باش بەت > بۈگۈنكى ئايەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

2 –  كىنو ۋە تىياتىر

كىنو – كۆرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدىكى ئېكراندا تەسۋىرلەنگەن  ھەرىكەتلىك سۈرەتلەردۇر. بۇنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىش، فىلىمگە ئېلىش، قويۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش سەنئىتى كىنوچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. تىياتىر – ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىشى بىلەن سەھنىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ھېكايەدىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىش، رول ئېلىپ ئويناش ۋە قويۇش  سەنئىتى تىياتىرچىلىق دەپ ئاتىلىدۇ[1].

ئەسلىدە كىنوچىلىق ۋە تىياتىرچىلىق بىرەر ۋەقەنى ئەتراپلىق ھالدا ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، يېزىۋالغىنىنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارغا ئۇنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى، مىسال كەلتۈرۈش ۋە تەمسىل قىلىشنىڭ جانلىق ھالىتىدۇر. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ بىرى مەسىلىنى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئاڭلىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا تاشقى ئالەمدىن ئىلىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى قورالنى ئاتا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡ‍ٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَٱلۡأَفۡ‍ِٔدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٧٨﴾

«ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن قۇلاق، كۆز ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»[2].

كۆزقاراشلارنىڭ مىسال كەلتۈرۈش بىلەن، ھادىسىلەرنىڭ تەمسىل قىلىش بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشى، مەسىلىنىڭ ئېنىق بىلىنىشىگە ۋاسىتە بولىدۇ. چۈنكى مىسال كەلتۈرۈش ۋە تەمسىل قىلىش چوڭقۇر مەنىنى كۆز ئالدىغا چىقىرىدۇ،  زېھىندىن يىراق ھەقىقەتنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەقىل بىلەن بىلىنىدىغان ھېكمەتلەرنى سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

تىياتىر ۋە كىنودىمۇ بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر مىسال بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ئوخشىتىش بىلەن جانلاندۇرۇلىدۇ. مەنىلەر ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.

 تەمسىل قىلىشتىن مەقسەت باشقىلارغا بىلىم ئۆگىتىش بولسا، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابٗا يَبۡحَثُ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُرِيَهُۥ كَيۡفَ يُوَٰرِي سَوۡءَةَ أَخِيهِۚ قَالَ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ أَعَجَزۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِثۡلَ هَٰذَا ٱلۡغُرَابِ فَأُوَٰرِيَ سَوۡءَةَ أَخِيۖ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ  ٣١﴾

 «ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: ‹ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى»[3].

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا، ئىنسان جەسىتىنى دەپنە قىلىشنى بىر قاغىنىڭ يەرنى چوقۇشىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىش بىلەن ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

باشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك كىنوچىلىق ۋە تىياتىرچىلىق بىر ۋاسىتە بولۇپ، ۋاسىتىنىڭ ھۆكمى نەتىجىسىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر نەتىجە ئېتىقادنىڭ تۈزىتىلىشى، تەقۋادارلىقنىڭ كۈچىيىشى، ياخشى ئەخلاقنىڭ يېيىلىشى، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئومۇملىشى، ئەجدادلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرىنىڭ جانلىنىشى، مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى ۋە گۈللەندۈرۈلىشى قاتارلىقلار بولسا، بۇ كىنوچىلىق ۋە تىياتىرچىلىقنى قىلىشقا، ياردەملىشىشكە، فىلىم ۋە ئويۇنلىرىنى كۆرۈشكە ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى ساھەلەردە كىنوچىلىق ۋە تىياتىرچىلىق قىلىش ياخشىدۇر، بەلكى زۆرۈردۇر:

  • تەبلىغ

ھەقنى يەتكۈزۈش، توغرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش، باتىلنى يوقىتىش، خاتالىقنى چەكلەش ۋە يامانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كىنوچىلىق ۋە تىياتىرچىلىقتىن پايدىلىنىش، ھەر تۈرلۈك ئىجابىي ۋە سەلبىي فىلىملەرنى ئىشلەش، سېنارىيە يېزىش، رول ئېلىپ ئويناش، شۇنداقلا بۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قويۇپ ئۇلارنىڭ ھەقكە رىغبەت، باتىلدىن نەپرەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش كېرەك.

نامازنى زامانىۋى جامەلەردە ئۆتەش، ئەزاننى مىكروفوندا ئوقۇش، قۇرئاننى چىرايلىق بېسىش ۋە ھەجگە ئايروپىلاندا بېرىش توغرا بولغاندەك، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىمۇ ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى مۇھىم بولغىنى تەبلىغ قىلىشتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلۡتَكُن مِّنكُمۡ أُمَّةٞ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلۡخَيۡرِ وَيَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ  ١٠٤﴾

«سىلەردىن خەيرلىك ئىشلارغا چاقىرىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان بىر ئۈممەت بولسۇن. مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر»[4].

﴿كُنتُمۡ خَيۡرَ أُمَّةٍ أُخۡرِجَتۡ لِلنَّاسِ تَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَتَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِۗ وَلَوۡ ءَامَنَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۚ مِّنۡهُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ  ١١٠﴾

«سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۇممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر»[5].

﴿ٱدۡعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِٱلۡحِكۡمَةِ وَٱلۡمَوۡعِظَةِ ٱلۡحَسَنَةِۖ وَجَٰدِلۡهُم بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ  ١٢٥﴾

«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن چاقىرغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»[6].

﴿وَٱلۡعَصۡرِ  ١ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَفِي خُسۡرٍ  ٢ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡحَقِّ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ  ٣﴾

«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»[7].

  • تارىخ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ  ٦ صِرَٰطَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِمۡ غَيۡرِ ٱلۡمَغۡضُوبِ عَلَيۡهِمۡ وَلَا ٱلضَّآلِّينَ  ٧﴾

«بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن: سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئازمىغانلارنىڭ يولىغا»[8].

ئاللاھ تائالا بۇ سۆزىدە ئۆزى ئىنئام قىلغان، غەزىپىگە يولۇققان ۋە ئېزىپ كەتكەن كىشىلەرنى زىكىر قىلىدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بايان قىلىدۇ:

1 – ئاللاھ ئىنئام قىلغان كىشىلەر: نەبىيلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردۇر (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 69 – ئايەت).

2 – قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان كىشىلەرنىڭ تۆۋەندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: يەھۇدىيلار (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 61 – ۋە 90 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 112 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 60 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 152 – ئايەت)، مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەنلەر (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 93 – ئايەت)، ھەقىقەتكە قارشى تەرسالىق قىلغانلار (قاراڭ:  7 – سۈرە ئەئراف، 71 – ئايەت.)، جەڭ مەيدانىدىن قاچقانلار (قاراڭ: 8 – سۈرە ئەنفال، 16 – ئايەت)، مۇرتەدلەر (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 106 – ئايەت)، تۇزكورلار (قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 81 – ئايەت)، ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىدىغانلار (قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 16 – ئايەت)، ئىپپىتىنى ساقلىمىغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېرىگە تۆھمەت قىلغان ئايال (قاراڭ 24 – سۈرە نۇر، 9 – ئايەت)، مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار، مۇشرىك ئەر ۋە مۇشرىك ئاياللار (قاراڭ: 48 – سۈرە فەتھ 6 – ئايەت).

3 – قۇرئان كەرىمدە ئېزىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تۆۋەندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: ئاللاھنىڭ كالامىنى يالغان دېگۈچىلەر (قاراڭ: 23 – مۇئمىنۇن، 105 – ۋە 106 – ئايەتلەر.)، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار (قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە، 12 – ئايەت)، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 167 – ئايەت)، دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 77 – ئايەت)، گۇمانغا ئەگەشكەنلەر (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 116 – ئايەت)، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلەر (14 – سۈرە ئىبراھىم، 3 – ئايەت)، فاسىقلار (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 108 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 77 – ئايەت)، ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلغانلار (قاراڭ: 46 – سۈرە ئەھقاف، 5 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 12 – ئايەت)، ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ۋەلىي قىلىۋالغانلار (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 30 – ئايەت)، زالىملار (قاراڭ: 19 – سۈرە مەريەم، 38 – ئايەت)، ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلار (قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 36 – ئايەت)، ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلار (قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 22 – ئايەت)، ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار (قاراڭ: 46 – سۈرە ئەھقاف، 32 – ئايەت)، قىيامەتنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئىنكار قىلغانلار (قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 18 – ئايەت)، مۇنافىقلار (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 8 ~ 16 – ئايەتلەر)، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى يوشۇرغانلار (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 174 – ۋە 175 – ئايەتلەر)، كافىرلار (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت)، مۇشرىكلار (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 116 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 30 – ئايەت)، مال – مۈلكىگە ۋە دۇنيانىڭ زىننىتىگە ئالدانغانلار (قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 88 – ئايەت)، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر (قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 30 – ئايەت)،  ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يىراقلاشقانلار (قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 52 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 6 – ئايەت)، دەلىلسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەنلەر (قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر)، يامان ئادەمنى دوست تۇتقانلار (قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 28 – ۋە 29 – ئايەتلەر)، راستنى يالغان دېگەنلەر (قاراڭ: 68 – سۈرە قەلەم، 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر).

يۇقىرىدىكى دۇئانىڭ، نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئوقۇشىمىز كېرەك بولغان فاتىھە سۈرىسىدە ئورۇن ئېلىشى، ئۇ دۇئانى ھەر رەكئەت نامازدا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھ ئىنئام قىلغان كىشىلەرنىڭ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان كىشىلەرنىڭ ۋە توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى، يولىنى، تارىخىنى ۋە ھاياتىنى، ئۆگىنىشنىڭ، شۇنداقلا ئاللاھ ئىنئام قىلغان كىشىلەرنى ئۈلگە ئېلىشنىڭ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان كىشىلەردىن ۋە ئېزىپ كەتكەن كىشىلەردىن ئىبرەت ئېلىشنىڭ لازىملىقىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ.  

شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەر، راستچىل، شېھىت، ياخشىلارنى (تىلى ۋە قەلىمى بىلەن ئىلمىي خىزمەت قىلغان ئۆلىما، مۇسۇلمانلارنى ھەق يولغا باشلىغان داھىي ۋە ھەق يولىغا جان – مېلىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى تىياتىر، فىلىم، كارتون فىلىملەردە جانلاندۇرۇشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇ كىشىلەرنى تونۇش ۋە تونۇتۇشنى، چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئېغىزدا سۆزلەپ بىلدۈرۈش بىلەن فىلىمدە كۆرسىتىپ بىلدۈرۈش ئوخشاشتۇر، بىرى كۆزگە، يەنە بىرى قۇلاققا قارىتىلىدۇ.

  • ھۆججەت

ئاللاھ تائالا  يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئىنكارچى، مۇشرىك ۋە گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراش، ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) قۇدرىتىنى چۈشىنىش، ھېكمىتىنى ئۆگىنىش، بۇرۇنقى ئۇممەتلەردە ئىجرا قىلىنغان ئىلاھىي قانۇننى (سۈننەتۇللاھنى) تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە سەير قىلىشقا بۇيرۇيدۇ[9]. شۇنىڭدەك، ئاسماننىڭ بىنا قىلىنىشى ۋە زىننەتلىنىشى، تۆگىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ئاسماننىڭ كۆتۈرۈلىشى، تاغلارنىڭ تىكلىنىشى ۋە زېمىننىڭ يېيىلىشى قاتارلىقلارنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ[10].

ئەنە شۇ ساھەلەردە ھەر تۈرلۈك ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ، تېلېۋىزور ۋە كىنوخانىلاردا قويۇش، يەر يۈزىدە سەير قىلالمىغان ياكى قىلالىغان تەقدىردىمۇ، يېتەرلىك دەرىجىدە ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىقى بولمىغانلىقتىن، لايىق رەۋىشتە سەير قىلالمىغان كىشىلەرنىڭ ئەنە شۇ مەقسەتلەرگە يېتىشىنى ئاسانلاشتۇرغانلىق بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 243 – 249.

[1] ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر «سىينەما»، 2: 1152، «مەسرەھىييە» 1055؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «مەسرەھىيە»، 1: 426، «سىنەما»، 1: 455؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «تىياتىر»، 378، «كىنو»، 946.  

[2] 16- سۈرە نەھل، 78 – ئايەت.

[3] 5 – سۈرە مائىدە، 31 – ئايەت.

[4] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ئايەت.

[5] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت.

[6] 16 – سۈرە نەھل، 125 – ئايەت.

[7] 103 – سۈرە ئەسر.

[8] 1 – سۈرە فاتىھە، 6 – ۋە 7 – ئايەتلەر.

[9]  قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 137 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 6 – ۋە 11 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 46 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 69 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 20 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 9 – ۋە 42 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 44 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 21 – ۋە 82 – ئايەت؛  47 – سۈرە مۇھەممەد، 10 – ئايەت.  

[10]  قاراڭ: 50 – سۈرە قاف، 6 – ئايەت؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 17 ~ 20 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ