مۇسۇلمانلار تورى

تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلماق

سوئال:
مائىدە سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، ئۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بەيتۇللاھ، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر قاتارلىقلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر «قىيام» قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇنى شەرھلەپ بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«جَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ذَلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ»
«ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»- مائىدە 5/97.
يەنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيەۋىي ۋە دىنى جەھەتتىن تىرىك تۇرۇش سەۋەبى قىلدى. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ ۋاقتى بولغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە بۇ قۇربانلىقلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلىشنى ھارام قىلدى، ھەج ئىبادىتى بىرقانچە كۈنلۈك بىر ئىبادەت بولسىمۇ ھەجنىڭ مەۋسۇمىنى 3 ئاي قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ۋاقىت ئىچىدە تىجارەت قىلىشىغا يول قويدى، ھەتتا بۇنىڭغا تەرغىب قىلدى. پۈتۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا كەبىنى مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە ئادا قىلىش مەركىزى قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىدە يەرمەنكە ئېچىپ مال ئېلىم-سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم-بېرىمى قىلىش ئارقىلىق مال ۋە ئىشنىڭ ئايىغىنى چىقىرىشى، بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، سىياسىي، ئەسكىرى ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشى قاتارلىقلارغا شارائىت ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەبىنى «قىيامەن لىنناس (قياما للناس) يەنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلغانلىقىدۇر. دېمەككى، ئاللاھ تائالا كەبىنى مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن تىك تۇرۇشىغا، ھەقىقىي مەنىدە تىرىك تۇرۇشىغا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ ئۆرە تۇرۇشىغا سەۋەب ۋە ۋاسىتە قىلغان.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر