مۇسۇلمانلار

ئاتا ئانىسىنىڭ توپراق بېشىنى تاشلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب:

قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇستەھەپ ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ، زىيارەت قىلغۇچىلارغا

ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ، دۇنيانىڭ مەشغۇلاتلىرىدىن كۆڭۈل سوغۇتۇپ، ئاخىرەتتە ئەسقېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىش مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى توپراق بېشىغا چىقمىغان بولسا، باشقىلارنىڭ بۇنى ئەيىپلىشى توغرا ئەمەس.

مۇھىمى، ئاتا – ئانىمىز ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتە دۇئا قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم. بۇنى ھەر كىشى ئۆزى بىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسىنى قەبرىستانلىققا چىقتىمۇ، چىقمىدىمۇ تەكشۈرۈپ يۈرۈشى، ئاتا ـ ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلدىمۇ، قىلمىدىمۇ «تىڭتىڭلاپ» يۈرۈشى توغرا ئەمەستۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر