باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

1§. ھەمكارلىشىش

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ھەر نەقەدەر چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان[1] ۋە ھۆرمەتلىك قىلغان[2] بولسىمۇ، ئۇنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئاجىز ياراتقان[3]، دۇنياغا بىلىمسىز ھالەتتە كەلتۈرگەن[4]، ئۆزئارا تونۇشسۇن دەپ قەبىلە ۋە مىللەتلەرگە ئايرىغان[5]. ئۇلارنى ئىمتىھان قىلىش  ئۈچۈن[6] ۋە  بىر – بىرلىرىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سېلىشلىرى ئۈچۈن[7] كۈچ – قۇۋۋەت ۋە مال – مۈلۈكتە، ئاڭ – سەۋىيە ۋە ھۈنەر – سەنئەتتە پەرقلىق قىلغان[8]. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالا – مۇسىبەت كېلىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن[9]. پۈتۈن بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى بىر – بىرىگە موھتاج قىلغان ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش تۇيغۇسىنى تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن[10].

شۇنىڭدەك، كۈچلۈكلەرنى ئاجىزلارنى يۆلەشكە، بايلارنى كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشقا تەشۋىق ۋە ئەمر قىلغان[11]. ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىشنى، پېقىر – مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىشنى، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاشنى ۋە يىراق – يېقىن قوشنىلارغا خەيرخاھلىق قىلىشنى ئىسلامنىڭ پەرزلىرى قىلغان[12]. خەيرلىك ئىشلارغا چاقىرىشنى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى مۇراد – مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋە «ئەڭ خەيرلىك ئۇممەت» بولۇشنىڭ شەرتى قىلىپ بەلگىلىگەن[13]. ياخشى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشتا ئۆزئارا ياردەملىشىش توغرىسدا ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن[14].

پۈتۈن بۇلار ھەر جەمئىيەت مەنسۇپىنىڭ بىر تەرەپتىن باشقىلاردىن ياردەم ئالىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ جەمئىيەت، قەبىلە ۋە مىللەت بولۇشنىڭ تەبىئىي تەلىپى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلاھى ھېكمەت ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇنداق شەكىللىنىشىنى ئىرادە قىلغان. ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۇ تەلەپنى ئورۇندىغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئادا قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە توغرا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ناھايىتى مۇھىم.   

1.      ھەمكارلىشىشنىڭ مەنىسى ۋە ئېنىقلىمىسى

ھەمكارلاشماق (تەئاۋۇن)نىڭ لۇغەت مەنىسى بىر – بىرىنى قوللىماق، بىر – بىرىگە يار – يۆلەك بولماق، ياردەم قىلماق، مەدەت بەرمەك، ئىشىنى قىلىشىپ بەرمەك دېگەن بولىدۇ[15]. شەرئىي مەنىسى بولسا شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىشتا، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىقتا باشقىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرمەك، مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەك دېگەن بولىدۇ[16].

2.      ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ  ٥ ٱهۡدِنَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ  ٦﴾

«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن»[17].

بۇ ئايەتلەردە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش، ياردەمنى ئاللاھتىنلا تىلەش ۋە ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەش پېئىللىرى كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن. بۇ دالالەت قىلىدۇكى،  ئېتىقادتا بىرلىك چۈشەنچىسى، ئەمەلدە ھەمكارلىق روھى ۋە مەنپەئەتتە كوللېكتىپچىلىق ئېڭى مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى بىر – بىرىگە مەسئۇل قىلغان[18].

بۇ ئايەتلەر ھەر كۈنى نامازدا نەچچە ئون قېتىم ئوقۇلىدىغان فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان. ھەر نامازخان نامىزىنى مەيلى يالغۇز ئۆتىسۇن، مەيلى جامائەت بىلەن ئۆتىسۇن بۇ ئايەتنى مۇشۇ بويىچە ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەمكارلىق روھىنى جانلىق تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ «مەن» دېمەستىن «بىز» دەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ نامىزىدا «سۈرە فاتىھە» ئوقۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقى بىلەن بىرلىكتە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ نامىدىن ئاللاھقا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ئەھدە بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىقتا ئۆزئارا ياردەملىشىشى بۇ ئەھدىسدە تۇرغانلىقىنى، ياردەملەشمەسلىكى بۇ ئەھدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

3.      ھەمكارلىشىشنىڭ ھۆكمى ۋە ساھەسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ …  ٢﴾

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار»[19].

بۇ ئايەت ھەمكارلىقنىڭ ھۆكمىنىڭ پەرز، ساھەسىنىڭ «ياخشىلىق» ۋە «تەقۋالىق» ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ياخشىلىق ۋە تەقۋالىقنى بايان قىلىپ باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّيۡسَ ٱلۡبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ قِبَلَ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلۡكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّ‍ۧنَ وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُوفُونَ بِعَهۡدِهِمۡ إِذَا عَٰهَدُواْۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِي ٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلۡبَأۡسِۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ  ١٧٧﴾

«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلارلا ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا – مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر»[20].

دېمەككى، «ياخشىلىق» ۋە «تەقۋالىق» ئىماننىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش، نامازنى ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش ۋە ئەخلاقنى ياخشىلاش قاتارلىقلار بولۇپ، ئاللاھ رازى بولىدىغان پاك ئىمان، ياخشى ئەمەل ۋە پۈتۈن گۈزەل سۆز – ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1)     ئىماننىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش

 ئىماننىڭ شەرتلىرى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. بۇ تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

(1) ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش – ئاللاھنىڭ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا شېرىكى يوق ئىكەنلىكى بىلەن پۈتكۈل مەۋجۇدات ۋە جىمى مەخلۇقاتنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا لايىق بولۇشتا شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنىڭ ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئەقلىي دەلىل بىلەن ئورۇنلىشىشى، تاشقى دۇنياسىدا ئىتائەت بىلەن ئەكس ئېتىشى دېمەكتۇر[21].

بۇ ئىماننىڭ ئىگىسى مەن توغرا يولدا ماڭساملا، مەن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەملا، مەن بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولمىساملا، مەن چېكىنمىسەملا ئاللاھ مېنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئىشەنچ قىلىدۇ[22]. بۇ ئىشەنچ ھاسىل بولسا بەندە پىكىر – تەسەۋۋۇردا، گەپ – سۆزدە ۋە يۈرۈش – تۇرۇشتا يامانلىقتىن ساقلىنىدۇ.

(2) ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش – بۇ دۇنيانىڭ بىر مۇددىتىنىڭ بارلىقى[23]، ئۇ مۇددەت تۈگىگەندە بارلىق مەخلۇقاتنىڭ يوق بولىدىغانلىقى[24]، ئاندىن يېڭى بىر كۈن باشلىنىدىغانلىقى، ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، ھېسابنىڭ نەتىجىسىدە جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، جەننەت نېمىتىنىڭ ۋە دوزاخ ئازابىنىڭ مەڭگۈ بولىدىغانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىغا[25] ئىشىنىش دېمەكتۇر.

بۇ ئىشىنىش ھاسىل بولسا بەندە بۇ ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە ئالدانمايدۇ، ئەسلى ھاياتىدا جازادىن ساقلىنىش ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ.

(3) پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش – ئاللاھنىڭ پەرىشتە (مالائىكە) دەپ ئاتىلىدىغان[26]، پەرقلىق ساندا قاناتلىرى بولغان[27]، ئاللاھتىن بەك قورقىدىغان، كىبىر قىلمايدىغان، ئاسىيلىق قىلمايدىغان ۋە ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغان ھۆرمەتلىك بەندىلىرىنىڭ بارلىقىغا[28]، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرۇشنىڭمۇ بارلىقىغا[29] ئىشىنىش دېمەكتۇر.

بۇ ئىشىنىش ھاسىل بولسا بەندە ئۆزىنىڭ يېنىدا ھەر دائىم ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقى، ئېغىزىدىن چىقارغان ھەر سۆزى ۋە سادىر قىلغان ھەر ھەرىكىتىنى ئۇلارنىڭ دەپتەرگە يېزىپ تۇرىدىغانلىقى[30]، ئۇ دەپتەرنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆزىگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئاخىرەتتىكى ھاياتىنىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بولۇشىنىڭ ئۇ دەپتەردىكى خەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغانلىقى[31] قاتارلىقلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ – دە، ئۇ دەپتەرگە پەقەت ياخشىلىقنىڭلا يېزىلىشى ئۈچۈن دىققەت قىلىدۇ.

(4) كىتابقا ئىمان كەلتۈرۈش – ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى تاللاپ[32]، ئۆز ھېكمىتى ئىنسانىيەتكە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان سۆزلىرىنى پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق ئۇلارغا نازىل قىلغانلىقى[33]، ئۇ سۆزلەر سەھىپىلەر (بەتلەر)گە يېزىلىپ كىتابلار ھاسىل بولغانلىقى ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتنىڭ ئۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن ياشاشقا باغلىق ئىكەنلىكى[34]، ئۇ كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئىكەنلىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر نەرسىنى بايان قىلغانلىقى[35]، نازىل بولغاندىن ئېتىبارەن ئىلگىرىكى ئىلاھىي كىتابلارنىڭ مەنسۇخ قىلىنغانلىقى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى)[36] ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشىنىڭ لازىملىقى[37] قاتارلىقلارغا ئىشىنىش دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىمگە بۇ شەكىلدە ئىشەنگەن كىشى قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىمان – ئېتىقادى شېرىكتىن، ئەمەل – ئىبادىتى بىدئەتتىن، ئەدەپ – ئەخلاقى ناچارلىقتىن، مۇئامىلە – مۇناسىۋىتى يامانلىقتىن ۋە پىكىر – تەسەۋۋۇرى خۇراپاتتىن پاكلىنىدۇ.

(5) نەبىيلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش – ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى خالىغان بەندىسىگە ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ نەبىيسى قىلغانلىقى[38]، ئۇ بەندىنى ئۇ ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇپ رەسۇلى قىلغانلىقى[39]، ئاللاھنىڭ پۈتكۈل نەبىي ۋە رەسۇللىرىنى ئايرىماستىن ھەممىسىگە ئىشىنىشنىڭ لازىملىقى[40]، بارلىق نەبىي ۋە رەسۇللەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلەر قىلىنغانلىقى[41]، ئۇلارنىڭ ئاۋۋىلىنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالام[42]، ئاخىرقىسىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام[43] ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن نەبىي ۋە رەسۇلنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۈلگە ئېلىشنىڭ  لازىملىقى قاتارلىقلارغا ئىشىنىش بىلەن بولىدۇ.

نەبىي ۋە رەسۇللەرگە بۇ شەكىلدە ئىشەنگەن كىشى ئۇلارنىڭ تارىخلىرىنى ئۆگىنىدۇ، قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئالىدۇ[44]، قەۋملىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەن ھادىسىلەردىن ۋاقىپلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى (سۈننەتۇللاھ)نى[45] تونۇپ يېتىدۇ – دە، خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

2)     باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلىش

  بۇ ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئاجىز – ئورۇقلارنى يۆلەش، غېرىب – غۇرۋالاردىن ھال سوراش، ياردەم سورىغان ۋە سورىمىغان مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىش، ئەسىر ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىپ، پۇل – مېلىنى ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىش دېمەكتۇر[46].

3)     نامازنى ئۆتەش

ئايەتتە ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سالات «صلاة» بېشىغا ئەلىف لام كېلىش بىلەن ئېنىق ئىسىمغا (مەئرىفىگە) ئايلانغانلىقى ۋە ئادا قىلىشنىڭ تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن دېگەن مەنىدىكى ئەقامە «أقام» پېئىلى بىلەن ئىپادىلىنىشى، بۇ نامازنىڭ بەش ۋاخ ناماز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ[47]. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەش ۋاخ نامازنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەسسالات «الصلاة»، ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە ئۆتەش ئۈچۈن قىيام سۆز تومۇرىدىن (مەسدەردىن) تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتداشلارنى ئىشلىتىدۇ[48].

بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش بەندىنى شەيتاندىن يىراقلاشتۇرۇپ رەھمانغا يېقىنلاشتۇرىدۇ[49]، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ[50]، «ھاياسىزلىقتىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ»[51] – دە، ئۆتىگۈچىنىڭ نەپسى پاكلىنىدۇ، روھى يۈكسىلىدۇ، نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ، يۈرۈش – تۇرۇشى تۈزىلىدۇ[52]. شۇنىڭ بىلەن ئۇ روھنىڭ ۋە بەدەننىڭ تەلەپلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغان ئۆلچەملىك ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە باشقا ئىنسانلار ئۇنىڭ زىيان ۋە ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىپ قالغاننىڭ سىرتىدا ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك ياخشىلىقلىرىغا ئېرىشىدۇ.

4)     زاكاتنى بېرىش

بايلار، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆز ماللىرىنىڭ زاكات ۋە ئۆشرىلىرىنى ئايرىپ، تېگىشلىك كىشى ۋە ئورۇنلارغا بەرسە[53]، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ[54]، دۇنيادا بېخىللىقتىن، ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلىدۇ[55]، شۇنداقلا ئۆزلىرى گۇناھتىن، مال – مۈلكى ھارامدىن پاكلىنىدۇ، مەرتىۋىسى يۈكسىلىدۇ ۋە مال – مۈلكى كۆپىيىدۇ[56]. شۇنىڭدەك، زاكات ۋە ئۆشرىلەر تولۇق ئادا قىلىنغان جەمئىيەتتە پېقىر، مىسكىنلەرنىڭ ئېھتىياجلىرى قامدىلىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاسانلىشىشى ۋە بەخت -سائادىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاممىۋىي مەنپەئەتلەر بەرپا قىلىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زاكاتنى بېرىش ئىسلامنىڭ شەرتلىرىدىن قىلىنغان[57].

يۇقىرىدىكى ئايەتتە (2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 177 – ئايىتىدە) مالنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق – تۇغقان، يېتىم، مىسكىن ۋە يولۇچىلارغا بېرىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن زاكات مەسىلىسىنىڭ ئايرىم زىكىر قىلىنىشى مال – مۈلۈكتە زاكاتتىن باشقىمۇ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقنىڭ بارلىقىغا دالالەت قىلىش ئۈچۈندۇر[58]. قۇرئان كەرىمدە «ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىش» بىلەن «مالنى ئۇرۇق – تۇغقان، يېتىم، مىسكىن ۋە يولۇچىلارغا بېرىش»نىڭ ۋاقتى، بەرگۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ سەۋىيەسى ۋە بېرىلىدىغان مىقدار قاتارلىقلارنىڭ زىكىر قىلىنماسلىقىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. چۈنكى بۇ ھەقنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى ئېھتىياجلار ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتۇر، مىقدارى ئېھتىياجلارنى قامداشقا يەتكۈدەك مىقداردۇر، ھەر كىشى كۈچى يەتكەن مىقدارنى بېرىشى كېرەك.

پۇل – ماللىرىنىڭ زاكاتلىرىنى ئايرىش بىلەن كۇپايىلىنىپ، موھتاجلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، قىينچىلىقى بارلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ۋە  يېتىم – يېسىرلارنى يۆلەش… قاتارلىقلارغا ياردەم قولىنى سۇنمىغان باي ۋە تىجارەتچىلەر ئىقتىسادىي ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردە «زاكات» ئايرىم، «مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ بېرىش» ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مال – مۈلۈك بىر نېمەتتۇر، نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش كېرەك. زاكات شۈكرانە ئەمەس ۋەزىپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن زاكىتىنى بەرگەنلەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئۇ ياردەمنى قىلغانلار مال نېمىتىنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.

5)     ئەخلاقنى ياخشىلاش

ئەخلاقنى ياخشىلاش زۇلۇم[59]، ھەسەت[60]، ئالدامچىلىق[61]، رىياكارلىق[62]، كۆرەڭلىك ۋە مەغرۇرلۇق[63]، بوشاڭلىق ۋە ھۇرۇنلۇق[64] قاتارلىق يامان ئىللەتلەردىن ساقلىنىپ، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش[65]، سەۋرچانلىق[66]، ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش[67]، ئۆز ھەققىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈش[68]، ئادىللىق[69]، مەرھەمەت[70]، ھايا[71]، ياخشىلىق قىلىش[72]، راستچىللىق[73]، سېخيلىق[74]، كەمتەرلىك[75] قاتارلىق ياخشى ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈش دېمەكتۇر.

ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ياخشى ئەخلاقلارنى ئۆزلەشتۈرۈشنى، سەۋرچان بولۇش يامان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشنى تەقەززا قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ ئىككى ئەخلاق تېخىمۇ كۆپ تەكىتلىنىدۇ. جۈملىدىن يۇقىرىدىكى ئايەتتىمۇ (2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 177 – ئايىتى) شۇنداق بولغان. چۈنكى ئەھدە ئىنساننىڭ تەۋھىد كەلىمىسىنى ئوقۇپ مۇسۇلمان بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا بەرگەن قەتئىي سۆزلىرى، نىكاھ كېلىشىمى تۈزۈش ئارقىلىق ئەر – ئاياللار بىر – بىرىگە بېرىشكەن لەۋزىلىرى، پۈتۈشۈش ئارقىلىق باشقا ئىنسانلارغا قىلغان ۋەدىلىرى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ نامىدا ئۆزئارا قىلىشقان توختاملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ئەنە شۇ لەۋز ۋە سۆزلەردە تۇرۇش، ۋەدە ۋە كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش، قارار ۋە توختاملارغا رىئايە قىلىش دېگەن بولىدۇ. سەۋرچان بولۇشقا كەلسەك، بۇ ئۆزىنى تۇتۇش دېگەن بولۇپ، ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىداش، گۇناھنىڭ لەززەتلىرىدىن ۋاز كېچىش، مۇسىبەتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىش، جىھادنىڭ ئۇرۇش قىسمى بولۇۋاتقاندا جاسارەت كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك باشقا بەزى ئايەتلەر:

﴿كُنتُمۡ خَيۡرَ أُمَّةٍ أُخۡرِجَتۡ لِلنَّاسِ تَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَتَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَتُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِۗ وَلَوۡ ءَامَنَ أَهۡلُ ٱلۡكِتَٰبِ لَكَانَ خَيۡرٗا لَّهُمۚ مِّنۡهُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَأَكۡثَرُهُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ  ١١٠﴾

«سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۈممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، لېكىن تولىسى فاسىقتۇر»[76].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَنَٰجَيۡتُمۡ فَلَا تَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَمَعۡصِيَتِ ٱلرَّسُولِ وَتَنَٰجَوۡاْ بِٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ  ٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! پىچىرلاشقان چېغىڭلاردا گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق پىچىرلاشماڭلار. ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر»[77].

﴿وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَيُطِيعُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ سَيَرۡحَمُهُمُ ٱللَّهُۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ  ٧١﴾

«مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر – بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدۇ. مانا بۇلارغا ئاللاھ يېقىندا مەرھەمەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[78].

﴿وَٱلۡعَصۡرِ  ١ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَفِي خُسۡرٍ  ٢ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡحَقِّ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ  ٣﴾

«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»[79].

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»[80].

«كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ»[81].

رەسۇلۇللاھ: «قېرىندىشىڭ زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن» دېگەندە، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنا، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، بۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىڭ بولىدۇ» دېدى[82].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 313 – 327.

[1] قاراڭ: 95 – سۈرە تىن، 4 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 28 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 54 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[6] 6 – سۈرە ئەنئام، 165 – ئايەت.

[7] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 32 – ۋە 54 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 70 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 21 – ئايەت؛ 22 – سۈرە  ھەج، 5 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 22 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 68 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛   42 – سۈرە شۇرا، 27 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت؛ 95 – سۈرە تىن، 5 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 156 – ۋە 195 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 140 – ۋە 165 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 12 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 33 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 8 – ۋە 49 – ئايەتلەر.

[10] شۇڭا ئىنسانلار ئۆزلىرىنى يېتەرسىز ھېس قىلغان چاغلىرىدا ئۆزئارا ياردەملىشىدۇ ۋە ھەمكارلىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدە زۇلقەرنەيننىڭ، يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 94 – ۋە 96 – ئايەتلەر)، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى (قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 15 – ئايەت) زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان باشقا بىر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[11] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 261 ~ 267 – ۋە 270 ~ 274 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 19 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 24 ~ 25 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ، 177 – ۋە 215 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 90 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ۋە 26 – ئايەتلەر؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ۋە 110 – ئايەتلەر.

[14] 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت.

[15] قاراڭ: راغىب ئىسفەھانى، «عون»، 598؛  ئىبنى مەنزۇر، «عون»، 13: 298 ~ 299؛ زەينۇددىن ئەبۇ ئابدىللاھ ئىبنى ئەبى بەكىر ئىبنى ئابدىلقادىر رازى، «عون»، مۇختارۇسسىھاھ، تەھقىقلىغۇچى: يۇسۇف شەيخ مۇھەممەد، 5 – باسما (بېيرۇت: مەكتەبەتى ئەسرىييە، ھ 1420 / م 1999)، 222.

[16] ھەمكارلىشىشنىڭ «ھۆكمى ۋە ساھەسى» دە دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[17] 1 – سۈرە فاتىھە، 5 ~ 6 – ئايەتلەر.

[18] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ، 110 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 41 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسىر.

[19] 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت.

[20] 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت.

[21] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 164 – ئايەت ؛ 13 – سۈرە رەئد، 4 – ۋە 16 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل،  12 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا،  111 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان،  2 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ،  24 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن،  80 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا،  28 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد،  17 – ئايەت.  

[22] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا،  122 ~ 125 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل،  97 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا،  19 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا،  112 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 94 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 40 – ئايەت.

[23] قاراڭ: 31 – سۈرە لۇقمان، 29 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 5 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 3 – ئايەت.

[24] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 88 – ئايەت؛ 55 – سۈرە رەھمان، 26 – ۋە 27 – ئايەتلەر.

[25] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراڧ، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 51 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا،  71 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 47 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن،  101 ~ 109 – ئايەتلەر؛ 28 – سۈرە قەسەس، 60 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 36 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 17 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 28 – ئايەت؛ 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 38 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 13 ~ 37 – ئايەتلەر؛ 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 7 ~ 10 – ئايەتلەر؛ 87 – سۈرە ئەئلا، 17 – ئايەت؛ 99 – سۈرە زىلزال، 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر؛ 101 – سۈرە قارىئە، 6 ~ 8 – ئايەتلەر.

[26] قۇرئان كەرىمدە 40 دىن ئارتۇق يەردە «مەلائىكە (پەرىشتىلەر)» دېگەن كەلىمە زىكىر قىلىنىدۇ.

[27] قاراڭ: 35 – سۈرە فاتىر 1 – ئايەت.

[28] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل،  50 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 26 ~ 28 – ئايەتلەر؛ 66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت.

[29]  قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 21 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 80 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 52 ~ 63 – ئايەتلەر؛ 82 – سۈرە ئىنفىتار، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[30] قاراڭ: 50 – سۈرە قاف، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[31] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا،  71 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 28 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 19 – 32 – ئايەتلەر؛ 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 7 ~ 10 – ئايەتلەر.

[32] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا،  163 – ۋە 165 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 75 – ئايەت.

[33] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 213 – ئايەت.

[34] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 3 ~ 4 – ئايەتلەر؛ 57 – سۈرە ھەدىد،  25 ~ 27 – ئايەتلەر.

[35] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل،  89 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 111 – ئايەتمۇ ئوخشاش مەنىدە. قۇرئاننىڭ «مۇبىن» بولۇشىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ.

[36] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە 58 – ئايەت.

[37] چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى قىلغان (قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت)، ئۇنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان،  1 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر).

[38] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام،  83 ~ 89 – ئايەتلەر.

[39] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە،  67 – ۋە 99 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل،  35 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب،  38 – ۋە 39 – ئايەتلەر.

[40] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 285 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا،  150 ~ 152 – ئايەتلەر.

[41] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا،  73 – ئايەت.

[42] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران،  33 – ئايەت.

[43] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب،  40 – ئايەت.

[44] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام،  6 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف،  176 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 78 – ئايەت.

[45] قاراڭ: 48 – سۈرە فەتھ، 23 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 47 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت.

[46] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 92 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 19 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 24 – ۋە 25 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 8 – ۋە 9 – ئايەتلەر؛ 90 – سۈرە بەلەد، 11 ~ 16 – ئايەتلەر.

[47] بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ئەنەس ئالىم، قۇرئان – سۈننەتتە ناماز، (ئىستانبۇل: سۇلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2018)، 108 – 109.

[48] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 3 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا،  162 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا،  78 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 35 – ئايەت.  

[49] قاراڭ: 96 – سۈرە ئەلەق، 19 – ئايەت.

[50] نامازنىڭ «ئاللاھۇ ئەكبەر – ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر» دەپ باشلىنىشى، بىر ھەرىكەتتىن يەنە بىر ھەرىكەتكە يۆتكىلىشنىڭ «ئاللاھۇ ئەكبەر» بىلەن بولۇشى ۋە رۇكۇ – سەجدىلىرى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[51]  قاراڭ: 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەت.

[52] قاراڭ: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن،  1 – ۋە 2 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت.

[53] ئۇ كىشى ۋە ئورۇنلار 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 60 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ.

[54] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف،  156 – ئايەت.

[55] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران،  180 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ۋە 35 – ئايەتلەر.

[56] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 103 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 39 – ئايەت.

[57] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 11 – ئايەت.

[58] ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە «ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلمىغۇچە ياخشىلىققا يېتەلمەيسىلەر» دەيدۇ (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 92 – ئايەت). دېمەككى، مالدىكى زاكاتتىن باشقا ھەقنى ئادا قىلىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.

[59] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 279 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 102 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان،  19 – ئايەت.

[60] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا،  54 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت؛ 113 – سۈرە فەلەق، 5 – ئايەت.

[61] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب،  58 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 43 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 10 – ئايەت.

[62] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 264 – ئايەت؛ 107 – سۈرە مائۇن، 6 – ئايەت.

[63] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 25 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد،  14 – ئايەت؛ 82 – سۈرە ئىنفىتار، 6 – ئايەت.

[64] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا،  142 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 54 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 21 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىين 26 – ئايەت.

[65] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران،  76 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام،  152 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە 111 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 20 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 91 – ۋە 95 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 34 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 8 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 15 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 32 – ئايەت.

[66] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ، 155 – ۋە 157 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 200 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل،  92 – ۋە 127 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 17 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 24 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 10 – ئايەت.

[67] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 122 – ، 159 – ۋە 173 – ئايەتلەر؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 59 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 23 – ئايەت.

[68] قاراڭ: 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت.

[69] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 59 – ئايەت، 6 – سۈرە ئەنئام،  152 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل،  90 – ئايەت.

[70] قاراڭ: 90 – سۈرە بەلەد، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[71] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 53 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 25 – ئايەت.

[72] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ۋە 195 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 90 – ئايەت.

[73] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 119 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب،  23 – ۋە  35 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 33 – ئايەت.

[74] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 272 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 19 ~ 25 – ئايەتلەر؛ 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد،  10 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 10 – ئايەت؛ 92 – سۈرە لەيل، 5 ~ 11 – ئايەتلەر.

[75] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 54 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 37 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 215 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 83 – ئايەت.

[76] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 110 – ئايەت.

[77] 58 – سۈرە مۇجادەلە، 9 – ئايەت.

[78] 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت.

[79] 103 – سۈرە ئەسىر.

[80] بۇخارى، «مەزالىم»، 3، «ئىكراھ»، 8؛ مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»،  32، 58؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 45؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3، «بىرر ۋە سىلە»، 18؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 13: 195، 14: 339، 25: 400.

[81] مۇسلىم، «زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار»، 38؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 67؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3؛  ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 393، 13: 325، 16: 297، 394.

[82] بۇخارى، «مەزالىم»، 4، «ئىكراھ»، 8؛ مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 62؛ تىرمىزى، «فىتەن»، 68؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 19: 14، 20: 363؛ دارىمى، «رىقاق»، 40.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ