باش بەت > باشقىلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

60 ئىنكاس بار


مۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك ئۇستازلا سۇئاللىرىمىز غا ۋاقتى ۋاقتىدا جاۋاپ بەرگنىڭىزلەر كوپ تەشەككۇر شۇ سەۋەپتىن ماڭغان يوللىرمىزنى توغۇرلىشىمىزغا پايدىسى بولدى ئاللا سىزلەردىن رازى بولسۇن ئىككىلا ئالەمدىكى ئەجرىڭىزلەرنى زىيادە قىلسۇن ئامىن

سەيياھ دېدى:

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ ئاللاھ تەئەللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن .
پىكىر دەپتىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قەلبىم خۇشال بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جاۋاپ تەرىقىسىدە يىزىلغان تىرەن مەزمۇنلۇق يازماڭلاردىن مۇسۇلمانلار تور بىتىنىڭ كەلگۇسى تەرققىياتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز ئاشتى (ئاللاھ سىلەرنى ياخشى نىيەتلىرىڭلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن).
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولۇپ كىلىۋاتقاندىن بىرى بىزنىڭ ئەقىدىمىز يىڭىلاندى، ئىمانىمىز ساپلاشتى. ئۇستازمىز ئەبۇلفاتىھنىڭ خەت ساندۇقىمىزغا ئەۋەتكەن كۆپلىگەن پەتىۋا ۋە كۆرسەتمىلىرى ئىسلامىي ھاياتىمىزغا ھەقىقىي مەنا قاتتى، بىزنىڭ ھەرخىل قاراشلار ئارىسىدىكى تىڭىرقاشلىرىمىزغا خاتىمە بەردى. مىڭىۋاتقان يولىمىزنىڭ كۇندىن ـ كۇنگە داغدام ، نۇرلۇق بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، بۇ خۇددى نەچچە ئەسىرلىك بوران چاپقۇنلاردا كۆمۇلۇپ قالغان ئۆينىڭ ئۇلىنى تاپقانغا ئوخشايدىكەن .
بىزنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ئەتراپىمىزدىكى بىز ياشاۋاتقان دىنى مۆھىتتۇر. بەزىدە غەممۇ قىلىپ قالىمىز، خەلىقىمىزنىڭ قان ـ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئادەت خارەكتېرلىك ئەقىدىلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدىن بىلىپ تۇرۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرى: پالانچى قارىم بىلمەمدىكەن؟ سىز پالانچى داموللامدىنمۇ جىق ئوقۇغانمۇ؟ سىز زادى قانچە پارە بىلىسىز؟ …….قاتارلىقتۇر .
تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسلامىي بەتلەر ئاز ئەمەس، بىراق كۆپىنچە بەتلەر « مەزھەپ بۆيۇنتۇرقى» دىن چىقىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ، كۆپ مەسىلىلەرگە ئىسلامىي نۇقتىدىن جاۋاپ بەرمەي، ھەر بىرى مەزھەپنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز. دېمەك ھىچقاندەك ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشمەي، يەنىلا ئاچا يولدا تۇرۇپ قالىسىز ( ئاللاھ ھەممىمىزنى بىرلەشكىلى نېسىپ قىلىسۇن).
بۇ مەسىلىنى مۇسۇلمانلار تور بېتى قۇرئان – ھەدىس دەلىللىرى بىلەن ئىسلامىي روھتا ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئسىلام دىنىمىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن تولۇق تاماملىنىپ بولغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ .
(ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولمىسا ئىدى، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالمايتۇق).
قىرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىسۇن . ھەممە مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلغىلى نېسىپ قىلسۇن (ئامىن).

مۇئەللىم دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۈم !ئۇلۇغ ئاللا ھەمىمزگە ساغلام ئەقىل ئاتاقىلسۇن .
يۈسۈپ فەرزەۋى توغرىسىدىكى سۇئالغا تۇلۇمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاپ بۇلۇپتۇ .بىز راستىنلا تەپەككۇردىن خىللا يىراقتا ،سىلەرنىڭ ھەرخىل مەسىللەرگەيۇلۇقۇشۇڭلار تۇرغان گەپ ئاللا جەسۇرلۇق ئاتا قىلغاي!

كەپسىز دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئۇستازلار.ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەككەن جاپايىڭلارغا كۆپتىن كۆپ ئەجىر بەرسۇن. مەنمۇ ئەسلى مۇنبەر قۇرۇش ھەققىدە پىكىر بەرمەكچىتىم.ئەمما بەزى قېرىنداشلىرىمىز مەندىن بۇرۇن چىقىپتۇ.ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئاڭلاپ قايىل بولدۇم. ئويغاق مۇسۇلمانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن. مەنمۇ سىلەرنى،سىلەرگە ئوخشاش دىن ئۈچۈن ماڭغان قېرىنداشلىرىمىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن. ئاللاھ خالىسا مەنمۇ ئويغاق مۇسۇلمانلاردىن. ئاللاھتىن بىزنى بۇ دۇنيادا جەم قىلمىسىمۇ جەننەتتە جەم قىلىپ ھەممىمىزنى خۇرسەن قىلىشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن ! ئامين !

مۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مۇسۇلمانلار تور بىكتىنى قۇرغۇچى ئۇستازلار ئۇلۇغ رامىزانىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
مېنىڭ ئەسلى سىلەرگە پىكىر بەرگۈدەك بىلىمىممۇ يوق دىيەرلىك ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ بەزەن قاراشلىرنى بايان قىلپ بىقشىمنى توغرا تاپتىم.

مەن، مەن ئەزا بولغان بىر بىكەتتىكى بىر ئىنكاستا سىلەرنىڭ تور ئادرېسىڭلارنى كۆرۈپ قىزىقىپ كىرىپ نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ۋە شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى:

سىلەرلام ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئەڭ توغرا يىتەكلەپ كىتەلەيدىكەنسىلەر. مەن بۇنىڭغا ئىشەندىم، مەن باشقا ئىسلام تور بىكەتلىردىكى بەزى مەسىلىلەرگە بەرگەن پەتىۋاسىنى كۆرۈدۈم، سىلەرنىڭكىگە بەكلا زىت يەرلىرىمۇ باركەن ھەم ئايرىملارنىڭمۇ سىلەرگە بولغان باھاسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، سىلەرنىڭ تور بەتنى ‹دىن دۈشمەنلىرنىڭ دىننى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان› دىگەن يەرلىرىنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلاندىم.

مەن 3 ـ 4 كۈندىن بىرى ئىسلام تور بەتلىرىنى ئاساسەن كۆرۈپ چىقتىم، ئاساسەن كۆپىنچىسىدە مۇنبەر بار ئىكەن، سىلەرمۇ مۇنبەر قۇرۇپ ئەزا قوبول قىلغان بولساڭلار مۇنبەردە ئەركىن پىكىرلىرىمىزنى تىخىمۇ بېيىتقان بولساق، دەپ ئويلۇدۇم ياكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ۋاختىڭلار يەتمەمدۇ؟

ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەت

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بىز سىز بىلەن ئىلىمدە پەرقلىق بولساقمۇ ئەقىلدە پەرقىمىز يوق. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنى ئەقىلدە پەرقسىز ياراتقان. دۆتلۈك ئەقىلنىڭ يوقلۇقى ئەمەس، بار ئەقىلنى ئىشلەتمەسلكتۇر. «ئەقىلنىڭ يولى بىر» دەپ بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. بىز ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى ھەقىقەت پېتى ئوتتۇرىغا قويغان بولساق، سىز ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقىقەتنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز ھەر ئىككىمىز ئورتاق بىر مەيداندا بىرلەشكەن بولىمىز.

سىزنىڭ تور بېتىمىزنى كۆرۈپ بۇ قەدەر ھاياجانلىنىشىڭىز، بەزى تورلاردا تور بېتىمىزگە بوھتان چاپلانغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشىڭىز ۋە ئاخىرىدا «پىكىر دەپتىرى» مىزگە كىرىپ كەمتەرلىك بىلەن تور بېتىمىز ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ۋە بىزگە بولغان ئىلتىماسىڭىزنى يېزىپ يوللىشىڭىز سىزنىڭ كاللىڭىز تۈزۈك، ئەقلىڭىز سۈزۈك، فىتىرىتىڭىز پاك، قەلبىڭىز ساق، كۆڭلىڭىز ئاق بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.

«پىكىر»ىڭىزدىكى ئىپادىلىرىڭىز مۇنۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: 1- تور بېتىمىزنىڭ باشقا «ئىسلامىي تور» لاردىن پەرقلىق بولۇشى. 2- باشقىلارنىڭ بىزنى تىللىشى، 3- مۇنبەر قۇرۇش تەكلىپى. تۆۋەندە بۇ ئۈچ نۇقتا ھەققىدە سىزگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىمەن:

1- تور بېتىمىز قۇرئان كەرىم (لەۋزى) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ھەدىس شەرىفلەر بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇلۇۋاتقان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار دۇنيالىق بەخت- سائادىتىنى كەشپ-كارامەتكە، ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى ئويدۇرما شاپائەتكە باغلاپ «ئۇخلاۋاتقان»، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئالىملىرى ئۇلارنى ئويغۇتۇشقا پايلىماي ئۇلارنى «ئەللەي» ئېتىۋاتقان بىر زاماندا بىرقانچە ياش دىنى زىيالىي تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

بۇ تور قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆز يولىغا مېڭىۋاتىدۇ. يەنى بۇ تورنىڭ ئۆلىمالىرى ئىنسانلارغا قۇرئان-ھەدىستىكى دىننى يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئويغۇتۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا سىزگە ئوخشاش ئويغاق ياكى ئۇخلىمىغان ۋە ياكى ئازغىنا بىر شەپە بىلەن ئويغۇنۇپ كەتكەنلەر سېپىمىزگە قېتىلىۋاتىدۇ. ئەلھەمدۇ لىللاھ.

2- تارىخ ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەت شۇكى، ھەر زامان ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلغانلاردىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ دۈشمەن بولغانلار كۆپ بولۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە بىز بۇ خىزمەت جەريانىمىزدا ئۆزىنى قۇرئان كەرىم ئاساسىدا ئەمەس بەلكى مەزھەپ ياكى تەرىقەتلەرنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن خاتا تونىۋالغان «مۇسۇلمان»لار تەرىپىدىن ھەرخىل يەكلەش ۋە ئورۇنسىز تۆھمەتلەرگە ئۇچراپ كەلدۇق. تور بېتىمىز ھەققىدە سىز ئۇ توربەتلەردە كۆرگەن ئاشۇ تۆھمەتلەر بۇنىڭ بىر كىچىككىنە مىسالى. ئۇلار ئاللاھدىن قورقمىغانلىقى، ئىنسانلاردىن خىجىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەنە ئاشۇنداق بوھتانلارنى چاپلايدۇ. بۇلار بىلەن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېسابلىشىمىز.

ھاشارغا چىققان ھاشارچىلار ئارىسىدىن بىرسى«ئو…» دەپ توۋلىسا باشقا ھاشارچىلار نېمە بولغىنىنى بىلمەي ئەگىشىپ «ئو…» دەپ توۋلىغىنىغا ئوخشاش بەزى «قارىمچاقلار» ئىنتېرنېت توربەتلىرىدە توربېتىمىز ھەققىدە خىيالىغا كەلگەننى ۋە ئېغىزىغا چىققاننى توۋلىسا، ئۇلارغا ئەگىشىپ «ئووو» دەپ توۋلىغانلارمۇ بولدى. ئەمما بۇ خىل توۋلاشلار بەزى تورداشلىرىمىزغا «رېئاكسىيە» قىلدى. سىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ توۋلاشلىرى ئارقىلىق تور بېتىمىزغا كىرىپ، ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇش بىلەن بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ مۇستەھكەم بىر ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان، توغرا بىر ئەقىدىگە ئىگە ۋە خالىس بىر نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى، شۇنداقلا خىزمىتىمىزگە ئۇتۇقلار تىلەپ ئىزچىل تۈردە توربېتىمىزدىن دىنى مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

3-ئەمدى سىز دېگەن يەنە بىر مەسىلىگە كەلسەك،

بىزمۇ دەسلەپتە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە دىنىمىزنى ئۆگۈتۈش ۋە ئۆگۈنۈش ئۈچۈن تېخىمۇ جانلىق كەيپىياتنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ، دېگەن قاراش بىلەن بەزى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە قېتىلدۇق. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئازلىقى، ئىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئەھلى ئىلىم قىلىپ كۆرسىتىشى ۋە كۆپچىلىك ئەزالارنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەپلىك ھەر قېتىملىق مۇنازىرىدە بىز ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەر ئۈچىنچى جۈملىگە بارمايلا تىللاش ۋە قاراقويۇق ئىنكار قىلىشقا ئۇچراپ تۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىز دەسلەپتە قۇرۇپ چىقىشنى ئويلىغان مۇنبەرنى قۇرۇش قارارىمىزدىن ۋاز كەچتۇق.

بارلىق كۈچىمىزنى تور بېتىمىزگە چىقىرىپ باشقىلار نېمە دېسە دېسۈن بىز توربېتىمىزدە مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ تونۇپ بىلىۋېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان تېمىلاردا قۇرئان- ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ نەشىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. غايىمىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ دىنى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتۇر. چۈنكى دىن ئىنساننىڭ ئىنسانغا ئەمەس ئىنساننىڭ ئاللاھقا قۇل بولىشىدۇر.

توغرا-خاتاسىنى ئايرىماي مەزھەپلەرگە قارىغۇلارچە تەرەپبازلىق قىلىش ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇل بولىشى بولسا، ئون تۆت ئەسىر بۇرۇن ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم قولىدا بار تۇرۇپ قىيامەتتىكى پۈتۈن قىينچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئەبەدى راھەت-پاراغەت ئورنى بولغان جەننەتكە ئېرىشىشنى مەلۇم بىر تەرىقەتكە مۇرىت بولۇشقا باغلاش ئىنساننىڭ پەرىشتىلەر ئاسمانىدىن چۈشۈپ ھايۋاناتلار زېمىنىغا يەرلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر.
ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالىم قىياپەتلىك جاھىللارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسۇن.

ھۆرمەت بىلەن: ئەبۇلفاتىھ

ئېلى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنى ئىشلەش ئۈچۈن ھارماي ئەجىر قىلىۋاتقان مۆھتىرەم ئۇستازلار، ئاللا ھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنى سالامەت، ئەجرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلسۇن، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن!ھارمىغايسىلەر. مۇشۇنداق بىر تورنىڭ بولۇشى بىز ئۈچۈن تولىمۇ بىر ياخشى ئىش. مەن بۇ تورغا چىقىۋاتقىلى بىر قانچە كۈنلا بولدى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. سىلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مېھرىبان ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئالەمچە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، رەھمەت!

سەييياھ دېدى:

ئەسسىلامۇ ـ ئەلەيكۇم ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ اللاھ تەئەللاھ سىزدىن ھەم سىز بىلەن بىرلىكتە اللاھ رازلىقىنى كۆزلەپ مىننەتسىز تىرىشىۋاتقان قىرنداشلىرمىزدىن رازى بولسۇن .
بىز مۇسۇلمانلار بىتىدىكى تەۋھىد بىلەن يۇغۇرۇلغان يازمىلارنى ئىزچىل ئوقۇپ كىلىۋاتىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق ھاياتمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇنلاشتۇرشقا غەيرەت قىلىۋاتىمىز . اللاھنىڭ رەھمىتى ھەم ھىدايىتى بىلەن ئىسلامى ھاياتمىزدا بۇرۇن ھىس قىلمىغان ھەم قىلالمىغان تۇيغۇلارنى ھىس قىلىپ ، ئىمان لەززىتنى سۇرۇۋاتمىز . اللاھ بىزنى ئىمانىمىزدا تىخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن ، ياردەمچىمىز بولسۇن .
اللاھ تەئەللاھ شۇنداق خىتاپ قىلدىكى :
«بۇ قۇرئان، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلسۇن، ئىنسانلار بۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلسۇن ۋە ئاللاھنىڭ بىرلا ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلسۇن، ئەقىل ئىگىلىرى ئۇبدان چۈشىنىپ ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتۇر»[1]. ( سۇرە ئىبراھىم 52ـ ئايەت )
مانا بۇ مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ھەم بۇ تورنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان مۇستەھكەم تۇتقۇسى …..
اللا تەئەللاھ سىلەرنى ياخشى نىيەتلىرىڭلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن . چەكسىز غەزىنىلىرىدىن نىئمەتلەر ئاتا قىلسۇن . ( امىن )

ئۇيۇشقاق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ! مەن شۇلارغا بولغان مۇشۇ خىتابىڭىزنى شۇلارغا يەنە بىر ئاڭلىتىش ئۈچۈن ، ئەتەي سىزدىن سورىغان ئىدىم ! مەن بىلىمەن ! بۇ تور بەت پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تور بىكەت . مەنمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس ، مەن پەتىۋا سورىمىغان بىلەن ئەتىگەن ـ كەچلاردا باشقىلار سورىغان پەتىۋالارغا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن بىلىم ئېلىپ زىيارەت قىلىۋاتىمەن . ئامال بار ئادەمدىن ئەمەس ، ئۆزىنىڭ رەببىسىدىن قورقىدىغان باشقا بىكەتلەرگىمۇ ئۇلىنىش قىلدۇرۋاتىمەن !
ئاللاھ مۇشۇ تور بىكەتنىڭ جاپاكەشلىرىنىڭ ئەجىرىنى ئىككىلا دۇنيادا بەرسۇن ! رەھمەت ! مەن چ چ دا گەپ قىلىپ بولالماي ، قەستەن سىلىدىن شۇنداق سوئال سوراش ئارقىلىق ، شۇلارغا مەن دىيەلمىگەن ، دىيىشكە بىلىمىم ئاجىز كەلگەن سۆزلەرنى سىز ئارقىلىق دىگۈزدۈم ، بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمەدە ، ئۇشبۇ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ ، خۇش بولدۇم !
مەن ئەمدى چۈشەندىم ، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ نېمىشقا سۇنىي ۋە شىئە دەپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ چۈشەندىم . ئەسلى ئىنسان دىگەن مۇشۇنداق بولىدىكەنمىز !
مەن ھەم جۈملىدىن بارلىق مۇسۇلماننى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى دەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز سىزنى قوللايمىز ! خۇدا خالىسا مۇسۇلمانلار تورى بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ بىلىم بېرىدىغان ، تاكى مەن پەرەز قىلالىغان زامانلارغىچە بىزلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىغۇسى !
بىز قوللايمىز !
( مېنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ دېگەن مەقسىتىم ، ھەرگىزمۇ زىيارەتنى كۆزدە تۇتقۇنۇم ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق تورىدا قاتتىق نازارەت بىلەن قوشۇلغان پاكىز بەتلەر ۋە ئىسلام بىكەتلىرى كۆپ ، ھەم قوشۇلغان تور ئادىرىسلىرى ھەقىقىي پاكىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ماس كېلىدۇ ! شۇڭا شۇنداق دېگەن ، ھەرگىز باشقىچە ئويلانماڭ ! ئۇيغۇر ئۇيۇشقاق تورى مەڭگۈ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە ھاجەتمەنلەر ئۈچۈن ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ ! بۇ بىكەتنى ئېچىشتا بىكەتتىن بىر موچەن چاغلىق مەنپەئەتلىنىمەن دىگەن مەقسەتتە ئاچمىغان ، بەلكى تور دۇنياسىدىكى مۇشۇنداق ئىچى يامانلارنى ئۇيۇشتۇرىمەن ، ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىمەن ھەم ئاجىزلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ ئاچقان ! جىق سۆزلەپ قويدۇم ! اللە تىنىڭىزگە ساغلاملىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن !)

ئاخىرىدا يەنە رەھمەت !

نۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنى ھەقىقىي ئىسلام روھى بىلەن سۇغۇرۇپ، دىيارىمىزنى بىدئەتنىڭ، مۇشرىكلىقنىڭ ئاسارىتىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشىچانلىق كۆرسىتىۋاتقان قەدىردان ئۇستازلار ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن! بىز مۇسۇلمانلار تورى بىلەن ئۇچۇراشقان قىسقىغىنا بىر مەزگىل ئىچىدە ھەقىقىي ئىمان ـئېتىقاتنىڭ نېمىلىكى، بىدئەت ۋە شىرىكنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا سىستېمىلىق. ئىلمىي بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھالىنىڭ مەنبەسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇق. قەلبىمىز ئىللىدى، ئەقلىمىز بىر نىجاتلىق يولىغا يىتەكلەندى، بىدىئەتلەر ۋۇجودىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تورى تەۋىسسىيە قىلىندى. سۇئاللىرىمىز كۆپەيدى ، ئۆزرىمىز شۇكى قەدىردان ئۇستازلارنىڭ ، بىلىمسىزلىكىمىز سەۋەبىدىن مەقسەت توغرا ئىپادىلەنمەي قالغان سۇئاللىرىمىزدىن بىزارلىق ھىس قىلىپ قالماسلىىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئىنشائاللاھ ئەجرىڭلاردىن سۈپ ـ سۈزۈك بىر دۇناياغا قاراپ كىتىۋاتقانلىىزغا ئىشىنىمىز، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۇلۇق مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگەي!

ئابدۇللاھ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن «خەتمە ھەققىدە مۇنازىرە» نى ئوقۇپ ئېترازچىنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق تاقا ـ تۇقا گەپلىرنى كۇرگەندىن كىيىن ئۇلۇغ ئاللاھقا سېغىندىم. ئۆزىنى بىر ئەقىللىق مۇسۇلمان چاغلايدۇيۇ بىدئەت دېگەن نېمە؟ سۇننەت دېگەنچۇ؟ ئۇنى بىلمەيدۇ.
قىلغان سوزلىرىگە «ھىدايەت رەھبىرى» بولغان مۇبارەك قۇرئان كەرىمدىن ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ھاياتقا تەتبىقاتى بولغان ھەدىس شەرىفلەردىن پاكىت كەلتۇرمەيدۇ. بىلىمسىزلىكمۇ؟ ياكى نېمە؟ ياق ھېچبىرى ئەمەس، بەلكىدە ئاللاھقا بولغان ئەقىدىدە چاتاق بار.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىين!
ئىلتىماس: قېرندىشىم ئەبۇلفاتىھ، فەلەق ۋە ناس سۇرىسىنى كوپرەك ئوقۇڭ. ئاللاھ ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىغان چاغدىكى شەررىدىن سىزنى ھەم بىزلەرنى ساقلىسۇن!

كولتېگىن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇسۇلمان تورىدىكى ئۇستازلار، ھەممىڭلارغا ئولۇق ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن، مېنڭ سۇرىغان سۇئالىمغا ناھايتى ياخشى جاۋاپ بېرىپسىلەر، مۇشۇنداق بىر تور بېتىنىڭ بولغانلىقى ئۆچۈن ناھايتى خوشال بولدۇم، ئسلام بىلىملىرىدىن بىلىمى چولتا بولغان مەندەك ئادەملەر ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ناھايتى نورغۇن، ئۇلارنىڭمۇ سىلەردىن سورايدىغان ناھايتى نورغۇن سۇئاللىرى بولىشى مۈمكىن، مەن سىلەرنىڭ بۇ تور بېتىڭلارنى كۆرۈپ، ئوپۇقتىكى قوياش نورىنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ئوللۇق ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى سالامەت قىلغاي، بىلىمىڭلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەي، ئاللاھقا ئامانەت، ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى سالامەت قىلغاي!

ئابدۇللاھ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك ئۇستازلار سىزلەرنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن سەھى ھەدىسلەرگە چەمبەرچاس باغلانغان ساغلام ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارغا بەرگەن پاكىتلىق ھەقىقەتكە تولغان روھى ئۇزۇقۇڭلار ئۇچۇن ئاللاھ سىلەرگە ھاياتى دۇنيادا خاتىرجەملىك ئاخىرەتتە بولسا جەننەتنىڭ ئالىي يەرلىرىدىن ئورۇن بەرگەي امىين

ئىسمائىلھاجى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەبۇلفاتىھ! ئاللاھ ھەممىمىزگە، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ساپ ئەقىدىنى ئاتا قىلغاي. ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇ مەزھەپ، بۇ مەزھەپ، پالانى كىتاپ، پالانچى داموللام، ئاتا بوۋاملارغا ئەمەس، قۇرئان بىلەن ھەدىسى رەسۇلۇللاغا ئىتائەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغاي!

ئەيساجان ئەخەت دېدى:

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم ۋەرەمىتۇللايى ۋە بەرەكاتۇھۇ، مۇشۇ تور بەتنى تۇزۇپ ھەر خىل سۇئاللارغا ئادەمنى قايىل قىلارلىق جاۋاپلارنى بىرىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق بىرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئامىن. بارلىق ياخشى تىلەكلەر سىلەرگە بولسۇن. ئىشلىرىڭلارنىڭ مەڭگۇ داۋاملىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭلارنى ئۇڭۇشلۇق قىلغاي، ئامىن!

ئەلپەر ھېكىم دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،سىلەرنىڭ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۈن ـ تېنسىز ئىشلەپ تۆھپە قوشۇپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،ھەممىمىز ئۈچۈن تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ يار بېرىشىچە قان ـ تەر ئەجىرىڭلارنى سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت.ئاللاھ سىلەرگە كۆپ رەھمەت قىلسۇن!.دىگىنىڭلار كەلسۈن!.بىر ئاللاھلار ھەممىگە قادىردۇر!.دىمەكچى بولغۇنىم،شەرىت ـ شارائىت يار بېرىپ مۈمكىن بولسا،قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەر بىلەن كۆپلەپ تەمىن ئىتىشىڭلارنى،تۈرلۈك ئىسلامى ھۆكۈم (ئاللاھنىڭ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى،ئەڭ مۇكەممەل توغرا بولغان تەبىلغلەر)ئارقىلىق بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقى چاڭقىغان دىللىرىغا،مۇتلەق بولغان ئۇسسۇلۇق ئاتا قىلىشىڭلارنى سەمىملىك بىلەن چىن دىلىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن…

تۇرغۇنجان ( تايماس ) دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىنىڭ ھارماس تۇلپارلىرى ! اللە سىللەرنىڭ مۇشۇ قىلغان ئەجىرىڭلار ئۈچۈن جەننىتى فىردەۋىس ئاتا قىلىپ جەننەتتىكى ئورنىڭلارنى زىيادە قىلسۇن . ئامىن !
ئۇستازىمىز ئەبۇلفاتىھ ئەپەدىگە اللەدىن ئۇزۇن ئۆمۈر ، زىيادە ئېلىم ، قىلىۋاتقان ئىشىغا بەركەت ، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ئامىن !
مۇسۇلمانلار توربىتىدىكى ئۇستازلار بۇ تور بىكەتنى قۇرۇش ئارقىلىق اللەنىڭ ياردىمى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا نىمىنىڭ ئىسلام ، نىمىنىڭ ئىمان ، نىمىنىڭ ئەقىدە ، نىمىنىڭ ئىخلاس ، نىمىنىڭ ئىبادەت ، نىمىنىڭ شىرىك ، نىمىنىڭ سۈننەت ، نىمىنىڭ بىدىئەت ئىكلەنلىگىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىپ ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ ئەقىدە ـ ئىتقاد جەھەتتىكى خاتالىقلىرىمىزنى تۇنۇتۇپ ، ھازىرقى دەۋرىمىزگە ۋە جەمئىيىتىمىزگە نۇرغۇنلىغان تەقۋا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى يىتىشتۈرۈپ بەردى . اللە بۇ ئۇستازلارنىڭ قىلغان ئەجىر ـ مىھنىتىگە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلغۇسى . ئامىن !

زامانە دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئەزىز ئۇستازلارغا سالام!!!
مەن تور بىتىڭلارغا چىقىشىقا ئاللاھنىڭ رەخمىتى بىلەن بۇگۇن مۇيەسسەر بولدۇم ،
مۇسۇلمانلار تور بېتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا ئىنتايىن خوش بولدۇن ، مۇبارەك بولسۇن. ئەجرىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ بەرسۇن. سىزلەرگە قانداق رەخمەت ئىيتىشىمنى بىلەلمىدىم……..،بىز ئۇچۈن ئۇگۇنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەرگىنىڭلەرگە كوپتىن كوپ رەخمەت

نۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلىرىم!
مۇسۇلمانلار توربېتى مەزمۇنىنىڭ سەرخىل ھەم ئىشەنچلىك بولۇشى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، مۆھتىرەم ئۇستازلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بىز سىزلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەپ ئۇلۇغ ئاللاغا دۇئا قىلىمىز!
ئۇلۇغ ئاللاھ سىزلەرگە جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى مەرھەمەت قىلغاي!
ئامىن~!

ئىخلاسمەن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ! يېزىق مەسىلىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىغىڭلاردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم،ئاللاھ ھەر قايسى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىڭلارغا ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلسۇن،كۆپ ئەجىر بەرسۇن!

يىگانە يۇلىچى دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ياخشىمۇ سىلەر ئۇستازلار ئەزىز باشقۇرغۇچىلار !

توربەت شۇنداق ياخشى تۇزۇلىپتۇ ، تىمىلامۇ بىر_بىرسىدىن سەرخىل .

بۇندىن كىيىن تور بەتنى تېخىمۇ كوركەم تېخىمۇ مول قىلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن ،
مۇسۇلمانلار تورىنى _ بىلمىگەنلەگە بىلدۇرەيلى . . . . . . . . نىشانىمىز دەل ئاللاھنىڭ رازىلىقى …….. خەيرى ئاللاھقا ئامانەت !

ئەزىمەتجان دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەرىپەت بېغىدىكى ھارماس ئۇستازلار، ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېنىڭلارغا سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.

مەمەتنىياز دېدى:

ئەسسالامۇـ ئەلەيكۇم :تور بىتىڭىزلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال_ خۇرام ئۆتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ! سىزلەرگە ھەم بىزلەرگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئاق يول ، خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلغاي ! ئشلىىرمىزنى ئاسان قىلغاي ! مەمەتنىياز

بازاچىلار دېدى:

ئەسسالامۇ ـ ئەلەيكۇم : تور بىتىڭىزلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن ! ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق ، كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە خۇشال ـ خۇرام ئۆتۈشىنى ،ئۇلۇغ اﷲ دىن تىلەيمىز ! كۆپ رەھمەت سىزلەرگە ! ئۇستازلار!

نۇرمەممەت دېدى:

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
ھۆرمەتلىك ئۇستازلار اﷲ سىلەرنىڭ يولۇڭلار نى ئۇچۇق ئشلىرڭلارنى ئاسان
قىلسۇن . ئامىن ! 2010.يل 1 .ئاينىڭ 8.كۇنى خوتەن ئوغلى نۇرمەممەت

نۇرمەممەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم: تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. مۇسۇلمانلار تورى مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلارنى ئۇگنىۋلشىمغا تۇرتكە بولدى. اﷲ نىڭ گۈزەل جەننەتلىرى سىلەر ئۇچۇن بولسۇن ئامىن

ئېرشات دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئاللا يولىدا كۈچ چىقىرىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۇستاز ، ئىسلام ئۈچۈن كۈچىگەن تېنىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللا كۈچ قوشقاي،،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

چوغلان دېدى:

ئەسسالا مۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ئۇستازلار!!!!مۇسۇلمانلار تورى مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلارنى ئۇگنىۋلشىمغا تۇرتكە بولدى، مۇشۇ توردىكى بارلىق ئۇستازلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىنىنڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

بىلىم ئال دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورى يىڭىلىنىپ نورگون قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى مۇشۇ توردىكى بارلىق ئۇستازلارغا ئۇلۇغ ئاللادىن رەخمەت ۋە مەغپىرەت تىنىنڭلارنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن مۇبارەك بولسۇن

گاداي دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

تور بېتىڭلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!

مۇسلىمە دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئەزىز ئۇستازلارغا سالام!
مۇسۇلمانلار تور بېتىنىڭ يېڭىلانغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
بىزلەرنىڭ ھەرخىل سۇئاللىرىمىزغا تەپسىلىي جاۋاپ بېرىۋاتقان، بىزلەرگە دىنىي، ئەخلاقىي، مەدەنىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي بىلىملەر ھەم چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەتلىك سۆزلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتقان ئۇستازلارغا جانابى ئاللاھدىن بۇ دۇنيادا رەھمەت خەزىنىلىرىدىن ئاتا قىلىشىنى، ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك جەننەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىرىنى ۋە ئۇ ئالىي دەرىجىلەردە مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قېلىشىنى تىلەيمەن. ئامىن~!


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ