قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى ھەققىدە
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 08/11/2017

تەرجىمە قىلغۇچىدىن

ئىنسانىيەتكە پارلاق نۇر بولغان قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن[1]. ياخشى ئاقىۋەت ئىمانى، ئىبادىتى، ئەخلاقى ۋە مۇئامىلىسىدە سادىق بولغان تەقۋادارلارغا بولسۇن[2]. ئاللاھ ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن[3] ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ[4] شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن[5]؛ ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىگە، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن.[6]

ئەسلىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، پەقەتلا ئاللاھ تائالا بار ئىدى[7]. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان بىر ۋاقىتتا، ئۆزى خالىغان شەكىللەردە ۋە ئۆزى خالىغان مىقداردا كائىناتنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقات ۋە پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتتى[8]، ئاندىن تۇنجى ئىنسان ئادەم (ئە.س)نى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككىسىدىن باشقا ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتتى[9].

شۇنىڭدەك، كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنساننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن[10]، ئىنساننى بولسا سىناش ئۈچۈن ياراتتى[11]، شۇڭا ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى[12] قىلدى، ئۇنىڭغا ياخشى-يامان يولنى كۆرسەتتى[13]، ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاشتا تولۇق ئىختىيار بەردى[14].

ئىنسانلارنىڭ تارىخى پەيغەمبەر[15] بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەر يۈزىدە كۆپەيگەندىن كېيىن بەزىلەر مەزكۇر ئىختىيارى بىلەن ياخشىنى، بەزىلەر بولسا ياماننى تاللاش نەتىجىسىدە ئىككىگە ئايرىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ياخشىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش، يامانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ كىتابلارنى نازىل قىلدى[16]. ھەر ئۇممەتنىڭ دۇنيادا رەھمەت ۋە ئىنئامغا ئېرىشىشى[17]، ھالاك قىلىنماي بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە خاتىرجەم ياشىشى ۋە ھۆكۈمران بولۇشى[18]، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشى، شۇنداقلا ئۇ يەردە ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشىپ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى[19] قاتارلىقلارغا نائىل بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ، نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەمەل قىلىشىنى شەرت قىلدى[20]. بۇ شەرتكە رىئايە قىلغانلارنى ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە رەھمىتىگە ئېرىشتۈردى، رىئايە قىلمىغانلارنى ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بويىچە ئازابىغا دۇچار قىلدى[21]. بۇ ئۆزگەرمەس قانۇنىنى ھەر زامان ئەينەن ئىجرا قىلدى[22]. بۇنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇردى[23].

ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ بېشىدا[24] بەندىسى مۇھەممەد[25] (ئە.س)نى مەككە خەلقىدىن تاللاپ ئۇنى ھەر زامان، ھەر ماكانغا، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتتى[26]. ئۇنىڭغا «ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى سۆز»[27]، ھالاكەت ئازگىلىغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە بىر قۇتقۇزۇش ئارغامچسى[28] ۋە ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بەرگۈچى كىتاب[29] بولغان قۇرئاننى[30]، ئۆز زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشى ئۈچۈن نازىل قىلدى[31]. ئۇنىڭ ئۇممىتىنىڭمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، نازىل قىلىنغان قۇرئانغا بويسۇنۇشىنى شەرت قىلدى[32]. ئۇ پەيغەمبەرلىك ھاياتى بويىچە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن[33]  قۇرئانغا ئەمەل قىلدى[34]، قۇرئاننى يەتكۈزدى[35]، قۇرئاندىكى ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتى[36]، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولدى[37] ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئايەت[38]  نازىل بولغان كۈنى (ئەرەفات كۈنى)، ئۇ ئايەت نازىل بولغان يەردە (ئەرافاتتا) پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئاننى قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ مەشھۇر نۇتقىدا يېنىدا ھازىر بولغان يۈز مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماندىن «ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىممۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك «ھەئە، ئادا قىلدىڭ!» دەپ جاۋاب بېرىشكەندە، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە شاھىت بولۇشىنى تىلىدى[39] ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتتى[40].

ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن خىلمۇخىل مىللەتلەردىن بىر ئۇممەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرئانغا ئەمەل قىلدى ۋە قۇرئاننى ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتىدى[41]، ھەر بىرى بىردىن جانلىق قۇرئانغا ئايلانغان ئۇ ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىگە ئىماننىڭ نۇرى، يۇرتلىرىغا ئىسلامنىڭ ئادالىتى كىردى[42]. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇسۇلمانلار قىلچە بوشاشماي ئۇنىڭ مەنىۋى مىراسى بولغان قۇرئاننى تېخىمۇ يىراقتىكىلەرگە تەبلىغ قىلىشقا (يەتكۈزۈشكە) غەيرەت قىلدى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئىسلام نۇرغۇنلىغان رايون ۋە مەملىكەتلەرگە يېتىپ باردى، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى قۇرئان كەرىم بىلەن تونۇشتى.

ئىسلام خۇلەفائى راشىدىن (632-661)[43] دەۋرىدە شام دىيارى (بۈگۈنكى سۇرىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان، پەلەستىن)، ئىراق، پېرسىيە، خوراسان، ئەزەربەيجان، داغىستان، ئەرمېنىيە، گروزىيە، مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا يېتىپ باردى[44]. ئۇمەۋىيلەر (661-750) دەۋرىدە شەرقتە ماۋەرائۇننەھر (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدىكى جايلار)، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندۇ قىتئەسىگە؛ غەربتە ئىستانبۇلنىڭ چېگرالىرىغا، ئوتتۇرا دېڭىز يولى بىلەن ئەندەلۇس (ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە) ۋە فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا؛ ئافرىقىدا شىمالى ئافرىقىنىڭ قالغان قىسمىغا، سەھرا ۋە غەربىي ئافرىقىنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىگە، شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكيان ساھىللىرىغا يەتتى[45].

ئىسلام تۈركىي مۇسۇلمانلاردىن بولغان «بۈيۈك سەلجۇقىيلار» (1040-1157) دەۋرىدە ئەگە ئاراللىرى ۋە ئاناتولىيەگە كىردى. «ئاناتولىيە سەلجۇقىيلىرى» (1077-1307) دەۋرىدە ئاناتولىيە ئومۇمەن ئىسلاملاشتى[46]. ئوسمانىيلار (1290-1922) دەۋرىدە ئاناتولىيەنىڭ ۋە كاۋكاز ئۆلكىلىرىنىڭ قالغان قىسمىغا كىردى[47]، ئىستانبۇل ۋە بالقان ئۆلكىلىرى، قىرىم، مولدوۋا ۋە پولشا قاتارلىق يەرلەردىن ئۆتۈپ ۋىيانا قەلئەلىرىگىچە يېتىپ باردى[48].

ئىسلام پەقەت سىياسىي كۈچ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ دەۋىتى بىلەنمۇ نۇرغۇنلىغان جايلارغا تارقالغان. مەسىلەن: ئىسلام شەرقىي ئافرىقا ئۆلكىلىرى، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالدىۋې ئاراللىرى ۋە ياپونىيەگە، شاڭخەي ۋە شەندۇڭغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغاقلىرىغا، غەربىي ۋە جەنۇبىي ھىندىستان ساھىللىرىغا دېڭىز يولى ئارقىلىق كەلگەن تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىتى بىلەن تارقالغان. غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا ئۆلكىلىرى[49]، بانگلادېش قولتۇقى، شىمالىي ھىندىستان ساھىللىرى، بىرما ساھىللىرى، تايلاند، كامبودژا، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرى ۋە شىمالى ھىندىستاننىڭ ئىچكىرى قىسىملىرى[50] قاتارلىق جايلارغا قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق كەلگەن تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىتى بىلەن تارقالغان[51]. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار، يۇرتلىرىغا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ھىجرىيە 1- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 4- ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمگىچە بولغان زامان ئىچىدە مۇسۇلمان بولدى[52].

قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەنە شۇ فەتىھ ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ يېنىدا، ئۇنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان، كۆپلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋى خىزمەتلەر قىلىنغان: ئۇنىڭغا يۈزلەرچە ھەتتا مىڭلارچە تەپسىر يېزىلغان[53]. «تەھفىزۇل قۇرئان- قارىيخانا»لار، مەدرىسەلەر ۋە قۇرئان كەرىم ئىنستىتۇتلىرى سېلىنغان، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا فاكۇلتېتلار قۇرۇلغان. نەتىجىدە ئىلاھىي ئامانەت ۋە نەبەۋىي مىراس بولغان قۇرئان كەرىم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۆگىتىلىپ كەلگەن. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا[54]، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلالىغۇدەك ئالىملارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر[55].

شۇنىڭدەك، ئۇ ئاساسەن ھەر مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان[56]، ھەتتا بەزى تىللارغا بىرقانچە قېتىم پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدە يۈزدىن ئارتۇق تەرجىمىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ئالىمنىڭ ياكى بىر ئىلمىي ھەيئەتنىڭ قىلغان تەرجىمىسىدۇر[57].

قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچىغىمۇ بىرقانچە قېتىم تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى تۈركلەر ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئەسنادا ئۇيغۇرچە قىلىنغان ۋە ھىجرىيە 734- يىلى (مىلادىيە 1333- يىلى) ھاجى مۇھەممەد دۆلەتشاھ شىرازى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ۋە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تەرجىمىدۇر. بۇ تەرجىمە نۇسخا ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا 73- نومۇرلۇق مۇھاپىزەت ساندۇقىدا ساقلانماقتا ۋە «تۇنجى قېتىم تۈركچە قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىسى» بولۇپ ھېسابلانماقتا[58]. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرقانچە قېتىم تەرجىمە قىلىنغان[59]. ئەپسۇس، ئۇ تەرجىمىلەر كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن.

قۇرئان كەرىم 80- يىللاردا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە «بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى» نەشر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغان. 2012- يىلى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» بىر ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»نى نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ تەرجىمە بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇلغان بولدى.

رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن بارلىق قۇرئان خىزمەتلىرىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسلامدا مۇسۇلمان بولغان ھەر كىشىگە تەبلىغ ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ[60]. تەبلىغ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى يەتكۈزۈشتۇر، خالاس[61]. شۇڭا ھەر مۇسۇلمان ھاياتى بويىچە قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش-ئۆگىتىشكە، ھەتتا قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشكە ۋاسىتە بولسۇن دەپ ئەرەبچە ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ. ئۆگەنگەنلەر تەپسىر قىلىدۇ، تەرجىمە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى يازىدۇ، لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ھېچبىر قۇرئان تەپسىرى ۋە تەرجىمىسى قۇرئاننىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى مۇفەسسىرنىڭ ۋە مۇتەرجىمنىڭ زېھنىدە شەكىللەنگەن مەنىسىدۇر. بىر تىلدا شۇنچە كۆپ تەپسىرنىڭ يېزىلىشى، تۈرلۈك تەرجىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەر مۇسۇلمانغا مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە بىرقانچە پەرقلىق تەپسىر ۋە تەرجىمىگە ئېھتىياج بار. قولىدىن كېلىدىغان ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بۇ ئېھتىياجنى قامداشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى لازىم.

مەن دىيارىمدىكى چېغىمدا تەبلىغ ۋەزىپەمنى ۋەز-نەسىھەت قىلىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن ئىمكانىيىتىمنىڭ بارىچە ئادا قىلىشقا تىرىشقان ئىدىم. لېكىن 1995- يىلى ۋەتىنىمدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلەشتىم، ئۆگىتىش ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلىشتىن بىرقانچە يىل ئاساسەن توختاپ قالدىم[62]. 2002- يىلى بۇ يەردە بىر ئىلمىي ئورگانغا[63] مۇتەخەسسىس تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتىم. بۇ يەردىكى ئىشىم بارلىق ئىلمىي مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمىلەرگە ئىشتىراك قىلىش، ئايرىم ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇرچە كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب تەييارلاش بولدى، شۇنىڭ بىلەن تەبلىغنىڭ بىر تۈرى بولغان يېزىشنى باشلىدىم.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك تەبلىغ ئاللاھنىڭ كىتابىنى يەتكۈزۈش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئىلمي مۇھىت ۋە ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم ۋە ئەلھەمدۇلىللاھ 10 يىلدىن ئارتۇق بىر مۇددەتتىن كېيىن تۈگەتتىم. تەرجىمە تاماملانغاندىن كېيىن بىرقانچە قېتىم ئوقۇپ، كۆزۈمگە چېلىققان ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزەتتىم، نەتىجىدە بۇ تەرجىمە روياپقا چىقتى.

تەرجىمىدە ئايەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسۋەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا ۋە ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا ئەھمىيەت بەردىم. تىرناقلىق ئىپادىلەرگە ئورۇن بەرمىدىم. لېكىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشلىرىگە ياردەمچى بولار دېگەن ئۇمىد بىلەن بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردىم.

ئىنشائاللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى لايىق رەۋىشتە تونۇشىغا، ھەقىقىي مەنىدە چىڭ تۇتۇشىغا ياردەمچى بولغۇسى!

ئاللاھ تارىخ بويىچە قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈش يولىدا قولىدىن كېلىشىچە پىداكارلىق قىلغان ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغاي! ئۇستازلىرىمدىن، ئاتا-ئانامدىن ۋە ئائىلەمدىن رازى بولغاي!

 

ئەنەس ئالىم

‏2016‏- 3- ئاي، ئىستانبۇل


[1] ئاللاھ تائالا نىسا سۈرىسىنىڭ 174- ئايىتىدە ئۆزىنىڭ بىز ئىنسانلارغا پارلاق بىر نۇر نازىل قىلغانلىقىنى، ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە بىزگە بىزنىڭ زىكرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتاب نازىل قىلغانلىقىنى، نۇر سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدە بىزگە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ئايەتلەر، بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىدىن مىساللار ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن نەسىھەتلەر نازىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كەھف سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىدە بولسا كىتابنى بەندىسى (مۇھەممەد) كە نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، بىزگە بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغان «ئەلھەمدۇ لىللاھ- ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېيىشنى ئۆگىتىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئە.س) ئارقىلىق نازىل قىلغان، بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ «ئەلھەمدۇ لىللاھ» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. كەھف سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[2] بەقەرە 2/177. بۇ ئايەتتە تەقۋادارلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

[3] «بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا 21/107).

[4] «مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 33/40).

[5] ئەھزاب 33/56. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەيغەمبەر (ئە.س) ئۈچۈن مۇشۇنداق تىلەكتە بولۇشقا ئەمر قىلىدۇ.

[6] ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ياخشى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئۇ كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋەدە قىلىدۇ (تەۋبە 9/100، ئەھزاب 33/33، ھەشر 59/8-10). بىرقانچە ئايەتتە بولسا تەقۋادارلارغا ياخشىلىق ۋەدە قىلىدۇ (ئال ئىمران 3/15-133، ئەئراف 7/138، ھۇد 11/49، يۇسۇف 12/109، تاھا 20/132، شۇئەرا 26/90، قەسەس 28/83، ساد 38/49، زۇخرۇف 43/35، قاف 50/31، قەلەم 68/34، نەبەئ 78/31- 36). بىز بۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە تىلەكداشمىز. شۇڭا ھەر پۇرسەتتە بۇ خىل دۇئانى قىلىمىز.

[7] «ئاللاھ ئاۋۋالدۇر، ئاخىردۇر، ئاشكارىدۇر، يوشۇرۇندۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» (ھەدىد 57/3).

[8] «ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر ۋە ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر» (زۇمەر 39/62. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: بەقەرە 2/29؛ ئەنئام 6/1، 101، 102؛ ئەئراف 7/54؛ رەئد 13/16؛ نۇر 24/45؛ ئەنبىيا 21/30-33؛ غافىر 40/62؛ ھەشر 59/24).

[9] «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەپستىن ياراتتى، ئۇ نەپسنىڭ جۈپتىنى ئۇ نەپستىن ياراتتى، ئۇ ئىككىسىدىن كۆپ ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى تۆرەلدۈرۈپ تارقاتتى» (نىسا 4/1).

[10] «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى» (بەقەرە 2/29. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: ئىبراھىم 14/32-33؛ نەھل 16/12، 14؛ ھەج 22/36، 37، 65؛ ئەنكەبۇت 29/61؛ لۇقمان 31/20، 29؛ فاتىر 35/13؛ جاسىيە 45/12-13).

[11] «ئاللاھ سىلەرنى قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتقان زاتتۇر» (مۇلك 67/2. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: بەقەرە 2/155، ئال ئىمران 3/186، مائىدە 5/48، 94، ئەنئام 6/165، ھۇد 11/7، كەھف 1/7، ئەنبىيا 21/35).

[12] بۇ يەردىكى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھايۋانلارنىڭ ئاڭلىشى ۋە كۆرۈشىدىن پەرقلىقتۇر. ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ، كۆرىدۇ، لېكىن ئاڭلىغىنىنى ۋە كۆرگىىنىنى تەھلىل قىلىپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ. ئىنسانغا روھنىڭ پۇۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان بۇ ئالاھىدىلىك (سەجدە 32/9) ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىش چۈشىنىش ۋە ئۇلار ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىك ئۆگىنىشنىڭ قورالىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىنسانىيەتكە ئەسلىتىلگەن «سەمئ، ئەبسار ۋە ئەفئىدە» ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. (نەھل 16/78؛ ئىسرا 17/36؛ مۇئمىنۇن 23/78؛ سەجدە 32/9؛ مۇلك 67/23).

[13] «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇڭا ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر قىلغۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ» (ئىنسان 76/2-3. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەت: بەلەد 90/10).

[14] «خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن» (كەھف 18/29).

[15] چۈنكى ئادەم ئاتا ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئىدى. بۇنىڭغا مۇنداق ئىككى دەلىل بار: 1- ئاللاھ تائالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 33– ئايىتىدە ئۆزىنىڭ «ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىنى، ئىمراننىڭ ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان»لىقىنى بايان قىلىدۇ. 2- مائىدە سۈرىسىنىڭ 27 -، 28 – ۋە 29 – ئايەتلىرىدە ئادەم (ئە.س) نىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنىغا بىر قىسىم ياخشى سۆزلەرنى قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەك، ئادەم (ئە.س) بۇ ئىشلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن ئۆگىنىپ ئوغۇللىرىغا ئۆگەتكەن. ئاللاھ تائالادىن ۋەھىي ئېلىپ، باشقىلارغا يەتكۈزگەن كىشى پەيغەمبەردۇر.

[16] «ئىنسانلار بىر ئۈممەت ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا، خۇش خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن، دەپ ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى نازىل قىلدى» (بەقەرە 2/213. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەت: يۇنۇس 10/19).

[17] «ئاللاھ بىر يۇرتنى مىسال قىلدى. ئۇ تىنچ، خاتىرجەم، رىزقى ھەر تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇرىدىغان بىر يۇرت ئىدى. لېكىن ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاچلىقنى ۋە قورقۇنچنى تېتىتتى، ئاچلىق ۋە قورقۇنچ كىيىم- كېچەكتەك ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئورىۋالدى» (نەھل 16/112. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەت: نىسا 4/64).

[18] «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، خۇددى ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر» (نۇر 24/55. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئىبراھىم 14/10، نۇھ 71/4).

[19] «ئاللاھ مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ كاتتا بەختكە ئېرىشىشتۇر» (تەۋبە 9/72. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ھەدىد 57/12، ۋاقىئە 56/10-40).

[20] «بىلىڭلاركى، مەندىن سىلەرگە بىر ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ» (بەقەرە 2/38. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئەنفال 8/53، يۇنۇس 10/103، رەئد 13/11، تاھا 20/123. رۇم 30/47، غافىر 40/51).

[21] «ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق» (ئەنئام 6/6. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئەئراف 7/4، ئەنفال 8/54، يۇنۇس 10/13، ئىسرا 17/15، 17، كەھف 18/59، مەريەم 19/74، 98، تاھا 20/128، ئەنبىيا 21/9، ھەج 22/45، شۇئەرا 26/139، 208، قەسەس 28/43، 58، سەجدە 32/26، ياسىن 36/31، ساد 38/3، زۇخرۇف 43/8، دۇخان 44/37، ئەھقاف 46/27، مۇھەممەد 47/13، قاف 50/36، قەمەر 54/51).

[22] «ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىن: ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتا دۈشمەنلەشسە، بۇرۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەرگە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قانۇنۇم ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ» (ئەنفال 8/38. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ھىجر 15/13، كەھف 18/55، ئەھزاب 33/62، فەتىھ 48/23).

[23] «بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق، بەزىلەرنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەرمىدۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەندە ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. باتىل تەرەپدارلىرى شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ» (مۇئمىن 40/78. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: نىسا 4/163-165، فاتىر 35/24-26).

[24]– سەفىييۇررەھمان مۇبارەكفورى (ۋاپاتى: 2006)، رەھىقۇلمەختۇم، 56- بەت.

[25] ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە قۇرئاننى بەندىسىگە نازىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: بەقەرە 2/23، كەھف 18/1، فۇرقان 25/1، نەجم 53/10، ھەدىد 57/9. بىرقانچە ئايەتتە بولسا ئۇ بەندىنىڭ مۇھەممەد (ئە.س) ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئال ئىمران 3/144، ئەھزاب 33/40، مۇھەممەد 47/2. فەتىھ 48/29.

[26] «مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس. لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 33/40)؛ «بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا 21/107. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئەنئام 6/19، 90، 92، ئەئراف 7/158، يۇسۇف 12/104،فۇرقان 25/1، سەبەئ 34/28، ساد 38/87، جۇمۇئە 62/2، قەلەم 68/52، تەكۋىر 81/27).

[27] تارىق 86/13.

[28] «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ قۇرئانىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ئايرىلماڭلار»- ئال ئىمران 3/103  بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، «قۇرئان ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ قۇرئانى» دەپ ئىزاھلاندى. (ھەدىس- تىرمىزى، سۇنەن، فەزائىلىل قۇرئان 2906، دارىمى، سۇنەن، فەزائىلىل قۇرئان 3374، بەيھەقى، شۇئەبۇل ئىمان، 19/1788، ھاكىم، مۇستەدرەك، فەزائىلىل قۇرئان 7/2040).

[29] «بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەتنىڭ، رەھمەتنىڭ ۋە خۇش خەۋەرنىڭ دەل ئۆزى بولغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق» (نەھل 16/89). يۇسۇف 12/111- ئايەتمۇ ئوخشاش مەنىدە. قۇرئاننىڭ «مۇبىن» بولۇشىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ.

[30] «ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق »- (ئىنسان 76/23).

[31] «ئى رەسۇل! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى يەتكۈزگىن» (مائىدە 5/67). كىملەرگە يەتكۈزىدىغانلىقى  ئەنئام 6/19- ئايەت بىلەن جۇمۇئە 62/2-3- ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.

[32] «بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، مۇبارەكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر» (ئەنئام 6/155. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/139، ئىسرا 17/9، 10، 82، ئەنبىيا 21/50، ساد 38/29، ئەئراف 7/157).

[33] «رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن» (ئەنئام 6/106، يۇنۇس 10/109، ئەھزاب 33/2)؛ «ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىل. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن» (مائىدە 5/67. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/20، مائىدە 5/99، ئەنئام 6/104، يۇنۇس 10/108، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، رەئد 13/40).

[34] «مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن» (ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9).

[35] پەيغەمبىرىمىز مائىدە 5/67- ئايىتىدە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. بۇنى ۋىدا خۇتبىسىنى ئاڭلىغان يۈز مىڭدىن ئارتۇق ساھابەنىڭ گۇۋاھلىقى ئىسپاتلايدۇ.

[36] بەقەرە 2/129، 151، ئال ئىمران 3/164، ئەھزاب 33/34، جۇمۇئە 62/2.

[37] «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە- ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە- ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر»- ئەھزاب 33/21.

[38] «بۈگۈن كافىرلار دىنىڭلاردىن ئۈمىدسىزلەندى. ئۇنداقتا ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا تاللىدىم»- (مائىدە 5/3).

[39] مۇسلىم ھەج، بابۇ ھەججەتىننەبىي؛ ئەبۇ داۋۇد مەناسىك، بابۇ سىفەتى ھەججەتىننەبى.

[40] مۇھەممەد (ئە.س) ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (3- ئاي)نىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولغان- رەھىقۇلمەختۇم 431- بەت. ۋىدا خۇتبىسىنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (12- ئاي)نىڭ 9- كۈنى  ئەرەفاتتا سۆزلىگەن- مۇسلىم ھەج، بابۇ ھەججەتىننەبى. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇھەممەد (ئە.س) ۋىدا خۇتبىسىنى سۆزلىگەن كۈن بىلەن ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ھىجرىيە ئېيى ھېسابىدا ئۈچ ئاي ئىككى  كۈن بولغان بولىدۇ.

[41] ھەر جەھەتتىن جاھىلىيەتتە ياشاۋاتقان تۈرلۈك ئىرقلاردىن بولغان كىشىلەر قىسقا مۇددەتتە قۇرئاننىڭ شاراپىتى بىلەن «ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم» بولغان، ئۆزلىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرۇپ ئىلكىدىكىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان، شۇڭا ئۇلارنى مەدھىيەلەپ ئايەتلەر نازىل بولغان: بەقەرە 2/273، ئەنفال 8/72، 74، تەۋبە 9/100، 117، ھەشر 59/8-9.

[42] پەيغەمبەر (ئە.س) 10 يىللىق ئەمەلىي بىر سىياسىي پائالىيەتتىن كېيىن ئاخىرقى نەپەسىنى بەرگەن ئەسنادا ئىككى مىليون كۋادرات مېتىرغا يېقىنلاشقان مەيداندا قۇرۇلغان بىر دۆلەتنى باشقۇرماقتا ئىدى، رۇسىيانىڭ سىرتىدىكى ياۋرۇپا چوڭلۇقىدا بولغان ۋە ئۈستىدە ئۇ چاغدا مىليونلارچە خەلق ياشاۋاتقان بۇ كەڭ مەيدان جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمەن قوشۇن سەپلىرىدە ئۆلگەن تەقرىبەن 250 ئىنسان بەدىلىگە پەتىھ قىلىنغان.- مۇھەممەد ھەمىدۇللاھ، ھەزرىتى پەيغەمبەرنىڭ ساۋاشلىرى، ياغمۇر يايىنلىرى (يامغۇر نەشرىياتى)، 4- بېسىلىشى، ئىستانبۇل، 1991، 21- ۋە 22- بەتلەر.

[43] بۇ سۆز «توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەر» دېگەن بولۇپ ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى (ر.ز) قاتارلىق تۆت خەلىپىنى كۆرسىتىدۇ.

[44] تەبەرى، ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبىن جەرىر، تارىخۇل ئۇمەم ۋەلمۇلۇك (تەھقىق: مۇھەممەد ئەبۇلفەزل ئىبراھىم)، بېيرۇت: دارۇس سۇۋەيدان، 3-جىلد، 350-359. 365-369، 387-394، 434-435، 460-472، 477-550، 601-602، 609-611- بەتلەر؛ 4- جىلد، 6-7، 76-94، 114-127، 143-155، 443-444- بەتلەر. ئەددىنەۋەرى، ئەبۇ ھەنىفە ئەھمەد ئىبىن داۋۇد، ئىسلام تارىخى (تەرجىمە: نۇسرەددىن بوللەلى-ئىبراھىم تۈپەكچى)، ئىستانبۇل 2007، 162-163. ئىبنۇلئەسىر، ئىززۇددىن ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبىن مۇھەممەد، ئەلكامىل فىتتارىخ، بېيرۇت 1986، 2- جىلد، 266-267، 276-281، 295-296، 298-299، 301-303، 340-343، 347-350، 361-363، 379-381، 386-388، 397؛ 3- جىلد، 2-7، 64-65.بەتلەر. ئەلبەلازۇرى، فۇتۇھۇل بۇلدان، (تەرجىمە: مۇستافا فايدا)، ئەنقەرە 1987، 159، 549، 553- 555. فايدا مۇستافا «ئەبۇ بەكر»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 10- جىلد، 103-104، «يەرمۇك ساۋاشى»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 43- جىلد، 485-486، «ئابدۇللاھ ئىبىن ئەمر»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 1- جىلد، 84-85. ئىبىن كەسىر، ئەبۇلفىدا ئىسمائىل ئىبىن ئۆمەر، ئەلبىدايە ۋەننىھايە، بېيرۇت: مەكتەبەتۇل مەئارىف، 7، 2-32، 79. دوتسېنت دوكتور ئادەم ئاپاك، ئانا ھاتلارى ئىلە ئىسلام تارىخى، ئىستانبۇل 2009، 2/122، 141-145، 155-161، 208، 214. 216-217؛ «ھەزرىتى ئوسمان دەۋرى فەتىھلىرى»، ئۇلۇغداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتى ژۇرنىلى، 2000، 9- سان، 443-444- بەتلەر. خەيرۇددىن يۈجەسوي «قادىسىيە ساۋاشى»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 14- جىلد، 136-137- بەتلەر. سەييىد ئەيمەن فۇئاد «ئىسكەندىرىيە»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 22/574. يەئقۇبى، ئەھمەد ئىبىن ئەبۇ يەئقۇب، تارىخ، بېيرۇت 1960، 2- جىلد، 156- بەت. تېكىنەش ئايخان «سەئد ئىبىن ئاس»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 35- جىلد، 549. يىگىت ئىسمائىل «ئوسمان»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 33- جىلد، 439. مەھمۇد شاكىر، ئىسلام تارىخى، 1421/2000، 8- باسمىسى، 8- جىلد، 363.

[45] ناسىر ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللاھ ئەلئەھمەد، ھەرەكەتۇل جىھادى ۋەلفەتھى فىئەھدىد دەۋلەتىل ئۇمەۋىييەتى ۋەئەسەرۇھۇما فىددەئۋىتى ئىلەللاھى تائالا ۋەنتىشارىل ئىسلامى، دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى، بېيرۇت 1429/2008، پ د ف نۇسخسى، 95- 181؛ م. مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 7- جىلد، 297-301؛ 22- جىلد، 396-397. داۋۇت دۇرسۇن «ئافرىقىدا دىن»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 1- جىلد، 430- 431.

[46] سۈمەر فارۇق، «سەلجۇقلۇلار»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 36- جىلد، 365-371، 380-381. بۈيۈك سەلچۇقىيلار 1040-1157  ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن بىر تۈرك سۇلالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى قەشقەردىن ئەگە ئاراللىرىغىچە، ئارال كۆلى ۋە كاۋكازىيەدىن يەمەن ۋە ئەدەنگىچە ئۇزارغان. ئاناتولىيە سەلچۇقلىرى بولسا (1077-1307 ئارىسىدا ئاناتولىيدە ھۆكۈم سۈرگەن بىر تۈرك سۇلالىسىدۇر.- مەزكۇر مەنبە.

[47] چۈنكى ئاناتولىيەنىڭ كۆپ قىسمى بۈيۈك سەلجۇقىيلار ۋە ئاناتولىيە سەلجۇقىيلىرى دەۋرىدە ئىسلاملاشقان، بۇنى يۇقىرىدا زىكىر قىلدۇق. كاۋكازىيەنىڭ بەزى جايلىرى بولسا خۇلەفائى راشىدىن دەۋرىدە ئىسلاملاشقان. – مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 7- جىلد، 363.

[48] مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 8- جىلد، 364-365.

[49] بۇ يەردە شىمالىي، شەرقىي، غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا ئۆلكىلىرىگە ئىسلامنىڭ قانداق تارقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى، لېكىن جەنۇبى ئافرىقا ئۆلكىلىرىگە قانداق تارقالغانلىقى ھەققىدە بىر مەلۇمات بېرىلمىدى، چۈنكى ئۇ يەرلەر قىتئەنىڭ غەربىي ئۆلكىلىرىدىكى ۋە شەرقتىكى دەۋەت مەركەزلىرىدىن يىراق بولغانلىقى، ئىلگىرى ئۇ يەرلەردە نوپۇس ئاز بولغانلىقتىن تىجارەت ساھەلىرىدىن ھېسابلانمىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرلەرگە پات-پات كەلمىگەنلىكى، كەلگەنلەرنىڭ ئۇزۇن تۇرمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدن ئىسلام ئۇ يەرلەرگە كېچىكىپ بارغان ۋە كۆپ تارقالمىغان. شۇڭا جەنۇبى ئافرىقا ئۆلكىلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى بەك ئاز، ھەتتا بەزى ئۆلكىلەردە يوق دېيەرلىك.- مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 22- جىلد، 319- 346.

[50] بۇ يەردىكى «ھىندىستان» كۈنىمىزدىكى ھىندىستان دۆلىتىلا ئەمەس، بەلكى ھىندۇ قىتئەسى يەنى كۈنىمىزدىكى ھىندىستان، پاكىستان، بانگلادېش، نىپال، بۇتان ۋە سېرلانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام بۇ قىتئەنىڭ شىمالى قىسىملىرىغا ئۇمەۋىيلەر (661-750 ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇمەييە ئەرەبلىرى سۇلالىسى)، غەزنەۋىلەر (962-1186 ئارىسىدا ئافغانىستان ۋە ھىندىستاندىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى سۇلالىسى) ۋە غۇرىيىلەر (1151- 1206 ئارىسىدا ئافغانىستان، شىمالىي ھىندىستان ۋە بانگلادېشتا قۇرۇلغان تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى سۇلالىسى) دەۋرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان فەتىھ ھەرىكەتلىرى بىلەن تارقالغان، باشقا جايلىرىغا بولسا دەۋەت بىلەن تارقالغان.- مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 22- جىلد، 27- بەت،  8- جىلد، 411- بەت.

[51] مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 7- جىلد، 255- 260؛ 8- جىلد، 411، 437، 440، 446، 454؛ 22- جىلد، 27، 53، 58، 93، 109، 136، 319، 321، 341. ئەمەت دەرۋىش، مۇنەۋۋەر ئابلىز، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، «شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر خەلق نەشرىياتى»، 2014- يىل نەشرى، 353-354. داۋۇت دۇرسۇن «ئافرىقىدا دىن»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 1- جىلد، 431- 438.

[52] ئۇيغۇر دىيارىغا ئىسلامىيەت ھىجرىيە 1- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان. ھىجرىيە 3- ئەسىر ئىچىدە خەلقنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان. ئاندىن ھىجرىيە 4- ئەسىرنىڭ (مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭ) باشلىرىدا قاراخانىيلار (840-1212) خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغرا خان (ۋاپاتى 955 ياكى 956 م) نىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە تەختتە ئولتۇرۇشى بىلەن پۈتۈن خەلق مۇسۇلمان بولغان، شۇنداقلا ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئېلان قىلىنغان.- مەھمۇد شاكىر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 8- جىلد، 378-381؛ 22- جىلد، 136- 154. نۇرى ئۈنلۈ، ئانا ھاتلارىلا ئىسلام تارىخى باشلانغۇچتىن 1918 گىچە، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلاھىيات فاكۇلتېتى ۋەقفى يايىنلارى 9- نومۇر، 152- 153. ئەمەت دەرۋىش، مۇنەۋۋەر ئابلىز، يۇقىرىدىكى ئەسەر، بۇ ئەسەردە يۇقىرىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئوخشىشى زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن ئىسلامنىڭ تۇرپانغا مىلادىيە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا (ھىجرىيە 9- ئەسىر) تارقالغانلىقى، 16- ئەسىردە (ھىجرىيە 10 – ئەسىر) قومۇلغىچە كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، دېمەككى ئىسلام دىيارىمىزنىڭ ئۇ رايونلىرىغا بىرقانچە ئەسىر كېچىكىپ بارغان.

[53] ھازىرغىچە يېزىلغان تەپسىرلەرنىڭ سانىنىڭ 3000 (ئۈچ مىڭ) غا يەتكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ (سەييىد مۇھەممەد ئەلى ئايازى، ئەلمۇفەسسىرۇنە ھەياتۇھۇم ۋە مەنھەجۇھۇم، 1- باسمىسى، تېھران 1414،  16).

[54] مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاغزاكى ئۆگىتىلىشى ھېچبىر زامان توختاپ قالغىنى يوق. ھازىرمۇ يېڭىدىن-يېڭى تەپسىرلەر يېزىلىپ نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ.

[55] 80- يىللاردا دىيارىمىزدىكى مەسچىت-جامەلەردە قۇرئان كەرىمنى ئاغزاكى تەپسىر قىلىش باشلانغان بولۇپ، خوتەن شەھەر نۇرلۇق مەسچىتتە قۇرئان كەرىم باشتىن-ئاخىر ئىككى قېتىم تەپسىر قىلىنغان، تالىپلارغا بىرقانچە قېتىم ئۆگىتىلگەن. بۇ تەپسىر ۋە تەلىمنى خوتەن ئۆلىمالىرىدىن مۇھەممەت قۇربان داموللا ھاجىم ئېلىپ بارغان. مەنمۇ شۇ تالىپلارنىڭ بىرى ئىدىم. شۇ چاغلاردا خوتەندە ۋە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەپسىر ئۆگىتەلىگۈدەك كۆپ ئۆلىمالار بار ئىدى. بۇ ئەھۋال دىيارىمىزدا ئىسلام كىرگەندىن تارتىپ قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ زەنجىرسىمان بىر شەكىلدە داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[56] قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر خىل تىللارغا قىلىنغان تەرجىمىلىرى «مەدىنە مۇنەۋۋەرە» دىكى «پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش زاۋۇتى»دا بېسىلىپ ھاجىلارغا ھەدىيە قىلىنماقتا، تەلەپ قىلغۇچىلارغا بېرىلمەكتە.

[57] بۇلاردىن 10 دانىسى «ھايران»، 20 دانىسى «ھەسەنات» ئىسىملىك ئېلېكتىرونلۇق ساندۇقلاردا جەملىنىپ تۈركچە بىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان، بۇ سۈلەيمانىيە ۋەقفىدە بۇلار بىلەن بىرلىكتە بېسىلغان كىتاب ھالىتىدىكى تۈركچە قۇرئان تەرجىمىلىرىدىن 20 ئەتراپىدا نۇسخا بار.

[58] ھىدايەت ئايدار، ئۇيغۇرلاردا قۇرئان چالىشمالارى، «بىلىگ» ژۇرنىلى 2004- يىللىق قىش (پەسلى) 28- سان، ئەنقەرە، 137-171. بۇ مەلۇمات غەيرەتجان ئوسماننىڭ «ئەسلەتمە»سىدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ.

[59] قۇرئان كەرىمنىڭ ھازىرغىچە قىلىنغان، لېكىن بىر پۈتۈن ھالدا بېسىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1- يەركەنت ھۆكۈمدارى خوجا ياقۇپ (ۋاپاتى: 1756م) قىلدۇرغان «تەپسىرى قۇرئان»، 2- مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى (ۋاپاتى: 1849م) قىلغان «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»، 3- ھۈسەيىنخان تەجەللى (ۋاپاتى: 1925م) قىلغان «قۇرئان تەپسىرى»، 4- 1910- يىلى يۇسۇپ داموللام قىلغان «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»، 5- شەمسىدىن داموللام تەجەللىنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن قىلغان «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»، 6- سابىت ئابدۇلباقى داموللاجىم (1942- يىلى شىڭسىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن) قىلغان «روشەن بايان-تۈركىي تەفسىرۇلقۇرئان»، 7- مۇھەممەد زەرىف قاراجىم (ۋاپاتى: 1956) قىلغان «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»- غەيرەتجان ئوسمان، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى جەۋھەرلىرى، ھىدايەت گۈلزارى (2)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007، 140-142.

[60] «سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۈممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر» (ئال ئىمران 3/110. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/104، تەۋبە 9/71، 112، ئەسىر 103/3).

[61] «پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»- نەھل 16/35، «رەسۇلنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى يوق »- نۇر 24/54 (ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر: ئال ئىمران 3/20؛ مائىدە 5/92، 99؛ رەئد 13/40؛ نەھل 16/82؛ ئەنكەبۇت 29/18؛ شۇرا 42/48؛ تەغابۇن 64/12). «ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىل. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكىنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن» (مائىدە 5/67). دېمەك، تەبلىغ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر، بۇ پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. جۈملىدىن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (ئە.س)نىڭمۇ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ ۋەزىپە ھەر پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىتىگىمۇ يۈكلەنگەن- «ئاللاھ  كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار› دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۇ: ‹كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق رەببىڭلارغا بەندە بولۇڭلار› دەيدۇ» (ئال ئىمران 3/97). بۇ مەنىلەردىكى ئايەتلەرگە ئاساسەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولغانلارنىڭ تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش بىلەنلا ئادا قىلىنىدۇ، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر (ئە.س): «مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» دېگەن. (بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزى، ئىلىم 13، 2669؛ دارىمى، سۇنەن، ئىلىم 559؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 2/25، 488، 583).

[62] چۈنكى بۇ يەردە ئوقۇيدىغان تالىپلىرىم ۋە ئاڭلايدىغان جامائەتلىرىم يوق ئىدى، مۇھاجىرەت ھاياتىمدىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى  پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى، ئائىلە ئەزالىرىمنى يېنىمغا جەم قىلىش يۈكىنىڭ ئېغىرلىقى بىلىمنى پۈككەن ئىدى.

[63] بۇ ئورگان «سۈلەيمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى» دېگەن ئىسىم بىلەن 1993- يىلى تۈركىيەلىك بىر دىنى ئالىم، پروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر باشچىلىقىدا بىرقانچە ئاكتىپ تۈرك مۇسۇلمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى دىن ۋە فىترەت (تەبىئەت) توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. مەن 2002- يىلى بۇ يەرگە ئىشقا كىرگەن.

 


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ