باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

3.      كۈلكە – چاقچاق

ئاللاھ تائالا ئىنساننى چارچاش، ئۇخلاش، كۈلۈش، يىغلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ياراتقان[1]. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ۋە مەسئۇللۇقىدىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش  ئۈچۈن ئىشلەشكە بۇيرۇغان[2].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان داۋاملىق ئويلايدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، پىلانلايدۇ ۋە ئىشلەيدۇ[3]. ئۇ، بۇ مۇشەققەتلىك ھاياتىدا چارچايدۇ، سۆيۈنىدۇ ۋە قايغۇرىدۇ. چارچىغاندا ئارام ئېلىش، سۆيۈنگەندە كۈلۈش ۋە قايغۇرغاندا يىغلاش ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇ ئىشلاردىن مەنئى قىلىنمايدۇ، بەلكىدە مۇئەييەن چەك – چېگرا ئىچىدە قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئارام ئېلىش ھۇرۇنلۇقنى، كۈلۈش گۇناھ ياكى مەسخىرە قىلغانلىقنى، يىغلاش سەۋر قىلمىغانلىقنى ئىپادىلىمىسىلا، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ[4].

كۈلكە – كۈلۈشنىڭ نەتىجىسى بولغان ئاۋاز، چاقچاق – كۈلۈشكە سەۋەبچى بولىدىغان قىزىقارلىق گەپ ياكى ھەرىكەت دېمەكتۇر. يۇمۇر، كۈلدۈرگە ۋە كومېدىيەلەر بىرەر چاقچاق تۈرىدۇر. ئىتوت بولسا بىر تۈرلۈك تىياتىردۇر[5]. بۇلارنى يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە مۇئەييەن چەك – چېگرالار ئىچىدە يېزىش، سەھنىلەشتۈرۈش، ئىجابىي ۋە سەلبىي رول ئېلىپ ئويناش ۋە قاتنىشىشقا بولىدۇ. ئۇ چەك – چېگرالار تۆۋەندىكىچە:

  • يالغاندىن ساقلىنىش. چۈنكى يالغان ئېيتىش گۇناھتۇر[6]. بىرەر پەزىلەتنى مەدھىيەلەپ ياكى بىرەر رەزىللىكنى قامچىلاپ قىزىقارلىق قىلىپ يېزىلغان سەھنە ئەسىرىنى ئورۇنلاش باشقا، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان ئېيتىش باشقىدۇر. مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان ئېيتقان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي!»[7].

  • بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى غەيۋەت قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش گۇناھتۇر[8].
  • ئىسلامىي ۋەزىپىلىرىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك. چۈنكى ئىسلام «ساقلاشقا تېگىشلىك بەش زۆرۈر نەرسە»نىڭ بىرىدۇر[9]. شۇنداقلا مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتىدۇر.
  • ئىسلامغا ياكى ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرگە تەنە – ھاقارەت قىلىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى ئۇلارغا تەنە – ھاقارەت قىلىپ چاقچاقلىشىش كۇفرىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر[10].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 251 – 252.

[1] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 83 – ئايەت؛  9 – سۈرە تەۋبە، 92 – ۋە 120 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 71 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 16 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 62 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 58 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 19 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 43 – ئايەت؛ 78  – سۈرە نەبەئـ، 9 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 10 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 12 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس،  73 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 11 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر؛  2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت. 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 19 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 25 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 – ئايەت.

[4] 4 – سۈرە نىسا، 71 – ۋە 72 – ئايەتلەر بىلەن 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 38 – ئايىتىدە ھۇرۇنلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. 9 – سۈرە تەۋبە، 81 – ۋە 82 – ئايەتلەردە گۇناھ ھېسابلىنىدىغان كۈلۈش بايان قىلىنغان. 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 110 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 47 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 59 – ۋە 60 – ئايەتلەر؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 29 – ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردە مەسخىرە ھېسابلىنىدىغان كۈلۈش بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇسىبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئالدىدا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ۋە 153 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 200 – ئايەت)، بىر – بىرىگە سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرگەن (قاراڭ: 90 – سۈرە بەلەد، 17 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسر، 3 – ئايەت). يىغلاش نورمالدىن ئېشىپ كەتسە ئەنە شۇ سەۋر قىلىشقا بولغان ئىلاھى ئەمىر ۋە تەۋسىيەلەرگە خىلاپ كېلىدۇ.

[5] قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيەسى، «فكھ»، 2: 699، «مەلھاھ»، 2: 843، «ھزل»، 2: 985؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «كومېدىيە»، 899، «كۈلدۈرگە»، 928، «ئىتوت»، 1310، «يۇمۇر»، 1416.  

[6] يالغان ئېيتىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكى بۇ كىتابنىڭ «گۇناھلار» بۆلۈمىدە بايان قىلىندى.

[7] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 88؛ تىرمىزى، «زۇھد»، 9؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 33: 244، 248، 262؛ دارىمى، «ئىستىئزان»، 66.

[8] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 11 – ۋە 12 – ئايەتلەر.

[9] بۇ بەش نەرسە بۇ كىتابنىڭ «تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە» بۆلۈمىدە بايان قىلىندى.

[10] قاراڭ:  9 – سۈرە تەۋبە، 65 – ۋە 66 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ