ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
نىكاھدا تۇزغا نان چۇمۇراپ يېيىش بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بىدئەتمۇ؟ بۇنىڭغا ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ، دۇنيالىق ئىشتىكى ئۆرپ – ئادەتلەر، پەن – تېخنىكىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ تەئالا ئىنسانلار ئۈچۈن ناننىڭ خام ماددىلىرىنى ۋە تۇزنى يارىتىپ بەرگەن. ناننىڭ شەكىللىرىنى ۋە پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىنسانلار ئۆز ئەقىللىرى بىلەن بەلگىلەيدۇ، يېيىش ئادەتلىرىنى ئۆز زوقلىرى بىلەن تاللايدۇ: خالىسا چايغا چىلاپ يەيدۇ، خالىسا سۇغا چۇمۇراپ يەيدۇ، خالىسا قۇرۇق يەيدۇ.
كېلىن بىلەن كۈيئوغۇلغا نىكاھدا ناننى تۇزغا چۇمۇراپ يېگۈزۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ بىر ئۆرپ – ئادەتتۇر. ئۆرپ – ئادەتنى «قىلسام ساۋاب بولىدۇ، قىلمىسام گۇناھ بولىدۇ» دەپ قىلماسلىق ۋە دىنىمىزنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خالاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر تويلاردا تۇزغا نان چۇمۇراشتا شۇ تۇزدىن بىر ياخشىلىق كۈتۈش، بىرەر پايدا-مەنپەئەت ئۈمىد قىلىش ياكى بىر زىيان-زەخمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىش مەۋجۇت بولسا، بۇ تەقدىردە تويلاردا تۇزغا نان چۇمۇراپ كېلىن-كۈيئوغۇلغا يېگۈزۈش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ.
بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن
زاكاتنى پەرز قىلغان شەرتلەر
5§. زاكاتنىڭ شەرتلىرى 1. ئېھتىياجدىن ئاشقان بولۇشى زاكات كېلىدىغان مالنىڭ زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلاردىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، مىنىدىغان ئۇلاغ (موتوسىكلىت، خۇسۇسىي ماشىنا) ۋە...
2023-05-12
30 قېتىم كۆرۈلدى
ئاياللارنىڭ ئېتىكاپى
ئاياللار ئېتىكاپى بۇ ھەقتە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ پەرقلىق ئىككى كۆزقارىشى نەقىل قىلىنىدۇ: 1) جۇمھۇرنىڭ كۆزقارىشى ئاياللارمۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرماقچى بولسا مەسچىت – جامەلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇن يەر تەييارلاپ شۇ يەردە...
2023-04-14
87 قېتىم كۆرۈلدى
ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟
1. ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچىپ سالغانلارنىڭ روزىسى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا ياكى بىر نەرسە ئىچىپ...
2023-04-07
110 قېتىم كۆرۈلدى
ئاۋات سەھىپىلەر
- تەتقىقاتلار226
- پەتىۋالار651
- ئائىلە15
- ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت9
- ئاخىرەت1
- پەيغەمبەر3
- دۇئا12
- روزا17
- زاكات23
- قۇرئان31
- قۇرئان تەتقىقاتلىرى180
- قۇرئان سۆھبەتلىرى3
- قۇربانلىق6
- لازىملىق دىنىي ئىلىملەر113
- مەزھەپلەر4
- ناماز101
- ھەج6
- ھىجرەت1
- ھېكمەت ئىزدىنىشلىرى11
- ياخشىلار باغچىسى79
- ئەخلاق9
- ئۈممەت1
- ئىبادەتلەر43
- بىدئەت22
- تالاق14
- تىجارەت43
- جەننەت1
- خۇراپات8
- شېرىك20
Recent posts
خەتكۈشلەر
ئابدۇلئەزىز بايىندىر
ئاتا-ئانا
ئايال
ئىبادەت
ئىسلام
ئىسلامدا ئىبادەت
ئۆسۈم
ئېلىم-سېتىم
تالاق
تاھارەت
تىجارەت
تىجارەت ۋە جازانىخورلۇق
جازانە
جان
جىھاد
دىنىي ئىلىملەر
روزا
روھ
زاكات
سودا
سودا - سېتىق
سىن دەرس
سۈننەت
سەدىقە
شىرىك
شېرىك
قۇرئان
قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر
قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش
قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك
قەرز
كىتاب
لازىملىق دىنى ئىلىملەر
مال
مىراس
مۇجتەھىدلەرنىڭ دەۋرى
مۇسۇلمانلار
مۇشرىك
مۇھىت
ناماز
نىكاھ
پاراللېل دىن
ھىجرەت
ۋەسىلىچىلىك
ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك
Highlight option
Turn on the "highlight" option for any widget, to get an alternative styling like this. You can change the colors for highlighted widgets in the theme options. See more examples below.
Posts Widget
Post slider
Categories count color
Social Widget
Collaboratively harness market-driven processes whereas resource-leveling internal or "organic" sources.