مۇسۇلمانلار

مال ھالاك بولدى، تۆلەمدىم؟

جاۋاب:

ئەلۋەتتە تۆلەپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ، بىر تىجارەتتۇر. يەنى ئۇ كىشىنىڭ مالنى ئۇ شەكىلدە سېتىۋېلىشى مالنىڭ ئىگىسى بىلەن تۈزۈشكەن بىر سودا توختامى ھېسابلىنىدۇ.

سودا مۇئامىلىسى قىلغان ئىككى تەرەپ: بىر مالنىڭ ئېلىم-سېتىمىنى، پۇلنى مەلۇم بىر شەكىلدە تۆلەش شەرتى بىلەن مەلۇم بىر باھا ئۈستىدە كېلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. يەنى بۇ، بىر توختام ھېسابلىنىدۇ. ساتقۇچى تەرەپ بۇ توختام بويىچە سېتىۋالغۇچى تەرەپكە مالنى تەسلىم قىلغاندەك، سېتىۋالغۇچى تەرەپمۇ شۇ توختام بويىچە ساتقۇچى تەرەپكە مالنىڭ پۇلىنى ياكى ئۆزىنى تەسلىم قىلىشى (تاپشۇرۇشى) كېرەك.

بۇنىڭ دەلىلى شۇكى:

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئىمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار» – (مائىدە سۈرىسى 1- ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمانلار قىلىشقان شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم. ھارامنى ھالال ياكى ھالالنى ھارام قىلىدىغان شەرتلەر مۇستەسنا» – (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بۇ توختام ھارامنىڭ ھالال قىلىنىشى ياكى ھالالنىڭ ھارام قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشتا بۇنداق توختامنى تۈزۈش توغرىدۇر، شۇنداقلا تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش لازىمدۇر.

مالنى سېتىۋالغۇچى تەرەپ مالنى يۈتتۈرۈپ قويامدۇ ياكى ئوغرىغا بېرەمدۇ ۋە ياكى چۈشۈرۈپ قويامدۇ، بۇنىڭ بىلەن مالنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇ، ۋاقتى كەلگەندە سېتىۋالغۇچىدىن مېلىنى ياكى مېلىنىڭ پۇلىنى ئېلىشنى بىلىدۇ. چۈنكى دەسلىپىدە توختام بۇ شەكىلدە تۈزۈلگەن. يۇقىرىدىكى ئايەت-ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

بۇ، ئېلىم-سېتىم توختامىدۇر. ئېلىم-سېتىم توختامىنىڭ ھەر ئىككى بەدەل نەقمۇنەق، پۇل نېسى ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ… دېگەندەك ھەر خىل تۈزۈلۈش شەكىللىرى بولغاندەك، «ساتالىسا پۇلىنى، ساتالمىسا ئۆزىنى قايتۇرۇش» شەرتى بىلەن تۈزۈلىدىغان شەكلىمۇ بار. ئېلىم-سېتىم مۇئامىلىسى يەنى تىجارەت توختامى قايسى شەكىلدە تۈزۈلسە تۈزۈلسۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ توختامىغا قەتئىي رىئايە قىلىشى كېرەك.

ئەگەر «ساتالىسا پۇلىنى، ساتالمىسا ئۆزىنى قايتۇرۇش» شەرتى بىلەن تۈزۈلگەن سودا توختامى بەزىلەر دەۋا قىلغاندەك ئامانەت ھېسابلىنىدىغان ئىش بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق سودا قىلىپ مالنى ھالاك قىلغان كىشى: «مەن پالانىنىڭ مېلىنى ئامانەت ئالغان ئىدىم، ئامانەتنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئەمدى ماڭا تۆلەم كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ؟» دەپ سورىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ، «مەن پالانىنىڭ مېلىنى ساتالىسام پۇلىنى، ساتالمىسام ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى بىلەن سېتلۋالغان ئىدىم…» دەپ سورايدۇ.

دېمەك، «ساتالىسا پۇلىنى، ساتالمىسا ئۆزىنى قايتۇرۇش» شەرتى بىلەن تۈزۈلگەن سودا، ئامانەت ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئامانەتتە، ئامانەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، ئامانەتنى ساقلاپ ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئەينىنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەگەر «ساتالىسا پۇلىنى، ساتالمىسا ئۆزىنى قايتۇرۇش» شەرتى بىلەن تۈزۈلگەن سودا ئامانەت ھېسابلىنىدىغان ئىش بولسا، شۇنداقلا سېتىۋالغۇچى تەرەپ مالنى ھالاك قىلىۋاتقان تەقدىردە تۆلەم كەلمەيدىغان ئىش بولسا، بەزى «قىزىل كۆز» لەر بۇ شەرت بىلەن نۇرغۇن مال سېتىۋېلىپ، پۇلىنى بېرىدىغان چاغدا «مالنى يۈتتۈرپ قويدۇم، مالنى ئوغرى ئالدى، مال چۈشۈپ قاپتۇ….» دېگەندەك باھانەلەرنى كۆرسىتىپ ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يەۋالمامدۇ؟

بۇ تەقدىردە ئەقىلگە، مەنتىقكە ۋە فىترەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شۇنداقلا ھەر ئىشتا ئادىللىقنى ئاساس قىلىدىغان ئىسلام دىنى ئەنە شۇنداق «قىزىل كۆز» لەرنىڭ ھامىيىسى بولغان بولمامدۇ؟

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر