مۇسۇلمانلار

ناماز ھەققىدە قىسقىچە ساۋات ـ1

 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تائالا مۇنداق ديدۇ
«نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار»- (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 110- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى).
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى بىزگە يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى تەرك قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى

1- پېشىننىڭ ۋاقتى – كۈن ئىگىلگەندىن باشلاپ، بىر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولغانغا قەدەردۇر.
2- ئەسىر (نامازدېگەر) نىڭ ۋاقتى – بىر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك بولغاندىن باشلاپ كۈن كىرىپ كەتكۈچىلىكتۇر.
3- ناماز شامنىڭ ۋاقتى – كۈن كىرىپ كەتكەندىن باشلاپ كۈن پېتىشتىكى قىزىللىق غايىپ بولغىچىلىكتۇر.
4- خۇپتەننىڭ ۋاقتى – كۈن پېتىشتىكى قىزىللىق غايىپ بولغاندىن باشلاپ كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچىلىكتۇر.
5- بامداتنىڭ ۋاقتى – تاڭ ئاقارغاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچىلىكتۇر.
(مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: بۇخارى، مۇسلم، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد).

نامازلارنىڭ رەكئەت سانى

پېشىن تۆت رەكئەت، ئەسىر تۆت رەكئەت، نامازشام ئۈچ رەكئەت، خۇپتەن تۆت رەكئەت بولۇپ، ھەر بىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلش پەرزدۇر. لېكىن بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت  (ئىككى رەكئەت دەپمۇ رىۋايەت بار) پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت (تۆت رەكئەت دەپمۇ رىۋايەت بار)، ناماز شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەسىردىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ياكى تۆت رەكئەت، نامازشامدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا تەشۋىق قىلغان. يەنە بۇ نامازلاردىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئوقۇغان ۋە ئوقۇشقا تەشۋىق قىلغان نۇرغۇن نامازلار بار. بۇلارنى نۆۋىتى كەلگەندە بايان قىلىمىز.
نامازغا ئالاقىدار مەسىلىلەر
1-ئەزان
(1) ئەزان ئوقۇش:
ئەزان ئوقۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن نامازغا چاقىرلىدۇ. ئۇ، دىنىمىزنىڭ شۇئارلىرىدىن بىرىدۇر. مائىدە سۈرىسىنىڭ 58 – ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى بۇنى ئوچۇق – ئاشكارا كۆرسىتىدۇ.
(2) ئەزاننىڭ ئوقۇلۇشى:
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر،
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر،
ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ،
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ،
ھەييە ئەلەسسەلاھ، ھەييە ئەلەسسەلاھ،
ھەييە ئەلەلفەلاھ، ھەييە ئەلەلفەلاھ،
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھ.
ئەگەر ئەزان بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنى بولسا، «ھەييە ئەلەلفەلاھ» دىن كېيىن «ئەسسەلاتۇ خەيرۇم مىنەننەۋم» ئىككى قېتىم ئوقۇلىدۇ.
بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە قارتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.
(3) ئەزان ئوقۇلغاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر:
ئەزان ئوقۇلغاندا ئىككى «ھەييە ئەلا» دىن باشقا سۆزلەرنى ئەزان ئوقۇغۇچىغا ئەگىشىپ ئىچىدە ئەينەن ئوقۇش لازىم. ئەمما ئىككى «ھەيە ئەلا» ئوقۇلغاندا «لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېيىش كېرەك.
ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇش لازىم:
«ئەللاھۇممە رەببە ھازىھىد دەئۋەتىت تاممەتى، ۋەسسالاتىل قائىمەتى، ئاتى مۇھەممەدەنىل ۋەسىلەتە ۋەلفەزىلەتە، ۋەبئەسھۇ مەقامەم مەھمۇدەنىل لەزى ۋەئەددەھ».
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! ئى بۇ تولۇق دەۋەتنىڭ ۋە  ئوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ نامازنىڭ ئىگىسى، مۇھەممەدكە ۋەسىلىنى (جەننەتتىكى ئالىي ماقامنى) ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلىغىن، ئۇنى، سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان ياخشى مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگىن». 
2- تەكبىر
(1) تەكبىرنىڭ ئوقۇلۇشى:
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر،
ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ،
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ،
ھەييە ئەلەسسەلاھ،
ھەييە ئەلەلفەلاھ،
قەد قامەتىسسالاتۇ(ھ)، قەد قامەتىسسالاھ،
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھ.
(2)تەكبىر ئوقۇلغاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر:
تەكبىر ئوقۇلغاندىمۇ ئىككى «ھەييە ئەلا» دىن باشقا سۆزلەرنى تەكبىر ئوقۇغۇچىغا ئەگىشىپ ئىچىدە ئەينەن ئوقۇش لازىم. ئەمما ئىككى «ھەييە ئەلا» ئوقۇلغاندا «لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېيىش كېرەك. «قەد قامەتىسسالاھ» لار ئوقۇلغاندا بولسا، «ئەقامەھەللاھۇ ۋە ئەدامەھا» دېيىش لازىم.
ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئارىسىدا كۆپ دۇئا قىلىۋېلىش ياخشىدۇر.
3- مەزىن (مۇئەززىن) دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
(1) ئەزانغا ھەق تەلەپ قىلماسلىق.
(2) تاھارەت بىلەن ئەزان ئوقۇش.
(3) ئالدىنى قىبلىگە قىلىپ  تۇرۇپ ئەزان ئوقۇش.
(4) ئىككى «ھەييە ئەلا» دا ئوڭ سولغا بۇرۇلۇش.
(5) ئىككى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ ئىچىگە تىقىپ تۇرۇپ ئوقۇش.
(6) ئەزاننى ئالدىرىماستىن، سۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توختاپ تەمكىنلىك بىلەن ئوقۇش.
(7) تەكبىرنى تېز ئوقۇش.
(8) ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇۋېتىپ گەپ قىلماسلىق.
(9) ئەزان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشەنچلىك، خۇشئاۋاز، ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىدىغان بولۇشى لازىم.
ناماز تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۆز تەرتىبى بويىچە قىلىش ئارقىلىق ئوقۇلىدۇ:
1- قايسى ۋاقىتتا قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈش (يەنى نىيەت قىلىش).
2- ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرۈپ، «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا كىرىش.
3- ئۈرە تۇرۇپ «سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇكە» دېيىش. تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ ئەيبىڭ ۋە ھېچ كەمچىلىكىڭ يوق، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. سەن قىلغان ھەر ئىشىڭنى ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىسەن. ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، شەنىڭ ئۇلۇغدۇر، سەن ناھايىتى كاتتا زاتسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».
ئۈرە تۇرۇش جەريانىدا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قول باغلاپ تۇرىدۇ. 
4- «ئەئۇزۇ…» ۋە «بىسمىللاھ…» ئوقۇش.
5- پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ۋە ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىش.
6- پاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى بىر ئايەتتىن ئارتۇق ئايەت ئوقۇش.
7- «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇ قىلىپ «سۇبھانە رەببىيەلئەزىم» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇش.
8- «سەمىئاللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ،  بىلىنى رۇسلاپ «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» (ۋەلەكەلھەمدۇ دېسىمۇ بولىدۇ) نى بىر قېتىم دېىش.
9- «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بېرىپ، «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇش.
10- «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ بىرىنچى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ  ئولتۇرۇپ «رەببىغفىرلى ۋەھدىنى ۋەرھەمنى ۋەرزۇقنى ۋە ئافىنى (رەببىم! مېنى ئەپۇ قىل، مېنى ھىدايەت قىل، ماڭا رەھىم قىل، ماڭا رىزىق ئاتا قىل، مېنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن ساقلا!)» دېگەن دۇئانى ئوقۇش. (بۇنى بىلمىگەنلەر بىر نەرسە ئوقۇماستىن رۇس ئولتۇرۇۋېتىپ ئىككىنچى سەجدىگە ئۆتۈپ كەتسىمۇ بولىدۇ).
11- «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بېرىپ، بىرىنچى سەجدىدە ئوقۇغىنىنى ئوقۇش.
12- ئىككىنچى رەكئەتكە قوپۇپ، بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قىلىش.
13- ئەگەر ناماز، ئىككى رەكئەتلىك بىر ناماز بولسا، ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ «ئەتتەھىيياتۇ…، ئەللاھۇممە سەللى ئالا…، ئاللاھۇممە بارىك ئالا ۋە رەببەنا» لارنى ئوقۇپ، ئاندىن «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ» دەپ ئوڭ تەرەپىدىن باشلاپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش.
14- ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتتىن كۆپ بولسا، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا «ئەتتەھەيياتۇ…» نىلا ئوقۇپ، «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە بۇ ئىككى رەكئەتنى، ئىككى رەكئەتلىك نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندەك ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئەگەر بۇ تۆت رەكئەتلىك ناماز پەرز ناماز بولسا، ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنىلا ئوقۇيدۇ. ناۋادا بۇ تۆت رەكئەتلىك ناماز نەپلە (سۈننەت) ناماز بولسا، ئاخىرقى ئىككى رەكئىتىدىمۇ فاتىھەدىن كېيىن سۈرە ئوقۇيدۇ.
15- رۇكۇ قىلغاندا، رۇكۇدىن باشنى كۆتۈرگەندە، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىسىغىچە كۆتۈرۈش ياخشىدۇر.   .كۆتۈرمىسىمۇ بولىدۇ
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر: بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنىدۇ.
نامازنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ئىشلار:
1- بۇرۇلۇپ ئەتراپقا قاراش ياكى ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈش.
2- ئاسمانغا (ئۈستۈن تەرەپكە) قاراش.
3-  نامازدا تۇرۇپ چاچنى ياكى كىيىم – كېچەكنى تۈزەش.
4- قول بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈش ياكى بارماقىلىردىن قاس چىقىرىش.
5-  سەجدە قىلىدىغان ئورۇننى بىر قېتىمدىن ئارتۇق سىلاش.
6- ساقىلى ياكى كىيىم – كېچىكى بىلەن ئويناش، جاينامازدىكى ياكى تامدىكى گۇللەرگە سەپسېلىش.
7- رۇكۇ ياكى سەجدىدە ئايەت ئوقۇش.
8- تەرەت قىستاپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇش.
9- تاماق ھازىر بولۇپ قالغاندا ناماز ئوقۇش.
10- نامازدا ئولتۇرغاندا  ھەر ئىككى پۇتىنى تىكلەپ ئولتۇرۇش ۋە سەجدە قىلغاندا ئەرلەرنىڭ ئىككى بىلىكىنىڭ يەرگە تىگىپ قېلىشى.
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر: بۇخارى، مۇسلىم، ئىبنى ماجەھ قاتارلىق كىتابلاردا زىكىر قىلنىدۇ.
نامازنى بۇزۋېتىدىغان ئىشلار:
1- رۇكۇ، سەجدە، قىرائەت، قىيام (ئۆرە تۇرۇش) قاتارلىقلارغا ئوخشاش نامازنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ تەرك قىلىنىشى ياكى تولۇق ئادا قىلىنماسلىقى.
2-  بىر نەرسە يەپ – ئىچىش.
3- گەپ قىلىش.
4- كۈلۈش. لېكىن كۈلۈمسىرەش نامازنى بۇزمايدۇ.
5- تولا ھەرىكەت قىلىش. لېكىن سەپنى تاماملاش ئۈچۈن بىكار يەرگە ئۆتۈش ياكى بىر قولى بىلەن بىر قېتىم ھەرىكەت قىلىش نامازنى بۇزمايدۇ
6- سەۋەنلىكتىن ئوقۇماقچى بولغان ناماز بىلەن ئوخشاش مىقداردا ئارتۇق ناماز ئوقۇش. مەسىلەن: پىشىننى سەككىز رەكئەت، نامازشامنى ئالتە رەكئەت ۋە بامداتنى تۆت رەكئەت ئوقۇش. چۈنكى بۇ، نامازغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
7- نامازدا تۇرۇپ، ئوقۇۋاتقان نامازدىن بۇرۇنقى نامازنى ئوقۇمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىش.  مەسىلەن: بىر كىشى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇۋېتىپ، پېشىن ئوقۇمىغانلىقىنى خاتىرلىسە، ئوقۇۋاتقان ئەسىر نامىزى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئەسىرنى ئوقۇشى لازىم. چۈنكى نامازلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەرتىب پەرزدۇر.
(بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىدۇ).
نامازدا قىلسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار
1- ئازغىنا ھەرىكەت قىلىش.
2- مەجبۇر بولۇپ قالغاندا يۆتىلىش.
3-  سەپ تەرتىبىگە رىئايە قىلمىغان كىشىنى تېگىشلىك يەرگە تارتىپ قويۇش.
4- ئەسنەش ۋە قولىنى ئاغزىنىڭ ئۈستىگە قويۇش.
5- ئىمام قىرائەت جەريانىدا غەلەت ئوقۇپ قالسا، توغرىسىنى دەپ بېرىش ياكى خاتا ئىش قىلىپ قويسا، «سۇبھانەللاھ!» ياكى «ئەللەھۇ ئەكبەر!» دەپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش.
6- ئالدىدىن ئۆتكۈچىلەرنى توسۇش.
7- يىلان – چاياننى ئۆلتۈرۈش.
8- قىچىشقان يەرنى قاشلاش.
9- سالام قىلغان كىشىگە قولى بىلەن ئىشارەت قىلىش.
(بۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلىدۇ).
سەھۋە سەجدىسى
نامازدا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن بىرى تەرك ئېتىلسە، ناماز سەھۋە سەجدىسى قىلىش بىلەن تاماملىنىدۇ. لېكىن ئىمامنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىنىڭ تەرك ئېتىشى سەۋەبىدىن ئىمام سەھۋە سەجدىسى قىلمايدۇ. ئۇ كىشىمۇ سەھۋە سەجدىسى قىلمايدۇ.
1- فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇش.
2- «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دېيىش.
3- رۇكۇدا «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» دېيىش.
4- سەجدىدە «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېيىش.
5- ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق نامازلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇش.
6- نامازدا بىر ھالەتتىن ئىككىنچى بىر ھالەتكە ئۆتۈشتە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىش.
7-  ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازنى ئۈنلۇك ئوقۇش.
8- مەخپىي ئوقۇلىدىغان نامازنى مەخپىي ئوقۇش.
9- «ئەللاھۇممە سەللى ئالا … » ۋە «ئەللاھۇممە بارىك ئالا…» ئوقۇش.
(بۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
سەھۋە سەجسىدىنىڭ شەكلى
«ئەتتەھىيياتۇ…» نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئوڭ تەرىپىگە بىر سالام بېرىپ، ئاندىن ئادەتتىكىدەك ئىككى سەجدە قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن «ئەتتەھىيياتۇ.. ئاللاھۇممە ساللىئەلا… ئاللاھۇممە بارىكئەلا… رەببەنا…» لارنى ئوقۇپ ئاندىن ئىككى تەرىپىگە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ. بۇ خىل سەھۋە سەجدىسىدىن باشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامدىن كېيىن سەھۋە سەجدىسى قىلغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەرمۇ بار. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم).
ۋىتىر نامىزى
خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن تاڭ ئاقارغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا بىر رەكئەتتىن 13 رەكئەتكە قەدەر ئوقۇلىدىغان ناماز ۋىتىر نامىزى دېيىلىدۇ. بۇ نامازنىڭ باشقا نامازلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى: بۇ نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  رەكئىتىدە رۇكۇدىن ئىلگىرى ياكى رۇكۇدىن كېين قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدۇ. قۇنۇت، ئاللاھقا يالۋۇرۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇنۇت دۇئاسى دېمەك ئاللاھقا يالۋۇرۇپ بىر نەرسە تىلەش دېگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان قۇنۇت دۇئاسى مۇنداق:
«ئەللاھۇممەھدىنى فىمەن ھەدەيتە، ۋە ئافىنى فىمەن ئافەيتە، ۋە تەۋەللەنى فىمەن تەۋەللەيتە، ۋە بارىكلى فىما ئەئتەيتە، ۋەقىنى شەررە ما قەدايتە، فەئىننەكە تەقدى ۋەلا يۇقدا ئەلەيكە، ۋەئىننەھۇ لايەزىللۇ مەن ۋالەيتە، ۋەلايەئىززۇ مەن ئادەيتە، تەبارەكتە رەببەنا ۋەتەئالەيتە». تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت قىلغانلارنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ ھىدايەت قىل، سەن ساقلىغانلارنىڭ  قاتارىدا مېنىمۇ ساقلا، سەن دوست تۇتقانلارنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇت، ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى بەرىكەتلىك قىل، مېنى يامان ھۆكمىڭدىن ساقلا، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغ ۋە ئۈستۈنسەن!».
(بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر بۇخارىدىن باشقا بەش پارچە ھەدىس كىتابىدا مەۋجۇتتۇر).
ۋىتىردە بۇ دۇئانى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە ھەدىستا زىكىر قىلىنغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەن بالا – مۇسىبەتلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى تىلەپ ھەمدە ئۆزى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخىت سائادەت تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدۇ.
ۋىتىرنىڭ دۇئاسىنى ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
تەراۋىھ نامىزى
رامزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىدە  خۇپتەن  نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز خەلق ئىچىدە «تەراۋىھ نامىزى» دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەراۋىھ نامىزى» دەپ بىر ناماز ئوقۇمىغان، ھەتتا ئوقۇشقا تەرغىبمۇ قىلمىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى رامزان كېچىلىرىدە بولسۇن، مەيلى باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىدە  ۋە باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرىدە كۆپ بولغاندا 11 رەكئەت، ئاز بولغاندا 3 رەكئەت ناماز ئوقۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
باشقا نامازلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈن ئىگىلگۈچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئىككى رەكئەتتىن سەككىز رەكئەتكە قەدەر ناماز ئوقۇغانلىقى، ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشنى ئۆگەتكەنلىكى، كۈن ۋە ئاي تۇتۇلغان چاغلاردا  جامائەت بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقى، سۇ تەلەپ قىلىپ  جامائەت بىلەن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقى… رىۋايەت قىلىنىدۇ.
(بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى، ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان).
پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش
پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش دىنىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن بىر ئەمر بولۇپ، بۇنىڭ ساۋابى ئۆيدە ئوقۇغان نامازغا نىسبەتەن  ھەسسىلەپ ئارتۇق بولىدۇ. ئاياللارنىڭمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئىمامغا ئەگىشىش مۇھىمدۇر. ئىمامدىن ئېشىپ كېتىش ھارامدۇر.
(بۇ بۆلۈمنىڭ ھەدىسلىرىنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمەد، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە قارتارلىقلار رىۋايەت قىلىدۇ).
ئىماملىق
ئىمامنىڭ ئادىل، نامازنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇبدان بىلىدىغان، تەقۋادار بىر ئەر كىشى بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن پاسىقنىڭ، بىدئەتچىنىڭ، ئايال كىشىنىڭ، جاھىلنىڭ، ئۆزرىلىك كىشىنىڭ ئىمام بولۇشى توغرا ئەمەس. لېكىن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرگە ئىمام بولۇشى جائىزدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاياللارنىڭ بىر ئايالنى ئىمام قىلىپ ناماز ئوقۇشى ياخشى ئىش ھېساپلىنىدۇ. ئاياللارغا ئىمام بولغان ئايال، ئەر ئىمامغا ئوخشاش جامائەتنىڭ ئالدىغا ئۆتمەستىن سەپنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.
جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئالدى سەپلەردە تۇرۇش ئۈچۈن غەيرەت قىلىش لازىم. ئالدى سەپلەردىكى بوش يەرلەرنى تولدۇرۇشقا، سەپلەرنىڭ تۈز ۋە مۇستەھكەم بولۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
(بۇ بۆلۈمدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئەھمەد ۋە بەيھەقى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلىدۇ).
ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغان يەرلەر
قەبرىستانلىق، چېركاۋ، ھاۋرا (يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى) ئېغىل، يول، مۇنچا، قۇشخانا، سۈپۈرۈندىلىك ۋە قىغ دۆۋىلەنگەن يەرلەر قاتارلىق جايلاردا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەتراپى ئوچۇق يەرلەردە ناماز ئوقۇغان كشى ياكى بۇنداق يەرلەردە ئىمام بولغان كىشى ئالدى تەرىپىگە ھاسا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە تىكلەپ قويۇپ نامازغا تۇرۇشى ياخشىدۇر.
(بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنى، بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان)
سەپەر ئۈستىدە ناماز
سەپەر ئۈستىدە تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلار قىسقارتىلىپ ئىككى رەكئەت قىلىپ ئوقۇلىدۇ. پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەتلەر ئوقۇلمايدۇ. لېكىنخالىغانلار ئوقۇسا بولىدۇ 
(بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنى كۆپچىلىك مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان).
ئىككى نامازنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش
1- پېشىن بىلەن ئەسىر، نامازشام بىلەن خۇپتەن ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوقۇلىدۇ.
2- سەپەر ئۈستىدە پېشىن بىلەن ئەسىرنى، نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. يامغۇر ياغقان، قاتتىق سوغۇق بولۇپ كەتكەن ۋە بوران چىققان ۋاقىتلاردا نامازشام بىلەن خۇپتەننى مەسجىددە بىرلەشتۈرپ ئوقۇشقا بولىدۇ.
بۇ بىرلەشتۈرۈشتە پېشىن بىلەن ئەسىرنى پېشىننىڭ ۋاقتىدا، نامازشام بىلەن خۇپتەننى نامازشامنىڭ ۋاقتىدا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش جائىز بولغاندەك، پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئەسىرنىڭ ۋاقتىدا، نامازشام بىلەن خۇپتەننى خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.
(بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
ئايرۇپىلان، كېمە ۋە پويىز قاتارلىقلاردا ناماز
ئايرۇپىلان، كېمە  ۋە پويىز قاتارلىق ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى ئاستىدا بولمىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە مۇمكىن بولسا ئۈرە تۇرۇپ قىبلىگە قاراپ، مۇمكىن بولمىسا، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.
 جۈمە نامىزى
دىنىمىزدا مۇسۇلمانلار، ھەپتىدە بىر قىېتىم (جۈمە كۈنى) پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ  ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. جۈمە نامىزىدا شەرت قىلىنغان جامائەتنىڭ مۇئەييەن بىر سانى يوق. لېكىن جامائەت دېگىلى بولغۇدەك كىشىلەر يىغىلسا شەرت ھازىرلانغان بولىدۇ.
جۈمە نامىزىنىڭ باشقا نامازلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى:
جۈمە نامىزى ئايال كىشىگە، كىچىك بالىغا، جۈمەگە بارالمايدىغان كېسەل ئادەمگە، يولۇچىغا، زالىمنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ مەخپىي يۈرۈيدىغان كىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئۆزرىلىك كىشىلەرگە بۇيرۇلمايدۇ. لېكىن بۇلار جۈمە ئوقۇغان بولسا، ئارقىسىدىن پېشىن نامىزى ئوقۇمايدۇ. چۈنكى جۈمە نامىزى جۈمە كۈنىنىڭ پېشىنىدۇر.
جۈمە كېچىسى ۋە جۈمە كۈندۈزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
1- كۆپ دۇئا قىلىش،
2- كۆپلەپ دۇرۇت ئوقۇش.
3- كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش،
4- يۇيۇنۇش، چىرايلىق ۋە پاكىزە كىيملەرنى كىيىش، مىسۋاك قىلىش، خۇشپۇراق نەرسىلەردىن ئىشلىتىش.
5- جۈمەگە بالدۇر بېرىش.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلالمىسا گۇناھ بولمايدۇ.
6- ئىمام خۇتبىگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولۇش.
7- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا جىم تۇرۇپ ئاڭلاش.
جۈمە نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندا ئېلىم – سېتىم قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. سەپتە ئولتۇرۇۋاتقان جامائەتنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتمەسلىك كېرەك.
جۈمە قانداق جايدا ئوقۇلىدۇ؟
جۈمە نامىزى شەھەر ۋە يېزىدىلاردىكى جامەلەردە، ئۆيلەردە ۋە ئوچۇق مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ. بىر شەھەردە ياكى بىر يېزىدا بىر قانچە جايدا جۈمە ئوقۇشقا بولىدۇ.
جۈمەنىڭ خۇتبىسى ۋە ئوقۇلىشى
1- جۈمە نامىزىنى باشلاشنىڭ ئالدىدا ئىمام مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىن (ئەگەرمۇنبەر بولمىسا، جامائەتكە ئالدىنى قىلىپ ئولتۇرغاندىن) ئەزان ئوقۇلىدۇ. ئاندىن ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ،  بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىنىڭ شەكلى مۇنداق:
ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللىغاندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىنسانلارغا دىننىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ. ئاندىن قىسقىغىنا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە يەنە بىر خۇتبە ئوقۇيدۇ. بۇ خۇتبىدىمۇ ھەمدۇسانا، دۇرۇت ۋە سالاملاردىن كېيىن جامائەتكە بىرئاز نەسىھەت قىلىپ خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
2- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
3- خۇتبىدىن كېيىن تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزىغا باشلايدۇ. جامائەتمۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ (ئىمامغا ئەگىشىپ) نامازغا باشلايدۇ. جۈمەنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك ئوقۇلىدۇ. جۈمە نامىزىنىڭ ئىچىدە ئوقۇلىدىغان ئايەت ۋە زىكىر – تەسبىھلىرى نورمال ئىككى رەكئەتلىك نامازنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.
4- سالامدىن كېيىن يـۆتكىلپ باشقا يەردە ياكى نامازدىن قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشىدۇر. بۇ سۈننەتنى مەسچىتتە ئوقۇسا تۆت رەكئەت ئوقۇش توغرۇلۇق رىۋايەتمۇ بار. لېكىن پەرزدىن قايتىپ ئۆيدە ياكى جامەنىڭ سىرتىدا بىر يەردە ئىككى رەكئەت ئوقۇش ياخشىدۇر.
5- جۈمەنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ بىر ناماز يوق. لېكىن يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك ئىمام خۇتبىگە چىققۇچە كۈچى يەتكەن مىقداردا نەپلە ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر.
(بۇ ھەقتىكى ئايەت: جۇمۇئە سۈرىسى، 9-، 10 ۋە 11- ئايەتلەر. ھەدىسلەر  :بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد، تىرمىزى، بەيھەقى).
ئىككى ھېيت نامىزى
دىنىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇشى يولغا قويۇلغان. بۇ ئىككى نامازنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز قىلىنغان رامزان ئېيىنىڭ (ھىجرىيىنىڭ 9 – ئېيى) ئارقىسىدىن كېلىدىغان شەۋۋال ئېيىنىڭ 1 – كۈنى ئوقۇلغانلىقى ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، ھىجرىيە يىلىنىڭ 12 – ئېيىنىڭ 10 – كۈنى، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى لازىم بولغان كۈندە ئوقۇلغانلىقى ئۈچۈن قۇربان ھېيت نامىزى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىككى ھېيت نامىزىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
1- نامازغا چىقىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش، چىرايلىق ۋە پاكىزە كىيىم كېيىش، خۇشپۇراق بىر نەرسە ئىشلىتىش ياخشىدۇر.
2- روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىىلگىرى بىر نەرسە يېيىش. قۇربان ھېييتتا، قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن قۇربانلىق قىلىپ، قۇربانلىقنىڭ جىگىرىدىن يېيىش ياخشىدۇر، لېكىن نامازدىن قايتىپ باشقا يېمەك يېيىشنىڭمۇ زىيىنى يوق.
نارەسىدە بالىلارنى جامائەت ھېيت نامىزىدىن تارقالمىغۇچە بىر نەرسە يېگىلى قويماسلىق، ھەتتا بوۋاقلارغا سۈت ئېمىتمەسلىك ئىنتايىن خاتا ئىش بولۇپ، بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى يوقتۇر.
3- ھېيت نامازلىرى مەسچت – جامەلەردە ئادا قىلىنىدۇ. لېكىن ئوچۇق مەيدانلاردا ئادا قىلىنىشى ئەۋزەل ( تېخىمۇ ياخشى) دۇر.
4- ئاياللار ۋە بالىلار ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە كېلىپ، ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ياخشى ئىشقا قاتناشسا بولىدۇ.
5- نامازدىن قايتقاندا نامازغا بارغان يول بىلەن ئەمەس، باشقا بىر يول بىلەن قايتىش ياخشىدۇر.
6- بۇ ئىككى ناماز، كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، كۈن تىكلەنگۈچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇلىدۇ.
7- بۇ ئىككى ناماز ئۈچۈن ئەزان – تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. سەپپەن توۋىلاش، قامەتلەش ياكى ھەرقانداق بىر سۆز بىلەن ئىنسانلارنى نامازغا چاقىرىش توغرا ئەمەس.
8- بۇ ئىككى نامازنىڭ ئىچىدە ئىمامغا ئەگىشىپ بىرىنچى رەكئەتتە سانادىن كېيىن، ئىككىنچى رەكئەتتە رۇكۇدىن ئىلگىرى تەكبىرلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ نامازلارنىڭ قالغان يەرلىرى باشقا نامازلارغا ئوخشايدۇ. نامازدىن كېيىنلا ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ، مۇنبەر بولمىسا جامائەتكە قاراپ  تۇرۇپ، جۈمە خۇتبىسىغا ئوخشاش بىر  خۇتبە ئوقۇيدۇ. خۇتبىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرىدۇ. جامائەت قايتىپ كەتمەستىن خۇتبىنى ئاڭلايدۇ.
9- ھېيت نامازلىرىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ھېچقانداق سۈننەت ناماز يوق.
10- بۇ نامازلار جامائەت بولۇپ ئوقۇلىدۇ.
11- ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمامنىڭ خۇتبە ئوقۇشى، جامائەتنىڭ ئاڭلىشى لازىم.
12- ھېيت كۈنلىرى كەڭتاشا يەپ – ئىچىش، شەرىئەت رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئويۇن – تاماشا ۋە نەغمە – ناۋالارنى قىلىشقا بولىدۇ.
13- قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى 9 كۈن ئەڭ ئەۋزەل كۈنلەردىن بولۇپ، بۇ كۈنلەرنى تائەت – ئىبادەت، زىكىر – تەسبىھ ۋە روزا تۇتۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشىدۇر. لېكىن ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈن روزا تۇتۇش توغرا ئەمەس.
15- ھېت كۈنلىرى ئائىلە – تاۋابىئات، دوست – يارەن ۋە ئۇچراشقان مۇسۇلمانلار بىلەن ھېيتنى مۇبارەكلىشىش ياخشىدۇر.
ئىككى ھېيتتىكى تەكبىرلەر
روزا ھېيتتىكى تەكبىرلەر ئەتىگەندىن باشلاپ خۇتبە باشلانغانغا قەدەرئوقۇلىدۇ. قۇربان ھېيتتىكى تەكبىرلەر بولسا، ئەرەپە (ھارپا) كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ، تا تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ (يەنى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن).
بۇ تەكبىرلەرنىڭ ئۇ كۈنلەردە مەلۇم بىر ۋاقتى يوق. بەلكى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇلىدۇ. پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئوقۇشتا، ئەرئايال، چوڭ – كىچىك، جامائەت ياكى يالغۇز بولۇشنىڭ پەرقى يوق. يەنى بۇ تەكبىرنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئوقۇيدۇ. ئوقۇلىدىغان تەكبىر تۆۋەندىكىچە:
ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر،
لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر،
ئەللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىل ھەمد.
ئەللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ۋەلھەمدۇ لىللاھى كەسىيرا،
ۋە سۇبھانەللاھى بۇكرەتەن ۋە ئەسىيلا.
بىلەلمىگەنلەر «ۋەلىللاھىل ھەمد» غىچە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
(مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر، كەۋسەر سۈرىسى، ئەئىلا سۈرىسىنىڭ 14  ۋە 15 – ئايەتلىرى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 203 – ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 37- ئايىتى. ھەدىسلەر: بۇخارى، مۇسلىم، ئەھمەد، تىرمىزى، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، بەيھەقى).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر