باش بەت > باشقىلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

60 ئىنكاس بار


بۇرادەر دېدى:

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
قۇرئان كەرىمنىڭ سۇلامانىيە ۋەقفى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق دېدى:

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر قېرىندىشىم، بار.
سۇلايمانىيە ۋەقفى دىن ۋە فىترەت تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىن ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» بار.
مۇنۇ ئۇلانمىدىن ئۇ توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. http://www.musulmanlar.com/?page_id=2728
يەنە مۇنۇ ئۇلانمىدىن بىر خالىسانە پىداكار قېرىندىشىمىزنىڭ 2017 رامىزاندا ئوقۇغان ئۇ تەرجىمىنىڭ تامامىنى تىڭشىيالايسىز.

ئۇيغۇربەگ دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ توربەت ھېلىھەم باشقۇرلىۋاتامدۇ ياكى تاشلىنىپ قالدىمۇ؟

alimoglu دېدى:

ھەئە باشقۇرىلىۋاتىدۇ

alimoglu دېدى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بولىدۇ.

ئابدۇمىجىت ھاجىئەكبەر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز :
سوئال-مەسچىتتە جامائەت بىلەن پەرىز نامازنى ئوقۇپ سالام بىرىپ بولغان دىن كىيىنلام مەسچىتتىن چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟ خەتلىرىم يوللانمايۋاتىدۇ.

ئەمەرجان دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستاز .سزنىڭ خۇپتەننىڭ ۋاقتى قاچان؟ دېگەن پەتۋارىڭزنى كۇرۇپ بەكمۇ خوش بۇلدۇم .چۈنكى مەن ئۇزۇندىن بىرى خۇپتەن نامىزنى بامداتتىن بۇرۇن ئوقۇپ كەپتكەنمەن ئەمدى بىلۋالدم رەخمەت سىلگە ئۇستاز بىز سىلدەك ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئىمان ـ ئىتقادى ئۈچۈن ھارماي تالماي، زىرىكمەي ـ تىرىكمەي مىھنەت تۆكىۋاتقان ئۇستازمىزدىن پەخىرلنىمز.ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن

ئېھسان دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …ھۆرمەتلىك ئۇستاز ، سىزدىن ۋە ھاياتىنى باشقىلارنىڭ دىنى ئىتقاد ،ئەقىدىسىنى توغىرلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن . ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن . ئاللاھتىن ئالىملىرىمىز ئارقىلىق بىزنى كۈچلەندۈرۈشنى تىلەيمەن .

ئابدۇ غەني تۇسۇن دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھورمەتلىك ئۇستاز مەن دىمىدە توغرىلۇق پەتىۋا سۇرىغانمەن ئۇ ئايەتلەرنى ناھايىتمۇ رۇشەن چۇشەندىرىپسىز ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن ! گەپلىرىم جىق ئېدى ۋاقتىم يار بەرمىدى ئاللا ئۆمرىڭىزني ئۇزۇن قىلسۇن ئامىن!

قاراـتۇرىك دېدى:

مەن سىلىنىڭ خەتمە ھەققىدە مۇنازىرە دىگەن ماقاللىرىنى ئۇقۇپ سىلىنىڭ ئاللاھ يۇلىدا قىلغان جىھاتلىرىنىڭ ئاللاھقا يىتىپ بېرىشىنى تىلىدىم.مەن ئەزەلدىن دىنى مەزھەپكە قىزىقمايمەن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ مۇمكىن بولسا مۇشۇ مۇسۇلمانلار نامىدىكى تور بەتكە كىرىپ ئۇزىنىڭ مەنۋىيتىدىكى بوشلۇقنى تۇلدۇرغان بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ـ ھە،دەپ ئويلاپ قالىمەن.زېھنى ئويغاق ئەقلى پۇتۇن ئويغۇرۇم بىر كۇنى ئەمەس بىر كۇنى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى تەپرىقىچىلىق ،گوروھۋازلىقنىڭ زىينىنى ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتى بىلەن چۇقۇمكى چۇشنۇپ كىتىدۇ دەپ ئويلايمەن .ھەممىدىن ئۇلۇغ كەرەملىك زات ئاللاھ دىن يولىدا قىلغان ئەجىرلىرىنىڭ ساۋابىنى ھەر ئىككىلا ئالەمدە بەرسۇن.

قاراـتۇرىك دېدى:

ئەسسىلام ـ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىىك مۇسۇلمانلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى. مەن يېقىندىن بۇيان سىلىنىڭ ئۇقارمەنلەرنىڭ سۇئالىغا ئاۋال قۇرئاندىن ئاندىن راس ھەدىسلەردىن يىمىرىلمەس پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بەرگەن قايىل قىلارلىق جاۋاپلىرىدىن سۇيۇنۇپ ئۇقۇپ كىلۋاتىمەن.ئاللاھ مۇشۇ زاماندا قىلغان ئەجىرلىرىنى بەرسۇن.تۆھپىلىرىنى زىيادە مەرتىۋىلىرىنى ئۇستۇن قىلسۇن.

خۇجىئابۇدۇللاھ دېدى:

ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلفەتىھ ئەپدندىم: مدن تور بېتىڭلارنىڭ سادىق ئىشتىراكچىسى، مەن بىر ئتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىسى. تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئەدىپلەر، ئالىملار،يازغۇچى ـ شائىرلار مىللەتتىكى ئىللەت توغرۇلۇق ھەم مىللەتنى ئىلىم ئۈگۈنىشكە چاقىرىق قىلىش توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەسەر ۋە ماقالىلارنى يازغان بولسىمۇ ، بۇ چاقىرىقلار پەقەت ئنساننىڭ چاقىرىقى، ھەم ئىنساننىڭ تەشەببۇسى بولغاچقا، كىشىلەر جۈملىدىن كەڭ ئۇيغۇر مىللىتى بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ مېڭىۋەردى. ئىلىم ئېلىشنىڭ اللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا بۇيرۇلغان كاتتا پەرىز ئش ئىكەنلىگىنى بىرەرسى سىزدەك ئسلامنىڭ تۈپ ماھىتىدىن چۈشۇنىشلىك، قايىل قىلارلىق قىلىپ مىللەتكە چۈشەندۈرۈپ باقمىغان ئىدى. شەخسەن مەنمۇ بۇ جەھەتتە بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ تەۋھىد ئىلمى جەھەتتىن بىلىمىم بەك كەمتۈك بولغاچقا يازالمىغان ئىدىم مانا بۈگۈن سىزنىڭ « ئىلىم ھەقىقىي يېتەكچىدۇر» ناملىق ماقىلىڭىزنى ئوقۇپ دىلىم يايراپ كەتتى”«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- ئەلەق 96/1-5. مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغۇنىمدا كۆزياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى. مىھرىبان اللاھ ئۆز بەندىلىرىگە بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىبادەت قىدىغان مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئىلىم ئارقىلىق ئۆز ياراتقۇچىسىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ۋەقىقىي چۈشۇنۈپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىشقا،ئىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىلىم ئارقىلىق “باشقىلارغا” بوزەك بولماسلىققا بۇيرۇغان ئىكەن. دەل سىىز ئېيتقاندەك بىزدىكى ” جاھىللىق كېسىلى” ماڭغان يولىنىڭ خاتالىقىنى، قىلغان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يانماسلىق،ھەتتا باشقىلارغا توغرا قىلىپ كۆرسىتىش،”ئۇچچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك مەنپەتىنى مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈستىگە دەسسىتىش يەنى مۇناپىقلارنىڭ كۆپۈيىپ كېتىشى،”يەنە بىرى قورقۇش كېسىلى” قورقۇشقا تىگىشلىك بولغان اللاھدىن قورقماي بەندىنىن قورقۇپ گۇناھ ئىشلارنى قىلىش. مانا مۇشۇ ئۆتكۈر ۋىرۇسقا ئوخشاش يۇقۇملۇق كېسەل مىز مىللەنىڭ روھىنى چىرىتىپ بىزنى بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن. «ئاللاھ، ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11. بۇ اللاھنىڭ بىزدەك قەۋىمگە قىلغان مەردانە نەسىھىتى. كىمىكى اللاھنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدىكەن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنمايدىكەن ئۇ مەڭگۈ ” بىچارىلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن بۇ ماقالىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەربىيە سۈپىتىدى سۆزلەپ بەردىم. سىزگەكۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ تۆھپىڭىز ئۈچۈن اللاھ سىىزگە جەننەت ئاتا قىلغاي ئامىن.

داردا دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم: ئۇستازلار سىلەرگە ئاللاھدىن تىنىڭلارنىڭ شىپالىقىنى ۋە قوللىرىڭلارغا دەرىت بەرمەسلىكىنى تىلەيمەن. مەن سىلەرنىڭ بۇ بېغىڭلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئەقىدەمنى رۇسلىۋالدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى بۇلدۇرمەن

ئابدۇللا دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇلفەتىھ مەن بۇ تور بېتىڭلارنى زىيارەت قىلىۋاتقىلى خېلى ئوزۇن بولدى.
مەن بۇ تور بەتتىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم.ب تور بەتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
مەن سىلىگە ۋە سىلەرگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.ئاللاھ ھەممىڭلارغا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.!!!

ئالىمجان دېدى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم :
ھۆرمەتلىك ئابدۇلفەتىھ ئۇستاز ۋە مۇسۇلمانلار تورنىڭ ئەزىر قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىللىرى. ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئىمان ـ ئىتقادى ئۈچۈن ھارماي تالماي ، زىرىكمەي ـ تىرىكمەي مېھنەت تۆككىنىڭلادىن ئاللاھ راززى بولسۇن .بىزمۇ جۈملىدىن مەنمۇ ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن سىلەرنىڭ پاك ئىمان ئىتقاد ۋە شەخسىيەتسىز تۆھپەڭلار تۈرىتكىسىدە ئۆز ئىمانىمنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىشقا ، پاكلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم . بۇ بىدئەت، كۇفرى زالالەتكە تولغان زاماندا سىلەرنىڭ ئىمان يۇلىدا ئالغان قەدىمىڭلارغا قالدۇرغان ئىزىڭلارغا مۇبارەك !!! ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ۋاقىتلىق ئەمما بىزگە شىرىن تۇيۇلىدىغان ئۆتكۈنچى ھاياتنى ھەقىقى بىر مۇسۇلمان ھالەتتە ياشاپ ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ ئەيلىسىۇن ئامىن! . مەن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئىمان ئىتقادتا يىتەكچىلىك رول ئويناۋاتقان ئۇستازىمىز ئابدۇلفەتىھ ئاكىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىۋاتقان شەخسىيەتسىز تۆھپىكارلىرىمىزغا، ئۈزىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئىمان ئەقىدىسىنى توغىرلاش يۇلىدا جان كۆيدىرىۋاتقان پىدائىيلارغا تەشەككۈر ۋە سالىمىمنى يوللايمەن . ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تىنىنى سالامەت ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق قىلسۇن . ئامىن !

alimoglu دېدى:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ھۆرمەتلىك ئىپار قېرىندىشىم! سىز دەرس خانىغا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تىزىملىيالمايسىز. سىزنى بىز تىزىملايمىز ۋە سىزگە بىر قوللانغۇچى ئىسىم بىلەن بىر شىفرە (مەخپىي نومۇر) ئەۋەتىمىز. ئاندىن سىز شۇ ئىسىم بىلەن مەخپىي نومۇرنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرس خانىغا كىرەلەيسىز ۋە دەرسنى ئاڭلىيالايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ تۆۋەندىكى 4 نەرسىنى «پىكىر دەپتىرى» مىزدىن بىزگە يوللاپ بېرىشىڭىز شەرت:
1- ئىسمىڭىزنى،
2- فامىلىڭىزنى،
3- قوللانغۇچى ئىسمىڭىزنى،
4- ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى.
دېمەك، دەرسكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ئالدىن دەرس خانىمىزغا ئەزا بولغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئەزا بولۇشىڭىز ئۈچۈن يۇقىرىدىكى تۆت نەرسىنى بىزگە يوللاپ بېرىشىڭىز لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىز سىزنى دەرس خانىمىزغا تىزىملاپ ئاندىن سىزگە بىر قوللانغۇچى ئىسىم ۋە بىر مەخپىي نومۇر يوللاپ بېرىمىز. بۇلار سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىز شۇ قوللانغۇچى ئىسمىڭىزنى «دەرس خانا» مىزنىڭ «دەرسكە كىرىش» بۆلۈمىدىكى « Kullanıcı Adı (قوللانغۇچى ئېتى)» نىڭ ئاستىدىكى بوشلۇققا، مەخپىي نومۇرىڭىزنى «Şifre (شىفرە)» نىڭ ئاستىدىكى بوشلۇققا كىرگۈزۈپ، ئاندىن «Siteme Gir (سىستېمىغا كىر)» گە باسسىڭىز شۇ كۈننىڭ چېسلاسى ۋە 24 سائەتلىك ۋاقىت جەدۋىلى يېزىلغان بىر بەت ئېچىلىدۇ.
قارىسىڭىز تېخى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولسا ھېچبىر چېسلانىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىرەر بەلگە كۆرەلمەيسىز. ئەمما ۋاقتى كەلمىگەن، لېكىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەرس بولسا بىر چېسلانىڭ ئوڭ تەرىپىدە مەلۇم بىر رەقەم كۆرۈنىدۇ. بۇ رەقەمنىڭ يېنىدا يېشىل بەلگە بولسا دەرسنىڭ ۋاقتى كەلمىگەن، شۇنداقلا باشلانمىغان بولىدۇ. ئەگەر دەرسنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولسا ئۇ رەقەمنىڭ ئۈستى قىزىل رەڭلىك كۆرۈنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىز مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسىنى قىزىل رەڭ بىلەن ئىشارەتلەنگەن رەقەمنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ ۋە ئۇ كۆزنەكتىكى «Gir (كىر)» نىڭ ئۈستىگە باسسىڭىز دەرس خانىغا كىرگەن بولىسىز. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر قۇلىقىڭىزدا قۇلاقلىق (ئەرجى) بولسا دەرسنى ئاڭلاشقا باشلايسىز.
سىز دەرس ئاڭلاۋاتقان چاغدا ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدە دەرس سۆزلەۋاتقان كىشى كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى كۆزنەكتە دەرس ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ئىسىملىرى كۆرۈنىدۇ. ئېكراننىڭ سول تەرىپىنىڭ ئاستىدا خەت يازغىلى بولىدىغان بىر كۆزنەك بار. دەرسنىڭ ئاخىرىدا دەرس بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىزنى ئۇ يەرگە لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن يېزىپ ئەۋەتەلەيسىز، شۇنداقلا جاۋابىنى نەق مەيداندا ئالالايسىز.
يەنە بىر گەپ سىز خالىغان چېغىڭىزدا دەرس تىڭشىيالمايسىز. ھەپتىدە ئىككى قېتىم دەر بار. «دەرس ئېلانى» دىن شۇ دەرسلەرنىڭ كۈنىنى ۋە سائىتىنى بىلىۋېلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كىرسىڭىز ئاندىن دەرسىمىزنى تىڭشىيالايسىز.
ئاللاھقا ئامانەت

ئپار دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇسۇلمانلارتوربېتىدىكى ھۆرمەتلىىلك ئۇستازلارۋەتوردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئاللاھ ئىگەم تىنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن ۋە ئىككى دۇنيالىق بەخىت ـسائادەت ئاتا قىلسۇن !!! مەن كىچىكىمدىن باشلاپ ئاللاھنىڭ رازى بۇلىدىغان ياخشى بەندىلىرىدىن بۇلۇشنى مەخسەت قىلىپ ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ،بىراق مىڭەمدە ئىسلام ھەققىدە سۇزۇك بىر ئاڭ شەكىللەنمىگەن ئىدى.بىر كۇنى كومپىيوتىر دەرىسدە تۇيۇقسز بۇتور بېتىگە كىرىپ قالدىم.شۇنىڭدىن بىرى بىرنەچچە ئاي بۇلدى ئىزچىل تور بېتڭلارنى كۇرۈپ كىلىۋاتىمەن.ۋەنۇرغۇن سۇئاللىرىمغا قۇرئان ۋە ھەدىس پۇتۇنلىكى ئاساسىدا قايىل قىلارلىق جاۋاپ تاپتىم.منىڭمۇ چايىخانا ئەزاسى بۇلۇپ،دەرىسىڭلارنى ئاڭلىغۇم بار.بىرا بڭرنەچچە قېتىم سىناپ باقتىم كىرەلمىدىم.ماڭا ياردەم كلىشىڭلارنى سۇرايمەن.ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۈن!!

ئالىمجان دېدى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇ
بۇ تور بەتنى قۇرغان ۋە قۇرۇشقا ياردەملەشكەن ئۇستازلارغا سېغىنىشلىق سالام يوللايمەن.ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن.ئاللا ھ ھەممە ئىشلىرىڭلانى ئاسانلاشتۇرسۇن.تىنىڭلارنى سالامەت،ئىمانىڭلانى تىخىمۇ مۇستەھكەم قىلسۇن.ئەزالارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلدن جاۋاپ بەرگەن ئۇستازلارغا كۆپتىن —كۆپ رەخمەت!!!

رازىيە دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىلك ئۇستازلارۋەتوردىكى بارلىق قېرنداشلار!ئاللاھ ھەممىمىزگەدۇنياۋەئاخىرەت ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!مەن بۇتوربەتنى كۆرگىلى بىريىلدەك بولدى.ئوتتۇرغا قۇيۇلغان سۇئاللارغابەرگەن جاۋاپلارغا،مەن ھەقىقەتەن قايىل ۋەمايىل.

تۇرسۇنمۇھەممەت دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تورىدىكى ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ،ۋە توردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ،ئاللاھ سىزلەرنىڭ تېنىڭىزلارنى سالامەت قىلسۇن ،ئىككىلى دۇنيالىق ئىشلىرىڭىزلارغا ئاسانلىق بەرسۇن ،

ئەنسار دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇسۇلمانلار تۇرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ توغرا يۇلىنى تاپقان قېرىنداشلار ، توغرا يولنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق بىلىم ئېلىپ تىرشىۋاتقانلار . ئۇلۇغ اللە ھەممىزنى توغرا يول ئۈستىدە قىلغاي ئامىن .
دىمەكچى بولغىنىم : مەن مۇسۇلمانلار تورىنىڭ مىھنەتكەش قۇرغۇچىللىرى يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن چايخانا سەھىپىسىگە ئۇستازلانىڭ ياردىمى بىلەن ئەزا بۇلغان ئىدىم ، بۇ چايخانىغا كىرمەكچى بولغىنىمدا بىر قانچە قېتىم چايخانىغا كىرەلمەي مەغلۇپ بۇلۇپ ئۇستازلارغا كىرەلمىگەنلىك سەۋەبىمنى دەپ خەت قالدۇردۇم ، بىراق ئۇستازلار ماڭا [ باشقىلار كىرەلدى ، بۇ ئۈزۈڭىزدىكى مەسلە ئىكەن ، داۋاملىق تىرشىڭ ] دەپ تەسەللى بەردى ، بۇگۇن ( پەيشەنبە ) مەن بۇ چايخانىغا ئوڭۇشلۇق كىردىم ، بىراق ئاۋازنى ئېنىق ۋە تۇلۇق ئاڭلىيالماي ناھايىتى بىئارام بولدۇم ، قۇلاق تىڭشىغۇچ ئالماشتۇردۇم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قۇلامدىن كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلدىم يەنىلا نەتىجە ياخشى بولمىدى ، مەن تۇيۇقسىز باشقا توربەت ئېچىپ ( مەسلەن : ناخشا چىقىدىغان توربەت ) قۇلاق تىڭشىغۇچنى سىناپ باقاي دەپ چايخانا توربەت كوزنىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قۇيۇپ ، باشقا تور بەتنى ئېچىپ ناخشا قۇيىدىغان ۋاقىتقىچە ھەيران قالدىم ئۇستاز ئەبۇلفاتىخ ئەپەندىنىڭ ئاۋازى شۇنداق جانلىق ۋە راۋان چىقىۋېتىپتۇ . شۇڭا چايخانىغا كىرگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا دەپ قويماقچى بولغىنىم : 1 ـ چايخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم كومپىيۇتېرغا قۇلاق تىڭشىغۇچنى ئۇلاش شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ چايخانا كۆزنىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ قۇيۇش . 2 ـ چايخانىغا كىرگەندىن كىيىن ھەر قانداق مۇناسىۋەتسىز توربەتلەرنى تاقاپ دەرىسنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش . 3 ـ كومپىيۇتېردا ساقلانغان ناخشا ـ مۇزىكا ۋە كىنو قاتارلىقلارنى تۈرلۈك قويغۇچلار بىلەن قۇيۇپ قويماسلىق ( دىمەكچى بولغىنىم كومپىيۇتېردىكى بارلىق ئاۋازلىق نەرسىلەرنى ئۈچۈرۈپ ، ئاۋاز يۇلىنى پەقەتلا شۇ چايخانا سېستىمىسىغا بۇشۇتۇپ بىرىش )
مەن دەسلەپكە قەدەمدە چايخانىغا كىرىپ چايخانا ئاۋازىنىڭ بىردە بار ـ بىردە يوق بۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى يۇقارقى ئىشلاردىن كۆردۈم ۋە ھىس قىلدىم . چايخانىغا كىرمەكچى بولغان بارلىق قېرىنداشلار يۇقاردا مەن ئوتتۇرغا قويغان 3 تۈرلۈك ئىشتىن ساقلانسىلا ئۇستازلارنىڭ مۇبارەك ئاۋازىنى شۇنداق ئېنىق ۋە راۋان ئاڭلىيالايدۇ . يەنە باشقا قېرىنداشلارنىڭ چايخانىغا مۇناسىۋەتلىك تۇسالغۇلارغا جاۋاپ تاپقانلار بولسا پىكىر دەپتىرىگە ئېغىر كۆرمەستىن خەت قالدۇرۇپ ئەسكەرتىپ قۇيىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن . قېرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويغان بولسام مىنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن . ئۇلۇغ اللە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا تەقۋادارلىق ئالى ھىممەت ئاتا قىلسۇن ئامىن !

باتۇرجان دېدى:

ئەسسالامۇ.ئەلەيكوم؛مۇسولمانلار،تورېدكې،قرېنداشلار،مەن2يېل،
بولدې،بو،تور،بەتنې،كوروۋاتېمەن.
سېلەربارېلق،سۇئاللارغا،توغرا،جاۋاپ،بەردېڭلار
،مەن،سېلەرگە،كۇپ،رەخمەت،ئيتېمەن،ئاللا،سلەرگە،كوپ،ئەجېر،بەرسون،

روزىمەت ئوبۇل دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، سىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭلار ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ، دەلىللىك بولۇپ كىلىۋاتقان ، بۇقىتىم چايخانا قۇرغىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇق ، مىھرىبان ئاللا ئۇستازلارغا رەھمەت ئاتا قىلسۇن ، ئاللاھ بىلىمىڭىزلارنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن ، ئامىن !!!

سىددىق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمىتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ…ھۆرمەتلىك ئۇستازلار…
مەن نۇرغۇنلىغان ئىسلامى تور بىكەتلىرىنى كۆردۈم ،بىراق بۇچايخانا مەن كۆرگەنلىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخسىشى. قانداق دىگەندە، پەتىۋالارغا بىرىلگەن جاۋاپلار ناھايىتى كەسكىن ،ھەم كۈچلۈك دەلىلگە ئىگە ،تولىمۇ قايىل قىلارلىق،ھەم ئىخچام،زامانىمىزدا ئەۋىج ئېلىۋاتقان بىدئەت، خوراپاتلارغا كۈچلۈك رەددىيە بىرىلگەن، ئۇستازلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
…..!!!!!

باۋدۇنجان دېدى:

ئەسسەلاممۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك ئۇستازلىرىم مەن نەچچە ۋاقىتىن بۇيان تورغا چىقىپ قالسام كىنو كۇرۇش ناخشا ئاڭلاش چ چ دا پاراڭلىشىشنى بىلىپ مۇنداق مۇسۇلمانلار تور بىتىنڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن 20012 يىل 9 ئاينڭ 8 كۇنى تۇنجى قېتىم تورغا چىقىپ پەتىۋا سورىدىم ، سۇئالىمغا مەن رازى بولغۇدەك جاۋاپنى ئالدىم اللەغا كۇپ تەشەككۇر مەن ئنتايىن خوشال بولدۇم ،مەن داۋدملىق چىقىپ تۇرىمەن، سورىغان ھەر بىر سۇئالىمغا ئۇستازللرىمنڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ جاۋاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەخمەت

ئاينۇر دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ !
بۇ تور بەتنى قۇرغان ۋە پىكىرلەرنى بەرگەن تورداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . رەھمەت سىلەرگە،مەن بۇ تور بەتتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. يەنە داۋاملىق كىرىپ تۇرىمەن . رەھمەت!!!! ئاللاھقا كۆپ تەشەككۈر !!!1

زىننەت دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ!
مىھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھىم قىلغان ئەمگىكىڭلارغا ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.رەھمەت سىلەرگە!بۇ توربەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈمدە نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى تۈگۈن ۋە غۇۋا ئىدى.ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن بۇ توربەتكە كىرىپ كۆڭلۈمدىكى نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئەتراپلىق دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق ئايدىڭلاشتى.ۋە بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمغا چىن دىلىمدىن تۆۋبە قىلسام ۋە خاتالىقلىرىمنى قايتا سادىر قىلمىسام مەن يەنىلا مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھىمنىڭ چەكسىز ھىممىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىمدىن شۇنچىلىك خۇش بولدۇم.
ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ياشلارنىڭ بۇتوربەتتىن ئىبرەت ئېلىپ قىلغان گۇناھلىرىغا تۆۋبەقىلىپ ئاللاھ يولىدا مېڭىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.ئاللاھ ھەر بىر قېرىندىشىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!

مۇھاپىزەت قىلغۇچى،قوغدىغۇچى ئاللاھنىڭ بەندىسى دېدى:

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرىكاتۇھۇ !
كۆڭلۈمدە تۈگۈچ بوپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ ئەتراپلىق .ئاددىي ،چۈشىلىشلىك دەلىللىرى ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىپ ،دىلىم يورۇق ،كۆڭلۈم ئازادە بوپ قالدى .رەھمەت سىلەرگە !
ئۇلۇغ ئاللاھ قىلغان ئەمگىگىڭلارغا ھەسسىلەپ ئەجر ئاتا قىلسۇن ،ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ،رەھمىتى ھەممىمىزگە بولسۇن!
ئامىين!!!!

لوتفىيە دېدى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ!!!
ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئىنتىلگۈچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئاللاھ سىلىلەردىن رازى بۇلسۇن!!! ئۇلۇغ ئاللاھ سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!!
قەلەم تۇلپارلىرىڭلار ھارمىسۇن!!!
مەن ئىلگىرى نۇرغۇن تۇربەتلەردە بۇ «مۇسۇلمانلار» تورى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كۆز ـ قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم .
ئاللاھ ھەممىگە ئەئلەمدۇر.
ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!!!!
نەچچە كۈندىن بۇيان كۆرۈپ ، تۇر بىتىڭلاردىن شۇنداق رازى بۇلدۇق، ھەم كۆب بىلىملەرگە ئىگە بۇلدۇق.
سۇئاللارغا بىرىلگەن جاۋاپلارمۇ شۇنداق قايىل قىلارلىق بۇلۇپتۇ!!!!
ئاللاھ سىلەرگە ئىككى ئالەمدە كۆپ مەنپەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن!!!
بۇ تۇر بىتىڭلار مىنى ئۆزىگە مۇنداق مەپتۇن قىلىۋالدى،بۇ تۇر بەتكە چاپلانغان بۇھتانلار مىنى تۇلىمۇ ئەجەپلەندۇردى .
بۇھتان چاپلىغۇچىلار ئاللاھدىن قۇرۇقمامدىغاندۇ، ئۇلار مەككە مۇشرىكلىرىدىنمۇ بەك قەبىيلىشىپ كەتكەنمىدۇ؟؟
ئۇلار پەقەتلا يىڭى دىننى قۇبۇل قىلغۇچى ، ئىلىم ـ تەھلىل قىلىشى ئاجىز كىشلەرنىلا ئازدۇرالايدۇ ، ھەقىقەت دىگەن ھامان ھەقىقەتتۇر.!!
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن!!!
ئاللاھ بىزگە مەنپەتلىك ، كىبىرسىز ئىلىم ئاتا قىلسۇن!!!!

ئابلېز ئەلى ئىمىن دېدى:

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ !
قېرىندىشىم ئەبۇلفاتىھ ئەپەندىم،ھەممىڭىزلھرنى ئاللا تائالا ئۈز پانايىدا ساخلىسۇن .ئاللاتائالانىڭ بۇيرىشى بىلەن
توردىكى ئىسلام بىلىملىرىنى كوۈرۈپ مەن قەۋەتلا خوشبولدۇم ،چۈنكى بىزدىكى ئىلامنىڭ چئۈللىشىشى مېنىڭ دىلىمنى سىقىدۇ… . جەمىيەتتىكى بىدئەتلەرنى دىمەيلا قوياي،مەزھەپ توغۇرلۇق بەرگەن جاۋابىڭىزغا چىن دىلىمدىن كايىل
بولدۇم . نۇرغۇن قەلىپ سۈزلىرىم بارتى… ،سىزلەرنى ئاللا تائالا ئامان قىلسۇن.
ئابلېز ئەلى ئمىن


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ