ئۇمۇمى چۈشەنچە
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! قازانغانلىرىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە زېمىندىن سىلەرگە چىقىرىپ بەرگەن نەرىسلىرىمىزدىن ياخشىلىققا چىقىم قىلىڭلار" (بەقەرە سۈرىسى، 267 – ئايەت).
"نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار" (مۇززەممىل سۈرىسى، 20 – ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام دىنى بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇ بولسا؛ بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى، دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىش، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن، زاكات بېرىشتىن، ھەج قىلىشتىن ۋە رامىزان روزىسى تۇتۇشتىن ئىبارەت" (بۇخارىي ۋە مۇسلىم).
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە زاكات بېرىشنى كەسكىن پەرز قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى بىزگە يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. زاكاتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەرك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
زاكات – شەرىئەتتە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان مالغا ئېگە بولغان مۇسۇلماننىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىقتىسادىي ئىبادىتى بولۇپ، بۇنىڭ نۇرغۇن ھېكمەتلىرى بار:
1 – ئىنسانىيەتنىڭ نەپسىنى بېخىللىق ۋە پىخسىقلىق، ئاچكۆزلۇك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ رەزىللىكلىرىدىن پاكىزلاش.
2 – پېقىر- مىسكىنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش.
3 – ئۇممەتنىڭ ھاياتى ۋە بەخىت – سائادىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاممىۋىي مەنپەئەتلەرنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش.
4 – پۇل – مالنىڭ بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ يېنىدا جۇغلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىكى شەرتلەر
1 – زاكاتى ئايرىلىدىغان مالنىڭ زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلاردىن ئارتۇق بولۇشى. مەسىلەن: يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، مىنىدىغان ئۇلاغ (موتوسېكلىت، خۇسۇسىي ماشىنا) ۋە ھۈنەر – كەسىپ سايمانلىرى قاتارلىقلار زۆرۈر ئېھىتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. لېكىن زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن يغقان پۇللارغا زاكات كېلىدۇ.
2 – زاكات بېرىدىغان ئۆلچەمگە يەتكەن پۇلنىڭ ئۈستىدىن ھىجرىيە ھېساۋىدا بىر يىل ئۆتۈشى لازىم. بۇ بىر يىل زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇلغان ئىگە بولغان كۈندىن باشلىنىدۇ. يىل ئوتتۇرىلىرىدا پۇلنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. يىل ئاخىرىدا قولىدا قانچىلىك پول بولسا، شۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان پۇلغا ئىگە بولۇپ، يىل ئوتتۇرىدا پۇل كېمىيىپ كېتىپ، يىل ئاخىرىغىچە پۇلنى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزەلمىسە زاكات كەلمەيدۇ.
3 – نارەسىدە بالىنىڭ ۋە ساراڭ ئادەمنىڭ زاكات بەرگۈدەك مېلى بولۇپ قالسا، بۇلارنىڭ ۋەلىيىسى ئۇ مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدۇ.
4 – بىر قەرزدار كشىنىڭ قولىدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مىقداردا مېلى بولسا، قەرزىگە يەتكۈدەك مىقداردىكى پۇلنى چىقىرىۋېتىپ، قېلىپ قالغان پۇل زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكاتىنى ئايرىيدۇ. يەتمىسە زاكات ئايرىلمايدۇ.
5 – زىممىسىدە زاكات قەرزى بار كىشى ئۆلۈپ قالسا، مېلىدىن زاكىتى ئايرىلىدۇ. بۇ زاكات مېيتنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلىش، قەرزىنى ئادا قىلىش ۋە مىراس تەقسىماتىدىن بۇرۇن ئايرىلىدۇ. چۈنكى زاكات ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بىر قەرزدۇر.
6 – زاكات ئايرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن ھامان دەرھال ئادا قىلىش لازىم. كېچىكتۈرۈش قەتئىي چەكلىنىدۇ.
7 – بىر قانچە يىللىق زاكاتنى ئالدىن ئادا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
8 – زاكات ئالغۇچىنىڭ، زاكات بەرگۈچى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى ياخشى.
قەرزنىڭ زاكىتى
بىركىشىنىڭ باشقا بىر كىشىدە ئېلىشى بولۇپ، ئۇنى خالىغان چاغدا ئېلىشقا قادىر بولسا، زاكات ئايرىيدىغان چاغدا ئۇ پۇلنىڭ زاكىتى ئايرىيدۇ. ئەگەر ئېلىشى خالىغان ۋاقىتتا ئالالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا، بۇ ئېلىشىنى ئالغان كۈنى ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مالنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى ئايرىيدۇ.
زاكات ئايرىلىشقا تېگىشلىك ماللار ۋە نىسپەتلىرى
ئىسلام، ئالتۇن، كۈمۈش، زىرائەت مەھسۇلاتلىرى، مېۋىلەر، چارۋا ماللار، كان مەھسۇلاتلىرى ۋە يەرئاستى بايلىقلىرى قاتارلىق نەرسىلەردىن زاكات ئايرىشنى پەرز قىلغان.
ئالتۇننىڭ زاكىتى
ئالتۇن قەرزدىن ۋە زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن ئېشىپ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە زاكىتىنى ئايرىش پەرز بولىدۇ. ئالتۇننىڭ پۇل شەكلىدە بولۇشى، نوكچا بولۇشى ياكى رودا ئالتۇن بولۇشىنىڭ پەرقى يوق.
ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى 20 دىنار بولۇپ، بىر دىنار، 4.25 گرامغا تەڭ كېلىدۇ. 20 دىنار بولسا، 85 گرامغا تەڭ كېلىدۇ.
كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى
20 دىنار يەنى 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىكى كۈمۈشكە 2.5% نىسپەت بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا 200 دىرھەم كۈمۈشگە 20 دىنار ئالتۇن كېلەتتى. شۇڭا زاكاتنىڭ نىسابى 20 دىنار ئالتۇن ياكى 200 دىرھەم كۈمۈش دەپ بېكىتىلگەن.
ئەمما 200 دىرھەم كۈمۈشكە 20 دىنار ئالتۇن كەلمەيدىغان بولۇپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈنلەردە ئالتۇننى ئاساس قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئىشتا بايلىق ۋە پېقىرلىق ئاساس قىلىنىدۇ.
20 دىنار (85 گرام) ئالتۇنى بولغان كىشى ھەر زامان ۋە ھەر جايدا باي ھېسابلىنىدۇ. لېكىن 200 دىرھەم كۈمۈشى بولغان بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا باي ھېسابلانغان بىلەن (چۈنكى ئۇ چاغدا 200 دىرھەم كۈمۈشنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، 20 دىنار ئالتۇننىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىلەن تەڭ ئىدى) ھازىر باي ھېسابلانمايدۇ. ھەتتا 200 دىرھەم كۈمۈشى بولغان كىشى فىقىھ كىتابلىرىدا «پېقىر» دەپ تەرىپ قىلىنغانلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. مەسىلەن:
ھازىر بىر دىرھەم 2.975 گرامغا تەڭ كېلىدۇ. 200 دىرھەم بولسا، 595 گىرامغا تەڭ كېلىدۇ. 595 گرام كۈمۈشكە ئىگە بولغان بىر كىشى دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە باي ھېسابلانمايدۇ، شۇنداقلا 595 گرام كۈمۈشكە دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە 20 دىنار (85 گرام) ئالتۇن ئالغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن زاكاتتا 20 دىنار (85 گرام) ئالتۇن ئاساس قىلىنىدۇ. ئالتۇندىن باشقا پۇللارنىڭ زاكىتى، بۇ مىقداردىكى ئالتۇنغا قىياسلىنىپ تۇرۇپ ئايرىلىدۇ.
زاكات ئايرىش ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا پۇللار بىر ـ بىرگە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
بىر كىشىنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان مىقداردا ئالتۇنى ۋە بىر مىقدار كۈمۈشى ياكى قەغەز پۇلى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالتۇندىن باشقا پۇللىرى ئالتۇنغا سۇندۇرۇلغان تەقدىردە، قولىدىكى ئالتۇنغا قوشۇلۇپ، ئۇ كىشىنىڭ توپلام ئالتۇنى 20 دىنار (85 گرام) غا يەتسە، ئۇ كىشى قولىدىكى ئالتۇنغا ۋە باشقا پۇللىرىغا 2.5% نىسپەت بويىچە زاكات ئايرىيدۇ.
قەغەز پۇل ۋە چەكلەرنىڭ زاكاتى
85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل ۋە چەككە ئىگە بولغان كىشى 2.5% نىسپەت بويىچە زاكات ئايرىيدۇ. قولىدىكى پۇل ۋە چەكنىڭ قىممىتى 85 گرام ئالتۇنغا تەڭ كەلمەيدىغان كىشى زاكات ئايرىمايدۇ.
زىننەت بويۇملىرىنىڭ زاكىتى
ئالماس، گۆھەر، ياقۇت، مەرۋايىت، مارجان، زەبەرجەد ۋە قىممەتلىك تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ نەرسىلەر تىجارەت مېلى قىلىپ ئىشلىتىلسە، ئۇ چاغدا زاكات كېلىدۇ.
ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى
ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئۇ نەرسىلەرگە زاكات كېلىدۇ. مىقدار يەنىلا 2.5 % بويىچە بولىدۇ. تويلۇق ئالتۇنمۇ ئۆلچەمگە يەتسە، مۇشۇ بويىچە زاكىتى ئايرىلىدۇ.
ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆي ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىجارىسىنىڭ زاكىتى
ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆي ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىجارىسىنى ئېلىپ، بىر يىل ئاتكەندىن كېيىن زاكىتى يەنىلا 2.5 % بويىچە زاكىتى ئايرىلىدۇ. ئىجارىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ.
تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى
تىجارەت ماللىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتسە، زاكىتى ئايرىلىدۇ. بۇ ماللارنىڭ زاكات بېرىدىغان كۈندىكى سېتىۋېلىش باھاسى ئاساس قىلىنىپ، قىممىتى ئەڭ ئاز 85 گرام ئالتۇنغا تەڭ بولسا، زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ. زاكىتى 2.5% بويىچە ئايرىلىدۇ.
زىرائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مېۋىلەرنىڭ زاكىتى
بارلىق زىرائەت ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىغا زاكات كېلىدۇ. بۇ نەرسىلەرگە زاكات پەرز بولۇشتىكى ئۆلچەم 5 ۋەسەقتۇر. 5 ۋەسەق بۇگۈنكى ئۆلچەمدە 650 كىلو گرام بولۇپ، بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن ھەر بىر مەھسۇلاتتىن زاكات ئايرىش پەرز.
ئايرىلىدىغان زاكات مىقدارى سوغۇرىشنڭ پەرقلىق بولۇش بىلەن ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر زىرائەت ياكى دەرەخلەر ئېقىن سۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولسا، مەھسۇلاتلىرىغا ئوندىن بىر، ئەگەر سۇنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ياكى سۇ تارتىش ئارقىلىق سۇغىرىلىدىغان بولسا، يىگىرمىدىن بىر زاكات كېلىدۇ. فىقىھ ئىستىلاھىدا زىرائەت ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوندىن بىر زاكىتىغا ئۆشرە، يىگىرمىدىن بىر زاكىتىغا بولسا، ئۆشرىنىڭ يېرىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
(يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ دەلىلى: (1) بەقەرە سۈرىسى: 267 – ئايەت ۋە ئەنئام سۈرىسىنىڭ 141 – ئايىتى. (2) بۇخارىي، زاكات 55 – 56)
ھايۋاننىڭ زاكىتى
دىنىمىز چاراۋا ماللارغىمۇ زاكات ئايرىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەرتلىرى بار:
1 – زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى.
2 – بىر يىل ئۆتۈشى.
3 – چارۋا ماللارنىڭ يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يايلاقتا ئوتلىشى.
چارۋا ماللاردا بۇ شەرتلەر ھاسىل بولسا، تۆۋەندىكى شەكىلدە زاكات ئايرىلىدۇ:
1 – تۆگىنىڭ زاكىتى:
تۆگىنىڭ ئۆلچىمى پەرز بولغان زاكات مىقدارى
5 – 9 گىچە 1 قوي
10 – 14 گىچە 2 قوي
15 – 19 گىچە 3 قوي
20 – 24 گىچە 4 قوي
25 – 35 گىچە 1 دانە ئىككى ياشلىق چىشى تۆگە
36 – 45 گىچە 1 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
46- 60 گىچە 1 دانە تۆت ياشلىق چىشى تۆگە
61 – 75 گىچە 1 دانە بەش ياشلىق بىر چىشى تۆگە
76 – 90 گىچە 2 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
91 – 120 گىچە 2 دانە تۆت ياشلىق چىشى تۆگە
121- 129 گىچە 3 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
130 – 139 گىچە 1 دانە تۆت ياشلىق، 2 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
140 – 149 گىچە 2 دانە تۆت ياشلىق، 1 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
150 – 159 گىچە 3 دانە تۆت ياشلىق چىشى تۆگە
160 – 169 – گىچە 4 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
170 – 179 گىچە 3 دانە ئۈچ ياشلىق، 1 دانە تۆت ياشلىق چىشى تۆگە
180 – 189 گىچە 2 دانە ئۈچ ياشلىق، 2 دانە تۆت ياشلىق چىشى تۆگە
190 – 199 گىچە 3 دانە تۆت ياشلىق، 1 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى
200 – 209 گىچە 4 دانە تۆت ياشلىق ياكى 5 دانە ئۈچ ياشلىق چىشى تۆگە
بۇنىڭغا ئاساسەن ئار تۇق تۆگىنىڭ سانى 10 دىن ئاز بولسا، بىر نەرسە بېرىلمەيدۇ. 10 غا يەتسە، پەرز بولغان مىقدار ئۆزگىرىدۇ. ھەر 40 تۆگىدىن 3 ياشلىق بىر دان چىشى تۆگە، ھەر 50 تۆگىدىن تۆت ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات ئايرىلىدۇ.
بىر كىشىگە 5 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن 4 ياشلىق چىشى تۆگە بار بولسا، 4 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات ئايرىدۇ. لېكىن بۇ تۆت ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە بىلەن بىللە تاپالىسا 2 قوي بېرىدۇ. قوي يوق بولۇپ قالسا، 20 دىرھەم پۇل قوشۇپ زاكات ئايرىيدۇ.
بىر كىشىگە 4 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن بىر دانە 5 ياشلىق چىشى تۆگە بار بولسا، بۇ بىر دانە 5 ياشلىق چىشى تۆگىنى زاكات ئايرىيدۇ. زاكات ئالغۇچى بۇ كىشىگە 2 قوي ياكى 20 دىرھەم پۇل تۆلەيدۇ.
بىر كىشىگە 4 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن 3 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە بولسا، بۇ بىر دانە 3 ياشلىق چىشى تۆگىنى زاكات ئايرىيدۇ. لېكىن بۇ 3 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە بىلەن بىللە تاپالىسا 2 قوي بېرىدۇ. قوي يوق بولۇپ قالسا، 20 دىرھەم پۇل قوشۇپ زاكات ئايرىيدۇ.
بىر كىشىگە 3 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن بىر دانە 4 ياشلىق چىشى تۆگە بار بولسا، بۇ بىر دانە 4 ياشلىق چىشى تۆگىنى زاكات ئايرىيدۇ. زاكات ئالغۇچى بۇ كىشىگە 2 قوي ياكى 20 دىرھەم پۇل تۆلەيدۇ.
بىر كىشىگە 3 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن 2 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە بولسا، بۇ بىر دانە 2 ياشلىق چىشى تۆگىنى زاكات ئايرىيدۇ. لېكىن بۇ 2 ياشلىق بىر دانە چىشى تۆگە بىلەن بىللە تاپالىسا 2 قوي بېرىدۇ. قوي يوق بولۇپ قالسا، 20 دىرھەم پۇل قوشۇپ زاكات ئايرىيدۇ.
بىر كىشىگە ئىككى ياشلىق بىر چىشى تۆگە زاكات كېلىپ، تۆگىلىرىنىڭ ئىچىدە بۇنداق بىر تۆگە يوق، لېكىن بىر دانە 3 ياشلىق ئەركەك تۆگە بار بولسا، بۇ تۆگە زاكاتقا بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوشۇپ بىر نەرسە بەرمەيدۇ.
بىر كشىىنىڭ پەقەتلا تۆت دانە تۆگىسى بولسا، زاكات ئايرىمايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى خالىسا، بەر سە بولىدۇ.
2 – كالىنىڭ زاكىتى
سۇ كالىسى ۋە قۇتازمۇ كالا مېلى قاتارىغا كىرىدۇ.
30 – 39 گىچە 1 دانە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك ياكى چىشى كالا
40 – 59 گىچە 1 دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان چىشى كالا
60 – 69 گىچە 2 دانە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك كالا
70 – 79 گىچە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر چىشى، ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر ئەركەك كالا
80 – 89 گىچە 2 دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان چىشى كالا
90 – 99 گىچە 3 دانە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك كالا
100 – 109 گىچە 1 دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان چىشى، 2 دانە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك كالا
110 – 119 گىچە 2 دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان چىشى، 1 دانە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك كالا
120 3 دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان چىشى ياكى 4 دانە تۆت ياشقا قەدەم قويغان ئەركەك كالا
بۇنىڭغا ئاساسەن ئار تۇق كالىنىڭ سانى 10 دىن ئاز بولسا، بىر نەرسە بېرىلمەيدۇ. 10 غا يەتسە، پەرز بولغان مىقدار ئۆزگىرىدۇ. ھەر 30 كالىدىن 2 ياشلىق بىر دان ئەركەك كالا، ھەر 40 كالىدىن 3 ياشلىق بىر دانە چىشى كالا زاكات ئايرىلىدۇ.
3 – قوينىڭ زاكىتى
ئۆچكىمۇ قوي مېلى قاتارىغا كىرىدۇ.
40 – 120 گىچە 1 قوي
121 – 200 گىچە 2 قوي
201 – 399 گىچە 3 قوي
400 – 499 گىچە 4 قوي
500 – 599 گىچە 5 قوي
بۇنىڭدىن كېيىن ھەر 100 قويغا بىر قوي زاكات ئايرىلىدۇ. ئۆچكىنىڭ زاكىتىمۇ بۇ نىسپەت بويىچى ئايرىلىدۇ.
قويدىن 8 ئايلىقى، ئۆچكىدىن 1 ياشلىقى زاكاتقا ئېلىنىدۇ.
زاكاتقا ئېلىنمايدىغان نەرسىلەر:
ماللاردىن زاكات ئالغاندا مال ئىگىلىرىنىڭ ھەقىلىرىگە رىئايە قىلىش لازىم. مەسىلەن: ماللارنىڭ ئېسىللىرىنى ۋە ياخشىلىرىنى زاكاتقا ئالماسلىق لازىم. لېكىن مال ئىگىلىرى كەڭ قوللۇق قىلىپ بېرىۋەتسە ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك پېقىرلارنىڭ ھەققىگىمۇ رىئايە قىلىش لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن قېرى، ئۇرۇق، قوتۇر، كور ۋە ئاقساق – چولاق ماللارنى زاكاتقا ھېساپلاپ بېرىش توغرا بولمىغاندەك قوچقار، سۈتلۈك ۋە بوغاز ماللارنى زاكاتقا ھېساپلاپ ئېلىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.
چارۋا ماللاردىن باشقا ماللارنىڭ زاكىتى
چارۋا ماللاردىن باشقا ماللارغا زاكات كەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئات، قېچىر ۋە ئېشەككە زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ماللار تىجارەت مېلى بولسا، زاكات كېلىدۇ.
يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ زاكاتى
1 – رىكازنىڭ زاكىتى
كاپىرلار تەرىپىدىن سەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئۇ يەر فەتھى قىلىنغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار تەرىپىندىن تېپىلغان خەزىنىلەر رىزكاز دېيىلىدۇ. بۇنىڭ بەشدىن بىرى زاكاتقا ئايرىلىدۇ.
2 – كان بايلىقلىرى
ئىنسانلار تەرپىدىن كۆمۈلمىگەن، تەبئى بايلىقلار كان بايلىقلىرى دېيىلىدۇ. بۇ بايلىقلاردىن تېپىلىپ چىقىرىلغىنى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، زاكىتى ئايرىلىدۇ. زاكات 2.5 % بولىدۇ.
زاكاتقا ئالاقىدار باشقا ھۆكۈملەر
1 – زاكات ئايرىش ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن، زاكاتنى ئايرىشتىن بۇرۇن مال ھالاك بولۇپ كەتسە، زاكات مال ئىگىسىنىڭ زىممىسىدە قەرز بولۇپ قالىدۇ.
2 – مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، تېگىشلىك كىشى ياكى ئورۇنغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئايرىلغان زاكات ھالاك بولۇپ كەتسە، قايتا زاكات ئايرىش كېرەك.
3 – زاكاتنى كېچىكتۈرۈش ئۇنى ساقىت قىلمايدۇ. يەنى بىر كشى بىر قانچە يىللىق زاكىتىنى ئايرىمىغان بولسا (زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئىسلام دىيارىدا بولسۇن ياكى كۇفرى دىيارىدا بولسۇن پەرقى يوق)، ئىلگىرىكى زاكىتىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىيدۇ.
4 – ئىككى شېرىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق مالغا، ھەر بىر شېرىكنىڭ ھەسسسى ئايرىم ھالدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە زاكات كەلمەيدۇ.
5 – زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىغان مالغا ئىگە بولغان بىر كىشى، زاكاتتىن قېچىپ يىل توشۇشتىن ئىلگىرى ئۇ مالنى ساتسا ياكى ھەدىيە قىلىپ بېرىۋەتسە ياكى مالنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى يوقىتىۋەتسە، زاكات ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولمايدۇ.
6 – باشقىلارنىڭ زىممىسىدىكى ئېلىشىنى زاكاتقا ھېساپلاپ بېرىۋەتسە بولىدۇ.
7 – زاكاتقا بەرگەن مالنى زاكات بەرگۈچىنىڭ سېتىۋېلىشى توغرا ئەمەس.
8 – باي ئايال زاكىتىنى، زاكات ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان ئېرىگە بەرسە ياخشى بولىدۇ.
9 – زاكاتنى شەرتكە چۈشىدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلارغا بەرسە ياخشى بولىدۇ.
زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار
1 – پېقىرغا، مېلى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە بېقىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ ئېھىتىياجىنى قامداشقا يەتمەيدىغان كىشى پېقىر ھېساپلىنىدۇ. زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مېلى بولسىمۇ بۇنداق كشىى يەنىلا پېقىر ھېساپلىنىدۇ.
2 – مىسكىنگە، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك مال تاپالمايدىغان، باشقىلار تەرىپىدىن پەرق قىلىنىپ سەدىقىمۇ بېرىلمەيدىغان ۋە ئىنسانلاردىن بىر نەرسىمۇ تىلىمەيدىغان كىشىدۇر.
3 – زاكات خادىملىرىغا، يەنى باي بولسۇن ياكى نامرات بولسۇن زاكات يىغىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە يىغىلغان زاكاتتىن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.
4 – دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا. يەنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئاجىز، لېكىن قەۋمىنىڭ ئىچىدە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ياكى قەۋمنىڭ ئىمان ئېتىشى كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلار.
5 – قۇللارنى ئازات قىلىشقا. يەنى قۇللۇققا چۈشۈپ قالغان مۇسۇلمانلارنى قوللۇقتىن قوتقۇزۇش ئۈچۈن زاكات بېرىلىدۇ.
6 – قەرزدارلارغا. يەنى شەرىئەتتە گۇناھ ھېساپلانمايدىغان بىر ئىش ئارقىلىق قەرزدار بولۇپ قالغان مۇسۇلمانلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زاكات بېرىلىدۇ.
7 – ئاللاھنىڭ يولىدا. يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق يولغا زاكات بېرىلىدۇ.
8 – يولدا قالغانلارغا. يەنى ئۆز ۋەتىنىدە باي بولسىمۇ، بارغان يېرىدە ياكى يول ئۈستىدە مۇھتاج بولۇپ قالغانلار ئۈچۈن زاكات بېرىلىدۇ.
زاكات بېرىشكە بولمايدىغان كىشىلەر
1 – قەلبىنىڭ ئىسلامغا مايىل قىلىنىشى كۆزدە تۇتۇلمىغان كاپىر ۋە كوممۇنىستلار.
2 – ھاشىم ئەۋلاتلىرىغا. يەنى ئەلىنىڭ، ئۇقەيلنىڭ، جەئفەرنىڭ، ئابباسنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا.
3 – ئاتا – ئانا ۋە چوڭ ئانا ۋە چوڭ دادىلاغا.
4 – ئەۋلاتلارغا. يەنى قىز – ئوغۇللىرى ۋە نەۋرە – چەۋرىلىرىگە.
5 – خوتۇنغا.
فىتىر زاكىتى
رامىزان ئېيىنىڭ چىقىپ، ئېغىز ئېچىلىشى بىلەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان بىر خىل سەدىقىگە فىتىر سەدىقىسى ياكى فىتىر زاكىتى دېىلىدۇ.
بۇنىڭ مىقدارى، بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك تائامى ياكى پۇلى مىقدارىدا بولىدۇ.
ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدىن باشلاپ، ھېيت نامىزىغا چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدۇ.
ھېيت كۈنىدىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكىمۇ بولىدۇ.
زاكات بېرىشكە بولىدىغان يەرلەر ۋە كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. لېكىن پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشى.
ئۆشرە ۋە زاكاتقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر بۇ يەردە تۈگىدى. لېكىن پۇل مالدا ئۆشرە ۋە زاكاتتىن باشقىمۇ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ۋە ئىشلارغا داۋاملىق خەيىر – ئېھيان قىلىپ تۇرۇشىنىڭ لازىملىقى نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەردە تەشۋىق قىلىنىدۇ.
بۇ بۆلۈمدىكى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى:
بەقەر سۈرىسى، 261، 172، 264، ، 267 ۋە 276 – ئايەت؛ ئال ئىمران سۈرىسى، 180؛ نىسا، 12، 36، 92 – ئايەت؛ ئەئام سۈرىسى، 141؛ تەۋبە سۈرىسى، 34، 60، 71 ۋە 103، 104- ئايەتلەر؛ مائىدە سۈرىسى، 66، 71- 73، 80؛ كەھف سۈرىسى، 29 ۋە 79 – ئايەت؛ نەھل سۈرىسى، 5-7 گىچە؛ مۇئمىنۇن سۈرىسى، 51- ئايەت؛ مۇمتەھىنە سۈرىسى، 8 – ئايەت؛ زارىيات سۈرىسى، 15- 19 گىچە بولغان ئايەتلەر، ھەدىيد سۈرىسى، 7 – ئايەت؛ قەلەم سۈرىسى، 18-21 گىچە؛ ھەج سۈرىسى، 41 – ئايەت؛ بەييىنە سۈرىسى، 5 – ئايەت؛ مۇددەسسىر، سۈرىسى، 42 – 45 گىچە؛ زەلزەلە سۈرىس، 7 ۋە 8 – ئايەت.
بۇخارىي، مۇسلىم، ئەھمەد، نەسەئىي، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، بەيھەقىي، دارە قۇتنىي، تەبەرانىي ۋە ھاكىم قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر.