باش بەت > پەتىۋالار > نىكاھ  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب:

ئۆرپ – ئادەتتە، ئۈچ تالاق قىلىنغان بىر خوتۇننى ئېرىگە ھالال قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئېلىشقا «تەلىگە خوتۇن ئېلىش» دېيىلىدۇ. «تەلى» دېگەن گەپنىڭ ئەسلىسى «تەھلىل» بولۇپ، بۇ سۆز ئەرەبچىدە ھالال قىلىش دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ شۇنداق بىر ئىشكى، دىن بۇ ئىشقا يول قويمايدۇ، ئەقىل بۇ ئىشنى ئەيىبلەيدۇ، ۋىجدان بۇ ئىشنى كۆتۈرمەيدۇ، ئېستېتىكىلىق زوق بۇ ئىشتىن يىرگىنىدۇ، فىترەت بۇ ئىشنى قوبۇل قىلمايدۇ.

بۇ ئىشنىڭ توغرىسى شۇكى: ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقا بىر ئەرگە رەسمىي توي قىلىپ تېگىدۇ، بۇ ئېرى ئۆلۈپ قالسا ياكى ئۇنىڭدىن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كېتىپ قالسا، بەلگىلەنگەن ئىددىتىنى توشقۇزۇپ، ئاندىن ئاۋۋالقى ئېرى بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ. بۇ، ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ھالال بولىدۇ. بۇ، بۇ ئىشنىڭ توغرىسىدۇر، يۇقىرىدىكى ھىيلىسىدۇر


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ