باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

4.      ناخشا – مۇزىكا

ئەرەبچىدە ناخشا ۋە ناخشا ئېيتىش غىنائـ «الغناء» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لۇغەت كىتابلىرىدا غىنائـ كەلىمىسى – قاپىيىلىك سۆزلەرنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىش، شۇنداق ئېيتىلغان سۆز دېگەن شەكىلدە ئىزاھلىنىدۇ. مۇزىكا (موسيقا) – چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن مۇئەييەن قائىدىلەر دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنغان تەسىرلىك ۋە مەنىلىك ئاۋازدىن ئىبارەتتۇر[1].

ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش ۋە ئۇلارنى ئاڭلاش توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بىرەر بەلگىلىمە يوق، مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر پەرقلىق. شۇڭا ئۆلىمالار بۇ توغرىدا ئىختىلاپلاشقان: بەزىلەر «ناخشا – مۇزىكا ھارام، ناخشا ئېيتىشقا، مۇزىكا چېلىشقا ۋە ئۇلارنى ئاڭلاشقا قەتئىي بولمايدۇ» دېگەن[2]، بەزىلەر «ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن بولۇش ۋە دىنى ۋەزىپىلەرگە توسالغۇ بولماسلىق شەرتى بىلەن ناخشا ئېيتىشقا، مۇزىكا چېلىشقا ۋە ئۇلارنى ئاڭلاشقا بولىدۇ» دېگەن[3]. مەسىلە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ بۇ توغرىدا تالاش – تارتىش تۈگىمىگەن. شۇڭا بىز بۇ يەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن قۇرئان – سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئىنشائاللاھ!

1)     «ھارام» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىلى

  • ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ  ٦﴾

«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار»[4].‏

بۇ ئايەتتىكى لەھۋەلھەدىسنى ﴿لَهْوَ الْحَدِيثِ﴾ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما غىنائـ (ناخشا – مۇزىكا) دەپ تەپسىر قىلغان. ساھابىنىڭ تەپسىرى دەلىلدۇر.

  • ئەبۇ ئامىر ئەشئەرى ياكى مالىك ئەشئەرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇممىتىمدىن زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ ئەسۋابلارنى ھالال سانايدىغان قەۋمىلەر بولىدۇ»[5].

2)     «مۇباھ – رۇخسەت» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىلى

  • شەيئىلەردە مۇباھلىق ئاساستۇر. يەنى ھەر نەرسە ئەسلىدە مۇباھتۇر، ھاراملىقى توغرۇلۇق بىرەر ھۆكۈم كەلمىگەن ھەر نەرسە ئەسلى مۇباھلىقى بىلەن قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا…  ٢٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى،»[6].

  • ‏ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلىيالغۇدەك كۈچتە بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق. بۇ توغرىدا كەلگەن رىۋايەتلەر ياكى زەئىپ ياكى ئويدۇرما ۋە ياكى خەبىرى ۋاھىد بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپتۇر.
  • 31 – سۈرە لۇقماننىڭ 6 – ئايىتىدىكى لەھۋەلھەدىس ﴿لَهْوَ الْحَدِيثِ﴾ ئىپادىسىدە ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل يوق، چۈنكى ئۇ ئىپادىنىڭ «غىنا» دېگەن تەپسىرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپسىرى ئەمەس، بەلكىدە ئىبنى مەسئۇدنىڭ تەپسىرىدۇر. شۇڭا ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئۇ ئىپادىنى پەرقلىق تەپسىر قىلغانلارمۇ بار[7].    

3)     بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز

(1)    ھۆكۈمنى ئاللاھ چىقىرىدۇ

 بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ئىشنىڭ ھاراملىقى قۇرئان كەرىمنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھتىن غەيرىي ھېچكىم بىرەر نەرسە توغرىسىدا ھۆكۈم بەلگىلەش  (قانۇن چىقىرىش) ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس[8]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿الٓرۚ كِتَٰبٌ أُحۡكِمَتۡ ءَايَٰتُهُۥ ثُمَّ فُصِّلَتۡ مِن لَّدُنۡ حَكِيمٍ خَبِيرٍ  ١أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّا ٱللَّهَۚ إِنَّنِي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ  ٢﴾

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن، ئايەتلىرى ئىخچام ۋە ئېنىق قىلىپ تۈزۈلگەن ھەمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»[9].‏

‏بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ھۆكۈملەرنى پەقەتلا ئاللاھ تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئىبادەتتۇر. ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش شېرىكتۇر. ئاللاھنىڭ كىتابىدا «ھارام» دېيىلمىگەن نەرسە توغرىسىدا «ھارام» دەپ چىقىرىلغان ھۆكۈمگە بويسۇنۇش ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە بىرەر ھۆكۈم بولمىسا، ئۇ نەرسە ئۆزىنىڭ مۇباھلىقى بىلەن قالىدۇ.

(2)     ھەدىسلەردىن دەلىللەر :
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: يېنىمدا ئەنسارلاردىن ئىككى قىز بۇئاس[10] كۈنى ئەنسارلار ئېيتىشقان سۆزلەر بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، بۇ ئەسنادا ئەبۇ بەكىر (يەنى ئاتام) كىردى، مېنى ئازارلىدى ۋە: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىدە شەيتان چالغۇسىمۇ؟» دېدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «ئى ئەبۇ بەكىر، ئۇلارنى چالغىلى قويغىن، چۈنكى ھەر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز» دېدى[11].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە ئەنسارلاردىن بىر يېقىنىنىڭ قىزىنى ياتلىق قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ مۇنداق دېدى: «قىزنى يوللىدىڭلارمۇ؟» دېدى، ئۇلار: ھەئە دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە نەغمە قىلىدىغان كىشىمۇ ئەۋەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، ئائىشە: ياق دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەنسارلار، غەزەل ئېيتىش ئادىتى بولغان قەۋمدۇر. كاشكى ئۇلارغا: ‹يېنىڭلارغا بىز كەلدۇق، يېنىڭلارغا بىز كەلدۇق – بولسۇن بۇ توي بىزلەرگە ھەمدە سىزلەرگە قۇتلۇق› دەيدىغان بىرىنى ئەۋەتكەن بولساڭلار» دېدى[12].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئەۋۋىزنىڭ قىزى رۇبەييىئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ تويۇم بولغان كۈنى ئەتىگەن يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى، ئۇ ئەسنادا بىرقانچە قىزچاق داپ چېلىپ بەدىردە ئۆلتۈرۈلگەن ئاتىلىرى ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇۋاتاتتى، تاكى بىر قىز: «ئارىمىزدا نەبى بار بىلىدۇ: ئەتە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ› دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق دېمىگىن، دەۋاتقىنىڭنى دېگىن» دېدى[13].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەمر ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر توي ئەسناسىدا قۇرەزە ئىبنى كەئب ۋە ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىنىڭ يېنىغا كىردىم، بىرقانچە قىز ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، چىداپ تۇرالماي: «سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ساھابىسى ۋە بەدىر ئەھلىدىن تۇرۇقلۇق يېنىڭلاردا مۇشۇنداق ئىش قىلىنسا بولامدۇ؟» دەپ تاشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «خالىساڭ ئولتۇرۇپ بىز بىلەن ئاڭلىغىن، خالىساڭ كەتكىن، بىزگە تويدا ئويناشقا رۇخسەت بېرىلدى» دېدى[14].

بۇ رىۋايەتلەر ناخشا ئېيتىش، ناخشا ئاڭلاش، ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئەر كىشىنىڭ ئاڭلىشى قاتارلىقلارنىڭ جائىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

(3)    ناخشا – مۇزىكا فىترەتكە خىلاپ ئەمەس

 ئىسلام فىترەت دىنىدۇر، يەنى جانلىقلارنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان دىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، فىترەتكە قارشى ئۇرۇش ئاچمايدۇ. جانلىقلارنىڭ تەبىئىتى ناخشا – مۇزىكا، شېئىر – غەزەللەرنى ئاڭلاشقا مايىل كېلىدۇ، ناخشا ئاڭلاش بىلەن سۆيۈنىدۇ ۋە ھۇزۇرلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:

قانداق مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بوۋاق بالا ئانىسىنىڭ ئەللەي ئېيتىشى بىلەن يىغلاشتىن توختايدۇ، ئۇخلايدۇ ۋە ئارام ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئېيتىلغان ئەللەينىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. تەبىئىتى شۇنچە قوپال بولغان تۆگە، ھەيدىگۈچىنىڭ ناخشىسى بىلەن مېڭىشىنى تېزلىتىدۇ[15]. خامانغا قېتىلغان كالا، ئېشەكلەر ھەيدىگۈچىنىڭ لاي – لاي ئېيتىشى بىلەن مېڭىشقا كۆنىدۇ.

ئىنسانلار قاتتىق سۆيۈنگەن چاغلىرىدىمۇ ئۆزىنى تۇتالماي ناخشا ئېيتىدۇ ۋە ئۇسسۇل ئويناپ تاشلايدۇ. مەسىلەن: مەدىنە ئاھالىسى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قارشى ئالغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمىگەن. ئۇلار ئېيتقان ناخشا تۆۋەندىكىچە:

تولۇن ئاي كۆرۈندى بىزگە «سەنىيياتۇلۋەدا»دىن،

شۈكۈر بۇرچ دەۋەت ئاللاھقا بولسىلا دەۋەتچىدىن،

بىزگە يوللانغان ئى ئەلچى! ئېلىپ كەلدىڭ «مەقبۇل دىن»[16].

31 – سۈرە لۇقماننىڭ 6 – ئايىتىدىكى «بىھۇدە سۆز» دېگەن مەنىدىكى لەھۋەلھەدىس ﴿لَهْوَ الْحَدِيثِ﴾ كەلىمىسىگە كەلسەك، ئۇ ئايەتنى داۋامىدىكى يەتتىنچى ئايەت ۋە ئالدىدىكى ئايەتلەر بىلەن بىر پۈتۈن ھالدا چۈشىنىش كېرەك. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردە ئىككى تۈرلۈك گۇرۇھ توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىدۇ:

بىرىنچىسى مۇئمىنلار گۇرۇھى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿الٓمٓ  ١ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡحَكِيمِ  ٢ هُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّلۡمُحۡسِنِينَ  ٣ ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَهُم بِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ  ٤ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ  ٥﴾

«ئەلىف، لام، مىم. بۇلار ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئۇ كىتاب ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. ئۇلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان، ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر»[17].

ئىككىنچىسى مۇناپىقلار گۇرۇھى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡتَرِي لَهۡوَ ٱلۡحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًاۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مُّهِينٞ  ٦ وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا وَلَّىٰ مُسۡتَكۡبِرٗا كَأَن لَّمۡ يَسۡمَعۡهَا كَأَنَّ فِيٓ أُذُنَيۡهِ وَقۡرٗاۖ فَبَشِّرۡهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ  ٧﴾

«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب بار. ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا تەكەببۇرلۇق قىلىپ يۈز ئۆرۈيدۇ، گويا ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك، گويا ئىككى قۇلىقىدا ئېغىرلىق باردەك ئىش قىلىدۇ. سەن ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»[18].

مەزكۇر «لەھۋەلھەدىس (بىھۇدە سۆز)» ئىپادىسىنى «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ‹غىنائـ (ناخشا – مۇزىكا)› دەپ تەپسىر قىلغان» دېگەن رىۋايەتتىكى «تەپسىر» تابىئىن ئۆلىمالىرىنىڭ ئارىسىدا كەلىمىنىڭ «بىردىنبىر توغرا تەپسىرى» دەپ قوبۇل قىلىنمىغان. مەزكۇر ئىپادىنى تابىئىنلاردىن داھھاكنىڭ «شېرىك»، ئاتا ئىبنى ئەبى رەباھنىڭ «باتىل» دەپ تەپسىر قىلغانلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ[19]. ئۇ ئىپادىنى دەسلەپكى مۇفەسسىرلەردىن مۇقاتىل ئىبنى سۇلەيمان (ھ 83 – 150 /م 702 – 767) «باتىل سۆز»[20]، يەھيا ئىبنى سەللام (ھ 124 – 200 / م 742 – 815) «شېرىك»[21]، فەررائـ (ھ 144 – 207 / م 761 – 822) «ئەجەملەرنىڭ كىتابى»[22] دەپ تەپسىر قىلغان.

خۇلاسە

پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن، ناخشا – مۇزىكا مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا مۇباھ بولىدۇ. ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولماسلىقى.
  • ئىسلامغا ۋە ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرگە تەنە قىلماسلىقى.
  • تېكسىتلىرى شېرىك ئىپادىلىمەسلىكى.
  • يالغان، يامان ۋە باتىلنىڭ تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى.
  • تېكىست ۋە ئىجراسىدا تۆھمەت ۋە مەسخىرە ئىپادىلىمەسلىكى.
  • ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا ئېلىپ بارماسلىقى.
  • تەلىم – تەربىيە ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشكە توسالغۇ بولماسلىقى.
  • ماددىي ياكى مەنىۋى ھېچبىر زىيانغا ئۇچراتماسلىقى.
  • ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغان مىللىي ئەنئەنىلەرنى كەمسىتمەسلىكى.
  • ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىزلىق ۋە شەھۋانىيەت ئىپادىلىمەسلىكى.

بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا تۆۋەندىكى ناخشا مۇزىكىلارغا رۇخسەت بېرىلىدۇ:

  • توي – تۆكۈن ناخشا – مۇزىكىلىرى.
  • ھېيت – بايرام ناخشا – مۇزىكىلىرى.
  • مىللەتنىڭ كىملىكىگە ئايلانغان ناخشا – مۇزىكىلار. مەسىلەن:

مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت مارشى، ئەسكەر مارشى، ئىستىقلال مارشى، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنە، ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەت، يۇرت – مەھەللىسىنىڭ ئىقلىمى ۋە مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناخشىلىرى قاتارلىقلارنى ئېيتىشقا، مۇزىكىلىرىنى چېلىشقا بولىدۇ.

بۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ مىللىي تەۋەررۈكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان 12 مۇقامنى  ۋە ھەر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەلگۈسى نەسىللەرگە مىراس قالدۇرۇش لازىم. چۈنكى مىللىي كىملىكنى قوغداش مۇھىمدۇر. بۇ ھەقتە كىتابنىڭ «ۋەتەن – مىللەت» بۆلۈمىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

  • ۋەتەننى، ئەجدادلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى ۋە ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرنى كۈيلەيدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.
  • ياخشىلىقنى مەدھىيەلەپ ياكى يامانلىقنى قامچىلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.
  •  ئىلىم – مەرىپەت، پەن – تېخنىكا، ئىتتىپاقلىق ۋە پائالىيەتچانلىققا مۇھەببەت ئىپادىلەيدىغان؛ جاھالەت، نادانلىق، تەپرىقە ۋە ھۇرۇنلۇققا نەپرەت ئىپادىلەيدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.
  • گۈزەل ئەخلاققا تەشۋىق قىلىشنى، ناچار ئىللەتلەردىن توسۇشنى ئىپادىلەيدىغان ناخشا – مۇزىكىلار.
  • بالىلارغا ئوقۇش – ئۆگىنىش، ئەدەپ – ئەخلاق ۋە دىيانەتنى سۆيدۈرۈش، ئەمەل – ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ زېھنىگە پاك ئىمان ۋە توغرا ئېتىقادنى يەرلەشتۈرۈش، ھايۋانلارنى قوغداش ۋە مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بالىلار ناخشا – مۇزىكىلىرى.

ناخشا – مۇزىكىنى ئومۇمەن ھارام دېگۈچىلەرگە مەلۇم بولغايكى، ئاللاھ تائالا ھالال ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىنى «ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ  ١١٦﴾

«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»[23].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 252 – 261.

[1] قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «غىنا». 2: 665.

[2] ئىبنى قەييىم جەۋزىيە (ھ 691 – 751 / م 1292 – 1350)، ئابدۇللاھ ئىبنى باز (ھ 1330 – 1420 / م 1910 – 1999) ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن (ھ 1347 – 1441 / م 1929 – 2001) ئۇلاردىندۇر. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى قەييىم جەۋزىيە، ئىغاسەتۇللەھفان مىن مەسايىدىش شەيتان (رىياد – ئەرەبىستان: مەكتەبەتۇلمەئارىف، تارىخسىز)، 2: 13؛ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن، فەتاۋا، نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇلمەقسۇد ئابدۇررەھىم، 4 – باسما (رىياد – ئەرەبىستان: دارۇ ئالەمىل كۇتۇب، ھ 1414 / م 1994)، 2: 929 ~ 930؛ ئىبنى باز، مەجمۇئۇ فەتاۋا، نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئىبنى سەئد شۇۋەيئىر (نەشرىيات ۋە تارىخسىز)، 3: 391.

[3] ئىبنى ھەزم (ھ 384 – 456 / م 994 – 1064)، مۇھەممەد غازالى (ھ 1335 – 1416 /م 1917 – 1996) ۋە يۇسۇف قەرداۋى ئۇلاردىندۇر. ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى ھەزم، مۇھەللا بىلئاسار (بېيرۇت: دارۇل فىكر، تارىخسىز)، 9: 60؛ قەرداۋى، فەتاۋا مۇئاسىرە،3 – باسما (كۇۋەيت: دارۇلقەلەم، ھ 1408 / م 1987)، 1: 688 – 691؛ مۇھەممەد غەزالى، ئەسسۇننەتۇن نەبەۋىييە بەينە ئەھلىل فىقھى ۋە ئەھلىل ھەدىس (قاھىرە: دارۇششۇرۇق، 2007)، 71 – 99.

[4] 31 – سۈرە لۇقمان، 6 – ئايەت.

[5] ئۇسەيمىن، فەتاۋا، 2: 929 ~ 930.

[6] 2 – سۈرە بەقەرە ، 29 – ئايەت.

[7] مۇھەممەد غەزالى، ئەسۇننەتۇن نەبەۋىييە بەينە ئەھلىل فىقھى ۋە ئەھلىل ھەدىس، 82 – 84؛ قەرداۋى، فەتاۋا مۇئاسىرە، 1: 688 ~ 693؛ ئىبنى ھەزم، مۇھەللا بىلئاسار، 4:4.

[8] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 57 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 40 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 12 – ئايەت.

[9] 11 – سۈرە ھۇد، 1 ~ 2 – ئايەتلەر.

[10] بۇئاس مەدىنىگە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئارىسىدا بولغان ئاخىرقى ئۇرۇشتۇر، رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە كېلىشى بىلەن ئۇ ئىككى قەبىلە ئۆزئارا قېرىنداش بولۇشۇپ كونا قان دەۋالىرى تۈگىگەن.

[11]  بۇخارى، «ئىيدەين»، 3، «مەناقىب»، 46؛ مۇسلىم، «ئىيدەين»، 16؛ ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 21؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد،  40: 53، 89، 41: 216، 426، 44: 570.

[12] ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 21؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 23: 379، 380، 27/267.

[13] بۇخارى، «مەغازى»، 9، «نىكاھ»، 49؛ ئەبۇ داۋۇد، «سۇنەن»، ئەدەب، 59؛ تىرمىزى، «نىكاھ»، 6؛ ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 21.

[14]  نەسەئى، «نىكاھ»، 80.

[15] قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھنىڭ تۆگە ھەيدىگەچ ناخشا ئېيتىپ ماڭىدىغان بىر ئادىمى بار ئىدى، ئىسمى ئەنجەشە ئىدى، ئاۋازى چىرايلىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «ئاستا – ئاستا ، ئى ئەنجەشە! شېشىلەرنى سۇندۇرۇۋەتمە!» دېدى. قەتادە: «يەنى ئاياللارنىڭ ئاجىزلىرىنى» دەپ قىستۇرۇپ قويغان. (بۇخارى، «ئەدەب»، 116؛ مۇسلىم، «فەزائىل»، 73). بۇ رىۋايەتتىكى «شېشىلەرنى سۇندۇرۇۋەتمە» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى قەتادەنىڭ ئىزاھاتىدىن قارىغاندا «ناخشىنى بەزى كۆڭلى ئاجىز ئاياللار تەسىرلىنىپ قالمىغۇدەك ئېيتقىن» دېگەن بولىدۇ.

[16] قاراڭ: ئىبنى قەييىم جەۋزىيە، زادۇلمەئاد،  27 – باسما (بېرۇت: مۇئەسسەتۇر رىسالە/ كۇۋەيت: مەكتەبەتۇل مەنارىل ئىسلامىييە، ھ 1415 / م 1994)،  3: 480؛ مۇبارەكفورى، رەھىقۇل مەختۇم، 401. بۇ ناخشىنىڭ ئەرەبچە تېكىستى تۆۋەندىكىچە: «طَلَعَ الْبَدْرُ عَلَيْنَا، مِنْ ثَنِيَّاتِ الْوَدَاعِ. وَجَبَ الشُّكْرُ عَلَيْنَا، مَا دَعَا لله داعِ. أَيُّهَـا الْمَبْـعُـوثُ فِـيْــنـَـا، جِئْـتَ بِـالْأَمْـرِ الْـمُطَــاعِ».

[17] 31 – سۈرە لۇقمان، 1 ~ 5 – ئايەتلەر.

[18] 31 – سۈرە لۇقمان، 6 – ۋە 7 – ئايەتلەر.

[19] قاراڭ: جەمالۇددىن ئەبۇلفەرەج ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد جەۋزى، زادۇلمەسىير فى ئىلمىتتەفسىر، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇررەززاق مەھدى (بېيرۇت: دارۇلكۇتۇبىل ئەرەبى ھ 1422 / م 2001)، 3: 430.

[20] قاراڭ: مۇقاتىل ئىبنى سۇلەيمان، تەفسىرى مۇقاتىل، تەھقىقلىغۇچى: ئابدۇللاھ مەھمۇد شىھاتە (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراس، 1423)، 3: 432.

[21] قاراڭ: يەھيا ئىبنى سەللام ئىبنى ئەبىي سەئلەبە، تەفسىرى يەھيا ئبنى سەللام، تەھقىقلىغۇچى: دوكتور ھىند شەلەبى (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1425 / م 2004)، 2: 669.

[22] ئەبۇ زەكەرىييا يەھيا ئىبنى زىياد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەنزۇر دەيلەمى فەررائـ، مەئانىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: ئەھمەد يۇسۇف نەجاتى/ مۇھەممەد ئەلى نەججار/ ئابدۇلفەتتاھ ئىسمائىل شەلەبى (مىسر: دارۇل مىسرىييە لىتتەئلىفى ۋەتتەرجىمەتى، تارىخىسىز)، 2: 326.

[23] 16 – سۈرە نەھل، 116 – ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ