مۇسۇلمانلار

47- ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا

 تىلىمەستىن ۋە تەمە قىلماستىن نەرسە ئېلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا

سالىم ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ماڭا سوۋغا بېرەتتى، مەن: ئۇنى مەندىنمۇ كەمبەغەلرەك كىشىگە بەرگىن، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئالغىن، قاچانكى ساڭا مۇشۇ ماللاردىن بىرەر نەرسە كېپقالسا، ۋەھالەنكى، سەن تەمەمۇ قىلمىغان، سورىمىغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىۋەر، باي بولۇۋال، خالىساڭ ئۇنى يېگىن، خالىساڭ ئۇنى سەدىقە قىلغىن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنى قوغلاشما»، دېگەنىدى. سالىم مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇللاھ كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىمايتتى ۋە بېرىلگەن نەرسىنى قايتۇرمايتتى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنىڭ ھاجىتىدىن ئېشىنغان مالنى ھاجەتمەنلەرگە بېرىش ۋە ئۇلارنى ئارتۇق بىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) سورىماستىن ھەدىيە ياكى باشقا يول بىلەن كەلگەن مالنى ئېلىش ۋە ئىگىلەشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

3) ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن پۇل-مالغا ئىگە بولۇشنىڭ پەزلى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر