مۇسۇلمانلار

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرس «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى»

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرس «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى» 1ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرس «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
 
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
 
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرس «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى» پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق.
  گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 2019-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
 
بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
 
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
 قەدىرك ئوقۇرمەن ۋە كۆرمەنلىرىمىز، ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرسىمىزدە  ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
 

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 9.سىن دەرس «زاكاتنىڭ ھېكمىتى ۋە شەرتلىرى» دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

زاكات ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ئا- «زاكات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

ئە- زاكاتنىڭ ھۆكمى

 ب- زاكاتنىڭ ھېكمىتى

 1- رەھمەتكە لايىق بولۇش

 2- دۇنيادا بېخىللىقتىن، ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلۇش

 3- پاكلىنىش ۋە يۈكسىلىش

 4- ئېھتىياجلارنى قامداش

پ- زاكاتنىڭ شەرتلىرى

 1-ئېھتىياجدىن ئاشقان بولۇشى

2-بىر يىلنىڭ ئۆتۈشى

3-نىسابقا يېتىشى

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» توركىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا www.musulmanlar.com

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/2Obm1UZ3tkI
تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/88——e2sfir/a-acbpqq
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: https://www.musulmanlar.com/?p=4202
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
 مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر