ئەلچى

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئەلچى ئەۋەتىشىمۇ ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلغانلىقىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى – ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئېلىپ كېلىپ ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاۋۋىلى ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە ئەلچىلىرىدۇر. ئۇ ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن كىتابلارنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەنلەر ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇلار ئارقىلىقمۇ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ. يەنى ئەلچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ.

ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ – ئادەت، پايدا – مەنپەئەت ۋە پىكىر – تەلەپلىرىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىنسانلار ئەلچىلەرگە قارشى چىقىدۇ. بۇ قارشى چىقىش بەزىدە تەنە – ھاقارەت، يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىش ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش شەكلىدە بولىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «سادىق، ئەمىن (راستچىل، ئىشەنچىلىك)» دەپ ئاتايدىغان مۇشرىكلار[1] ئۇنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈشكە باشلىشى بىلەن «مۇھەممەد گۇمراھ بولدى، مۇھەممەد يولدىن ئاداشتى» دېيىشكەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن[2].

1.      ئەلچىنىڭ كىملىكى

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئىنسانلاردىن تاللانغان ئەر كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡقُرَىٰٓۗ أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۗ وَلَدَارُ ٱلۡأٓخِرَةِ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ  ١٠٩﴾

«سەندىن ئىلگىرىمۇ، يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن بىز ۋەھىي قىلغان ئەرلەردىن باشقىسىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»[3].

﴿وَمَا مَنَعَ ٱلنَّاسَ أَن يُؤۡمِنُوٓاْ إِذۡ جَآءَهُمُ ٱلۡهُدَىٰٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَبَعَثَ ٱللَّهُ بَشَرٗا رَّسُولٗا  ٩٤ قُل لَّوۡ كَانَ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَلَٰٓئِكَةٞ يَمۡشُونَ مُطۡمَئِنِّينَ لَنَزَّلۡنَا عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَلَكٗا رَّسُولٗا  ٩٥﴾

«ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەندە ئىشەنمەسلىكىنىڭ بىرلا باھانىسى بار. ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ: ‹ئاللاھ ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟‹ دېيىشىدۇر.‏ ئېيتقىنكى: ئەگەر زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغانلار ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»[4].‏

2.      ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى

1)     تەبلىغ

تەبلىغ – تولۇق يەتكۈزۈش دېمەكتۇر. بۇ، ئاللاھ تائالا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ئۇچۇرنى يەتكۈزۈلىدىغان كىشىلەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئەينەن تاپشۇرۇش، مەزمۇنىنى ئۇقتۇرۇش، مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھۆكۈم – ھېكمەتلىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ  ٣٥﴾

«ئەلچىلەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى بارمۇ؟»[5].

﴿مَّا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُۗ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا تَكۡتُمُونَ  ٩٩﴾

«بۇ ئەلچىنىڭ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ»[6].‏

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلرَّسُولُ بَلِّغۡ مَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ وَإِن لَّمۡ تَفۡعَلۡ فَمَا بَلَّغۡتَ رِسَالَتَهُۥۚ وَٱللَّهُ يَعۡصِمُكَ مِنَ ٱلنَّاسِۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ  ٦٧﴾

«ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ»[7].

﴿كَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِيكُمۡ رَسُولٗا مِّنكُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِنَا وَيُزَكِّيكُمۡ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ  ١٥١﴾

«بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ شۇنداق ئىدى[8]. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە  كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ»[9].

دېمەككى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىسى «تەبلىغ»دۇر. تەبلىغ – ئىنسانلارغا ئايەتلەرنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىش ۋە قانداق ئەمەل قىلىشنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي جەھەتتىن بۇزۇق ئەقىدە، يامان ئەمەل ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىشقا، ئىلمىي جەھەتتىن جاھالەت، ئازغۇنلۇق ۋە مەنىۋى كورلۇقتىن پاكلىنىشقا يېتەكلەش، كىتابنىڭ ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇلار نېمىنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇلارغا كىتاب ئارقىلىق شۇنى ئۆگىتىش قاتارلىقلاردۇر.

2)     ئۈلگە بولۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا  ٢١﴾

«ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە – ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە – ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر»[10].

ئۈلگە بولۇش ئۆزى ئېلىپ كەلگەن كىتابقا ئۆزى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱتَّبِعۡ مَآ أُوحِيَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ وَأَعۡرِضۡ عَنِ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ١٠٦﴾

«رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن»[11].‏

﴿فَٱسۡتَمۡسِكۡ بِٱلَّذِيٓ أُوحِيَ إِلَيۡكَۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ  ٤٣﴾

«سەن، ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. سەن ئەلۋەتتە توغرا يولدىسەن»[12].

بۇ ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشتا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن مۇئمىنلارغا ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ بايان ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئەلچىلىرىنىڭ ئۆز زامانىدىكى مۇئمىنلارغا ياخشى ئۈلگە بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئوخشاشتۇر.

مەنبە:ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 11 – 15.    

[1] بۇ ھەقتە ئىككى تۈرلۈك رىۋايەت بار: 1 – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى قۇرەيش خەلقى كەبىنى يېڭىلىغان. ئۇلار ئاخىرىدا ھەجەرۇلئەسۋەدنى (كەبىنىڭ تاۋاپ باشلىنىدىغان بۇرجىكىگە بېكىتىلگەن كۈمۈش قاپلىق قارا تاشنى) قەيەرگە قويۇش توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىپ قالغان، ھەتتا قىلىچلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالغان. شۇنىڭ بىلەن  ئۇلار ئىشىكتىن دەسلەپتە كىم كىرسە ھەجەرۇلئەسۋەدنى شۇ قويسۇن دەپ ئىتتىپاقلاشقان. ئىشىكتىن دەسلەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىرگەن، ئۇلار: «بۇ ئەمىن» دېيىشكەن. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جاھىلىيەت دەۋرىدە «ئەمىن» دەپ ئاتايتتى. قاراڭ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 24: 262؛ ئەبۇ جەئفەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد تاھاۋى، شەرھۇ مۇشكىلىل ئاسار، تەھقىقلىگۈچى: شۇئەيب ئەرناۋۇت (بېيرۇت: مەكتەبەتۇر رىسالە، ھ 1415/ م 1994)، 14: 240؛ ئەبۇ ئابدىللاھ ھاكىم، مۇستەدرەك، تەھقىقلىغۇچى: مۇستافا ئابدۇلقادىر ئاتا، (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1411 / م 1990)،  1: 628. 2 – رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دەۋىتىنى باشلىغان چاغلاردا بىر كۈنى قۇرەيشنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر مەن سىلەرگە ماۋۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا بىر ئاتلىق قوشۇن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ دېسەم مېنى تەستىقلامسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «بىز سېنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىڭنى كۆرۈپ باقمىدۇق، بىز سېنىڭ پەقەت راستچىل ئىكەنلىكىڭنىلا كۆردۇق» دېيىشتى (قاراڭ: بۇخارى، «تەفسىر»، 111).  

[2] قاراڭ: 53 – سۈرە نەجم، 1 ~ 12 – ئايەتلەر.

[3] 12 – سۈرە يۇسۇف، 109 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 16 – سۈرە نەھل، 43 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 7 – ئايەت.

[4] 17 – سۈرە ئىسرا، 94 – ۋە 95 – ئايەتلەر.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 35 – ئايەت.

[6] 5 – سۈرە مائىدە، 99 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 20 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 92 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 40 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 82 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 54 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 18 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 12 – ئايەت.

[7] 5 – سۈرە مائىدە، 67 – ئايەت.

[8] يەنى بىزنىڭ سىلەرگە قىبلىنى ئۆزگەرتىپ بېرىشىمىز خۇددى بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاشلا سىلەرگە نېمىتىمىزنى تاماملاش ئۈچۈندۇر.

[9] 2 – سۈرە بەقەرە، 151 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 164 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر.

[10] 33 – سۈرە ئەھزاب، 21 – ئايەت.

[11] 6 – سۈرە ئەنئام، 106 – ئايەت؛ مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 10 – سۈرە يۇنۇس، 109 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 2 – ئايەت.

[12] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ