باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

جاۋاب:

قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قايناق سۇغا توخۇنى باسقاندا توخۇنىڭ تېرىلىرىنىڭ كۆزنەكلىرى ئېچىلىپ ئىچىگە مەينەت سۇ كىرىۋالىدۇ. توخۇنى قايناق سۇدىن ئالغان ھامان ئۇ كۆزنەكلەر ئېتىلىۋالىدۇ، مەينەت سۇلار كۆزنەكلەرنىڭ ئىچىدە قالىدۇ. كېيىن يۇغان بىلەنمۇ نىجاسەت (مەينەت سۇ) ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەچكە ئۇنى چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. نىجاسەت ئارلىشىپ قالغان نەرسە نىجىس بولۇپ، ئۇنداق نەرسىنى يېيىش قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكمى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر.

لېكىن قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى توخۇ فېرمىلىرىدا توخۇ بېسىلىدىغان سۇنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى 52 گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 60 دىن ئېشىپ كەتسە توخۇ پىشىپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىس كىشىلەرنىڭ دېىيىشىچە 60 دىن تۆۋەن دەرىجىدىكى قىزىق سۇدا توخۇنىڭ تېرىلىرىدىكى كۆزنەكلەر ئېچىلمايدۇ، شۇنداقلا ئىچىگە مەينەت سۇ كىرىۋالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن توخۇ فېرمىلىرىدا قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن قىزىقلىق دەرىجىسى 60 گرادۇستىن يۇقىرى قايناق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆيلەردە قازاندا ياكى چوگۇندا ۋاراقشىتىپ قاينىتىلغان سۇلارغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇلارنى يېيىشكە ۋە پۇشۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ