باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سوئال:

ھازىرقى مۇسۇلمانلار قانچىلىك مۇسۇلمان؟ ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزدىنىشى ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە قايسى؟

جاۋاب:

ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزدىنىشى ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلە، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان بولۇپ بولمىغانلىقى مەسىلىسىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشى يەنى ھەر بىر مۇسۇلمان ”مەن، ئاتا – ئانام مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى مۇسۇلمانلار ياشىغان رايوندا ياشاۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلار مېنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانمۇ؛ ياكى مەن، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ مېنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادىتىمگە كېپىللىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، پۈتۈن سۆزلىرىمنى ۋە بارلىق ھەرىكەتلىرىمنى ئۇ دىننىڭ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىم ئۈچۈن مۇسۇلمانمۇ؟“ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. چۈنكى:

1 – ئاللاھ تەئالا: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى»[1] ۋە «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[2] دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[3] دەپ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

2 – تارىختىن بۇيان قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ ياشىغانلار نىجاتلىققا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنداق قىلمىغانلار ئازابقا يولۇقتى. چۈنكى اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[4]، «ئىززەت پەقەتلا اللەغا، اللەنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[5]. دېمەك، غالىب كېلىش ۋە ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن مۇئمىن بولۇش شەرت.

3- اللە تەئالا يۇقارقى ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا ئاتا قىلىشنى ۋەدە قىلغان ياخشىلىقنى ھازىرقى مۇئمىنلارغا ئاتا قىلمىغانلىقىغا قارىغاندا، ھازىرقى مۇئمىنلارنىڭ مۇئمىنلىقىدا بىر كاشىلا بار. چۈنكى اللە تەئالا ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ؛ بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل.

4 – ئەمەلىيەت شۇكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ھاياتلىرى ئۈچۈن رەھبەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشماقتا، پىرقىلەرگە بۆلۈنمەكتە، گۇرۇھلارغا ئايرىلماقتا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىپ ئىككى – ئۈچ ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان تېخىمۇ توغرىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان خىلمۇخىل مەزھەبلەرنىڭ مۇرىدى بولۇپ، ھەر مەزھەب مۇرىتلىرى، قۇرئاننى ھاياتىغا تەتبىقلاش ۋە ئۇنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يەتكۈزشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆز مەزھەبلىرىنى بازارغا سېلىشماقتا.

5 – ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پەرقلىق ئەمەس. مەسىلەن: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا بىر نەزەر سالىدىغان بولساق يەنى ئۆزىمىزگە بىر قارايدىغان بولساق، كۆزلىرىمىز ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئەمەل – ئىبادەت بىلەن، ئۆزىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئىلىم – مەرىپەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلارنى بەك كۆرەلمەيدۇ. مەسچىت – جامەلەرنى توپا بېسىپ كەتكەن، كىنوخانىلارغا ئادەم سىغمايۋاتقان.

ئىنساپ بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كەلسە ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يەنى بىز ھەق بىلەن باتىل، ئىمان بىلەن كۇپۇر، تەۋھىد بىلەن شېرىك، ئىبادەت بىلەن ئادەت، ھىدايەت بىلەن زالالەت، سۈننەت بىلەن بىدئەت، راست بىلەن يالغان قاتارلىقلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىيالمايۋاتىمىز. اللەتەئالانىڭ كىتابىغا چاقىرىلساق «بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى يېتەرلىك»[6] دېيىشكە جاسارەت قىلىۋاتىمىز.

ياشلىرىمىز ئىلىم ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنى يېتۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانا، ئويۇنخانا، تاۋكا، ۋاڭبا ۋە دىبالاردا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى نابۇد قىلىۋاتىدۇ. ياشانغانلىرىمىز ئۆتمۈشتىن ساۋاق، بېشىدىن ئۆتكەن ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئورنىغا گۇناھ – مەئسىيەت پاتقىقىغا پېتىشتا ئۇ ياشلاردىن قېلىشمايۋاتىدۇ.

بەزى ئوتتۇرا ياش ئادەملىرىمىز مىللەتنى توغرىغا يېتەكلەشنىڭ ئورنىغا ھالال – ھارامنى ئىلىغىماي پۇل تاپقاندىن سىرت، تاپقان پۇلىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ مەخپىي خوتۇن ئېلىش ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن زىنا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئاياللىرىمىز دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە تەتبىقلاشنىڭ ئورنىغا مودا قوغلاشتا ۋە مېھمان چاقىرىشلاردا بىر – بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتىدۇ. دىنى ئەنئەنەلىرىمىز، مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىز كۈندىن – كۈنگە يوقىلىۋاتىدۇ. رېستورانلاردىكى ئىسراپچىلىقلار ۋە ئايرىمخانىلاردىكى قەبىھ ئىشلار بىزدىن باشقا يەنە قايسى مىللەتتە تېپىلىدۇ؟؟؟

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلارنى قويۇپ ئۆزىمىز توغررۇلۇق ئىزدىنىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى: «اللەنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»[7]. ئەگەر بىزدە ئاللاھنىڭ رەھمىتى تېپىلمىسا، دېمەككى بىز يامانلىق قىلغۇچىلاردۇرمىز. بۇ تەقدىردە دەرھال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ ”ياخشىلىق قىلغۇچىلار“ قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»[8]، «سىلەرگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت، ئۆزۈڭلار قىلغان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن يېتىدۇ؛ اللە تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»[9].

——————————————————————————–

[1] – زۇمەر 39/23.

[2] – ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.

[3] – ئەنئام 6/155.

[4] – ئال ئىمران 3/139.

[5] – مۇنافىقۇن 63/8.

[6] – مائىدە 5/104.

[7] – ئەئراف 7/56.

[8] – رەئد 13/11.

[9] – شۇرا 42/30.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ