مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا پاكىزلىق

«تاھارەت ھەققىدە ساۋات» نىڭ مۇقەددىمىسى:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىسلام دىنى باشقا بارلىق دىنلار ۋە پۈتۈن نىزاملار ئىچىدە پاكىزلىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دىندۇر. بۇ دىندا پۈتكۈل ئىبادەتلەردە پاكىزلىق شەرت قىلىنغان، دىنى ھايات پاكىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ھەتتا بۇ دىندا پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى ھېساپلىنىدۇ. بۇ پاكىزلىق بەدەن پاكىزلىقىدىن مۇھىت پاكىزلىقىغىچە خىلمۇخىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىزلىقنىڭ تەپسىلاتىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا پاكىزلىق ھەققىدە ئومۇمىي بىر چۈشەنچە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

پاكىزلىق مەيلى ماددىي ۋە مەيلى مەنىۋى بولسۇن بىر مۇسۇلماننىڭ شەرتسىز رىئايە قىلىشى لازىم بولغان بىر مەسىلە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى»[1]، «نامازنىڭ ئاچقۇچى پاكىزلىق»[2] دېگەندەك سۆزلىرى بىلەن ناپاكلىق بىلەن دىنى ھاياتنىڭ ۋە دىندارلىقنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى مۇئمىنلارنىڭ قەلبلرىگە يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان. ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ پاكىزلىققا باغلىق بولۇشىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پاكىزلىق بولمىسا ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ»[3] دېگەن. دىققەت قىلىدىغان بولساق، پاكىزلىق شەرتى نامازغىلا خاس ئىش ئەمەسلىكىنى، ئەكسچە ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۇ ئىشنىڭ پاكىز بولۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: شېرىك بىلەن بۇلغانغان ئەقىدە، رىيا بىلەن كىرلەنگەن ئەمەل، ناتوغرا يوللاردىن قولغا كەلگەن پۇل بىلەن قىلىنغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ[4].

بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمان مۇسۇلمانچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پاكىز بولۇشى كېرەك. بۇ پاكىزلىق مۇتلەق مەنىدىكى پاكىزلىق بولۇپ، ئۇنى ماددىي ياكى مەنىۋى پاكىزلىق دەپ ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئىسلام بەدەن ۋە روھنى بىر- بىرىدىن ئايرىمايدۇ. شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەربىيلىنىشىنى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەربىيىسىدە پاكىزلىقنى بىرىنچى شەرت قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، غەيۋەت، ھەسەتخورلۇق، ئۇرۇنسىز ئاچچىقلىنىش، پىتنە-پاسات، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، نامەھرەمگە قاراش، پىسق، غەپلەت، يامان سۆز، ئۇمىدسىزلىك، پوچىلىق، ئىسراپخورلۇق، بېخىللىق ۋە مەرھەمەتسىزلىك … قاتارلىق روھنى بۇلغايدىغان مەنىۋى كىرلەردىن قاتتىق مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە، ئىبادەتكە توسالغۇ بولىدىغان بىر قىسىم ماددىي نىجاسەتلەردىنمۇ يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

ھەتتا قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى نۇرغۇنلىغان دىنى ئىشلارنىڭ پاكىزلىقنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شەرت قىلىنغان غۇسل، تاھارەت ۋە تەيەممۇم بايان قىلىنغان ئايەتلەر پاكىزلىق قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن «ئاللاھ سىلەرگە تەسلىكنى خالىمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاك – پاكىز قىلىشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ»[5] دەيدۇ. زاكات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بىر زاكات ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلايسەن ۋە ياخشلىقلىرىنى كۆپەيتسەن»[6] دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ھەر نەرسىنىڭ بىر زاكىتى (پاكىزلىغۇچىسى) بار. بەدەننىڭ زاكىتى بولسا، روزا تۇتۇش»[7] دېگەن سۆزى روزىنىڭمۇ باشقا بىر پاكىزلىق ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

نىجاسەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى – كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، پەقەت ھۆكۈم جەھەتتىكى نىجاسەت. ئىككىنچىسى – كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ماددىي نىجاسەت. دىنىمىز بۇ ئىككى خىل نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

بىرىنچى خىلدىكى نىجاسەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش ئۈچۈن پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش (غۇسۇل قىلىش) كېرەك.

ئىككىنچى خىلدىكى نىجاسەت تاھارەتنىڭ سۇنۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن پاكىزلىنىش ئۈچۈن داۋاملىق ئوچۇق تۇرىدىغان ئەزالارنى؛ يەنى ئىككى قولنى، يۈزنى، ئىككى بىلەكنى يۇيۇش، باشقا مەسىھ قىلىش ۋە ئىككى پۇتنى يۇيۇش كېرەك. بۇ پاكىزلىقلار بولمىسا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ.

پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش چوڭ تاھارەتسىزلىك (جۇنۇپلۇق) شەرتىگىلا باغلىق ئەمەس. بەلكى ھەر بىر مۇسۇلمان ھەپتىدە ئەڭ ئاز بىر قېتىم يۇيۇنىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «سىلەردىن جۈمە نامىزىغا كېىلىدىغان كىشى يۇيۇنسۇن»[8] دېيىش بىلەنلا قالماي، «جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق كىشىگە ۋاجىپتۇر»[9] دەپ تەكىتلەيدۇ.

مەيلى تاھارەت بولسۇن، مەيلى غۇسۇل بولسۇن مۇكەممەل بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇشنى تەشۋىق قىلغان[10] ۋە ئالدىراپ تاھارەت ئېلىپ، ئوشۇقىلىرىنى تولۇق يۇمىغان بىر كشىىنى كۆرگەندە «ئوتتا كۆيىدىغان شۇ ئوشۇقلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»[11] دەپ، تاھارەت ئالغۇچىنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇسۇلمانلارغا تاھارەت سۇنمىغۇچە بىر قانچە ۋاقىتنىڭ نامىزىنى بىرلا تاھارەت بىلەن ئوقۇشقا رۇخسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەر بىر ناماز ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم تاھارەت ئېلىشقا تەشۋىق قىلىنىدۇ[12].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قول بىلەن ئېغىزغا ئوخشاش تەن سالامەتلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەزالارنىڭ يۇيۇلىشىنى تاھارەت ئېلىش جەريانىغىلا باغلاپ قويمىغان. ئەكسىچە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى قوللارنى يۇيۇشقا بۇيرۇغان[13].

قول بىلەن ئېغىزنى تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتىن كېيىن يۇيۇشتىن باشقا، سۈتكە ئوخشاش ياغلىق نەرسىلەرنى يەپ-ئىچكەندىن كېيىنمۇ يۇيۇش لازىم[14]. بولۇپمۇ يېتىشتىن بۇرۇن قوللارنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك[15]. تاھارەت بىلەن يېتىشمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرى[16].

دىنىمىزدا ئېغىز تازىلىقى ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىش پەۋقۇلئاددە مۇھىم[17]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكنى ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئىشتىلىپلا قالماستىن، باشقا ۋاقىتلاردىمۇ پات – پات ئىشلىتىپ تۇراتتى[18]. ھەتتا ھەر قېتىم نامازغا چىقىشتا، ھەر قېتىم ئۆيگە كىرگەندە، كېچە ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغلىرىدا بىرىنچى قېتىم قىلىدىغان ئىشى چىشلىرىنى مىسۋاكلاش ئىدى[19].

تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى سۇ بىلەن تازىلاش كېرەك. بولمىسا بەدەن ۋە كىيىم – كېچەكنى پاكىز تۇتقىلى بولمايدۇ.[20]. سۇ يوق يەردە باشقا تازىلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ[21].

بەدەن تازىلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسل قىلىشقا، تاھارەت ئېلىشقا، ئىستىنجا ۋە ئىستىبرا قىلىشقا، ھەمدە مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇپلا قالماي بۇرۇت ۋە تىرناقلارنى ئېلىشقا، قولتۇقنى تازىلاشقا ۋە سۈننەت قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ[22].

بەدەن ۋە تۇرالغۇ جايلارنىڭ پاكىز بولۇشىدىن باشقا ناماز ئوقۇلىدىغان يەرلەرگە ئوخشاش ئاممىۋى ئىبادەت ۋە پائالىيەت سورۇنلىرنىڭمۇ ھەر خىل نىجاسەتتىن پاكىزلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسلارنى يوللارغا، ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە ئوخشاش سۇ ئاقىدىغان يەرلەرگە، تۇرغۇن سۇغا، كۆل ۋە قۇدۇق باشلىرىغا، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە، كىشىلەر سايىدايدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىلىرىغا تەرەت سۇندرۇشنى مەنئى قىلغان، شۇنداقلا قاتتىق لەنەتلىگەن[23].

مەيلى پاكىزلىق جەھەتتە بولسۇن مەيلى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىدە يەككە-يىگانە ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مۇسۇلمانلار، قۇلىدىكى بۇ گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلىپ ئۇنى نەزىرىيە شەكلىدىلا تاشلاپ قويماي ئەمەلىيتىگە تەدبىقلىغاندىلا ھەقىيقى مۇسۇلمان ۋە مەدەنىيەتلىك ئىنسان بولالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق داۋاسى يالغانچىلىق بولۇپ ئاللاھ ئالدىدا ساختا مۇسۇلمان، ئىنسانلار ئالدىدا قالاق ئىنسان بولۇپ ياشايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ بۇ قالاقلىقى ئۆزىگىلا ئەمەس بەلكىدە ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى ئوتتۇرغا قويغان پاكىزلىق نەزىرىيىسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى پاكىزلىق چۈشەنچىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇساپىنىڭ بۇ قەدەر يىراقلىشىپ كېتىشى ئىنساننى ئېچىندۇرماي قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئان -سۈننەتتىن بىۋاستە پايدىلنىش ئىمكانىيتى بولمىغان كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن قۇرئان – سۈننەت روھى ئاستىدا «تاھارەت ھەققىدە ساۋات» نى تۈزۈپ چىقتۇق. ئەھلى ئىلمىلىرىمىزنىڭ ۋە كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئەبۇلفاتىھ

—————————————————-

[1] – مۇسلىم، تاھارەت 1، تىرمىزىي، دەئەۋات 91؛ نەسەئىي، زاكات 1.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 31؛ تىرمىزىي، تاھارەت 3.

[3] – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 48؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 41؛ تىرمىزىي، تاھارەت 20، 25.

[4] – بۇخارى، تەۋھىد 23. مۇسلىم زاكات 64. مۇسنەدى ئەھمەد 2/268. بۇخارىي زاكات 8. مۇسلىم زاكات 64.

[5] – مائىدە، 6.

[6] – تەۋبە، 103.

[7] – ئىبنى ماجە، سىيام 44.

[8] – بۇخارىي، جۇمۇئە 4؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 3؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 3؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ تىرمىزىي، سالات 255.

[9] – بۇخارىي، جۇمۇئە 2، 3، 12، ئەزان 161، شاھادا 18؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 5؛ مۇۋاتتا، جۇمۇئە 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 129؛ نەسەئىي، جۇمۇئە، 6، 8.

[10] – بۇخارىي، تاھارەت 24؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 50؛ تىرمىزىي، تاھارەت 37؛ نەسەئىي، تاھارەت 75.

[11] – تىرمىزىي، تاھارەت 31.

[12] – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 32.

[13] – بۇخارىي، ۋۇدۇ 26؛ مۇسلىم، تاھارەت 87؛ مۇۋاتتا، تاھارەت 9؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 49؛ تىرمىزىي، تاھارەت 19؛ نەسەئىي، تاھارەت 1.

[14] – بۇخارىي، ۋۇدۇ 51، 52. ئەشرىبە 12؛ مۇسلىم، ھەيز 95؛ تىرمىزىي، تاھارەت 66؛ نەسەئىي، تاھارەت 124؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 12؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 39.

[15] – ئەبۇ داۋۇد، ئەتئىمە 54؛ تىرمىزىي، ئەتئىمە 48؛ ئبنى ماجە، ئەتئىمە 22.

[16] – تىرمىزىي، ساۋابۇلقۇرئان 22، دەئەۋات 9، 21، جۇمۇئە 78؛ دارىمىي، فەزائىلۇل قۇرئان 19.

[17] – بۇخارىي، سەۋم 27؛ نەسەئىي، تاھارەت 4؛ ئبنى ماجە، تاھارەت 7؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 19.

[18] – تىرمىزىي، سەۋم 29؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/455؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 3/445 – 446.

[19] – ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 25، 30؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، 4/116، 5/193،6/236.

[20] – بۇخارىي، ۋۇدۇ 17؛ مۇسلىم، تاھارەت 70؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 11.

[21] – بۇخارىي، ۋۇدۇ 15، 20، ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 21، 22، 23؛ تىرمىزىي، تاھارەت 12، 13، 15؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 16، 28؛ دارىمىي، ۋۇدۇ 14، 15.

[22] – بۇخارىي، لىباس 63، 64، 65؛ تىرمىزىي ،ئەدەب 16.

[23] – مۇسلىم، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 14.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر