ئاشپەز تاماكا چەكسە تامىقىنى يېگىلى بولامدۇ؟
باش بەت > پەتىۋالار > يېمەك - ئىچمەك يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى:
جاۋاب:
بىز بۇ مەسىلىگە بىر نەچچە قېتىم جاۋاپ بەردۇق. جاۋابىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى شۇ: قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنىڭ ھالال ۋە پاكىز بولۇشىنىڭ لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ. بىز يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى بولغان نەرسىلەردە بۇ ئىككى شەرتنى ئىزدىشىمىز لازىم. بۇ ئىككى شەرت تېپىلغان يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئستېمال قىلساق بولىدۇ. بۇ ئىككى شەرتكە ئۇيغۇن ئېتىلگەن يېمەك – ئىچمەكنى ھازىرلىغانلارنىڭ كىملىكى، دىنى، مەزھىبى، مىللىتى، پاسىق – ياكى تەقۋادار بولۇشى… يېمەك – ئىچمەكنىڭ ھالاللىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ئەگەر دېگىنىڭىزدەك شۈبھىلىنىپ قالغان بولسىڭىز، ئىمكانىڭىز بولسا، سىزچە شۈبھىسىز بولغىنىنى ئستېمال قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.