باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
64

روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم ۋە مەلۇماتلاردىن يەكۈن چىقىرىش قابىلىيىتى

قۇرئاندا روھ سۆزى، ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىرىنچىسى: ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم، ئىككىنچىسى، ئىنسانلار بىلەن جىنلارغا يارىتىلىشىدىلا بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن بىلىملىرىنى يەكۈنلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى ھېساب ئېلىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان قابىلىيەتتۇر.

  ئاللاھ، پەرىشتىلەرگە، نەبىلەرگە ۋە جانلىق – جانسىز ھەممە مەۋجۇداتلارغا ئۆز ئىلمىدىن خالىغان مىقداردا بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا ۋەزىپىلەر يۈكلەيدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتە روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:  

وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُم مِّن الْعِلْمِ إِلاَّ قَلِيلاً

«ئۇلار سەندىن روھ توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «روھنى پەقەت رەببىملا بىلىدۇ. سىلەرگە بۇ ھەقتە بەك ئاز ئىلىم بېرىلگەن»-(‏17-سۈرە ئىسرا، 85- ئايەت).

ئاللاھنىڭ ئىلمى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا

«ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىزلار سىياھ بولسا ئىدى، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن دېڭىزلار تۈگەپ كەتكەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنچىلىك سىياھ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ»-(18-سۈرە كەھف، 109- ئايەت).

وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

«زېمىندىكى دەرەخلەر قەلەم بولسا، دېڭىزلار سىياھ بولسا، بۇنىڭغا باشقا يەتتە دېڭىز سىياھ بولۇپ قوشۇلسا، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يەنىلا تۈگىمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-(‏31-سۈرە لوقمان، 27- ئايەت).

ئىنسانلارغا ئاللاھ ئىلمىدىن ئۇلار مۇھتاج بولغان مىقدار بېرىلىدۇ.

لَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ أَفَلَا تَعْقِلُونَ

«بىز سىلەرگە كىتاب نازىل قىلدۇق. ئۇ كىتابتا زىكىرىڭلار (سىلەر مۇھتاج بولغان ئىلىملەر) باردۇر.[1] ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 10- ئايەت).

«مۇھتاج بولغان ئىلىم» دەپ مەنە بېرىلگەن زىكىر، ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئۆگەنگەن ۋە ئەقىلدىن چىقارسا قەتئىي بولمايدىغان توغرا ئىلىم دېگەن بولىدۇ.[2] ئىلاھى كىتابلاردىكى ئىلىم، بۇ ئىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئىسمى زىكىردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

أَمِ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ هَذَا ذِكْرُ مَن مَّعِيَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِي بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ فَهُم مُّعْرِضُونَ

«ياكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر»-(21-سۈرە ئەنبىيا، 24- ئايەت).

ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا بېرىلگەن روھ بولسا، ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە كىرىپ، چىقالايدىغان ئىككىنچى تەنگە ئوخشاشتۇر. بۇ ئۇلارنى، باشقا بارلىق مەۋجۇداتلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىردىنبىر خۇسۇسىيەتتۇر. ئۇ روھ ئىنسانغا بەدىنى تۇلۇق يارىتىلىپ بولغاندىن كېيىن بېرىلگەندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  

الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ وَبَدَأَ خَلْقَ الْإِنسَانِ مِن طِينٍ. ثُمَّ جَعَلَ نَسْلَهُ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ. ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ

« ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى چىرايلىق ياراتتى، ئىنساننى يارىتىشنى لايدىن باشلىدى.‏ ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتى.‏ ئاندىن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىدى، سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنى بار قىلدى. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!‏»-(32-سۈرە سەجدە، 7- 9- ئايەتلەر).

روھ ئىنساننى ئىمتىھانغا، ھېساب ئېلىنىشقا لايىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئىنسانغا ئېرىشكەن ئىلىملىرىنى باھالاش ۋە يەكۈنلەش، يېڭى ئىلىملەرگە ئېرىشىش ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى بېرىدۇ.

بۇ كىرىش سۆزدىن كېيىن روھقا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ:

«روھ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم ياكى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى چۈشىنىپ، يەكۈن چىقىرىشقا ۋە ھايات يولىنى ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بېرىدىغان قابىلىيەتتۇر».

ئەرەپچىدە روھ (الروح)؛ كەڭچىلىك، راھەتلىك ۋە تەرتىپ مەنىسىدە كەلگەن رەۋھ (روح) سۆز تۇمۇرىدىن كېلىدۇ.[3] ئاللاھتىن كەلگەن ئىلمىدە ۋە ئۇ ئىلىمدىن توغرا يەكۈن چىقىرالايدىغان كىشىلەردە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېنىقلىما «روھ» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەنمۇ ماسلىشىدۇ.

بۇ ماقالىدە، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم مەنىسىدىكى روھ بىلەن ئىنسانلارغا ۋە جىنلارغا بېرىلگەن قابىلىيەت، ئىقتىدار مەنىسىدىكى روھ ئايرىم ئىككى تېما قىلىنىدۇ.    

  • ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم/روھ

ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلار ۋە ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام روھ دېيىلىدۇ. قەدر كېچىسى پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ ئاسمانلارغا، يەر شارىغا، جانلىق-جانسىز ھەممە مەخلۇقلارغا ئىلىم بەرگەندۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاللاھنىڭ، غەيرەتلىك ۋە سەمىمى كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان روھىمۇ باردۇر.

ئا- ئاللاھتىن نەبىلىرىگە چۈشۈرۈلگەن روھ

ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر نەبىگە كىتاب بەرگەندۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

قُولُوٓا۟ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَٰعِيلَ وَإِسْحَٰقَ وَيَعْقُوبَ وَٱلْأَسْبَاطِ وَمَآ أُوتِىَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِىَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُۥ مُسْلِمُونَ

  « ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى باشقىسىدىن پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»-(‏2-سۈرە بەقەرە، 136- ئايەت).

تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇ كىتابلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَى مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ أَنْ أَنْذِرُوا أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنَا فَاتَّقُونِ

«ئاللاھ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان روھنى پەرىشتىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن خالىغان بەندىلىرىگە چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا: «‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار› دېگەن ھۆكمىم بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار» دەيدۇ»- (16-سۈرە نەھل، 2- ئايەت).

وَكَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِنْ أَمْرِنَا مَا كُنْتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَكِنْ جَعَلْنَاهُ نُورًا نَهْدِي بِهِ مَنْ نَشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ . صِرَاطِ اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ أَلَا إِلَى اللَّهِ تَصِيرُ الْأُمُورُ

«شۇنىڭدەك، بىز ساڭا ئەمرىمىزدىن بىر روھ ۋەھىي قىلدۇق. سەن كىتابنىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىڭ. لېكىن بىز ئۇنى نۇر قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن بىز خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىمىز. سەن توغرا يولغا باشلايسەن، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ»- (‏42-سۈرە شۇرا، 52-53- ئايەتلەر).

ب- جەبرائىل ئەلەيھىسسالام

ئاللاھتىن ئالغان ئىلىملەرنى، ئۇنىڭ نەبىلىرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن جەبرائىل، ئىشەنچىلىك روھ= روھۇل ئەمىين دېيىلىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ. نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ

«شۇبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.‏ ئۇنى ئىشەنچلىك روھ ئېلىپ چۈشتى»-(26-سۈرە شۇئەرا، 192-193- ئايەتلەر).

جەبرائىل ئەلەيھىسسالام جىنلەردىن يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان مەخلۇقلاردىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىمۇ بىزنىڭكىگە ئوخشاشتۇر. ئۇ ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى ئاللاھنىڭ نەبىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ئەلچى بولغانلىقى  ۋە ئىمتىھاننى مۇۋەپپىققىيەتلىك بېرىشى ۋە روھىنى كىرلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «ئىشەنچىلىك روھ = روھۇل ئەمىن» دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

پەرىشتىلەر، ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەزىپە بېرىلگەن جىنلاردۇر. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئايەت دالالەت قىلىدۇ:

وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاء مِن دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا

    « ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ جىنلاردىن ئىدى. ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ ۋەلىي ئالماشتۇرۇشى نېمىدېگەن يامان!»- (18-سۈرە كەھف، 50- ئايەت).

ئايەتتىكى « ئۇ جىنلاردىن ئىدى. لېكىن ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقتى» دېگەن سۆزنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن : «رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقمىغان جىنلار قايسىلىرى ئىدى؟» دەپ سوراش كېرەك. بۇ سۇئالغا ئۇلار «پەرىشتىلەردۇر» دېگەن جاۋابتىن باشقىنى دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئىتائەتتىن چىققان پەرىشتە ئىبلىستۇر. ئىبلىس پەرىشتە بولمىغان بولسا سەجدە قىلمىغانلىقىدىن جازاغا تارتىلمىغان بولاتتى. چۈنكى سەجدە قىلىش ئەمرى پەرىشتىلەرگە بېرىلگەن ئىدى. ئىبلىسنىڭ سەجدە قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقتىن بولغان ئىدى.(قاراڭ، 2- سۈرە بەقەرە، 34- ئايەت). بۇ گۇناھنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام قىلغان بولسىمۇ ئوخشاش جازا بېرىلگەن بولاتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

لَّن يَسْتَنكِفَ الْمَسِيحُ أَن يَكُونَ عَبْداً لِّلّهِ وَلاَ الْمَلآئِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ وَمَن يَسْتَنكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيهِ جَمِيعًا فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُواْ وَعَمِلُواْ الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزيدُهُم مِّن فَضْلِهِ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنكَفُواْ وَاسْتَكْبَرُواْ فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلُيمًا وَلاَ يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ اللّهِ وَلِيًّا وَلاَ نَصِيرًا

«مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئارتۇق بېرىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ»-(4-سۈرە نىسا، 172-173).

جەبرائىل ئەلەيھىسسالام «روھۇل قۇدۇس» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق:

قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ لِيُثَبِّتَ الَّذِينَ آمَنُواْ وَهُدًى وَبُشْرَى لِلْمُسْلِمِينَ .وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّهُمْ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُ بَشَرٌ لِّسَانُ الَّذِي يُلْحِدُونَ إِلَيْهِ أَعْجَمِيٌّ وَهَـذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُّبِينٌ

« ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئۇنى رەببىڭ تەرىپىدىن روھۇلقۇدۇسنىڭ ھەق بىلەن نازىل قىلغانلىقىنى، مەقسەتنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى» ئېيتقىن»-(16-سۈرە نەھل، 102- ئايەت).‏

ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بىرى «قۇددۇس»تۇر.  بۇ پاكىز، پاك، ھەرقانداق ئەيب-نۇقساندىن خالى دېمەكتۇر.[4] «قۇدۇس» سۆزىمۇ ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.[5] ئۇنداقتا «روھۇل قۇدۇسنى، قۇدۇسنىڭ روھى» يەنى ئاللاھتىن كەلگەن ئىلىم دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتتىمۇ جەبرائىل ئۈچۈن «بىزنىڭ روھىمىز/ روحنا» ئىپادىسى قوللىنىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا . فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا

«بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كۆچتى.‏ئۇلار بىلەن ئۆز ئارىسىغا پەردە تارتتى. ئۇ ئەسنادا بىز ئۇنىڭغا روھىمىزنى ئەۋەتتۇق. روھىمىز ئۇنىڭغا نورمال ئەر كىشى سۈرىتىدە كۆرۈندى»- (‏19-سۈرە مەريەم، 16- 17- ئايەتلەر).

بۇنداق بولغاندا «روھۇل قۇدۇس» ئاللاھنىڭ ئىلمىنى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتە دېگەن بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى بۆشۈكتە چېغىدا گەپ قىلدۇرغان، ئۇنىڭغا كىتاب ۋە ھېكمەتنى يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ۋە ئۇنىڭغا دائىم ياردەم بەرگەنمۇ جەبرائىل ئېلىپ كەلگەن ئۇ ئىلىمدۇر.

إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَى وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ

«ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم»-(5-سۈرە مائىدە، 110- ئايەت).

ئاللاھ بىر ئىنسان بىلەن، ۋەھىي (ئىلھام) ياكى پەردە ئارقىسىدىن ياكى ئەلچى ئەۋەتىشتىن باشقا بىر يول بىلەن سۆزلەشمەيدىغانلىقى ئۈچۈن[6] بۇ يەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى گەپ قىلدۇرغان، تەۋراتنى، ئىنجىلنى، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگەتكەن روھۇل قۇدۇستىن يەنى جەبرائىلدىن باشقا بىرىسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  جەبرائىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىسىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداقتۇر:  ‏

وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَى. مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَى. وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَى. إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَى. عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَى

«سارقىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى،  قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى ۋە ئازمىدى.‏ ئۇ، نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.‏ ئۇنىڭ سۆزلىگىنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك بىرى ئۆگەتتى»- (53-سۈرە نەجم، 1- 5- ئايەت).

پروفىسور: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

داۋامى بار…..

[1] ‎‏ سىلەرگە لازىم بولىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلىم. 7- ئايەت بىلەن بۇ ئايەتتە «زىكىر» دېگەن سۆز ئۆتىدۇ. «زىكىر» دېگەن سۆزنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مەنىسى ئىلاھى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىملەر، بۇ ئىلىملەرنى ئەستە ساقلاش، ۋاقتى كەلگەندە ئىشلىتىش، ھەر سۆز، ھەر ھەرىكىتىنى شۇ ئىلىملەرگە توغرىلاش دېگەنلەردىن ئىبارەت.‏

[2]  راغىب ئىسفاھانى، مۇفرەدات، (سەفۋان ئەدنان داۋۇدىنىڭ تەھىقىقى)، دىمەشق ۋە بەيرۇت، 1412/1992، زكر (زىكر) ۋە عرف (ئەرەفە) ماددىلىرى. 

[3] ئەھمەد ئىبن فارىس ئىبن زەكەرىيا، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغەت، بېيرۇت، تارىخسىز.

[4] ئىبن مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت 1410/1990، «قدس» ماددىسى.

[5] ھىلال ئىبن ئەھمەد (100-175 ھ)، ئەلئەين، تەھقىقلىغۇچىلار: مەھدى مەھزۇمى- ئىبراھىم سامارانى، ئىران 1409، «قدس» ماددىسى.

[6] قاراڭ: 42- سۈرە شۇرا، 51- ئايەت.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ