئابدۇددائىم سەمىين ھەلەبىي، «شھد»، ئۇمدەتۇل ھۇففاز فىي تەفسىيرى ئەشرەفىل ئەلفاز، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد باسىل ئۇيۇنۇس سۇد (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1417/ م 1996)، 1: 239 – 241؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «شھد»، مۇئجەمۇلۋەسىت، (دارۇ دەئۋەت، تارىخسىز)، 1: 497.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ