مۇسۇلمانلار

ئايەت ۋە ھەدىس قەغەز پارچىسىنى قالايمىقان تاشلاش گۇناھمۇ؟

جاۋاب:

قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس يېزىلغان قەغەز پارچىسىنى قالايمىقان تاشلاش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم. ئەگەر بىر يەردە ئايەت ياكى ھەدىس يېزىلغان قەغەز پارچىلىرىنىڭ تاشلىۋېتىلىگەنلىكىنى كۆرسەك، ئۇنى كۆيدۈرىۋېتىشىمىز ياكى يىرتىپ پارچە – پارچە قىلىۋېتىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ خارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىمىز.

«ئاللاھ» دەپ يېزىلغان ئۈزۈك ۋە بۇلاپكىلارنى سېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنى ئىبادەت نىيىتى بىلەن قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئىبادەت قۇرئاندا ياكى ھەدىستە كۆرسىتىلمىگەن. ئەگەر زىننەتلىنىش نىيىتى بىلەن سالغان بولسا، بۇمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئاللاھقا ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر