مۇسۇلمانلار تورى

ئېرى ئەرگە تەگمە دەپ ۋەسىيەت قىلغان ئايال ئەرگە تەگسە بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايال تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن توي قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە(يەنى شۇ ئاياللارغا ئېگىدارچىلىق قىلغۇچىلار غا) ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» ـ (بەقەرە سۈرىسى 234 ـ ئايەت).

ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ مۈلكى بولغان نەرسىلەرنىڭ تەسەررۇپى توغرىسىدا ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يېقىنلىق مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق دەخلى يەتمەيدىغان يېقىنلىرى (ئاتا ـ ئانىسى ۋە بالىلىرى) نىڭ بەزى ئىشلىرى توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلالايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىقتىسادى ساھەدە قىلغان ۋەسىيىتى مىراسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپ بولسا، ئۇ ۋەسىيەت ئىجرا قىلىنمايدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ، ئۆزى ۋاپات بولۇپ تۆت ئاي ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىشى توغرىسىدا تولۇق ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغان ئايالىنىڭ نىكاھى ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر! ئۇ كىشى ئۇنداق بىر ۋەسىيەت قىلغان تەقدىردە ئۇ ۋەسىيەتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر.

يەنى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بىر ئايال، يۇقارقى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ئەرگە تېگىشنى ئۇيغۇن كۆرسە ۋەلىيلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئەرگە تەگسە بولىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ «ئەرگە تەگمەي بالىلارنى ئۆزۈڭ باققىن» دېگەن سۆزى ۋەسىيەت ئەمەس، بىر ئىلتىماستۇر. ئۇ ئايالنىڭ ئۇ ئىلتىماسقا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر