قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا ئۆسۈمگە نەزەر
باش بەت > تەتقىقاتلار > مۇئامىلە تارىخ: 23.07.2009 يازدۇرغىن

ئەبۇلفاتىھ

بىسمىللاھى رەھمانىر رەھىم

كىرىش سۆز

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللە تەئالا بىز ئىنسانلارنى، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارغا بۇيرۇپ يەنە نۇرغۇن ئىشلاردىن چەكلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەمىر-پەرمانلارغا قانداق ئەمەل قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن. اللە تەئالا چەكلىگەن ۋە بويسۇنمىغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قېلىشىنى ئېلان قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى رىبادۇر.

مەن (ئەبۇلفاتىھ) ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى ئۈستىدە «ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش» توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب ھازىرلاپ يوللىغان ئىدىم. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى يوللىغان جاۋابىمنى تەستىقلاپ مۇنبەرگە چىقىرىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

بەرگەن جاۋابىمغا سوئالنى سورىغان قېرىندىشىم قايىل بولدىمۇ، بولمىدىمۇ بىلەلمەيمەن. بىلمىسەممۇ بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش ۋەزىپەم يوق. مېنىڭ ھەر پۇرسەتتە توغرىنى (قۇرئان-سۈننەتنىڭ مەزمۇنىنى) يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىم بار. مەزكۇر سوئالنىڭ سورىلىشىمۇ مېنىڭ بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بۇ مەسىلىنى بىلىۋېلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سوئالنى سورىغان قېرىندىشىمغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

لېكىن باشقا بىر توردېشىمىز مېنىڭ جاۋابىمغا بىر ئىنكاس يېزىپتۇ. ئىنكاسقا قاراپ ھەيران قالدىم. چۈنكى دىنىمىزدا ناھايىتى ئوچۇق ۋە قەتئىي بىر شەكىلدە چەكلەنگەن ئۆسۈم ئېلىش/بېرىش ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى (جازانىخورلۇق)قىلىشنىڭ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىدا مۈجمەل بولۇشىنى ئويلىمىغان ئىدىم. كۈنىمىزدىكى سىستېمىلاشقان ئۆسۈم مۇئامىلىلىرىنىڭ، دىنىمىزدا چەكلەنگەن ئۆسۈم مۇئامىلىلىرىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جاسارەت قىلالايدىغان بىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىن چىقىشىنى بولسا ھېچ ئويلىمىغان ئىدىم. ئاللاھ ئەقىل ئاتا قىلسۇن.

ئۇ ئىنكاس مېنىڭ جاۋابىمغا قارىتا يېزىلغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ بەزىلەرنىڭ كاللىسىدا تېخىچە مۈجمەل ئىكەنلىكىگە بولغان قانائىتىم مېنى ئۆسۈم ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىرى توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم توىتىلىشقا زورلىدى. شۇنىڭ بىلەن « قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا ئۆسۈمگە نەزەر» ناملىق بۇ يازمىنى يېزىشقا باشلىدىم. ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

1- «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى

«رىبا» كەلىمىسىنىڭ ئەسلىسى «ر ب و» دۇر. «رىبا كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىكى «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىگە ۋە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ مەن «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قۇرئان كەرىمدە «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن قانچىلىك كەلىمە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىلىرىگە ۋە قولۇمدىكى لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە ئاساسلىنىمەن.
1- «ر ب و» دىن تۈرلۈنگەن كەلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر:
قۇرئان كەرىمدە، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن لېكىن «رىبا» كەلىمىسىدىن پەرقلىق شەكىللەردە كەلگەن 10 دانە كەلىمە بار. بۇ كەلىمىلەر ئۆتكەن ئايەتلەر:
ھەج (22- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى، فۇسسىلەت (41- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رۇم (30- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 276- ئايىتى، رەئد (13- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى، ھاققە (69- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتى، نەھل (16- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 265- ئايىتى ۋە مۇئمىنۇن (23- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى.
بۇ ئايەتلەردە مەزكۇر كەلىمىلەرنىڭ ھەممىسى كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىك شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلمىلەرنىڭ ئارتماق، كۆپمەك، زىيادە بولماق، ئۆسمەك، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن مەنىلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
«رىبا» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 8 يەردە ئۆتىدۇ. بۇ كەلىمە ئۆتكەن ئايەتلەر:
بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 275، 276، 278- ئايەتلىرى، ئال ئىمران (3- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى، نىسا (4- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 161- ئايىتى ۋە رۇم (30- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى.
«رىبا» كەلىمىسى بۇ ئايەتلەردە ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى ۋە ئۆسۈملۈك قەرز دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.
دېمەك، ئايەتلەردىكى رىبا كەلىمىسى بەزىدە بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئېلىنغان/بېرىلگەن ئارتۇق پۇلنى (ئۆسۈمنى) ئىپادىلىسە، بەزىدە قەرزدارنىڭ قەرز بەرگۈچىگە ئۆسۈم بېرىشى شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىدە بولسا، ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن قەرز پۇلنى ئىپادىلەيدۇ.

2- لۇغەت كىتابلرىدا ر ب و ماددىسى

لىسانۇلئەرەب، ئەلمۇھىت، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇھىتۇل مۇھىت، مۇختارۇس سىھاھ، مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، تاجۇل ئەرۇس، ئەلئەين، ئەلغەنى، ئەلۋەسىت، قاتارلىق مەشھۇر ئەرەبچە لۇغەت كىتابلرىدىمۇ «ر ب و» تۈرلەنگەن كەلىمىلەرگە كۆپەيمەك، ئۆسمەك، ئاشماق، زىيادە بولماق، ئۆرلىمەك، چوڭايماق، يېتىلمەك دېگەن ئىپادىلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن مەنا بېرىلىدۇ.
بۇ كىتابلاردا «رىبا» كەلىمىسىگە ئارتۇقى، زىيادىسى، قىلىشقان شەرتلەر بويىچە قەرزدار قەرزنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قەرز بەرگۈچىگە تۆلىگەن ئارتۇق پۇل/مال، قەرز بەرگۈچى قەرز بېرىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن پايدا، بەدەلسىز ئېرىشىلگەن مال دېگەن مەنالار بېىرلىدۇ.

2- رىبادىن چەكلەيدىغان ئايەتلەر:

«ئۆسۈم يېگەنلەر، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: «سودا-سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى اللە سودا-سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى اللەغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
اللە ئۆسۈمنى يوقىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. اللە ھېچبىر گۇناھكار نان كورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر بارغۇ، ئۇلار رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ.
ئى مۆمىنلەر! اللەدىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇم قىلمايسىلەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر.
ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭغا قولى ئۇزارغىچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر»[
1].
«ئى مۇئمىنلار! ئۆسۈمنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[2].

بۇ ئايەتلەردە ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداقلا چەكلەنگەن نەرسە «رىبا»دۇر. دېمەك اللە تەئالا بۇ ئايەتلەردە «رىبا» دىن چەكلەيدۇ. «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى، ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن مۇددەتلىك قەرز دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئون ئايەتتىكى «ر ب و» دىن تۈرلۈنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرى ۋە لۇغەت كىتابلىرىدى ئىپادىلەر كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن اللە تەئالا يۇقىردىكى ئايەتلەردە رىبادىن چەكلىگەنلىكى ئۆسۈم ئېلىشتىن، ئۆسۈم بېرىشتىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا، يەنە نىسا سۈرىسىنىڭ 160 ۋە 161- ئايەتلىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادا جازالىنىشىغا سەۋەبچى بولغان گۇناھلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈم ئالغانلقىنىمۇ زىكىر قىلىدۇ. باشقا نۇرغۇن ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنى يەھۇدىيلارغا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە ۋاسىتىلىك يوللار بىلەنمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆسۈم ئېلىشتىن توسىدۇ.

3- مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە بەزىلەر:«يا رەسۇلەللاھ! ئۇ قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك ئاياللارغا «زىنا قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىماق»[3].
2- «پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئۆسۈم ئالغۇچىنى، ئۆسۈم بەرگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يېزىپ بەرگۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىنى لەنەتلىدى»[4].
پەيغەمبەر ئەلەيسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:
3- «ئۆسۈم يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ».
4- «ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پاراخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ».
5- «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ»[5].
6- «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاش»[6].
7- «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار»[7].
8- «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»[8].
9- «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس، نېسى قىلىشقا بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس. نېسى قىلىشقا بولمايدۇ»[9].
10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا[10] سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپتۇ. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ»[11] دېگەن.
11- «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆل خورمىغا قۇرۇق خورما ئېلىشتىن مەنئى قىلدى»[12].

4- تەھلىل:

«رىبا» كەلىمىسىنىڭ لۇغەت ۋە تېرىم مەنىسى، ئايەتلەردە بۇ كەلىمىگە بېرىلگەن مەنالار ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە ئاساسەن يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكى ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
1- ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىش، ئۆسۈم بېرىش شەرتى بىلەن قەرز ئېلىش،
2- بۇنداق بىر مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ئانا پۇلغا قوشۇپ ئۆسۈم ئېلىشى ۋە بېرىشى،
3- ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بەرگەنلەر ئەگەر تەۋبە قىلىپ يېڭىدىن ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن ۋە ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بەرگەن پۇل/مېلىنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچسە ئەسلىدىكى ئانا پۇل/مېلىنى قەردارلاردىن تەلەپ قىلىپ ئالالايدۇ.
4- ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارنى بۇ ئىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلىپ دەرھال ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنىڭ بۇرۇن ئالغان ئۆسۈملىرى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. يەنى ئۆسۈم ئىشلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ بۇرۇن ئالغان ئۆسۈملىرىنى ئۆسۈمنى بەرگۈچىلەرگە قايتۇرپ بېرىش مەجبۇرىيتى يوق.
5- ئاللاھنىڭ ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بۇ ئىشقا داۋام قىلىش، «مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا چۈشتۈم، مېنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى بۇ ئۇرۇشتا قولۇمدىن كەلگىنى ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش ۋە ئۆسۈم ئېلىش، ئۇلارمۇ ماڭا قارشى قولىدىن كەلگەننى قىلسۇن» دەپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ.
6- ئاللاھ تەئالا، ئۆسۈمنىڭ ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ ئىشقا داۋام قىلغانلارغا ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ؛ بىرى دۇنيادا ئۇنداقلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىش، يەنە بىرى ئاخىرەتتە بىلەن دوزاخقا ئېتىش ۋە دوزاختا مەڭگۈ قېلىش. مانا بۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى قىلىنغان ئۇرۇشنىڭ يەنى ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش ۋە ئۆسۈم ئېلىشنىڭ نەتىجىسى.
7- ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ قەرزداردىن ئانا پۇل/مېلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققى بار، لېكىن بۇلار قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولغان تەقدىردە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىشى يەنى كېيىن قولىڭىز ئۇزىغاندا بېرىڭ دەپ ئۇنىڭغا ۋاقىت بېرىشى كېرەك.
8- ئەگەر بۇلار قەرزداردىكى ئانا پۇل/مېلىنىمۇ ئالماي سەدىقە قىلىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
9- ئۆسۈم ئېلىش ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قەبىھ گۇناھنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى پەقەت بۇ گۇناھنى قىلغانلار بىلەنلا چەكىلنىپ قالماستىن بەلكىدە شۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلىرىغىمۇ يېتىدۇ. پىغەمبىرىمىز بۇنى ئۆزىنىڭ:
«ئۆسۈم يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ. ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پاراخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ».
قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى چۈشۈرىدۇ»[13] دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن.
10- جىنسى ئوخشاش نەرسىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرىدىغانلار تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتكە رىئايە قىلىشى لازىم. ئەكسى تەقدىردە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىنغان بولىدۇ.
11- جىنسى پەرقلىق نەرسىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: بۇغداي بىلەن ئارپىنى، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئالماشتۇرىدىغانلارنىڭ نەقمۇنەق شەرتىگىلا رىئايە قىلسا بولىدۇ. بۇ خىل سودىدا تەڭمۇتەڭ يەنى ئىككى نەرسىنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولۇش شەرتى يوق. بۇ سودىدا بىرى نەق بىرى نېسى بولۇپ قالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى شەكىللىنگەن بولىدۇ.
12- كۈنىمىزدىكىدەك ئەگەر مالنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا، پۇلنىڭ نېسى بولۇشى ھەتتا مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەت بىر باھاغا كىلىشىپ سودىنى پۈتتۈرۈشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مالنى، پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن نېسى ئېلىش/سېتىش، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولمايدۇ. بۇنىڭدا پۇلنى تۆلەيدىغان ۋاقىتنىڭ ياكى ۋاقىتلارنىڭ ۋە ھەر ۋاقىتتا تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ مىقدارى ئېنىق بولۇشى لازىم. مالنىڭ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش سودىسىدا مال باھاسىنىڭ، نەق باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ.
13- قەرزدارغا بېرىلگەن ئانا پۇل/مالغا قوشۇپ ئېلىنغان ئارتۇق پۇل/مالغا ئۆسۈم دېيىلىدۇ. دىنىمىز بۇ ئارتۇق پۇل/مالنى يەنى ئۆسۈمنى ئېلىشتىن ۋە بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. دېمەك، بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە بىر ئايىلىق 10% ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن 100 يۈەن قەرز بەرگەن بولسا، قەرزدار ئاي توشقاندا بۇ قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرغان بولسا، 100 يۈەن قەرزدار قەرز بەرگۈچىدىن قەرز ئالغان 100 يۈەن پۇل، قوشۇپ بەرگەن 10 يۈەن بولسا ئۆسۈم پۇل ھېسابلىنىدۇ. دىنىمىز مانا بۇ 10 يۈەننى ئېلىشتىن ۋە بېرىشتىن چەكلىگەندەك باشتا بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىنمۇ قەتئىي چەكلەيدۇ.
14- تىجارەتتە بولسا ئىش تامامەن پەرقلىق. تىجارەتتە ئىككى تەرەپ كىلىشىپ مەلۇم بىر مالنى مەلۇم بىر مىقدار پۇل بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇ پۇل، مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن شۇ مالنىڭ بەدىلى بولىدۇ. دېمەك، تىجارەتتە مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرىلىدۇ.
ئەگەر ساتقۇچىمۇ بۇ مالنى باشقا بىرىدىن ئېلىپ، ئالغۇچىغا ئۆزى ئالغان باھادىن يۇقىرى بىر باھادا ساتقان بولسا ئارتۇقى پايدا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى 100 يۈەنگە بىر گىلەم سېتىۋېلىپ 110 يۈەنگە ساتقان بولسا، گىلەمنىڭ باھاسى بۇ ئادەم ئالغاندا 100 يۈەن، ساتقاندا 110 يۈەن بولغان بولىدۇ. بۇ ئىش تىجارەت ھېسابلىنىدۇ. 10 يۈەن پۇل ساتقۇچىنىڭ پايدىسى بولىدۇ.

خۇلاسە

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا دىنىمىز ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئۆسۈم ئېلىش/بېرىشنى ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، بۇ ئىشقا كىرىپ قالغان ياكى كىرىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ دەرھال تەۋبە قىلىشى لازىم. ئەكسى تەقدىردە دۇنيا ۋە ئاخرەتتە قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك قەرز ئالغۇچىنىڭ بۇ قەرز پۇلغا سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىسىنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ دۇرۇسلۇققا ئۆزگەرمەيدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىنىڭ بىر شەخس ياكى بىر مۇئەسسە بولۇشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىر جازانىخورنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشى بىلەن بىر بانكىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەر يوق. بۇلارنىڭ بىرى ئۆز ئالدىغا پاھىشىۋازلىق قىلغۇچىغا، يەنە بىرى پاھىشىخانا ئېچىپ پاھىشىۋازلىق قىلغۇچىغا ۋە باشقىلارنىڭ پاھىشىۋازلىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگۈچىگە ئوخشايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈك قەرزنى كىم بەرسە بەرسۇن ياكى قانداق مۇئەسسەسە تارقاتسا تارقاتسۇن ھارام ئىش قىلىغان، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان بولىدۇ.
«بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش» دېگەن سوئالدىكى «بانكىدىن» ئىپادىسى بىلەن «ئۆي سېتىۋېلىش» ئىپادىسى، جەمئىيەتتە ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىنىڭ بانكا بولۇشى بىلەن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىپ سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ مۇھىملىقى بۇ ئىشنىڭ جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك بىر چۈشەنچىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چۈشەنچە تامامەن خاتا. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك ھارام ھېچبىر زامان ھالال بولۇپ قالمايدۇ. مۇسۇلماننىڭ ئۆي ئېلىشىدىنمۇ مۇھىم بىر ئىشى بار. ئۇ بولسا ھاياتىنىڭ ھەر باسقۇچىدا ۋە ھەرقانداق شارائىتتا مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى:
مۇسۇلمانلارنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە غەربنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئاللاھ تەئەلانىڭ ئەڭ بۈيۈك چەكلىمىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى «جائىز»لىققا چىقارغان ۋە چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان بەزى «كاتتا ئالىملار»نىڭ ئۆزىنىڭ ياكى «بەزى كىشى ۋە ئورگان» لارنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن «ئىجتىھاد» قىلىپ تەلەپكە ئاساسەن بەرگەن «پەتىۋا»لىرىغا ئالدانماسلىقى، شۇنداقلا ئۆسۈم ئېلىش/بېرىشتىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ، ئاللاھ تەئەلانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى بولغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئايەتلەرنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھۆكۈملىرى بىلەن كۇپايىلىنىشلىرى كېرەك.
ئاللاھغا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

———————————–
[1] – بەقەرە 2/275- 280
[2] – ئال ئىمران 3/130
[3] – بۇخارى، ۋەسايا 23؛ مۇسلىم ئىمان145.
[4] – بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر رىۋايەت قىلغان.
[5] – بۇ ئۈچ ھەدىسنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان.
[6] – مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق سودىدىن مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
[7] – بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47.
[8] – مۇسلىم، مۇساقات 81.
[9] – ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12.
[10] – بىر سا، مىڭ قىرىق دىرھەم ئېغىرلىقىدىكى بۇغداي يا ئارپا سىغىدىغان بىر ئۆلچەم. بىر سا، شەرئى دىرھەمگە ئاساسەن تەخمىنەن 2 كىلو 917 گرام؛ ئەنئەنىۋى دىرھەمگە ئاساسەن 3 كىلو 333 گرام كېلىدۇ. شامىل ئىسلام ئېسىكلوپېدىيىسى ۋە ئىقرائ ئىسلام ئېسىكلوپېدىيىسى.
[11] – بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97.
[12] – ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 18؛ تىرمىزىي، بۇيۇئ 14؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 36.
[13] – بۇ ئۈچ ھەدىسنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان.

Facebook'ta PaylaşTwitter'da Paylaş
13.700 قېتىم ئوقۇلدى