باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ﺑﯩﺴﻤﯩﻠﻼﮬﯩﺮ ﺭﻩﮬﻤﺎﻧﯩﺮ ﺭﻩﮬﯩﻢ

ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ

ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻡﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻦﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺳﺎﯞﺍﺑﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﯩﻤﯘ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺑﯩﺮﺩﻩ – ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺩﯨﻨﺴﯩﺰ» ﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ «ﺟﺎﺟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ» ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﺴﺎ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ، «ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ!» ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ (ﺋﻪﺑﯘﻟﻔﺎﺗﯩﮭ) ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﭖﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ، ﻳﯩﻐﻘﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﯩﭽﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯘﻧﯘﺷﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ- ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﭙﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺸﯩﻤﻨﻰﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﺏ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ! ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻨﺪﯗﺭ.

ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﻤﻰ

ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﺩﻩ (ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ) ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:

ﺋﻪﺑﯘ ﮬﯘﺭﻩﻳﺮﻩ (ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ) ﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﺴﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﻩﯕﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﺋﻪﺯﺍﻥ 112؛ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ، ﺳﺎﻻﺕ 72؛ ﻣﯘﯞﺍﺗﺘﺎ، ﺳﺎﻻﺕ 44؛ ﺋﻪﺑﯘ ﺩﺍﯞﯗﺩ، ﺳﺎﻻﺕ 172؛ ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ، ﺳﺎﻻﺕ 185؛ ﻧﻪﺳﻪﺋﻰ، ﺋﯩﻔﺘﯩﺘﺎﮬ 34، 35؛ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ، ﺋﯩﻘﺎﻣﻪﺕ 14).

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﻻﯓ ﺗﯩﺮﻧﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ:

«ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ‹ﻏﻪﻳﺮﯨﻠﻤﻪﻏﺰﯗﺑﻰ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﻢ ﯞﻩﻟﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻴﻦ› ﻧﻰ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﯩﺘﻪﺗﺘﻰ».

«ﺋﯩﻤﺎﻡ ‹ﻏﻪﻳﺮﯨﻠﻤﻪﻏﺰﯗﺑﻰ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﻢ ﯞﻩﻟﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻴﻦ› ﺩﯦﺴﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﻩﯕﻼﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ».

«ﺋﯩﻤﺎﻡ ‹ﻏﻪﻳﺮﯨﻠﻤﻪﻏﺰﯗﺑﻰ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﻢ ﯞﻩﻟﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻴﻦ› ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﺎﻣﯩﻦﺩﻩﯕﻠﻪﺭ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻤﺎﻣﻤﯘ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻣﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»

«ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ‹ﻏﻪﻳﺮﯨﻠﻤﻪﻏﺰﯗﺑﻰ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﻢ ﯞﻩﻟﻪﺯﺯﺍﻟﯩﻴﻦ› ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ‹ﺋﺎﻣﯩﻴﻦ!› ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ».

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ﺑﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪﺋﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﻤﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖﻳﻮﻕ.

ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ (ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ) ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ

ﺳﯜﻧﻨﻰ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﺯﮬﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻓﯩﺌﯩﻲ ﯞﻩ ﮬﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻲﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯩﺮﺍﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺶﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ، ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﻣﺎﻟﯩﻜﯩﻲ ﯞﻩ ﮬﻪﻧﻪﻓﯩﻲ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﯩﺮﺍﺋﯩﺘﻰﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﻟﺴﯘﻥ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﻟﺴﯘﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻰ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩ (ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ) ﻧﯩﯔ «ﺋﯩﻤﺎﻡ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺗﯚﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ: ﺋﻪﺋﯘﺯﯗﺑﯩﻠﻼﮬ… ﺑﯩﺴﯩﻤﯩﻠﻼﮬ… ﺋﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺭﻩﺑﺒﻪﻧﺎ ﻟﻪﻛﻪﻟﮭﻪﻣﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ. (ﻧﻪﺳﺒﯘﺭﺭﺍﻳﻪ ﻓﻰ ﺗﻪﺧﺮﯨﺠﻰ ﺋﻪﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 2/211، 214، 296؛ ﻣﻪﺑﺴﯘﺕ 1/48؛ ﺑﻪﺩﺍﺋﯩﺌﯘﺳﻪﻧﺎﺋﯩﺌﻓﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﯩﺶ ﺷﻪﺭﺍﺋﯩﺌ 2/50، 58، 68، 287، 330).

ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ

ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺋﻪﮬﺰﺍﺏ (33- ﺳﯜﺭﻩ) ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 21- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﻩ «ﺍﻟﻠﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻟﮕﯩﺪﯗﺭ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔﺑﯩﺮﻩﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻧﻪﺩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﮬﯩﮭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺯﯨﺖ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ (ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻠﻰﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ)، ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺳﻪﻧﻪﺩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﮬﯩﮭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﻙ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻕ، ﻗﯩﺮﺍﺋﯩﺘﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﺍﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙﺩﯦﻴﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﺎﻓﯩﺌﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﻪﻧﺒﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ.

ﻣﺎﻟﯩﻜﯩﻲ ﯞﻩ ﮬﻪﻧﻪﻓﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﺩﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﺳﯚﺯﯨﺪﯗﺭ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﻪ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺯﻩﻳﻠﻪﺋﯩﻲ ﻧﻪﺳﺒﯘﺭﺭﺍﻳﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 1/325 ﺩﻩ، ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻘﻪﻻﻧﯩﻲ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 1/131 ﺩﻩ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻏﻪﺭﯨﺐ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﮭ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﺘﺘﯘﺭ. ﺳﻪﮬﯩﮭ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﯨﺐ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺳﻪﮬﯩﮭ ﮬﻪﺩﯨﺴﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﯧﭻ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ (ﮬﯧﭻ ﺩﯦﻤﯩﺴﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ) ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻓﯩﻘﯩﮭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻦ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ (ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ) ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺯﯨﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

ﺧﯘﻻﺳﻪ

ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﺍ ﻓﺎﺗﯩﮭﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔﮬﯚﻛﻤﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﯘﻗﺎﺭﺩﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ؛ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﯩﺪﻩﻙﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ «ﭘﯩﺪﺍ» ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﻣﯘﺟﺎﮬﯩﺘﻠﯩﻖ» ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ «ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺭﯨﺰﺍﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ» ﺟﺎﻥ – ﺟﻪﮬﻠﻰﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻛﯚﺭﻩﺵ» ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ.

ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ، ﭼﺎﻻ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻣﯘﺟﺘﻪﮬﯩﺘﻠﯩﻖ» ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﭼﻪﺩﯨﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ – ﺟﺎﻣﻪﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﯨﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﭗﻛﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮﻩﻙ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻻﺯﯨﻢ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻪﺏ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ «ﺋﯩﮭﻴﺎ» ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺋﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ، ﺟﺎﺋﯩﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!

ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﺭﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭﺋﻮﭼﯘﻕ – ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ، ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻪﺏ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ «ﺩﯨﻦ» ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺳﺎﯞﺍﺑﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺩﯨﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺟﺎﺋﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻻﺯﯨﻢ.

ﻛﯜﻧﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ – ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﻘﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭ – ﻳﯚﻟﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﺋﻪﯓ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ» ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ «ﺩﯨﻨﺪﺍﺭﻟﯩﻖ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ «ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻖ» ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ» ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺑﯩﻠﻪﻧﻼ «ﮬﻪﭘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ» ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﺳﺎﻟﯩﻖ، ﺋﯩﻠﯩﻤﺴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﻐﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﻰ – ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﻪﻥ؛ ﺋﺎﻣﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺋﯘﻧﺪﺍﻕ «ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﯘﺟﺎﮬﯩﺖ» ﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺷﻨﻰ، ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚﺋﻪﻣﻪﻝ – ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺭﯨﺰﺍﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﭼﯩﺶ – ﺗﯩﺮﻧﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥﺋﺎﯕﺴﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯦﭙﯩﻐﺎﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰﻻﺯﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﯩﻦ (ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ) ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﯧﭽﺒﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﻪﻣﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﯞﻩ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺋﺎﻣﯩﻦ!


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ