باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

3§.            شاھادەتنىڭ دەلىلى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَ‍َٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِيِّ ٱلۡأُمِّيِّ ٱلَّذِي يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ ١٥٨﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى خاس بولغان زاتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ھىدايەت تاپالايسىلەر»[1].‏

بۇ ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پۈتۈن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە، يەنى ئۇممىي پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.

﴿إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ لَمۡ يَرۡتَابُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلصَّٰدِقُونَ  ١٥﴾

«مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر»[2].‏

بۇ ئايەت مۇئمىن بولۇش ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىشنىڭ شەرتلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئىمان ئېيتىشنىڭ ئىلمىي دەلىلگە ئاساسلىنىشىنىڭ شەرتلىكى بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتىشنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ:

﴿شَهِدَ ٱللَّهُ أَنَّهُۥ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَأُوْلُواْ ٱلۡعِلۡمِ قَآئِمَۢا بِٱلۡقِسۡطِۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ  ١٨﴾

«ئاللاھ، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بەردى. پەرىشتىلەر بىلەن ھەققانىيەتچى ئىلىم ئىگىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[3].‏

﴿وَإِذَا سَمِعُواْ مَآ أُنزِلَ إِلَى ٱلرَّسُولِ تَرَىٰٓ أَعۡيُنَهُمۡ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمۡعِ مِمَّا عَرَفُواْ مِنَ ٱلۡحَقِّۖ يَقُولُونَ رَبَّنَآ ءَامَنَّا فَٱكۡتُبۡنَا مَعَ ٱلشَّٰهِدِينَ  ٨٣﴾

«ئۇلار رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن»[4].‏

بىرىنچى ئايەتتە «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئىنسانلارنىڭ ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچى ئىلىم ئىگىلىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئۇ گۇۋاھلىقنى بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى ئايەتتە بىر قىسىم ناسارالارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا تەسىرلىنىپ ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ «بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن قۇرئاننى ئاڭلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى «ئەشھەدۇ – گۇۋاھلىق بېرىمەن» دەپ ئىپادىلىگەنلىكىنى، ئاندىن كېيىن «بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن» دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى «دۇئا»نىڭ مەنىسى تەلەپ قىلىش دېمەكتۇر. تەلەپ قىلىش – ئالدى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئىش ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە سەۋەب قىلىش، ئاندىن تىل بىلەن تىلەشتۇر. بۇ يەردىكى سەۋەب ئالدى بىلەن بىلىش ئاندىن گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىككى ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿إِذَا جَآءَكَ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ قَالُواْ نَشۡهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُۥ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ لَكَٰذِبُونَ  ١﴾

«ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر»[5].‏

﴿كَيۡفَ يَهۡدِي ٱللَّهُ قَوۡمٗا كَفَرُواْ بَعۡدَ إِيمَٰنِهِمۡ وَشَهِدُوٓاْ أَنَّ ٱلرَّسُولَ حَقّٞ وَجَآءَهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُۚ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٨٦﴾

«ئىمان ئېيتقان، بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[6].

بۇ ئىككى ئايەتمۇ ئىمان ئېيتىشنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى نامازنى ئۆتەش، ئۈچىنچىسى زاكاتنى بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش»[7].

4§.            «شاھادەت»نىڭ ئىپادىسى

1)     ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش

ئىبادەت – ئېھتىرام بىلەن بويسۇنۇش ۋە مۇھەببەت بىلەن ئەيمىنىش دېگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا شەرتسىز ھالدا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئادەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىبادەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:   

  • قەلبىي ئىبادەت. بۇ ئىخلاس، مۇھەببەت[8]، سەۋر، قورقۇش، ئەيمىنىش، تەپ تارتىش، ئۈمىد قىلىش[9] ۋە تەۋەككۇل قىلىش قاتارلىق (قەلب بىلەن قىلىندىغان) ئىبادەتلەردۇر[10].
  • قەۋلى ئىبادەت. بۇ زىكىر – تەسبىھ ئوقۇش، ھەمدۇسانا ۋە ئىستىغفار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق (تىل بىلەن قىلىنىدىغان) ئىبادەتلەردۇر[11].
  • بەدەنىي ئىبادەت. بۇ ناماز، روزا، ھەج، تاۋاپ ۋە سەئيى، جىھاد قاتارلىق (بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان) ئىبادەتلەردۇر[12].
  • مالىي ئىبادەت. بۇ سەدىقە، زاكات، قۇربانلىق، ياردەم، ئىئانە قاتارلىق (مال بىلەن قىلىنىدىغان) ئىبادەتلەردۇر[13].

2)      گۇناھلاردىن ساقلىنىش

گۇناھ ئىسلامدا چەكلەنگەن ئېتىقاد ۋە سۆز – ھەرىكەتلەر بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق ئايەتلەردە ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ[14]. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان «ئەقلىي يولۇچىلىق» باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا «ئەشھەدۇ…» كەلىمىسىنى سۆزلەش بىلەن ئىمانىنى ئېلان قىلغان كىشىنىڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشى كېرەك، بولمىسا ئۆز ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. گۇناھلار توغرىسىدا بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا تەپسىلىي مۇلۇمات بېرىلىدۇ، ئىنشائاللاھ.

3)     توغرا يولدا مېڭىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ تَتَنَزَّلُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ أَلَّا تَخَافُواْ وَلَا تَحۡزَنُواْ وَأَبۡشِرُواْ بِٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ  ٣٠ نَحۡنُ أَوۡلِيَآؤُكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۖ وَلَكُمۡ فِيهَا مَا تَشۡتَهِيٓ أَنفُسُكُمۡ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ  ٣١ نُزُلًا مِنْ غَفُورٍ رَحِيمٍ  ٣٢﴾

«شۈبھىسىزكى، ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: قورقماڭلار، قايغۇرماڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار.‏ بىز دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. ئۇ يەردە كۆڭلۈڭلار تارتقان ھەر نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. ئۇ يەردە يەنە پۈتۈن ئارزۇيۇڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.‏ بۇ، مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ كۈتۈشىدۇر!»[15].‏

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ قَالُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُ ثُمَّ ٱسۡتَقَٰمُواْ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ١٣ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ خَٰلِدِينَ فِيهَا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ  ١٤﴾

«شۈبھىسىزكى، ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغانلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏ ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر[16].‏

دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن «رەببىم ئاللاھتۇر» دېگەن سۆزنى ئېيتىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى بۇ ئېغىزدىكى سۆزنى ئەمەلىيەتتە توغرا يولدا مېڭىش بىلەن ئىسپاتلاش لازىم. بۇ، يۇقىرىدىكى «ئىبادەتلەر»نى ئادا قىلىش ۋە «گۇناھلار»دىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالا تۈزۈپ بەرگەن يولدا مېڭىشنى ۋە ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئائىلە قۇرۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەتكەن، رىزىق ئىزدەش يوللىرىنى كۆرسەتكەن، يېمەك – ئىچمەك پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن، ئېلىم – سېتىم ۋە ئېلىم – بېرىم مۇئامىلىلىرى ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن، ئۇرۇق – تۇغقان ۋە قولۇم – قوشنا ھەقلىرىنى بىلدۈرگەن، ئائىلىۋىي ۋەزىپىلەرنى تونۇتقان، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاقنى بايان قىلغان. ئەنە شۇلارغا رىئايە قىلىش توغرا يولدا ماڭغانلىق بولىدۇ. ئۇلار قىسقىچە شۇلاردىن ئىبارەتتۇر:

(1)   ئائىلە قۇرۇش قائىدىلىرى

ئاللاھ تائالا ئائىلە قۇرۇشتا، نىكاھلىنىشقا بولمايدىغانلارنى بايان قىلغان[17]. نىكاھلانماقچى بولغان بىر جۈپ ئەر – ئايالنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشىنى شەرت قىلغان؛ ئەرنى، نىكاھلانماقچى بولغان ئايالغا تويلۇق بېرىشكە بۇيرۇغان[18]. مۇئمىنلارنى ئۆز ئىچىدىكى بويتاقلارنى نىكاھلاندۇرۇپ قويۇشقا ئەمر قىلغان[19].

(2)   رىزىق ئىزدەش يوللىرى

ئاللاھ تائالا رىزىق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن باشقا جايلارغا بېرىشقا بۇيرۇغان[20]، ئۆزئارا رازىلىشىپ قىلىنىدىغان تىجارەتنى يولغا قويغان[21]، ئىنسانلارنى بىلىم – سەۋىيە ۋە ماددىي ئىمكان جەھەتتىن پەرقلىق قىلىپ، بىر – بىرىگە موھتاج قىلغان، شۇنداقلا ئىش ۋە خىزمەت، ئېلىم – بېرىم سىستېمىسىنى بېكىتكەن[22].

(3)   يېمەك – ئىچمەك پرىنسىپلىرى

ئاللاھ تائالا ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا يېيىشكە بۇيرۇغان[23]، يېتىملارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋىلىشتىن، بىر – بىرىنىڭ مېلىنى باتىل يوللار بىلەن يەۋىلىشتىن توسقان[24]، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان ۋە چوشقىنىڭ گۆشى قاتارلىقلارنى ھارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن[25].

(4)   ئېلىم – سېتىم ئۇسۇللىرى

ئاللاھ تائالا ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان، بىر – بىرىنىڭ مېلىنى پارىخورلۇق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېيىشتىن توسقان. ئېلىم – بېرىم مۇئامىلىلىرىنى يېزىپ ھۆججەتلەشتۈرۈشكە، نېسى ئېلىم – سېتىم بولسا گۇۋاھچىمۇ ھازىر قىلىشقا بۇيرۇغان[26].

(5)   ئىنسانىي مەسئۇلىيەتلەر

ئاللاھ تائالا ئاتا – ئانا، يېتىم، مىسكىن ۋە قولۇم – قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇغان[27]. ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ھەققىنى بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن[28].

(6)   ئائىلۋى ۋەزىپىلەر

ئاللاھ تائالا ئائىلە قۇرغان ئەر – ئاياللارنى ئۆزئارا ياخشىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە، خۇسۇسەن ئەرلەرنى بۇنىڭغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشكە بۇيرۇغان[29]. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئەرنىڭ زىممىسىگە، ئامانەتدارلىق ۋە تەربىيەچىلىق ۋەزىپىسىنى ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلىگەن[30].

(7)   ئىجتىمائىي ئەخلاق

ئاللاھ تائالا بىر – بىرىنى مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش، يامان لەقەم بىلەن ئاتاش، بىر – بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، ئەيىبىنى ئىزدەش قاتارلىق ئىللەتلەردىن توسقان[31]. غەيۋەتخور، تۆھمەتخور، سۇخەنچى، باشقىلارنى ئەيىبلىگۈچى ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان[32]. نامەھرەملەرگە يامان كۆز بىلەن قاراشتىن توسقان[33].

شۇنىڭدەك، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەكچى بولغاندا ئۆي ئىگىسىگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، سالام بېرىپ ۋە ئىجازەت ئېلىپ كىرىشكە بۇيرۇغان[34].

(8)   ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەر

جەمئىيەتتە ياخشىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى، يامانلىقنىڭ يوقىلىشى ۋە يۈز بەرمەسلىكى، ئامانلىقنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى، مۇھىتنىڭ ئاسرىلىشى، ھايۋانلارنىڭ قوغدىلىشى قاتارلىق خىسلەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ھەر كىشى قولىدىن كەلگەنچە ھەسسە قوشۇش كېرەك[35].

(9)   دىنى قېرىنداشلىق مەسئۇلىيەتلىرى

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن[36]، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زىممىسىگە بىر قىسىم قېرىنداشلىق مەسئۇلىيەتلىرى يۈكلىگەن؛ ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقتا ياردەملىشىش، مېيىتنى ئۇزىتىش، مىراسنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈلەشتۈرۈش… قاتارلىقلار ئەنە شۇ مەسئۇلىيەتلەردىندۇر[37].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 4 – 12.

[1] 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت.

[2] 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 15 – ئايەت.

[3] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 18 – ئايەت.

[4] 5 – سۈرە مائىدە، 83 – ئايەت.

[5] 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 1 – ئايەت.

[6] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 86 – ئايەت.

[7] بۇخارى، «ئىمان»، 1؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 1؛ تىرمىزى،  «ئىمان»، 3؛ نەسەئى، «ئىمان»، 13.

[8] مۇھەببەت – ئاللاھنى ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان تائەت – ئىبادەتلەرنى ياخشى كۆرۈش. ئاللاھ يامان كۆرىدىغان گۇناھ – مەئىسىيەتلەرنى يامان كۆرۈش دېمەكتۇر (قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 24 – ئايەت).

[9] ئۈمىد ئاللاھنىڭ ساۋابىنى، رەھمىتىنى ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىش دېمەكتۇر (قاراڭ: قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 218 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 16 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 57 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 90 – ئايەت).

[10] قەلبىي ئىبادەتلەرنىڭ دەلىللىرى ئۈچۈن قاراڭ: 98 – سۈرە بەييىنە، 8 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 24؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ۋە 153 – ئايەتلەر؛ 90 – سۈرە بەلەد، 17 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسر، 3 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 40 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 218 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 16 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 57 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 90 – ئايەت. 64 – سۈرە تەغابۇن، 13 – ئايەت.

[11] قەۋلىي ئىبادەتلەرنىڭ دەلىللىرى ئۈچۈن قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر؛ 110 – سۈرە نەسر، 3 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 60 – ئايەت. 18 – سۈرە كەھف، 27 – ئايەت؛ 27 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 125 – ئايەت؛ 40 – سۈرە فۇسسىلەت، 33 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 17 – ئايەت.

[12] بەدەنىي ئىبادەتلەرنىڭ دەلىللىرى ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 238 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 78 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 130 – ئايەت؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 183~187 – ئايەتلەر؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 158 – ۋە 196 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 97 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 27~29 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 78 – ئايەت.

[13] مالىي ئىبادەتلەرنىڭ دەلىللىرى ئۈچۈن قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 3 -، 215 -، 219 -، 254 -، 261 -، 262 -، 265 – 272 – ۋە 274 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 134 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 3 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 104 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 34 – 35 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 24 – سۈرە نۇر، 56 – ئايەت؛  28 – سۈرە قەسەس، 54 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 16 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 35 – ئايەت؛  42 – سۈرە شۇرا، 38 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 29 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 18 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 10 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 16 – ئايەت؛ 107 – سۈرە مائۇن، 7 – ئايەت؛ 108 – سۈرە كەۋسەر، 2 – ئايەت.

[14] ئۇ ئىسىملار، ئايەتلەردىكى ئورنى ۋە ئالدى – كەينىگە قاراپ گۇناھ، يامانلىق، جىنايەت، خاتالىق، كەمچىلىك دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

[15] 41 -سۈرە فۇسسىلەت، 30~32 – ئايەتلەر.

[16] 46 – سۈرە ئەھقاف، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.

[17] قاراڭ: 2 -سۈرە بەقەرە، 221 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 23 ۋە 24 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 3 – ۋە 26 – ئايەتلەر.

[18] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 4 – ۋە 24 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 5 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 32 – ئايەت.

[20] قاراڭ: 62 – سۈرە جۇمۇئە، 10 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت.

[22] قاراڭ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت.

[23] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ۋە 172 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 88 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 31 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 114 – ئايەت.

[24] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 2 -، 6 – ۋە 29 – ئايەتلەر.

[25] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

[26] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 188 -، 275 – ۋە 282 – ئايەتلەر.

[27] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە 83 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 1 – ۋە 36 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ۋە 15 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[28] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 90 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 -ئايەت.

[29] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 19 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت.

 [31] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 9 ~ 12 – ئايەتلەر.

[32] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 112 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 15 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 58 – ئايەت؛  68 – سۈرە قەلەم، 11 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 29~32 – ئايەتلەر؛ 104 – سۈرە ھۇمەزە.

[33]  – قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 30 – ۋە 31 – ئايەت.

[34] 24 – سۈرە نۇر، 27 – ئايەت.

[35] قاراڭ: 3 – ئال ئىمران، 104 -، 110 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 135 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 8 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 199 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 41 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 17 – ئايەت.

[36] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەت؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ئايەت.

[37] 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 80 – ۋە 84 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 7 -، 11 -، 12 -، 33 – ۋە 176 – ئايەتلەر.  


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ