مۇسۇلمانلار

سىيلە-رەھىم

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار! سىيلە – رەھىم ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بۇ سۆز ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش ۋە تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋەتمەسلىك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

اللە تەئالا تەۋھىدكە بۇيرۇپ شېرىكتىن توسقان ئايەتلەردە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە ئۇرۇق-تۇققانلارغا سىيلە-رەھىم قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ. دىنىمىزنىڭ ئاساسى بولغان تەۋھىد ۋە كەچۈرۈلگۈسىز گۇناھ بولغان شېرىك ئۈستىدە توختالغان ئايەتلەردە بۇ مەسىلىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىشى ئىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: بەقەرە 2/83؛ نىسا 4/36؛ ئەنئام 6/151؛ ئىسرا 17/23).

مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن سىيلە-رەھىم قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا نىسا سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە پۈتكۈل ئىنسانلار ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە سىيلە-رەھىمنى ئۆزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلىدۇ: «… ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىيلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار»، بۇ ئايەتتە سىيلە – رەھىم تەقۋالىق بىلەن بىللە زىكىر قىلىنغان. دېمەك، سىيلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش اللە تائالاغا تەقۋالىق قىلماسلىق بىلەن ئوخشاش گۇناھتۇر.

رەئد سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان ئەقىل ئىگىلىرى، بۇ سۈرىنىڭ 21- ئايىتىدە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا سىيلە-رەھىم قىلىدىغان كىشىلەر دەپ سۈپەتلىنىدۇ: «ئۇلار، ئاللاھ تائالانىڭ خىش – ئەقرىبالارغا سىيلە – رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ» دېمەك، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سىيلە-رەھىم قىلمايدىغانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن كىشىلەردۇر.

ئاللاھ تائالا ئىسرا سۈرىسىنىڭ 26- ۋە رۇم سۈرىسىنىڭ 38- ئايەتلىرىدە ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئايرىم-ئايرىم خىتاب قىلىپ: «تۇغقانلىرىڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن. مىسكىنلەرنىڭمۇ، يولدا قالغانلارنىڭمۇ ھەققىنى بەرگىن» دەيدۇ. بۇنىڭدىن ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سىيلە-رەھىم قىلىشى، ئۇلارغا بىر ئىلتىپات كۆرسىتىش بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ زىممىسىگە اللە تەرىپىدىن يۈكلەنگەن بىر بۇرچتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىگە قارايدىغان بولساق، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلىشىدۇ:

«كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە سىيلە – رەھىم قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىستىن ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىيلە-رەھىم قىلىشنىڭ اللە تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە قىلىنغان بىر بۇيرۇق ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ .

يىغىپ ئېيتقاندا ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق-تۇققانلارغا سىيلە-رەھىم قىلىش يۇقارقى ئايەتلەر ۋە بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن پەرزدۇر.

بىزنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىزغا سىيلە-رەھىمنى قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە سىيلە-رەھىم قىلىشىغا باغلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار سىيلە-رەھىمنى ئۈزگەن تەقدىردىمۇ بىزنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل خۇشاللىقى بىلەن سىيلە-رەھىم قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشى:

«يا رەسۇلەللاھ! مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا سىيلە-رەھىم قىلسام ئۇلار مەندىن سىيلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويىدۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ، ئۇلارغا مۇلايىم بولسام ئۇلار ماڭا قوپاللىق قىلىدۇ»، دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئەگەر سەن دېگىنىڭدەك قىلغان بولساڭ، گويا ئۇلارغا قوقاسنى يېگۈزگەندەك بولۇپسەن، سەن داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ساڭا بىر يۆلەنچۈك بولىدۇ»، دېدى. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تۇغقانلىرىدىن كۆرگەن ياخشىلىققا جاۋابەن ياخشىلىق قىلغان ئادەم سىيلە-رەھىم قىلغان بولمايدۇ، سىيلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويغۇچىغا ياخشىلىق قىلغان كىشى ھەقىقىي سىيلە-رەھىم قىلغان بولىدۇ» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

سىيلە-رەھىم رىزىقنىڭ كەڭ، ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ياقتۇرسا، سىيلە-رەھىم قىلسۇن» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)،

قېرىنداشلار! ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىيلە-رەھىم قىلىش، دىنىمىزنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن بىر بۇيرۇقنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دوستلۇق كۈچىيىدۇ، مېھر-مۇھەببەت ئۇلغىيىدۇ، تۇققانچىلىق مۇناسىۋىتى چىڭىدۇ، كىن-ئاداۋەت تۆگەيدۇ، نەتىجىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە لايىق بولىدۇ. چۈنكى: «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىن» (ئەئراف 7/56).

سىيلە-رەھىم قىلىشنىڭ: ئۇچراشقاندا خۇش چىراي بولۇش، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش، ياخشى سۆز قىلىش، يوقلاپ تۇرۇش، ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇش، سوۋغا-سالام ئەۋەتىش، ئارلىق يىراق بولسا خەت-ئالاقە قىلىش، ئېھتىياجى بار تۇققانلارغا ياردەم قىلىش، سەۋەنلىكىنى ئەپۇ قىلىش، كەمچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىش، توغرا چۈشىنىش، يول قۇيۇش، ئادالەتلىك ۋە ئىنساپلىق بولۇش، مۇۋەپپىقىيەت تىلەش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۆرنەكلىرى بار.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر