مۇسۇلمانلار
ئىستانبۇل رامىزانلىق كالېندار

رامزاننىڭ پەزىلىتى ۋە ماھىيىتى

3§. روزىنىڭ ئېيى ۋە پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ …  ١٨٥﴾

«رامىزان ئېيى شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[1]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن»[2].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل – ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا ‹مەن روزىدارمەن› دېسۇن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى رەببىگە مۇلاقات بولغان چاغدا»[3].

4§. روزىنىڭ ۋاقتى ۋە ماھىيىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أُحِلَّ لَكُمۡ لَيۡلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمۡۚ هُنَّ لِبَاسٞ لَّكُمۡ وَأَنتُمۡ لِبَاسٞ لَّهُنَّۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَخۡتَانُونَ أَنفُسَكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡ وَعَفَا عَنكُمۡۖ فَٱلۡـَٰٔنَ بَٰشِرُوهُنَّ وَٱبۡتَغُواْ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ …  ١٨٧﴾

«روزا تۇتقان كۈنلىرىڭلارنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىم، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر كىيىمسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاللاھ سىلەرگە يازغان نەرسىنى تەلەپ قىلىڭلار. تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن سىلەرگە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار»[4].

دېمەك، روزىنىڭ ۋاقتى تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتتۇر. ماھىيىتى بۇ ۋاقىت ئىچىدە  يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر. 

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 110 – 112.

[1] يەنى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا،

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «سەۋم»، 2، 9؛ مۇسلىم، «سىيام»، 164؛ مۇۋەتتا، «سىيام»، 57؛ ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، 25؛ تىرمىزى، «سەۋم»، 55؛ نەسەئى، «سىيام»، 41؛ ئىبنى ماجە، «سىيام»، 1، «ئەدەب»، 58 .

[4] 2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر