باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

11.      يالغان گۇۋاھلىق بېرىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلَّذِينَ لَا يَشۡهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّواْ بِٱللَّغۡوِ مَرُّواْ كِرَامٗا  ٧٢﴾

«ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتكە يولۇقسا ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر»[1].

12.       مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، پال

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ٩٠ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُوقِعَ بَيۡنَكُمُ ٱلۡعَدَٰوَةَ وَٱلۡبَغۡضَآءَ فِي ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِ وَيَصُدَّكُمۡ عَن ذِكۡرِ ٱللَّهِ وَعَنِ ٱلصَّلَوٰةِۖ فَهَلۡ أَنتُم مُّنتَهُونَ  ٩١﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار[2]، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟»[3].

13.       ئىپپەتلىك ئاياللارغا قارا چاپلاش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎‏

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَرۡمُونَ ٱلۡمُحۡصَنَٰتِ ٱلۡغَٰفِلَٰتِ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ لُعِنُواْ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ  ٢٣ يَوۡمَ تَشۡهَدُ عَلَيۡهِمۡ أَلۡسِنَتُهُمۡ وَأَيۡدِيهِمۡ وَأَرۡجُلُهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ  ٢٤﴾

«ئىپپەتلىك ۋە يامان ئىشتىن خەۋەرسىز مۇئمىن ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ»[4].

14.      ئوغرىلىق قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلسَّارِقُ وَٱلسَّارِقَةُ فَٱقۡطَعُوٓاْ أَيۡدِيَهُمَا جَزَآءَۢ بِمَا كَسَبَا نَكَٰلٗا مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ  ٣٨﴾

 «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[5].

15.       يالغان قەسەم ئىچىش

                ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَشۡتَرُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَأَيۡمَٰنِهِمۡ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ لَا خَلَٰقَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيۡهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ  ٧٧﴾

 «ئاز بىر مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى بۇزىدىغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار»[6].

16.       رىياكارلىق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُبۡطِلُواْ صَدَقَٰتِكُم بِٱلۡمَنِّ وَٱلۡأَذَىٰ كَٱلَّذِي يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفۡوَانٍ عَلَيۡهِ تُرَابٞ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٞ فَتَرَكَهُۥ صَلۡدٗاۖ لَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّمَّا كَسَبُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ  ٢٦٤﴾

«ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ ئەسلى ھالىتى قالغان سىلىق تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[7].

17.       پارىخورلۇق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ  ١٨٨﴾

«بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار»[8].

18.       مۇناپىقلىق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ فِي ٱلدَّرۡكِ ٱلۡأَسۡفَلِ مِنَ ٱلنَّارِ وَلَن تَجِدَ لَهُمۡ نَصِيرًا  ١٤٥﴾

«شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى تاپالمايسەن»[9].

19.       سېھىر قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱتَّبَعُواْ مَا تَتۡلُواْ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلۡكِ سُلَيۡمَٰنَۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيۡمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُواْ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحۡرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلۡمَلَكَيۡنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنۡ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحۡنُ فِتۡنَةٞ فَلَا تَكۡفُرۡۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنۡهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَزَوۡجِهِۦۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنۡ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡۚ وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ وَلَبِئۡسَ مَا شَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ  ١٠٢﴾

«ئۇلار شەيتانلارنىڭ، سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئويدۇرۇپ چىققان يالغانلىرىغا ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولمىدى، لېكىن ئۇ شەيتانلار كافىر بولدى. ئۇلار ئىنسانلارغا سېھىرنى ۋە بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۆگىتەتتى. ھالبۇكى، ئۇ ئىككى پەرىشتە: ‹بىز ئىمتىھان ۋاسىتىسىمىز. ھەرگىزمۇ كافىر بولمىغىن› دېمەستىن بىلگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئۆگەتمەيتتى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككى پەرىشتىدىن ئەر بىلەن خوتۇنىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار سېھرىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى سېتىۋەتكەن نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ!»[10].

20.   ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوشۇرۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلۡهُدَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أُوْلَٰٓئِكَ يَلۡعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلۡعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ  ١٥٩﴾

«بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ لەنەت قىلىدۇ»[11].

21.   قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَنۡ أَعۡرَضَ عَن ذِكۡرِي فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةٗ ضَنكٗا وَنَحۡشُرُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَعۡمَىٰ  ١٢٤ قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرۡتَنِيٓ أَعۡمَىٰ وَقَدۡ كُنتُ بَصِيرٗا  ١٢٥ قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتۡكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَاۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمَ تُنسَىٰ  ١٢٦﴾

«كىمكى مېنىڭ كىتابىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز. ئۇ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنۇتتۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن› دەيدۇ»[12].

22.   بوھتان چاپلاش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَن يَكۡسِبۡ خَطِيٓئَةً أَوۡ إِثۡمٗا ثُمَّ يَرۡمِ بِهِۦ بَرِيٓئًا فَقَدِ ٱحۡتَمَلَ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا  ١١٢﴾

«كىمكى بىرەر خاتالىقنى ياكى بىرەر گۇناھنى قىلىپ ئاندىن ئۇنى گۇناھسىز بىرەر ئادەمگە ئارتىپ قويسا، ئۇ ئەلۋەتتە بوھتان ۋە ئوچۇق بىر گۇناھ يۈدۈۋالغان بولىدۇ»[13].

﴿وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ بِغَيۡرِ مَا ٱكۡتَسَبُواْ فَقَدِ ٱحۡتَمَلُواْ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا  ٥٨﴾

«مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، ئۇلار قىلمىغان ئىشلار بىلەن قارىلاپ رەنجىتكەنلەر بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋېلىشقان بولىدۇ»[14].

23.   يالغان ئېيتىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ ٱلصَّٰدِقِينَ  ١١٩﴾

 «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»[15].

﴿إِنَّمَا يَفۡتَرِي ٱلۡكَذِبَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِآيَٰتِ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡكَٰذِبُونَ  ١٠٥﴾

«يالغاننى پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرلا توقۇيدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر»[16].‏

بىرىنچى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ راستچىللار بىلەن بىللە بولۇشقا بۇيرۇشى، يالغانچىلاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە يالغانچىلىقنىڭ كۇفرىلىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا باشقا ئايەتلەردە يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقىنى[17]، يالغانچىلىقنىڭ مۇناپىقنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكىنى[18]، مۇناپىقلارنىڭ كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «چوڭ ئازاب»قا، يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن «ئەلەملىك ئازاب»قا دۇچار بولىدىغانلىقىنى[19] بايان قىلىدۇ.

24.   ئىسراپ قىلىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ٣١﴾

«يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[20].‏

﴿وَءَاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَلَا تُبَذِّرۡ تَبۡذِيرًا  ٢٦ إِنَّ ٱلۡمُبَذِّرِينَ كَانُوٓاْ إِخۡوَٰنَ ٱلشَّيَٰطِينِۖ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِرَبِّهِۦ كَفُورٗا  ٢٧﴾

«تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولۇچىلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن. بۇزۇپ چاچمىغىن.‏ شۈبھىسىزكى، بۇزۇپ چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. شەيتان بولسا، رەببىگە تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر»[21].‏

25.  غەيۋەت قىلىش، يامان گۇمان قىلىش، ئەيىب ئىزدەش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱجۡتَنِبُواْ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلظَّنِّ إِنَّ بَعۡضَ ٱلظَّنِّ إِثۡمٞۖ وَ لَا تَجَسَّسُواْ وَلَا يَغۡتَب بَّعۡضُكُم بَعۡضًاۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمۡ أَن يَأۡكُلَ يَأۡكُلَ لَحۡمَ أَخِيهِ مَيۡتٗا فَكَرِهۡتُمُوهُۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ تَوَّابٞ رَّحِيمٞ  ١٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[22].

26.   مەسخىرە قىلىش، يامان لەقەم بىلەن چاقىرىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا يَسۡخَرۡ قَوۡمٞ مِّن قَوۡمٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُونُواْ
خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَلَا نِسَآءٞ مِّن نِّسَآءٍ عَسَىٰٓ أَن يَكُنَّ خَيۡرٗا مِّنۡهُنَّۖ وَلَا تَلۡمِزُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَلَا تَنَابَزُواْ بِٱلۡأَلۡقَٰبِۖ بِئۡسَ ٱلِٱسۡمُ ٱلۡفُسُوقُ بَعۡدَ ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن لَّمۡ يَتُبۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ  ١١﴾

«ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم باشقا بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ باشقا ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بىر – بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن فاسىق دەپ ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە زالىملاردۇر»[23].‏

﴿وَيۡلٞ لِّكُلِّ هُمَزَةٖ لُّمَزَةٍ  ١ ٱلَّذِي جَمَعَ مَالٗا وَعَدَّدَهُۥ  ٢ يَحۡسَبُ أَنَّ مَالَهُۥٓ أَخۡلَدَهُۥ  ٣ كَلَّاۖ لَيُنۢبَذَنَّ فِي ٱلۡحُطَمَةِ  ٤ وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا ٱلۡحُطَمَةُ  ٥ نَارُ ٱللَّهِ ٱلۡمُوقَدَةُ  ٦ ٱلَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى ٱلۡأَفۡئِدَةِ  ٧ إِنَّهَا عَلَيۡهِم مُّؤۡصَدَةٞ  ٨ فِي عَمَدٖ مُّمَدَّدَةِۢ  ٩﴾

«ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ شۇنداق كىشىكى مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى. ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ. ھۇتەمە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغان ئوتىدۇر. ئۇ شۇنداق ئوتكى دىللارغا يامىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر. ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر»[24].

بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنى كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش ئەيىبلىنىدۇ، بايلىقنى خاتا چۈشىنىۋېلىشنىڭ، ئىنساننى ناھايىتى چوڭ زىيانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، دوستلۇقلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا، جامائەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، قېرىنداشلىقنىڭ يوق بولۇشىغا، ياخشى كىشىلەرنىڭ تۆھمەت ئاستىدا قېلىشىغا ۋە جەمئىيەتتە پىتنە – پاسات تارقىلىشقا سەۋەپچى بولىدىغان، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتى يېغىشقا شارائىت ھازىرلايدىغان غەيۋەتخور، سۇخەنچى ۋە كىشىلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئادەملەر كەلگۈسىدە دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەت بايان قىلىنىدۇ.

«ۋاي» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋەيلۇن ﴿وَيْلٌ دېگەن كەلىمە «قاتتىق ئازاب، ھالاكەت، يوق بولۇش، رەسۋا بولۇش، دوزاختا بىر ۋادى، دۇئايىبەت» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «ۋاي» دېگەن سۆز بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى «ۋاي» بۇ ئىشلارنىڭ بىرىگە مۇپتىلا بولۇش نەتىجسىدە ئېيتىلىدۇ. شۇڭلاشقا ﴿وَيْلٌ دېگەن كەلىمىگە «ۋاي» دەپ مەنە بېرىلدى.

«ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ھۇمەزە ﴿هُمَزَةٍ دېگەن كەلىمە «كىشىلەرنى ئارقىلىرىدىن قاش، كۆز، ئېغىز ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھاقارەتلىمەك، مەسخىرە قىلماق، كەمسىتمەك» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ھەمز «همز» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىززىتىگە تەنە قىلىشنى، ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئېتىبارىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن زوق ئالىدىغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ.

«غەيۋەتخور» دەپ تەرجىمە قىلىنغان لۇمەزە ﴿لُّمَزَةٍ دېگەن كەلىمە «ئىنسانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماق، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتماق، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىگە تەنە قىلماق»، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان لەمز «لمز» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىنسانلارنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈز – ئابرويلىرىنى تۆكۈشنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تەنە – ھاقارەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى بولغان ﴿وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّمَزَةٍھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي! نىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئىنسانلارنى ئارقىلىرىدىن قاش، كۆز، ئېغىز ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھاقارەتلەشنى، مەسخىرە قىلىشنى، كەمسىتىشنى، ئۇلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىززىتىگە تەنە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئېتىبارىغا تىل تەگكۈزۈشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈز – ئابرويلىرىنى تۆكۈشنى، جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تەنە – ھاقارەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ۋە بۇ ئادىتى بىلەن زوق ئالىدىغان ھەر ئادەمگە ۋاي!».

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 394 – 404.

[1] 25 – سۈرە فۇرقان، 72 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت 22 – سۈرە ھەج، 30 – ئايەت.

[2]  جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۈركەپ قويۇلاتتى. بۇ ئايەت بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان (فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 285).‏

[3] 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ۋە 91 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 219 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 43 – ئايەت.

[4] 24 – سۈرە نۇر، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 24 – سۈرە نۇر، 4 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 18 – ئايەت.

[5] 5 – سۈرە مائىدە، 38 – ئايەت.

[6] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 77 – ئايەت.

[7] 2 – سۈرە بەقەرە، 264 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 4 – سۈرە نىسا، 142 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 110 – ئايەت؛ 107 – سۈرە مائۇن، 4 ~ 7 – ئايەتلەر.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 188 – ئايەت.

[9] 4 – سۈرە نىسا، 145 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 4 – سۈرە نىسا، 137 ~ 140 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 68 – ۋە 73 – ئايەتلەر؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 73 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 6 – ئايەت.

[10] 2 – سۈرە بەقەرە، 102 – ئايەت.

[11] 2 – سۈرە بەقەرە، 159 – ئايەت.

[12]  20 – سۈرە تاھا، 124 ~ 126 – ئايەتلەر.

[13] 4 – سۈرە نىسا ، 112 – ئايەت.

[14] 33 – سۈرە ئەھزاب، 58 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 24 – سۈرە نۇر، 11 ~ 20 – ئايەتلەر.

[15] 9 – سۈرە تەۋبە ، 119 – ئايەت.

[16] 16 – سۈرە نەھل، 105 – ئايەت.

[17] 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت.

[18] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 77 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 11 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 1 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 7 – ۋە 10 – ئايەتلەر.

[20] 7 – سۈرە ئەئراف، 31 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت: 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت؛

[21]  17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر: 17 – سۈرە ئىسرا، 29 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 67 – ئايەت. 

[22] 49 – سۈرە ھۇجۇرات ، 12 – ئايەت.

[23] 49 – سۈرە ھۇجۇرات ، 11 – ئايەت.

[24] 104 – سۈرە ھۇمەزە؛ مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 68 – سۈرە قەلەم، 11 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 29 ~ 32 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ