باش بەت > «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» > ئۆسۈم > پەتىۋالار > تىجارەت  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

2§. ئۆسۈملۈك مۇئامىلە (رىبا)

1.      ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى

ئۆتنە – يېرىم مۇئامىلىسى، دىرنى قايتۇرغاندا ئۇنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە ئارتۇق تۆلەش شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ مۇئامىلە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە، دىرنىڭ ئارتۇقى ئۆسۈم، دىرنىڭ ئۆزى (پۇل ياكى ئاشلىق) جازانە بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاتالغۇ رىبا «الربا/الربوا» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ[1]. بۇ كەلىمە ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق، كۆپەيمەك ۋە ئۆرلىمەك دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ربو»دىن تۈرلەنگەن[2].

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن رِّبٗا لِّيَرۡبُوَاْ فِيٓ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرۡبُواْ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن زَكَوٰةٖ تُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُضۡعِفُونَ  ٣٩﴾

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر»[3].

بۇ ئايەت ئۆزىنىڭ مېلىنى باشقىلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ بېرىشنىڭ ئۆسۈملۈك مۇئامىلە، ئارتۇق ئېلىنغان قىسىمنىڭ ئۆسۈم، بېرىلگەن نەرسىنىڭ جازانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جازانىگە بېرىلگەن نەرسە، زاكات بىلەن قارىمۇقارشى زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنىلەرنى تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:

﴿… وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ  ٢٧٩﴾

«ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر»[4].‏

ئەسلى مال قەرز بېرىلگەن مالدۇر. ئېلىم – سېتىمدا ئەسلى مال بولمايدۇ، چۈنكى ئېلىم – سېتىم، پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە يەنە بىرىنى تېگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. قەرز مۇئامىلىسىدە قەرزنى ئارتۇق تۆلەش شەرت قىلىنغان بولسا، شۇ ئارتۇقىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن ئۆسۈمدۇر.

﴿وَإِن كَانَ ذُو عُسۡرَةٖ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيۡسَرَةٖۚ وَأَن تَصَدَّقُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ  ٢٨٠﴾

«ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر»[5].

بۇ ئايەتتىكى سەدىقە قىلىۋېتىلىدىغان ئېلىش، ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىنىڭ نەتىجىسىدە قەرزدارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەسلى قەرزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، جازانىخورلۇقنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى بىلەن ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.   

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ  ٢٧٨﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار»[6].

بۇ ئايەتتە «رىبا» كەلىمىسى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە نەتىجىسىدە قەرز ئالغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ تېخىچە ئېلىنمىغان ئۆسۈم مەنىسىدە كەلگەن.

﴿… ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡبَيۡعُ مِثۡلُ ٱلرِّبَوٰاْۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ …  ٢٧٥﴾

«… بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم – سېتىم خۇددى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ئوخشاش› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان…»[7].

بۇ ئايەتتە «رىبا» كەلىمىسى «ئېلىم – سېتىم» مەنىسىدىكى «بەيئ» بىلەن قارىمۇقارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

﴿يَمۡحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰاْ وَيُرۡبِي ٱلصَّدَقَٰتِۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ  ٢٧٦﴾

«ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[8].‏

بۇ ئايەتتە «رىبا» كەلىمىسى «سەدىقىلەر» مەنىسىدىكى «صدقات» كەلىمىسى بىلەن قارىمۇقارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى بىلەن قەرز ئالغۇچىغا بېرىلگەن ئۆسۈملۈك قەرزنى ئىپادىلەيدۇ.

﴿ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ ٱلرِّبَوٰاْ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِي يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مِنَ ٱلۡمَسِّۚ …  ٢٧٥﴾

«جازانە، ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ…»[9].

«رىبا» كەلىمىسى بۇ ئايەتتە ئۆسۈملۈك قەرز (جازانە) ھەمدە ئۆسۈم مەنىسىدە كەلگەن. ‏

مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«نېسىدىن باشقىسىدا رىبا يوق»[10].

«قولدىن قولغا (نەق) بولغان مۇئامىلىدە رىبا يوق»[11].

بۇ رىۋايەتلەرمۇ ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ، «قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىگە قەرزنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى بويىچە ئارتۇق تۆلەش شەرتى بىلەن قىلىنغان ئۆتنە – يېرىم مۇئامىلىسى»، ئۆسۈمنىڭ «قەرزدىن ھاسىل بولغان پايدا»، جازانىنىڭ «ئۆسۈم شەرتى بىلەن بېرىلگەن قەرز» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئېلىم – سېتىمنىڭ نېقىمۇ بولىدۇ، نېسىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن قەرزنىڭ نېقى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدىس رىبانىڭ پەقەت نېسىسىلا بولىدىغان قەرز مۇئامىلىسىنىڭ ئۆسۈملۈك بولغىنىدا مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن: قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا بىر يىللىق %10  ئۆسۈم بىلەن 100 تىللا قەرز بەرگەن بولسا، بۇ 100 تىللا جازانە، بۇ مۇئامىلە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بولىدۇ. ناۋادا قەرزدار يىل توشقاندا بۇ قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن 110 تىللا قىلىپ قايتۇرغان بولسا، ئارتۇق تۆلەنگەن 10 تىللا ئۆسۈم بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدىكى ئايەت – ھەدىسلەردە «رىبا» دەپ ئاتىلىدۇ.

2.      ئۆسۈملۈك مۇئاملىنىڭ ھۆكمى

ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُواْ ٱلرِّبَوٰٓاْ أَضۡعَٰفٗا مُّضَٰعَفَةٗۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ١٣٠﴾

«ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[12].‏

﴿… وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ …  ٢٧٥﴾

«… ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان…»[13].

مۇناسىۋەتلىك بەزى  رىۋايەتلەر:

  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە بەزىلەر: يا رەسۇلەللاھ! ئۇ قايسى گۇناھلار؟ دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، جازانە ۋە ئۆسۈم يېمەك، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك ئاياللارغا «زىنا قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىماق»[14].
  • ئەبۇ ئابدىللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيسسالام ئۆسۈم ئالغۇچىنى، ئۆسۈم بەرگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يېزىپ بەرگۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىنى لەنەتلىدى»[15].

3.      ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ ئاقىۋىتى

رىبانىڭ ئاقىۋىتىگە كەلسەك، بۇ ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش، ئۆسۈم ئېلىش – بېرىش ۋە چەكلىمىگە پەرۋا قىلماي جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ  ٢٧٨ فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ فَأۡذَنُواْ بِحَرۡبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ  ٢٧٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.‏ ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر»[16].‏

﴿يَمۡحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰاْ وَيُرۡبِي ٱلصَّدَقَٰتِۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ  ٢٧٦﴾

«ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار ۋە تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[17].‏

مۇناسىۋەتلىك بەزى رىۋايەتلەر:

  • ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جازانىخورلۇق يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ»[18].
  • ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جازانىخورلۇق باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پارىخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ»[19].
  • ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىدۇ»[20].

4.      رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەدبىرى

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۆتنە – يېرىم قىلىنىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، تۇز ۋە خورمىنىڭ ئېلىم – سېتىمى توغرىسىدا بىر قانۇن يولغا قويغان ۋە ئۇ نەرسىلەرنى بۇ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىپ – سېتىشنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە دەپ ھېسابلىغان. ئۇ قانۇننىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1)     تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق شەرتى

مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك نەرسىدىن بىرىنى ئۆز تۈرىگە ساتقاندا ھەر ئىككىسىنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم، بولمىسا بۇ ئېلىم – سېتىم ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى زىيادە قىلسا ياكى زىيادە تەلەپ قىلسا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»[21].

«ئالتۇننى ئالتۇنغا ھەر ئىككى بەدەل تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. بۇلاردىن يوقنى بارغا ساتماڭلار»[22].

«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ۋەزنى ۋەزنىگە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»[23].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر سا[24] سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن[25].

  • سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھۆل خورمىغا قۇرۇق خورما ئېلىشتىن مەنئى قىلدى[26] .
  • ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئالتۇنغا ئالتۇن نۆكچىسى بولسۇن دىنارى بولسۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش نۆكچىسى بولسۇن دىرھەمى بولسۇن نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ ئېلىپ – سېتىلىدۇ. بۇغدايغا بۇغداي كەمچەنگە كەمچەن ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ. ئارپىغا ئارپا كەمچەنگە كەمچەن ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ. خورمىغا خورما كەمچەنگە كەمچەن ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ. تۇزغا تۇز كەمچەنگە كەمچەن ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ. كىم زىيادە قىلسا ياكى زىيادە تەلەپ قىلسا، ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ. كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچنېمە بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچنېمە بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[27].

  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇز كەمچىنى كەمچەنگە، ۋەزنى ۋەزنىگە سېتىلىدۇ. كىم زىيادە قىلسا ياكى زىيادە قىلىشنى قوبۇل قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. تۈرلىرى پەرقلىق بولغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا»[28].

«ئالتۇنغا ئالتۇن ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ. كىم زىيادە قىلسا ياكى زىيادە تەلەپ قىلسا قىلغىنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر»[29].

«دىنارغا دىنار ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. دىرھەمگە دىرھەم ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ»[30].

  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، فەدالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بۇلاپكا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا كەلتۈرۈلدى. بۇ بۇلاپكا سېتىشقا چىقىرىلغان غەنىيمەتلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇ بۇلاپكىدىكى ئالتۇننى چىقىرىشقا بۇيرۇدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ بولۇشى كېرەك»[31].

خەيبەر كۈنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. يەھۇدىيلار بىلەن بازاردا سودا – سېتىق قىلاتتۇق. بىر ۋۇقىيە (37.3 گىرام) ئالتۇننى ئىككى  ـ ئۈچ دىنارغا ئېلىپ ـ ساتاتتۇق. رەسۇلۇللاھ ئەيھىسىسالام مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئالتۇنغا ھەر ئىككى بەدەل ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولغاندىلا ئېلىپ – سېتىڭلار»[32].

خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىغا ئېرىشتىم ۋە ئۇنى ساتماقچى بولدۇم. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلىنغان ئىدى، «ئۇنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىغىن، ئاندىن كېيىن ئۇنى ساتقىن» دېدى[33].

  • ھەنەش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر ئۇرۇشتا فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىللە ئىدۇق. مېنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ نېسىۋىمىزگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جەۋھەردىن ياسالغان بىر بۇلاپكا چۈشتى. مەن ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ ئېيتتى: بۇلاپكىنىڭ ئالتۇنىنى ئايرىپ، ئۇنى تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە، سېنىڭ ئالتۇنۇڭنى تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە قويغىن، ئاندىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ھەرگىز ئالمىغىن. شۈبھىسىزكى، مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولسا، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالتۇن – كۈمۈشتىن بىر نەرسە سېتىۋالمىسۇن»[34].

  • ئەبۇل مىنھال مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر شېرىكىم مەۋسۇمغىچىلىك ياكى ھەجگىچىلىك نېسىگە كۈمۈش ساتقاندىن كېيىن، كېلىپ ماڭا خەۋەر قىلدى. مەن: بۇ ئىشىڭ توغرا بولماپتۇ دېسەم، ئۇ: مەن ئۇنى بازاردا ساتتىم، ھېچكىم ماڭا قارشى چىقمىدى دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بەرائـ ئىبنى ئازىبنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە بىز مۇشۇنداق سودا ـ سېتىق قىلىشاتتۇق، ئۇ: «نەقمۇنەق بولسا بولىدۇ، نېسى بولغىنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر» ـ دېگەن ئىدى. قالدىسىغا سەن زەيد ئىبنى ئەرقەمنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ مەندىن چوڭ تىجارەتچى.

شۇنىڭ بىلەن مەن زەيد ئىبنى ئەرقەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇمۇ بەرائـ ئىبنى ئازىبقا ئوخشاش جاۋاب بەردى[35].

  • ئوسمان ئىبنى ئەففاندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە ساتماڭلار»[36].

2)     نەقمۇنەق شەرتى

يۇقىرىدىكى ئالتە تۈرلۈك نەرسىدىن بىرىنى باشقا تۈردىكى بىرىگە ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى لازىم، بولمىسا قىلىنغان مۇئامىلە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ھېسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

  • ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇز ئوخشىشى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق ئېلىپ – سېتىلىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنىڭ تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ئېلىپ – ساتساڭلار بولىدۇ»[37].

«ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەل نەق بولۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئالتۇننىڭ مىقدارىدىن كۆپرەك بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن نېسىسى بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەل نەق بولۇش شەرتى بىلەن ئارپىنىڭ مىقدارى بۇغداينىڭ مىقدارىدىن كۆپرەك بولسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن نېسىسى بولمايدۇ»[38].

«رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىزنى كۈمۈشكە ئالتۇننى، ئارپىغا بۇغداينى ۋە بۇغدايغا ئارپىنى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى»[39].

  • ئەبۇ مىنھال مۇنداق دەيدۇ: مەن بەرائـ ئىبنى ئازىب ۋە زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن پۇلنى پۇلغا سېتىش توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن: ئۇ مەندىن ياخشى دېدى ۋە ھەر ئىككىسى: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئالتۇننى كۈمۈشكە نېسى سېتىشتىن توستى» دېدى [40].
  • ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبتىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىنارغا دىنار ، دىرھەمگە دىرھەم سېتىلسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. كىمنىڭ كۈمۈشكە ئېھتىياجى بولسا، ئۇنى ئالتۇنغا تېگىشسۇن. كىمنىڭ ئالتۇنغا ئېھتىياجى بولسا، ئۇنى كۈمۈشكە تېگىشسۇن. پۇل تېگىشىش ئالغىن – بەرگىن، شەكلىدە بولىدۇ»[41].
  • ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى بەكرە ئاتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا سېتىشتىن مەنئى قىلدى. پەقەت ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا سېتىشقا رۇخسەت قىلدى. بىزنى ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى»[42]. بىر كىشى: قولدىن قولغىمۇ؟ (نەقمۇنەقمۇ؟) دەپ سورىغان ئىدى، «مەن شۇنداق ئاڭلىدىم» دېدى[43].
  • ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى كۈمۈشنى ئالتۇنغا ساتاتتىم. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئىشنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرى بىلەن ئۇنداق سودا قىلىشساڭ سەن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ھېساب قالسا ئۇنىڭدىن  ئايرىلمىغىن»[44].

3)     بۇ تەدبىر بىلەن تاقىۋېتىلگەن جازانىخورلۇق يوللىرى

ئىنسانلار ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، ئارپىغا ئارپا، بۇغدايغا بۇغداي، تۇزغا تۇز ۋە خورمىغا خورما ئېلىش ئېھتىياجى ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بەزى كىشىلەر ئېلىم – سېتىم ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە چەكلەنگەن بىر يەردە، قەرز مۇئامىلىسىنى ئېلىم – سېتىمدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى سۆزلىرى بىلەن بۇ يولنى تاقىۋەتكەن ۋە بۇنىڭغا مۇنۇ سۆزى بىلەن دىققەت تارتقان: «بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سانى ئىككى ساغا ساتماڭلار. ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[45].   

ئەسلىدە ئالتۇن بېرىپ ئالتۇن بىلەزۈك ئېلىش ئېلىم – سېتىمدۇر. شۇنىڭدەك، مەلۇم سۈپەتتىكى بۇغدايغا ئېھتىياجى بولغان بىر كىشىنىڭ ئۇ بۇغداينى باشقا بىر تۈرلۈك بۇغدايغا ئېلىشىمۇ، دېڭىز تۇزىغا ئېھتىياجى بولغان كىشىنىڭ ئۇ تۇزنى تاش تۇزغا ئېلىشىمۇ ئېلىم – سېتىمدۇر. بۇنداق سودىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزگە ۋاسىتە قىلىنىشى ئۈچۈن سودىنىڭ نېسى بولۇشى ۋە بەدەللەرنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك نەرسىدىن بىرىنى ئۆز تۈرىگە ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولۇشىنى، پەرقلىق تۈرگە ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق بۇ يول بىلەن جازانىخورلۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق دەيدۇ: بۇ بۇغدايغا شۇ بۇغداينى تېگىشمەكچى بولساڭ، ھەر ئىككى بەدەل تەڭ ۋە نەق بولۇش شەرتى بىلەن تېگىشكىن. مېنىڭ بۇغدىيىم سۈپەتلىك، دەيدىغان بولساڭ سېنىڭكىنى پۇلغا ساتقىن، ئۇنىڭكىنى پۇلغا ئالغىن. مەسىلەن: سېنىڭ بۇغدىيىڭنى بىر كويغا ساتقىن، ئۇنىڭ بۇغدىيىنى 90 سىنىتقا ئالغىن. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنى خەيبەرگە مەسئۇل قىلغان ئىدى. ئۇ كىشى بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر تۈرلۈك ياخشى خورما ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «خەيبەرنىڭ خورمىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئۇ كىشى: ياق، بىز بۇنىڭدىن بىر سانى باشقا خورمىدىن ئىككى ساغا، ئىككى سانى ئۈچ ساغا ئالىمىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى: «ئۇنداق قىلمىغىن، سېنىڭ خورمىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى دىرھەمگە ساتقىن، ئاندىن بۇ ياخشى خورمىنى دىرھەمگە ئالغىن»[46].

(1)    بىرىنچى شەرت ئېتىۋەتكەن يول

ئۇ ئالتە تۈرلۈك نەرسىدىن بىرىنىڭ ئۆز تۈرى بىلەن ئېلىپ – سېتىلىشىدا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇش شەرتى قويۇلمىغان بولسا ئىدى، 10 دىنار قەرز بېرىپ، مۇددەت توشقاندا 11 دىنار ئېلىش جازانىخورلۇق، 10 دىنارنى 11 دىنارغا نېسى سېتىش جائىز بولغان بولاتتى ۋە جازانىخورلۇقنى چەكلەشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايتتى.

شۇنىڭدەك، جازانىخورنىڭ 10 دىنار قەرز سورىغان كىشىگە، ئالدىنئالا پۈتۈشكەن بويىچە بىرىنى كېپىل قىلىپ ياكى مۇئەييەن قىممەتتە بىرەر ئەشيانى گۆرۈگە ئېلىپ تۇرۇپ، ئاندىن مەلۇم مۇددەت بىلەن  11 دىنار قەرز بېرەتتى، ئاندىن كېيىن قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدىكى 11 دىنارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا نەق 10 دىنارغا سېتىۋالاتتى. ھەتتا بۇ شەكىلدە قەرز بېرىدىغان مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلغان بولاتتى: 10 دىنار قەرز ئالماقچى بولغان بىر كىشى بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە بىر ئۈستەلدىن 11 دىنار قەرەللىك قەرز ئالاتتى، يەنە بىر ئۈستەلدە ئۇ 11 دىنارنى نەق 10 دىنارغا ساتاتتى. نەتىجىدە قەرز ئالغۇچى كىشى ئۇ يەردىن 10 دىنار بىلەن ئايرىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ قەرزى 11 دىنار بولاتتى. جازانىخورنىڭ ئىشلىرى بۇ شەكىلدە يۈرۈشۈپ كېتەتتى.

(2)    ئىككىنچى شەرت ئېتىۋەتكەن يول

ئۇ ئالتە تۈرلۈك نەرسىدىن بىرىنى باشقا تۈردىكى بىرى بىلەن ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق شەرتى قويۇلمىغان بولسا ئىدى، ئېلىم – سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىش مۇمكىن بولاتتى. مەسىلەن: 1 دىنار 10 دىرھەم قىممىتىدە بولسا، 1000 دىرھەم 100 دىنار قىممىتىدە بولىدۇ. ئەگەر بۇلارنى نېسى تېگىشىش چەكلەنمىسە ئىدى، جازانىخور قولىدىكى 1000 دىرھەمنى 110 دىنارغا بىر يىللىق نېسى ساتقان ۋە سېتىش پەردىسى ئاستىدا %10 ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن بولاتتى.

بۇ خىل جازانىخورلۇقنى بۇغداي ۋە ئارپىدىمۇ ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولاتتى. ئىككى كەمچەن بۇغداي، ئۈچ كەمچەن ئارپىنىڭ قىممىتىدە بولسا، جازانىخور 400 كەمچەن ئارپىغا 200 كەمچەن بۇغداينى بىر يىللىق نېسى بېرىدۇ ۋە ئېلىم – سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلالايدۇ. ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ بولۇش شەرتى بۇ يولنىمۇ ئېتىۋەتكەن.

خۇلاسە

ئالغان تەرەپ ئۆسۈم تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆتنە – يېرىم قىلىش ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر، بۇنداق ئۆتنە – يېرىمدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن پايدا ئۆسۈمدۇر، ئۆتنە بېرىلگەن پۇل – مال جازانىدۇر، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.

ئۆتنە – يېرىم ئىشلىرىنىڭ ئۆسۈمسىز بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۆتنە – يېرىم قىلغىلى بولىدىغان مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك نەرسىنى ئۆز تۈرى بىلەن تېگىشىدىغان ئىش بولسا، بەدەللەرنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى، باشقا تۈردىكى بىرى بىلەن تېگىشىدىغان ئىش بولسا بەدەللەرنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى كېرەك.

ئەمما تېگىشىش ئالتۇنغا بۇغداي، كۈمۈشكە ئارپا، قەغەز پۇلغا تۇز دېگەندەك تامامەن پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىدا بولسا، بۇ تەقدىردە بەدەللەرنىڭ نەقمۇنەق بولۇشىمۇ، تەڭمۇتەڭ بولۇشىمۇ شەرت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭ شەكلى ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ كېلىشىشىگە باغلىق، چۈنكى بۇ مۇئامىلە ئېلىم – سېتىم ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا نېقىمۇ، نېسىسىمۇ جائىز بولىدۇ.

بانكىلاردىن كرېدىت ئېلىش، ئىسمى قانداق بانكا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋە ئېلىنىدىغان كرېدىت نېمىگە ئىشلىتىلسە ئىشلىتىلسۇن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جازانىخورلۇقنىڭ زامانىۋىلاشقان شەكلىدۇر. چىرايلىق ئىسىم ئىگىسىنىڭ چىرايلىقلىقىغا دالالەت قىلمايدۇ، ھالالغا ئېرىشىش مەقسىتى ھارامنى ھالالغا ئايلاندۇرمايدۇ.

بەزى بانكىلارنىڭ ھەسسىدارلىق، پايدا ئورتاقلىقى، شېرىكلىشىپ مەبلەغ سېلىش دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلىرى ۋە ياغلىما گەپلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇلارغا پۇل (ئالتۇن، كۈمۈش، قەغەز پۇل ۋە ھاكازا) قويۇش شاكىلات يالىتىلغان زەھەرنى يېگەنلىك بىلەن ئوخشاشتۇر.

بەزى سەرراپلارنىڭ «ئالتۇن – كۈمۈش ياكى نەق پۇلىنى بىزگە ياتقۇزغانلارغا مۇنچە پىرسەنت پايدا بېرىمىز، پۇلىنى كۆپەيتىپ بېرىمىز…» دېگەندەك سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، پۇلىنى ئۇلارغا ياتقۇزغانلار ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلغان بولىدۇ، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ.

ھەر مۇسۇلماننىڭ شۇنى بىلىشى ۋە ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىمكى:

مۇسۇلمان – ئاللاھقا تەسلىم بولغان كىشىدۇر. ئاللاھقا تەسلىم بولۇش – ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشلارنى ئادا قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

 ناماز بىر كېچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىت، روزا بىلەن زاكات يىلدا بىر ۋاقىت، ھەج ئۆمۈردە بىر ۋاقىت پەرزدۇر، ئەمما ھارامدىن ساقلىنىش ھەر ۋاقىت پەرزدۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 279 – 295.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 275 -، 276 – ۋە 278 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 130 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 161 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 39 – ئايەت.

[2] ئەبۇ ئابدى راھمان خەلىل ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەمر ئىبنى تەمىم، فەراھىدى، «ربو»، كىتابۇلئەين، تەھقىقلىغۇچى: مەھدى مەخزۇمى، ئىبراھىم سامەررائى (دارۇ ۋە مەكتەبەتۇل ھىلال: تارىخسىز)، 8: 283؛ ئەھمەد ئىبنى فارىس، «ربو»، 2: 483؛ راغىب ئىسفەھانى، «ربو»، 340؛ ئىبنى مەنزۇر «ربو»، 14: 304 – 307؛ فىيرۇزئابادى، «ربو»، 1286؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيەسى، «ربو»، 1: 326. قۇرئان كەرىمدە، «ربو» دىن تۈرلەنگەن، لېكىن «رىبا» كەلىمىسىدىن پەرقلىق شەكىللەردە ئون كەلىمە كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە  بەقەرە، 265 – ۋە 276 – ئايەتلەر؛ 13 – سۈرە  رەئد، 17 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 92 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 5 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 50 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 39  -ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 39 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 10- ئايەت).

[3] 30 – سۈرە رۇم، 39 – ئايەت.

[4] 2 – سۈرە بەقەرە، 279 – ئايەت.

[5] 2 – سۈرە بەقەرە، 280 – ئايەت.

[6] 2 – سۈرە بەقەرە، 278 – ئايەت.

[7] 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 276 – ئايەت.

[9] 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[10]  بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 79؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 101، 102؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 50.

[11]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 103؛ دارىمى، «بۇيۇئـ»، 42.

[12] 3 -سۈرە ئال ئىمران، 130 – ئايەت.

[13] 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[14] بۇخارى، «ۋەسايا»، 23؛ مۇسلىم ، «ئىمان»، 145؛ ئەبۇ داۋۇد، «ۋەسايا»، 10؛ نەسەئى، «ۋەسايا»، 12.

[15] بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 25؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 105؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 4؛ تىرمىزى، «بۇيۇئـ»، 2؛ ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 58.

[16] 2 – سۈرە بەقەرە، 278 – ۋە 279 – ئايەتلەر.

[17] 2 – سۈرە بەقەرە، 276 – ئايەت.

[18] ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 58؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 6: 297، 7: 126.

[19] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 29: 356.

[20] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 6: 358.

[21] بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 54؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 82؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 12؛ تىرمىزى، «بۇيۇئـ»، 23؛ نەسەئى، «بۇيۇئــ»، 44؛ ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 48، 50.

[22]  بۇخارى، «بۇيۇئـ» 78؛ مۇسلىم «مۇساقات»، 75، 76؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 47.

[23] بۇخارى، «بۇيۇئــ»، 78؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 88؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئــ»، 13؛ تىرمىزى، «بۇيۇئــ»، 24؛ نەسەئى، «بۇيۇئــ»، 47؛ ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 48.

[24] بىر سا، مىڭ قىرىق دىرھەم ئېغىرلىقىدىكى بۇغداي ياكى ئارپا سىغىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. بىر سا – شەرئىي دىرھەمگە ئاساسەن تەخمىنەن 2 كىلو 917 گرام، ئەنئەنىۋى دىرھەمگە ئاساسەن 3 كىلو 333 گرام كېلىدۇ (ھامدى دۆندۈرەن، «سائـ»، شامىل ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى، 8: 79).

[25] بۇخارى، «ۋەكالەت»، 11؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 96، 97.

[26] ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 18؛ تىرمىزىي، «بۇيۇئـ»، 14؛ نەسەئىي، «بۇيۇئـ»، 36؛ ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 53.

[27]  ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 12؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 44.

[28]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 83؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 42؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 2/232.

[29]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 84؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 45.

[30]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 85؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 45.

[31]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 89.

[32]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 91.

[33]  نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 48.

[34]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 92.

[35]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 86؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ» 49.

[36]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 78.

[37]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 81.

[38]  ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 12.

[39]  نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 43.

[40]  بۇخارى، «بۇيۇئـ» 80.

[41]  ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 78.

[42]  بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 81؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 88.

[43]  مۇسلىم، «مۇساقات»، 88.

[44]  نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 51.

[45]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 10: 125.

[46] بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 89، «ۋەكالەت»، 3، «مەغازى»، 37، «ئىئتىسام»، 21؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 94، 95؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 41.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ