ئۇسۇلىمىز
يوللىغۇچى: مۇسۇلمانلار، ۋاقتى: 12/05/2009

 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن[1] ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد[2] ئەلەيھىسسالامغا توغرىلىقىدا ھېچ شەك-شۈبھە بولمىغان قۇرئان كەرىمنى[3] ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىپ[4]، ئۇنى شۇ قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە[5] ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان[6]، شۇنداقلا ئەگەر قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزمىسە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان[7]. ئەڭ ئاخىرى نازىل قىلغان ئايىىتىدە[8]، ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى[9] دىنىمىزنى پۈتۈن قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاللاھ تەئالا يەنە ئاشۇ قۇرئان كەرىم ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىكى ئىنسانلارغا ۋە ئۇ زاماندىن تارتىپ تا قىيامەتىكىچە دۇنياغا كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانلارغا «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[10] دەپ ئۇلارنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[11] دەپ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن[12] ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئايەت[13] نازىل بولغان كۈنى، ئۇ ئايەت نازىل بولغان يەردە[14] پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بىر نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ ئۇ نۇتقىدا، «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئېزىپ كەتمەيسىلەر» دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قۇرئان كەرىمنى بىر پەيغەمبەر مىراسى سۈپىتىدە قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان[15] ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن[16].
ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئانىي تەربىيىسى بىلەن يېتىشىپ، قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشتا ئەڭ ياخشى ئۈلگە ياراتقان. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن.
مۇسۇلمانلارغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئەنە شۇ ساھابىلەر قىلغاندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئالغان ھالدا قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئۇ ساھابىلارغا يەتكۈزگەندەك ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگىمۇ يەتكۈزگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: بۇ قۇرئان ماڭا، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلندى»[17]. بۇ ئايەتكە ئاساسەن بىر كىشىگە قۇرئان كەرىمنىڭ يەتكەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قۇرئان كەرىم بىلەن ئاگاھلاندۇرغانلىقى بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تەئالا: «قۇرئان… ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[18]، «بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»[19] دەپ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: «قۇرئاننى چوقۇم بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى چوقۇم بىز قوغدايمىز»[20] دەپ قۇرئان كەرىمنى ساقلاشنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان.
ئەپسۇس! پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇسۇلمانلار دىننى چۈشىنىشتە ئوخشاشمىغان ئۇسۇللار پەيدا قىلغان. بۇنى ئۇلار  تەرىپىدىن يېزىلغان دىنى كىتابلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كىتابلارغا ئىنساپ بىلەن قارىغان ئەقىل ئىگىسى كۆرىدۇكى:
بەزى مۇسۇلمانلار بىرەر ھەدىسنىلا، بەزىلىرى ساھابىلەرنىڭ بىرەر تەتبىقاتلىرىنىلا ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمگە ھۆكۈم ئېلىش ئۈچۈن قارىمىغان. بەزىلىرى بولسا دىنى ئالىملارنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى دىن دەپ قوبۇل قىلىپ، قۇرئان-ھەدىس مەنىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنى (لەۋزىنى) ساۋاب تېپىش ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى بەرىكەت تېپىش ئۈچۈن ئوقۇغان.
يەنە بەزى مۇسۇلمانلار بولسا، خۇراپات قەھرىمانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى مۇسۇلمانچە ئىىسملارغا ئۆزگەرتىپ، باتىل ئېتىقادلارغا ئىسلامىي تۈس بېرىپ، دىنغا شېرىك ۋە بىدئەت ئارىلاشتۇرغان ۋە بۇنى ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق دەپ كۆرسەتكەن. قۇرئان كەرىمنى دۇنيالىق غەرەزلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
بىز، ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەر مەسىلىدە قۇرئان كەرىمنى ۋە ھەدىس شەرىپنى بىرلىكتە ئاساس قىلىمىز. قۇرئان-ھەدىسنى بىر-بىرىدىن ئايرىمايمىز.
شۇڭا بىز ھازىرغا قەدەر يېزىلغان كىتابلاردا قەيت قىلىنغىنىدەك «قۇرئان يا ھەدىس» دېمەستىن «قۇرئان ۋە ھەدىس» دەيمىز. «ئالدى بىلەن قۇرئانغا، قۇرئاندا بولمىسا ھەدىسقا قارايمىز» دېمەستىن «ئالدى بىلەن ۋە ئاخىرى بىلەن قۇرئان-ھەدىسقا بىرلىكتە قارايمىز» دەيمىز. ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە دەلىل قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئان… ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[21]، «بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»[22]. ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرى راستتۇر. «قۇرئاندا ھەممە نەرسە يوق، قۇرئاندىن ھەممە نەرسە چىقمايدۇ» دېگەن سۆزلەر (كىمنىڭ سۆزى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) يالغاندۇر.
يەنى بىز پەيغەمبەرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىمىز. چۈنكى قۇرئان كەرىم 23 يىلدا پارچە-پارچە نازىل قىلىنغان. بۇ زامان ئىچىدە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نازىل قىلىنغان ھەر ئايەتنى ساھابىلىرىغا تولۇق يەتكۈزگەن، ئۇلار ئۇ ئايەتنى ئېنىق چۈشەنگەن، شۇنداقلا ئۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ باشچىلىقىدا  ھاياتغا تەتبىقلانغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «بىز قۇرئاننى ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق. بۇنى، قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشەنگەنسېرى ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق»[23].
بۇنىڭغا ئاساسەن ھەدىس، يا قۇرئاننىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدۇر ياكى ئۈلگە ئېلىنغان تەتبىقاتىدۇر. نېمىنىڭ چۈشەندۈرۈلگەنلىكى بىلىنمىسە چۈشەندۈرۈش ئۇقۇلماي قالىدۇ. شۇنىڭدەك بىر نەرسىنىڭ ئەسلى بىلىنمىسە، ئۇ نەرسە ئۈچۈن بېرىلگەن ئۈلگە چۈشۈنۈلمەيدۇ. ئۇنداقتا ھەدىس ئايەت بىلەن بىرلىشىدۇ، ئايەتتىن ئايرىلمايدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتى بىلەن ۋىدالىشىش نۇتقىدا «سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار، ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[24] دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، «مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[25] دېگەن بۇيرۇقىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېتقاندا بىز ھەرقانداق مەسىلىدە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ياكى ئايەتلەرنى ئاساس قىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ياكى ھەدىسلەرنى ئۇ ئايەتلەرگە تابىئ (ئەگەشكۈچى) قىلىپ تۇرۇپ چۈشىنىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان[26]، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ، ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن[27]. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغان نەرسە قۇرئان كەرىمدۇر. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتى بىلەن نەجم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن باشلاپ ئون ئىككىنچى ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئايەتلەر مۇنداق:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: بۇ قۇرئان ماڭا، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلندى»[28].
«سارقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى. ئۇ، ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇ، پەقەت ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ. ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) ئۆگەتتى. ئۇنىڭ (جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى. ئاندىن ئۇ ئاستا-ئاستا (مۇھەممەدكە) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى. ئۇ (مۇھەممەدكە) ئىككى يا مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى. ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى. ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى). (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟»[29].
نەجم سۈرىسىنىڭ بۇ ئايەتلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىي نازىل بولغاندىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنىڭ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان ۋەھىينىڭ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئۆگىتىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «سادىقۇلئەمىن (راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك)» دەپ ئاتايدىغان مۇشرىكلار ئۇنىڭ قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلىشى بىلەن «مۇھەممەد گۇمراھ بولدى، مۇھەممەد يولدىن ئاداشتى» دېيىشكەن.
دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش بىلەن گۇمراھ بولغان ۋە يولدىن ئاداشقان (نەئۇزۇبىللاھ). ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە ئاللاھ تەئالا «ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم…» قىلىپ تۇرۇپ يۇقىرىدىكى رەددىيەنى بەرگەن. ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق»[30] دېگەن سۆزىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
خۇلاسە
بىز ھەر ئىشتا قۇرئان كەرىمنى ئاساس قىلىمىز. چۈنكى «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[31]، «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[32]، «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[33]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»[34].
بىز بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئالغان ھالدا قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر»[35].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە ئېلىش، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، خالاس. بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

———————————————-

[1]– سەبەئ 34/28؛ ئەئراف 7/158.

[2]– ئەھزاب 33/40.

[3]– بەقەرە 2/2.

[4]– نەھل 16/89؛ يۇسۇف 12/111.

[5]– ئەنئام 6/106؛ يۇنۇس 10/109؛ئەھزاب 33/2.

[6]– ئال ئىمران 3/144؛ مائىدە 5/99؛ رەئد 13/40؛ نۇر 24/54؛ ئەنكەبۇت 29/18.

[7]– مائىدە 5/67.

[8]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى.

[9]– شۇ ئايەت نازىل بولغان كۈنى يەنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9 كۈنى. بۇ كۈن پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ ئاي ئۈچ كۈنگە ئىلگىرىگە توغرا كېلىدۇ.

[10]ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.

[11]– ئەنئام 6/155.

[12]– ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.

[13]– مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – سۈرىسى.

[14]– ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتا.

[15]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

[16]– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل (ھىجرىيىنىڭ 3- ئېيى)نىڭ 12- كۈنى ۋاپات بولغان (رەھىقۇلمەختۇم 431- بەت). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى ھىجرەتنىڭ 10- يىلى زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ئەرەفاتتا سۆزلىگەن (مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى). بۇنىڭغا ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىنى سۆزلىگەن كۈن بىلەن، ۋاپات بولغان كۈننىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ھىجرىيە ئېيى ھېساۋىدا ئۈچ ئاي ئۈچ كۈن بولغان بولىدۇ. 

[17]– ئەنئام 6/19.

[18]– يۇسۇف 12/111.

[19]– نەھل 16/89.

[20]– ھىجىر 15/9.

[21]– يۇسۇف 12/111.

[22]– نەھل 16/89.

[23]ئىسرا 17/106.

[24]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

[25]– بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزى، ئىلىم 13؛ دارىمى، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214.

[26]– ئەنئام 6/106؛ يۇنۇس 10/109؛ ئەھقاف 46/9.

[27]– ئەنئام 6/50، ئەئراف 7/203، يۇنۇس 10/15، ئەھقاف 46/9.

[28]– ئەنئام 6/19.

[29]– (نەجم 53/1-12).

[30]– ئىنسان 76/23.

[31]– ئىسرا 17/9.

[32]فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر.

[33]تارىق 86/13، 14.

[34]بەقەرە 2/185.

[35]ئەھزاب 33/21.


مۇسۇلمانلار تورى، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ