مۇسۇلمانلار تورى

«ئۇممەت»نىڭ مەنىسى

سوئال:
«ئۇممەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. ئاللاھ رازى بولغاي.
جاۋاب:
ئۇممەت قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مەنىدە كېلىدۇ:
1- ئۇممەت مەجبۇرىي بولسۇن، ئىختىيارىي بولسۇن، مەلۇم ئىشتا بىرلەشكەن، بىر زاماندا ياكى بىر ماكاندا ياشىغان جامائە، توپلۇق، گۇرۇھ دېگەن بولۇپ، بۇ مەنىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
«زېمىندىكى ھەر جانلىق ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇۋاتقان ھەر ئۇچارلىق سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتلەردۇ»- (ئەنئام 6/38) دېگەن مەندىكى ئايەتتەت ئۆتكەن «ئۇممەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا بىر ياشاش يولىدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن بولىدۇ.
«ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى»- (بەقەرە 2/213) دېگەن ئايەتتىكى ئۇممەت بولسا بىر يول ئۈستىدە ئىختىيارى ھالدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 104-، 110-، 113- ئايەتلىرى ۋە ھۇد سۈرىسىنىڭ 118- ئايىتىدە ئۆتكەن «ئۇممەت»مۇ ئەنە شۇ مەنىدە كەلگەن.
2- مۇددەت مەنىسىدە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئازابنى چەكلىك بىر مۇددەت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: ‹ئۇ ئازابنى نېمە توسىدۇ؟› دەيدۇ»- ھۇد 11/8.
«يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىدىن قۇتۇلغىنى ئۇزۇن بىر مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى»- يۇسۇف 12/45. 
3- ئۈلگە ئېلىنىدىغان كىشى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
 «ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى»- نەھل 16/120.
4- مەنىۋى يول. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ياق! ئۇلار: ‹بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز› دېدى. شۇنىڭدەك بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: ‹بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز› دېدى» زۇخرۇف 43/22-23.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر