باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

2§. مۇھىتنى ئاسراش

1.      «مۇھىت»نىڭ مەنىسى

مۇھىت دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ ھايات، پائالىيەت داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي شارائىتلار؛ ئەتراپتىكى يەر – جايلار، ئەتراپ دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلگەن[1]. ھازىرقى زامان ئەرەبچىسىدە مۇھىت ئۈچۈن ئاساسەن بىيئەت (البيئة) دېگەن كەلىمە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭغا مۇھىت (مُحِيط)، ھالەت (حَالَة) ۋە ھەيئەت (هَيئَة) قاتارلىق كەلىمىلەر مەنىداش بولۇپ كېلىدۇ.

بىيئەت، ئەسلىدە تۇرماق، تۇراقلاشماق، ئورۇنلاشماق، قايتماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان ب ۋ ئـ (ب و أ) دىن «فىئلەت» ۋەزنىدە مەسدىرى ھەيئەت (شەكىل ۋە ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان تۈپ سۆز) بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن تەبىئەتنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياسىشى بىلەن شەكىللەنگەن ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇشنىڭ مەنزىرىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەلىمە لۇغەت كىتابلىرىدا «ئىنساننى، ھايۋاننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قورشاپ تۇرغان تەبىئىي ۋە سۈنئىي نەرسىلەرنىڭ تامامى» دەپ ئىزاھلىنىدۇ[2].

قۇرئان كەرىمدە بۇ كەلىمە بىلەن ئەينى سۆز تومۇردىن (مەسدەردىن) تۈرلەنگەن 17 دانە كەلىمە ئۆتىدۇ[3] ۋە ھەر بىرى ئۆزىنىڭ گرامماتىكىلىق فورمىسى (سىيغەسى) بويىچە يۇقىرىدىكى لۇغەت مەنىلەردىن بىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىر كىشىنىڭ مۇھىتى يېقىن مۇھىت، يىراق مۇھىت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ: ئۇنىڭ ئۆيى، ئىش – پائالىيەت ئورنى، ماڭىدىغان يولى، ئەتراپى ۋە نەپەس ئالىدىغان ھاۋاسى قاتارلىقلار يېقىن مۇھىتى؛ ئۇنى لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان دېڭىز – ئوكيان، تاغ – دەريا، دەل – دەرەخ، ئېتىزلىق، يايلاق، سۇ مەنبەلىرى ۋە ھاكازالار يىراق مۇھىتى ھېسابلىنىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇھىت ئاللاھ تائالا يارىتىپ ئىنسانلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنغان نەرسىلەر بىلەن ئىنسانلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا مەيدانغا كەلتۈرگەن ماددىي بايلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1)     تەبىئي مۇھىت

بۇ تاغ، جىلغا، ۋادى، دېڭىز، دەريا، كۆل، دۆڭلۈك، چۆل – جەزىرە، ئېتىزلىق، ئورمان، يايلاق ۋە ئەتراپنى؛  تەبىئىي گاز، نېفىت، بۇلاق ۋە باشقا بارلىق مەدەنلەردىن ئىبارەت بولغان يەر ئاستى بايلىقلارنى؛ ھايۋانات، ھاشارات ۋە باشقا پۈتكۈل جانلىق مەخلۇقاتلارنى؛ ئېكىن، دەل – دەرەخ ۋە ئوت – چۆپلەرنى؛ ئاسمان – زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ مەنزىرىسىنى ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى؛ سۇ، ھاۋا ۋە كىلىمات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلۡفُلۡكِ ٱلَّتِي تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖ وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلۡمُسَخَّرِ بَيۡنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ١٦٤﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[4].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي رَفَعَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمۡ تُوقِنُونَ  ٢ وَهُوَ ٱلَّذِي مَدَّ ٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۡهَٰرٗاۖ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ يُغۡشِي ٱلَّيۡلَ ٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٣ وَفِي ٱلۡأَرۡضِ قِطَعٞ مُّتَجَٰوِرَٰتٞ وَجَنَّٰتٞ مِّنۡ أَعۡنَٰبٖ وَزَرۡعٞ وَنَخِيلٞ صِنۡوَانٞ وَغَيۡرُ صِنۡوَانٖ يُسۡقَىٰ بِمَآءٖ وَٰحِدٖ وَنُفَضِّلُ بَعۡضَهَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلۡأُكُلِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.‏ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سوزدى[5]، زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ۋە دەريالارنى بار قىلدى، زېمىندا پۈتۈن مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى جۈپ ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.‏ زېمىندا بىر – بىرىگە قوشنا ھەر خىل يەر پارچىلىرى[6]، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن ئوخشاش بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان ۋە بىر ئۇرۇقتىن پەقەتلا بىر تال ئۈنۈپ چىققان خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مەھسۇلاتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئۈستۈن قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»[7].

﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُزۡجِي سَحَابٗا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيۡنَهُۥ ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ رُكَامٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦ وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن جِبَالٖ فِيهَا مِنۢ بَرَدٖ فَيُصِيبُ بِهِۦ مَن يَشَآءُ وَيَصۡرِفُهُۥ عَن مَّن يَشَآءُۖ يَكَادُ سَنَا بَرۡقِهِۦ يَذۡهَبُ بِٱلۡأَبۡصَٰرِ  ٤٣﴾

«كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە قوشۇپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يەنە ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ»[8].

﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَلَكَهُۥ يَنَٰبِيعَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ثُمَّ يُخۡرِجُ بِهِۦ زَرۡعٗا مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَىٰهُ مُصۡفَرّٗا ثُمَّ يَجۡعَلُهُۥ حُطَٰمًاۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكۡرَىٰ لِأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ  ٢١﴾

«كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم – تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار»[9].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَيَبۡسُطُهُۥ فِي ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ يَشَآءُ وَيَجۡعَلُهُۥ كِسَفٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ  ٤٨﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە – پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ»[10].

﴿أَلَمۡ تَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَسۡبَغَ عَلَيۡكُمۡ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةٗ وَبَاطِنَةٗۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ  ٢٠﴾

«كۆرمىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى كۆپ ئاتا قىلدى. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە، ھېچبىر ھىدايەتكە ۋە ھېچبىر نۇرلۇق كىتابقا ئاساسلانماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ»[11].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ  ٣٢ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ  ٣٣ وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ  ٣٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك – تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قۇياشنى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»[12].

2)     سۈنئىي مۇھىت

بۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن بىنا، قۇرۇلۇش، يول، كۆۋرۈك قاتارلىق ماددىي بايلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمۡ صَٰلِحٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ هُوَ أَنشَأَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱسۡتَعۡمَرَكُمۡ فِيهَا فَٱسۡتَغۡفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوٓاْ إِلَيۡهِۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٞ مُّجِيبٞ  ٦١﴾

«بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[13].

«زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش» ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرىگە ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق زېمىننىڭ ئاۋات ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَا وَٱدۡعُوهُ خَوۡفٗا وَطَمَعًاۚ إِنَّ رَحۡمَتَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ مِّنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ٥٦﴾

 «ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»[14].

‎‏ يەنى ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى، مۇئەييەن زامانغا قەدەر ئۇنى سىلەرگە قارارگاھ قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى بار قىلدى. بەختلىك ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە، بەختسىز ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. نازىل قىلغان كىتابلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ ۋە ياخشى بىلەن ياماننىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭ تۈزۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۈزەشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشىدىن جاۋابكار قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر تىلەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاللاھتىنلا تىلەڭلار. ئەگەر ئاللاھتىن غەيرىيدىن تىلىسەڭلار ئاللاھ تۈزىگەن زېمىننىڭ ئۈستىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىنىسىلەر.‏

«زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش» يەنە زېمىندا تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە مېمارچىلىق قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن زېمىننى گۈللەندۈرۈش، ئەتراپنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە لازىملىق ئۆي – ئىمارەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَوَ لَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَأَثَارُواْ ٱلۡأَرۡضَ وَعَمَرُوهَآ أَكۡثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ  ٩﴾

«ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زېمىننى قازغان ئىدى ۋە ئۇنى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا ئۆز ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»[15].

ئايەتتىكى «زېمىننى قېزىش» – ئېكىن تېرىش ئۈچۈن يەرنى ھەيدەش ۋە قۇرۇلۇش سېلىش ئۈچۈن يەرنى كولاشنى كۆرسىتىدۇ. «زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش»مۇ بۇ ئىككى پائالىيەت بىلەن بولىدۇ. دېمەك، سۈنئىي مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ئىشلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرە بولۇپ، ئۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

(1)    تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش

بۇ ئۇيغۇن يەرلەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى يېتىشتۈرۈپ باغ – بوستان ياساش ۋە ھەر تۈرلۈك تېرىقچىلىق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن زېمىندىن پايدىلىنىش يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش دېمەكتۇر.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ لَّا ذَلُولٞ تُثِيرُ ٱلۡأَرۡضَ وَلَا تَسۡقِي ٱلۡحَرۡثَ مُسَلَّمَةٞ لَّا شِيَةَ فِيهَاۚ قَالُواْ ٱلۡـَٰٔنَ جِئۡتَ بِٱلۡحَقِّۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُواْ يَفۡعَلُونَ  ٧١﴾

«مۇسا: ‹رەببىم: ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا دەيدۇ› دېگەن ئىدى. ئۇلار: ‹مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ› دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى»[16].

﴿وَءَايَةٞ لَّهُمُ ٱلۡأَرۡضُ ٱلۡمَيۡتَةُ أَحۡيَيۡنَٰهَا وَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهَا حَبّٗا فَمِنۡهُ يَأۡكُلُونَ  ٣٣ وَجَعَلۡنَا فِيهَا جَنَّٰتٖ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَٰبٖ وَفَجَّرۡنَا فِيهَا مِنَ ٱلۡعُيُونِ  ٣٤ لِيَأۡكُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦ وَمَا عَمِلَتۡهُ أَيۡدِيهِمۡۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٣٥﴾

«ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىل ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقاردۇق. ئۇلار ئەنە شۇ ئاشلىقتىن يەيدۇ.‏ بىز ئۇ زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، ئۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق.‏ بىز ئۇلارنى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ۋە ئۆز قوللىرى بىلەن ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردىن يېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[17].

﴿هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ  ١٠ يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سىلەرگە سۇ چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ.‏ ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[18].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ نَبَاتَ كُلِّ شَيۡءٖ فَأَخۡرَجۡنَا مِنۡهُ خَضِرٗا نُّخۡرِجُ مِنۡهُ حَبّٗا مُّتَرَاكِبٗا وَمِنَ ٱلنَّخۡلِ مِن طَلۡعِهَا قِنۡوَانٞ دَانِيَةٞ وَجَنَّٰتٖ مِّنۡ أَعۡنَابٖ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُشۡتَبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٍۗ ٱنظُرُوٓاْ إِلَىٰ ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَيَنۡعِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمۡ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ  ٩٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ ئۆسۈملۈكىنى چىقاردۇق. ئۇ ئۆسۈملۈكتىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر – بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىقلارنى چىقاردۇق. بۇلارنىڭ بەزىسى ئوخشىشىدۇ، بەزىسى ئوخشاشمايدۇ. ھەر بىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[19].

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[20].

ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىن ئاشلىق چىقىرىشى، باغلارنى يېتىشتۈرۈشى ۋە مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈشى، ئىنسانلارنىڭ كېرەكلىك سەۋەبلەرنى قىلىشى بىلەن بولىدۇ. بۇ سۈنئىي مۇھىتنىڭ تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش قىسمىغا دالالەت قىلىدۇ.

(2)    مېمارچىلىق قىلىش

مېمارچىلىق قىلىش ئۆي – ئىمارەت سېلىش، يول، كۆۋرۈك ياساش، قەلئە، ئىستېھكام، بىنا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قۇرۇلۇشلارنى سېلىش بىلەن بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ  ٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم – كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى»[21].

﴿وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ جَعَلَكُمۡ خُلَفَآءَ مِنۢ بَعۡدِ عَادٖ وَبَوَّأَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَتَّخِذُونَ مِن سُهُولِهَا قُصُورٗا وَتَنۡحِتُونَ ٱلۡجِبَالَ بُيُوتٗاۖ فَٱذۡكُرُوٓاْ ءَالَآءَ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ  ٧٤﴾

«ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. سىلەر ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلار سالىسىلەر. تاغلىرىنى يونۇپ ئۆيلەر ياسايسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار»[22].

 بۇ ئايەتلەر مېمارچىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇلارنى تەبىئەتنى ياراتقاندەك بىۋاسىتە مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ، بەلكىدە ئۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى يارىتىش ۋە ئىنسانلارغا ئۇلار بىلەن ئۆي سېلىش ۋە جابدۇشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ بولغۇدەك مۇستەھكەم ئۆي – ئىمارەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ سېلىشىنىڭ ۋە ئۇلارنى چىرايلىق جابدۇشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆي سېلىش ۋە جابدۇش مېمارچىلىق تەلەپ قىلىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە مېمارچىلىق، ئىمارەت ۋە ئىمارەت ماتېرىياللىرى توغرۇلۇق كۆپلىگەن ئاتالغۇلار زىكىر قىلىنغان:

1 – بەزى مېمارچىلىق ئاتالغۇلىرى: ئۆي، ئۆيلەر «بَيْت، بُيُوت» – (قاراڭ:  سۈرە بەقەرە، 189 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران 49 – ۋە 104 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 15 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت)،  تۇرالغۇ جاي «مَسْكَن» – (قاراڭ:  34 – سۈرە سەبەئـ، 15 – ئايەت. تۇرالغۇ جاي مەنىسىدىكى مەسكەن كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان مەساكىن تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەر: 9 – سۈرە تەۋبە، 24 – ۋە 72 – ئايەتلەر؛ 20 – سۈرە تاھا، 128 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 13 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 18 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 58 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 38 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 26 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 25 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 12 – ئايەت)، ھەشەمەتلىك ساراي «قَصْر مَشِيْدٍ» – (قاراڭ:  22 – سۈرە ھەج، 45 – ئايەت)، ئوردا «صَرْح» – (قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 44 – ئايەت)، ئىبادەتخانا «المِحْرَاب» – (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 37 – ۋە 39 – ئايەتلەر؛ 19 – سۈرە مەريەم، 11 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 21 – ئايەت)، مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەر «بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ» – (قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 78 – ئايەت)، موناستىرلار «صَوَامِع»، چېركاۋلار «بِيَعٌ»، سىناگوگلار «صَلَوَات»، مەسچىت—جامەلەر «مَسَاجِد» – (قاراڭ:  22 – سۈرە ھەج، 40 – ئايەت)، مۇستەھكەم سارايلار «مَصَانِع» – (قاراڭ:  26 – سۈرە شۇئەرا، 129 – ئايەت)، قورغانلار «حُصُون» – (قاراڭ:  59 – سۈرە ھەشر، 2 – ئايەت)، قەلئەلەر «صَيَاصِي» (قاراڭ:  33 – سۈرە ئەھزاب، 26 – ئايەت)، رەسەتخانا «مَرْصَد» – (قاراڭ:  9 – سۈرە تەۋبە، 5 – ئايەت)، سېپىل «سدًّا» – (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 94 – ئايەت)، توسما «رَدْمًا» – (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 95 – ئايەت)، پاناھگاھ «مَلْجَأ»، كىرىۋالىدىغان جاي «مدّخلًا» – (قاراڭ:  9 – سۈرە تەۋبە، 57 – ئايەت)، ھۇجرىلار «الْحُجُرَات» – (قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 4 – ئايەت)، دەرۋازا «باب» – (قاراڭ:  5 – سۈرە مائىدە 23 – ئايەت)، تاملار «جُدُر» – (قاراڭ:  59 – سۈرە ھەشر، 14 – ئايەت)، زىندان، تۈرمە «السِجْن» – (قاراڭ:  12 – سۈرە يۇسۇف، 33 – ، 36 – ، 39 – ، 41 – ، 42 – ۋە 100 – ئايەتلەر)، تونىل «نَفَق»، شوتا، لىفىت «سُلّم» – (قاراڭ:  6 – سۈرە ئەنئام، 35 – ئايەت)، شوتا، لىفىت «مَعَارِج» – ( قاراڭ: 43 – سۈرە زۇخرۇف، 33 – ئايەت)،

 2 – بەزى ئىمارەت ئاتالغۇلىرى: يۇرتلارنىڭ ئانىسى، مەركىزىي شەھەر، پايتەخت «أُمّ الْقُرَى» – (قاراڭ:  6 – سۈرە ئەنئام، 92 – ئايەت؛  42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت)،[1] يۇرت، يۇرتلار «قَرْيَة، قُرَى» – (قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 58 – ۋە 259 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 117 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 8 – ئايەت. قۇرئان كەرىمدە بۇلاردىن باشقا «قەريە» كەلىمىسى 33 يەردە، ئۇنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «قۇرا» 17 يەردە ئۆتىدۇ)، شەھەر «بَلَد،[1] بَلْدَة» – (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 126 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 35 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 7 – ئايەت؛ 90 – سۈرە بەلەد، 1~2 – ئايەتلەر؛ 95 – سۈرە تىين، 3 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 49 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 91 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 15 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 11 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 11 – ئايەت)،  شەھەرلەر «مَدَائِن» – (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 111 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 36 ۋە 53 – ئايەتلەر)، كەڭ يوللار «سُبُلاً فِجَاجًا» – (قاراڭ: 71 – سۈرە نۇھ، 20 – ئايەت)، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللار «فَجٍّ عَمِيْقٍ» – (قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 27 – ئايەت)، بىنالار «بُنْيَان» – (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 21 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 4 – ئايەت).

3 – ئىمارەتنىڭ تەرەپلىرى: تورۇس، تورۇسلار «سَقْف، سُقُف» – ( قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 26 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 33 – ئايەت)، بىنانىڭ ئۇللىرى «القواعد» – ( قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 127 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 26 – ئايەت)، تۈۋرۈكلەر «عَمَد» – ( قاراڭ:  13 – سۈرە رەئد، 2 – ئايەت؛ 104 – سۈرە ھۇمەزە، 9 – ئايەت)، تام «جدار» – (قاراڭ:  18 – سۈرە كەھف، 77 – ئايەت).

4 – ئىمارەت ماتېرىياللىرى: ئەينەك «قوارير» – ( قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 44 – ئايەت)، تۆمۈر پارچىلىرى «زبر الحديد» – (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 96 – ئايەت)، تۆمۈر «حديد» – ( قاراڭ:  57 – سۈرە ھەدىد، 25 – ئايەت)، ئېرىتىلگەن مىس «قطر» – ( قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 96 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 12 – ئايەت)، قورام تاش «صخر» – (قاراڭ: 89 – سۈرە فەجر، 9 – ئايەت)، تاش «حجارة» – (قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 50 – ئايەت)، تېرىلەر «جلود» – (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت)، پىششىق خىش (قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 38 – ئايەت. ئۇ ئايەتتىكى «لاينىڭ ئۈستىگە ئوت يېقىش» مەنىسىدىكى ئىپادە «پىششىق خىش تەييارلىغىن» دېگەن بولىدۇ، شۇنداقلا «پىششىق خىش»نىڭ زىكىر قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئىشلىتىشكە تەييارلانغان ياغاچ «خشب مسندة» – (قاراڭ: 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 4 – ئايەت)، تاختا ۋە مىخ «ألواح ودسر» – (قاراڭ:  54 – سۈرە قەمەر، 13 – ئايەت).

بۇ ئاتالغۇلارمۇ مېمارچىلىقنىڭ «زېمىننى ئاۋاتلاشتۇرۇش»نىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ ۋە بۇ ساھەدە ئىنسانىيەتكە ئىلھاملار بېغىشلايدۇ.

قۇرئان كەرىمدە بەزى سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرى ھايۋانلار، يەر – جاي، شەھەر، مەدەن، ئۆسۈملۈك، تەبىئەتتىكى نەرسە ۋە تەبىئىي ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان[23]. شۇنىڭدەك، بىر قىسىم ھايۋان، ئېكىن، باغ – بوستان، يۇرت – ماكان، ۋە ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان[24]. مانا بۇ مۇھىتنىڭ تەبىئي ۋە سۈنئىيدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 332 – 346.

[1] قاراڭ: ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «مۇھىت»، 5: 254.

[2] ئەبۇلئابباس شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى يۇسۇف ئىبنى ئابدۇددائىم سەمىين ھەلەبىي، «بوأ»، ئۇمدەتۇل ھۇففاز فىي تەفسىيرى ئەشرەفىل ئەلفاز، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد باسىل ئۇيۇنۇس سۇد (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1417/ م 1996)، 1: 239 – 241.

[3] ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بائۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 61 – ۋە 90 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 112 – ئايەت) . بائە (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 162 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 16 – ئايەت)، تەبۇئە (قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 29 – ئايەت)، بەۋۋەئە (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 74 – ئايەت)، بەۋۋەئنا (قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 93 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 26 – ئايەت)، تۇبەۋۋىئۇ (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 121 – ئايەت)، نۇبەۋۋىئەننە (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 41 – ئايەت؛  29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 58 – ئايەت)، يەتەبەۋۋەئۇ (قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 56 – ئايەت)، نەتەبەۋۋەئۇ (قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 74 – ئايەت)،  تەبەۋۋەئا (قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 87 – ئايەت)، تەبەۋۋەئۇ (قاراڭ: 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت)، مۇبەۋۋەئە (قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 93 – ئايەت).

[4] 2 – سۈرە بەقەرە ، 164 – ئايەت.

[5] ‏ ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە زېمىننى سوزغانلىقىنى، 21 – سۈرە ئەنبىيانىڭ 30 – ئايىتىدە زېمىننىڭ ئاسمان بىلەن بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ ئىككىسىنى ئايرىغانلىقىنى، 51 – سۈرە زارىياتنىڭ 48 – ئايىتىدە زېمىننى تۆشەك قىلغانلىقىنى، 55 – سۈرە رەھماننىڭ 10 – ئايىتىدە زېمىننى قويغانلىقىنى، 78 – سۈرە نەبەئنىڭ 6 – ئايىتىدە زېمىننى بۆشۈك قىلغانلىقىنى، 79 – سۈرە نازىئاتنىڭ 30 – ئايىتىدە زېمىننى يايغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇ ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلسا ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشىش ئاسانلىشىدۇ.

[6]  بىر – بىرىگە يېقىن، لېكىن ھەر خىل. يەنى مۇنبەت، شورلۇق، ئاچچىق، تاتلىق، يۇمشاق، قاتتىق، تۈز، ئېگىز – پەس يەر دېگەندەك بىرقانچە خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەتتا يەرلەرنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قۇياشنىڭ نۇرى ئوخشاش چۈشىدۇ. يامغۇرمۇ ئوخشاش ياغىدۇ.

[7] 13 – سۈرە رەئد، 2 ~ 4 – ئايەتلەر.

[8] 24 – سۈرە نۇر ، 43 – ئايەت.

[9]  39 – سۈرە زۇمەر، 21 – ئايەت.

[10] 30 – سۈرە رۇم، 48 – ئايەت.

[11] 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ئايەت.

[12]  14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر.

[13] ‏11 – سۈرە ھۇد، 61 – ئايەت.

[14] 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت.

[15] 30 – سۈرە رۇم، 9 – ئايەت.

[16] 2 – سۈرە بەقەرە ، 71 – ئايەت.

[17] 36 – سۈرە ياسىن، 33 ~ 35 – ئايەتلەر.

[18] 16 – سۈرە نەھل، 10 – ۋە 11 – ئايەتلەر.

[19] 6 – سۈرە ئەنئام، 99 – ئايەت.

[20] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[21] 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[22] 7 – سۈرە ئەئراف، 74 – ئايەت.

[23] قاراڭ:  2 – سۈرە (بەقەرە – كالا)، 6 – سۈرە (ئەنئام – تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە) ۋە 105 – سۈرە (فىل – پىل) تۆت پۇتلۇق ھايۋاناتنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان؛ 16 – سۈرە (نەھل – ھەسەل ھەرىسى)، 27 – سۈرە (نەمل – چۈمۈلە) ۋە 29 – سۈرە (ئەنكەبۇت – ئۆمۈچۈك) ھاشاراتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان؛ 15 – سۈرە (ھىجر – سەمۇد قەۋمنىڭ يۇرتى)، 18 – سۈرە (كەھف – غار)، 53 – سۈرە (تۇر – تۇر تېغى)، 90 – سۈرە (بەلەد – شەھەر)، 46 – سۈرە (ئەھقاف – ئاد قەۋمنىڭ يۇرتى) يەر – جايلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان؛ 57 – سۈرە (ھەدىد – تۆمۈر) مەدەننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 95 – سۈرە (تىن – ئەنجۈر) 13 – سۈرە (رەئد – گۈلدۈرماما)، 53 – سۈرە (نەجم – يۇلتۇز)، 89 – سۈرە (فەجر – تاڭنىڭ يورۇشى)، 91 – سۈرە (شەمس – قۇياش)، 92 – سۈرە (لەيل – كېچە)، 93 – سۈرە (دۇھا – چاشگاھ) تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئاتالغان.

[24] قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ھايۋان، ئېكىن ۋە باغ – بوستانلار بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمى، «يېمەك – ئىچمەك» ۋە «ھايۋانلار» بۆلۈمىدە بايان قىلىندى. قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان شەھەرلەر مەككە (48 – سۈرە فەتھ، 24 – ئايەت)، مەدىنە (9 – سۈرە تەۋبە، 101 – ۋە 120 – ئايەتلەر)، مىسىر (12 – سۈرە يۇسۇف، 99 – ئايەت)، بابىل (2 – سۈرە بەقەرە، 102 – ئايەت) ۋە ئىرەم (89 – سۈرە فەجر، 8 – ئايەت) قاتارلىق شەھەرلەردۇر. 2 – سۈرە بەقەرە، 189 – ئايەت، 3 – سۈرە ئال ئىمران 49 – ۋە 104 – ئايەتلەر ۋە 4 – سۈرە نىسا، 15 – ئايەتتە ئۆيلەر زىكىر قىلىنىدۇ؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 74 – ئايەت، 26 – سۈرە شۇئەرا، 128 – ۋە 149 – ئايەتلەر ۋە   28 – سۈرە قەسەس، 38 – ئايەتتە ئىمارەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ