مۇسۇلمانلار تورى

جۈمەگە مېڭىش ۋە ۋاقتى 3

 جۈمەگە مېڭىش شەكلى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‏«نامازغا يۈگۈرۈپ كەلمەي، تەمكىن ھالەتتە كېلىڭلار. يېتىشەلىگەنلىرىڭلارنى ئۆتەڭلار، يېتىشەلمىگىنىڭلارنى تولۇقلاڭلار»[1]

 جۈمە نامىزىنىڭ ۋاقتى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلگەندە ئۆتىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ[2] ۋە مۇنداق دەيدۇ:

بىز جۈمەگە بالدۇر تەييارلىناتتۇق، چۈشلۈك ئۇيقۇمىزنى جۈمەدىن كېيىن ئۇخلايتتۇق[3]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىنى ھاۋا سوغۇق چاغدا بالدۇر ئوقۇيتتى. ئىسسىق بولغان چاغلاردا ھاۋانىڭ سوغۇشىنى كۈتەتتى[4].

سەلەمە ئىبنى ئەل- ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى كۈن ئېگىلگەندە ئۆتەيتتۇق. ئاندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ سايە ئىزدەيتتۇق[5].

سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە جۈمە نامىزىنى ئۆتەيتتۇق ۋە تام تۈۋىلىرىدىن ئىزدەپ بىر سايە تاپالمايتتۇق[6].

[1] – بۇخارى، جۇمۇئە 8.

[2] – بۇخارى، جۇمۇئە 16؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1084؛ تىرمىزى، جۇمۇئە 503.

[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 16.

[4] – بۇخارى، جۇمۇئە 17.

[5] – مۇسلىم، جۇمۇئە 32.

[6] – مۇسلىم، جۇمۇئە 32.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر