باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 

 ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ پۇقرالارغا مۇلايىم، سەمىمىي بولۇشى، ئۇلارغا شەپقەت قىلىشى، ئۇلارغا ساختىلىق قىلماسلىقى، قاتتىق قول بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارىـماسـلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىگە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ

«ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن»-(سۈرە شۇئەرا، 215- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

إِنَّ اللّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالإِحْسَانِ وَإِيتَاء ذِي الْقُرْبَى وَيَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَالْبَغْيِ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ

«ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ، ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ تائالا سىلەرگە پەندى-نەسىھەت قىلىدۇ»-(سۈرە نەھل، 90- ئايەت).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى ۋە سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر، خەلىفىمۇ پادىچى، ئۇلار ئۆز پۇقرالىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە ئەر كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئۆيدىكىلىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە ئايال كىشىمۇ پادىچى، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدىكىلەر توغرۇلۇق سورىلىدۇ ۋە خىزمەتچىمۇ پادىچى، ئۇ خوجايىننىڭ ماللىرى توغرۇلۇق سورىلىدۇ، دېمەك سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى ۋە ئۆز پادىلىرىڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنىسىلەر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ يەئلا مەئقىل ئىبن يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قايسى بەندىنى ئاللاھ تائالا بىرەر خەلققە ھۆكۈمران قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز قەۋمىگە خىيانەتكار ھالدا ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھۆكۈمران بولغۇچى ئۆز قەۋمىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلمىغان بولسا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ»، دېيىلگەن.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولغان بىرەر ئەمىر ئۇلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇلارغا سەمىمىي بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئەمىر مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەمەلدارلارنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھەقلىرىگە تولۇق رىئايە قىلماسلىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتىگە سەل قاراشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

2) خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا سەل قارىغانلارنىڭ جەننەتكە ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى.

3) ئىسلامدىكى ئەمەل تۇتقۇچىلارنىڭ مەنسىپىنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىش.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيۈمدە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا جاپا سالسا سەنمۇ ئۇنىڭغا جاپا سالغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يۇمشاق كۆڭۈللۈك قىلغايسەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىگە بېرىلىدىغان ساۋاب ياكى جازانىڭ ئەمەلىگە قاراپ بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئەمەل تۇتقۇچىلار پۇقرالىرىنى قىيناپ زۇلۇم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيادا تۈرلۈك ئازابلارغا دۇچار قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلەرنى ھۆكۈمران قىلىش ئارقىلىق ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالدۇرىدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۈممەتلىرىنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەرلەر كېلىپ ئۇلارنى باشقۇراتتى. قاچانكى بىرى ۋاپات بولسا، ئورنىغا يەنە بىرى كېلەتتى. مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. نۇرغۇن خەلىفىلەر كېلىدۇ»، دېدى. ساھابىلەر: «شۇ چاغدا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەۋزىلىگە بەيئەت قىلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ھەققىنى ئاللاھ تائالادىن سوراڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بەرگەن ھۆكۈمرانلىقى توغرۇلۇق ئۆزى سوئال-سوراق قىلىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاۋامغا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاپ زالىملارنىڭ شەررىدىن ساقلايدىغان پەيغەمبەر ياكى خەلىفىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۆكۈمرانلار، مادامىكى، ھەققانىيەت بىلەنلا ئىش قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ خەلىفىلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى، پەيغەمبەرنىڭ ئورۇنباسارى ھېسابلىنىدىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ ئۇلارغا سادىق بولۇشى ۋە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى، شۇنداقلا بەيئەت (بەرگەن ۋەدە)لىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى. خەلىفىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمرانلاردىن مېھرى-شەپقەت ۋە ئاۋامنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تىلىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى.

2) دىنىي ئىشلارنى دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇش. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇلتان (پادىشاھ)لارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرۇغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش دىننى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك ۋە پىتنىدىن ساقلانغانلىق. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمرانلارنى مەسئۇلىيىتىگە سەل قارىغانلىقىدىن سوئال-سوراق قىلىدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيب ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەنلىكى ۋە بۇ ئىشلارنىڭ خەۋەر بەرگەن بويىچە ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەنلىكى.

  1. ئائىز ئىبن ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى ئۇ ئۇبەيدۇللاھ ئىبن زىيادنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: «ئى بالام! مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، قارا كۆڭۈل بولغانلاردۇر›، سەن ئاشۇلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىن»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەمەلدارلارنى ئاۋامغا زۇلۇم سېلىش ۋە قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش. ئەمەلدارلارغا نەسىھەت قىلىش، ئاخىرەتنى ئەسلىتىپ قويۇش ۋە ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش.

  1. ئەبۇ مەريەم ئەزدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇئاۋىيىگە مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا باش قىلغان بولسا، ئۇ باشچى بولغان ئادەم پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، داد-ئەھۋالىغا يەتمىسە، نامراتلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمىسا، ئاللاھ تائالامۇ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ پېقىرلىقى، ھاجىتى، داد-ئەھۋالىغا قۇلاق سالمايدۇ». شۇنىڭ بىلەن مۇئاۋىيە مەخسۇس بىر ئادەمنى كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئاڭلاشقىلا تەيىنلىدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدىغانلىقى، ھەر قانداق بىر ئەمەلدار ئۆز خەلقىنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز پەزلى ئېھسانىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلمايدىغانلىقى.

2) ئەمەلدارلارنى كىشىلەرگە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ