مۇسۇلمانلار

45- ئاللاھتىن قورقۇش توغرىسىدا

 ئاللاھ تائالادىن قورقۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ

«مەندىنلا قورقۇڭلار»-(سۈرە بەقەرە، 40- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك-شۈبھىسىزكى قاتتىقتۇر»-(سۈرە بۇرۇج، 12- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَةً لِّمَنْ خَافَ عَذَابَ الآخِرَةِ ذَلِكَ يَوْمٌ مَّجْمُوعٌ لَّهُ النَّاسُ وَذَلِكَ يَوْمٌ مَّشْهُودٌ وَمَا نُؤَخِّرُهُ إِلاَّ لِأَجَلٍ مَّعْدُودٍ يَوْمَ يَأْتِ لاَ تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلاَّ بِإِذْنِهِ فَمِنْهُمْ شَقِيٌّ وَسَعِيدٌ فَأَمَّا الَّذِينَ شَقُواْ فَفِي النَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ

«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلارنى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر. ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە)دىن ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئۇنى بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز، قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەر قانداق ئادەم پەقەت ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ. بەدبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا توۋلاپ نالە-پەرياد چېكىدۇ»-«ھۇد، 102 — 106- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَيُحَذِّرُكُمُ اللّهُ نَفْسَهُ

«ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ»-(سۈرە ئال ئىمران، 28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَوْمَ يَفِرُّ الْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ وَأُمِّهِ وَأَبِيهِ وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ لِكُلِّ امْرِئٍ مِّنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ

«ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ، ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ(. («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەبەسە 34 — 37- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَى وَمَا هُم بِسُكَارَى وَلَكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ

«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر، ئۇ كۈندە ھەربىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ. ھەربىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. ئىنسانلارنى مەست كۆرىسەن، ھالبۇكى ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس، (دېمەك قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس-ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن) لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»-(سۈرە ھەج، 1-، 2- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ جَنَّتَانِ

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار»-(سۈرە رەھمان، 46- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَى بَعْضٍ يَتَسَاءلُونَ قَالُوا إِنَّا كُنَّا قَبْلُ فِي أَهْلِنَا مُشْفِقِينَ فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا وَوَقَانَا عَذَابَ السَّمُومِ  إِنَّا كُنَّا مِن قَبْلُ نَدْعُوهُ إِنَّهُ هُوَ الْبَرُّ الرَّحِيمُ

«ئۇلار يەنى جەننەت ئەھلى بىر-بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ، ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق. ئاللاھ تائالا بىزگە مەرھەمەت قىلدى. بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى. بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلاتتۇق. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»-(سۈرە تۇر، 25 ~ 28- ئايەتلەر).

بۇ بابتىكى ئايەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر ۋە مەلۇملۇقتۇر. بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ئالدۇق. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرمۇ كۆپتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقى بىلەن بۇ يەردە پەقەت ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىلا ئالدۇق.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆز سۆزىدە راستچىل بولغان ۋە راستچىللىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئانىسىنىڭ قورسىقىدا نۇتپە (ئابى مەنى. — ت) بولۇپ، 40 كۈن پارچە گۆش ھالىتىدە تۇرىدۇ، يارىلىدىغان تەييارلىق ھالىتىدە 40 كۈن تۇرىدۇ. ئاندىن كاللەك قان پارچىسى بولۇپ 40 كۈن تۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا جان گىرگۈزىدۇ ۋە مۇنداق تۆت نەرسىنى يېزىشقا بۇيرۇيدۇ: پەرىشتە ئۇنىڭ رىزقىنى، ئەجىلىنى، ئەمىلىنى ۋە شەقىي ياكى سائادەتمەن بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جان كىرگۈزىدۇ. بىر ئادەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىدا بىر گەزچە ئارىلىق قالغاندا، قورساقتىكى چاغدا پېشانىگە پۈتۈلگىنى غالىب كېلىدۇ-دە، ئۇ ئەھلى دوۋزاخنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، دوۋزىخىي بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەم يامان ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا بىر گەزچە ئارىلىق قالغاندا، قورساقتىكى چاغدا پېشانىگە پۈتۈلگىنى غالىب كېلىدۇ-دە، ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ جەننىتى بولۇپ كېتىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قەزا ۋە قەدەرگە ئىمان ئېيتىش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش زۆرۈرلۈكى.

2) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكى.

3) ئىشلارنىڭ خاتىمىسىنىڭ مۇھىملىقى، شۇڭا ئىنساننىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە مەغرۇرلىنىپ يۆلىنىۋېلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

4) ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ داۋاملىق شۇ ئەمەللىرىنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا يامانلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېلىشىدىن ساقلىنىشى لازىملىقى.

5) بەندىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئاللاھ تائالادىن سورىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەدەت تىلىشى، يامان ئاقىۋەتتىن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ پاناھ تىلىشى زۆرۈرلۈكى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بىر جەھەننەم مەھشەرگاھقا ھازىر قىلىنىدۇ. جەھەننەمنىڭ 70 مىڭ تىزگىنى بولۇپ، ھەر بىر تىزگىنىنى تارتىدىغان 70 مىڭ پەرىشتە بولىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. نۇئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەڭ يېنىك ئازاب چېكىدىغىنى شۇنداق بىر كىشىدۇركى، ئۇنىڭ ئىككى تاپىنى ئاستىغا ئىككى چوغ قويۇلىدۇ، چوغنىڭ تەسىرىدىن مېڭىسى قايناپ كېتىدۇ. ئۇ مەندىنمۇ قاتتىق ئازابلانغان كىشى يوقتۇر، دەپ قارايدۇ. ھەقىقەتتە ئۇ ئەڭ يەڭگىل ئازاب چەككەن كىشىدۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

 ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، گۇناھلاردىن يىراق بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

  1. سەمۇرە ئىبن جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئوت ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ھوشۇقىغىچە كۆيدۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى تىزىغىچە كۆيدۈرىدۇ، بەزىلىرىنى بەلگىچە، بەزىلىرىنى ئوخرەك سۆڭەكلىرىگىچە كۆيدۈرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىلەرنى دوزاختىن قورقۇتۇش، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنى قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغانلىقى.

2) دوزاخ ئەھلىنىڭ ئازاب چېكىشتە ھەممىسى بىر خىل ئەمەس، پەرقلىق بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىشىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا تىك تۇرىدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشاق يېرىگىچىلىك تەرگە چۆمۈپ كېتىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە قورقۇنچى بايان قىلىنغان.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ۋەز سۆزلىدىكى، مەن بۇنداق ۋەزنى پەقەت ئاڭلاپ باقمىغان. رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر مەن بىلگەن نەرسىلەرنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلەتتىڭلار، كۆپ يىغلايتتىڭلار»، دېدى. ساھابىلەر يۈزلىرىنى ئېتىۋېلىپ، قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: ساھابىلەردە يۈز بەرگەن بىر ئىش رەسۇلۇللاھقا يەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ: «ماڭا جەننەت بىلەن دوزاخ توغرىلاندى. مەن ئۇ ئىككىسىنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق جەھەتلەردە بۈگۈنكىدەك كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئەگەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلايتتىڭلار»، دېدى. ساھابىلەرنىڭ بېشىغا شۇ كۈندىن ئېغىرراق بىر كۈن كەلمىگەنىدى. ئۇلار باشلىرىنى چۈمكىۋېلىپ، يىغلىشىپ كەتتى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇپ كۆپ يىغلاش، ئاز كۈلۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، كۆپ كۈلۈشنىڭ ئىنساننىڭ غەپلەتتە قالغانلىقى ۋە قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىپ (قاتتىقلىشىپ) كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى.

2) ساھابىلەرنىڭ ۋەز-تەبلىغدىن قاتتىق تەسىرلىنىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن ناھايىتى قورقىدىغانلىقى.

3) يىغلىغاندا يۈزنى يۆگىۋېلىپ يىغلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

4) جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان مەخلۇقات بولۇپ، ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى.

  1. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: (شەرىئەتتە تۆت مىڭ گەز بىر مىل ھېسابلىنىدۇ)، (بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان سۇلەيم ئىبن ئامىر ئېيتىدۇكى، مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بىر مىل دېگەن سۆزى بىلەن زېمىندىكى مۇساپىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى كۆزگە تارتىدىغان مىلنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن)، «قىيامەت كۈنى قۇياش مەخلۇقاتقا بىر مىل ئارىلىقتا يېقىن قىلىنىدۇ. كىشىلەر ئەمەللىرىگە قاراپ تەرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن تەر ھوشۇقىغىچە ئاقىدۇ. بەزىلىرىنىڭ تىزىغىچە ئاقىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بېلىگىچە ئاقىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئېغىزلىرىغا تەردىن يۈگەن سېلىنىدۇ»، دەپ رەسۇلۇللاھ قولى بىلەن ئاغزىنى ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتتى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قىيامەت كۈنىدە كىشىلەر ئەمەللىرىدىن ھېساب بەرگەندىكى قاتتىق قورقۇنچ بايان قىلىنغان.

2) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يامان ئەمەللەردىن يىراق بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر قىيامەت كۈنى شۇنداق تەرلەپ كېتىدۇكى، ئۇلارنىڭ تەرلىرى زېمىندا 70 گەز چوڭقۇرلۇقتا ئاقىدۇ. ئۇلارغا تەردىن يۈگەن سېلىنىدۇ. ھەتتا تەر ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغىچە چىقىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئىدۇق، تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «بۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېدى. بىز: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ئوبدان بىلگۈچىدۇر»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «بۇ دوزاخقا 70 يىل بۇرۇن تاشلانغان تاشتۇر، ئۇ ھازىرمۇ دوزاخقا چۈشۈۋاتىدۇ، ئەمدى دوزاخنىڭ تېگىگە يېتىپ باردى، سىلەرمۇ چۈشۈۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىدىڭلار»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) جەھەننەمنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقى، ئۇنىڭدىكى ئازابنىڭ قاتتىقلىقى، مانا بۇ بەندىلەرنى دوزاختىن قورقۇشقا ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقى.

2) ساھابىلەرنىڭ تاشنىڭ چۈشۈۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشى ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان كارامىتى ئىكەنلىكى.

3) ئۆگەتكۈچىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقى.

  1. ئەدىي ئىبن ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار بىلەن تەرجىمانسىز سۆزلىشىدۇ. ئۇ ئوڭ تەرەپكە قارايدۇ، ئىلگىرىكى ئىشلىرىدىن باشقا ھېچ نېمىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ سول تەرەپكە قارايدۇ، ئىلگىرىكى ئىشلىرىدىن باشقا ھېچ نېمىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ ئالدىغا قارايدۇ-دە، ئۇدۇلىدا دوزاختىن باشقا ھېچ نېمىنى كۆرمەيدۇ، يېرىم خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ دوزاختىن ساقلىنىڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مەن سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئاسمان غىچىرلاپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ غىچىرلاپ ئاۋاز چىقىرىشى ھەقلىق بولدى، چۈنكى ھەر تۆت بارماقچىلىك ئورۇندا بىر پەرىشتە پېشانىسىنى يەرگە قويۇپ، ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلايتتىڭلار ۋە تۈشەكلىرىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن ھۇزۇرلانمايتتىڭلار، ئاللاھ تائالاغا نالە قىلىپ پەرياد چېكىپ، كوچىلارغا چىقىپ كەتكەن بولاتتىڭلار». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، قۇدرىتىنى بىلگەنسېرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە ساۋابىنى ئۈمىد قىلىشىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن گۇناھتىن يىراق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تائەت-ئىبادەت قىلىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش ۋە قورقۇش مۇئمىننىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى.

3) بەندىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى، رازىلىقىنى ۋە ياردىمىنى تىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ بەرزەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا بەندىنىڭ قەدىمى جايىدىن مىدىرلىماي تۇرۇپ، ئۇنى ئۆمرىنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلغانلىقى، ئۆگەنگەن بىلىمىنى نېمىلەرگە ئىشلەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى قەيەردىن تېپىپ، نېمىلەرگە سەرپ قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى قانداق ئىشلارغا ئۇپراتقانلىقىدىن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشى، ئەمەللىرىنى ئىخلاس بىلەن قىلىشى، شەرىئەتكە ئۇيغۇن، ھالال يول بىلەن پۇل تېپىشى ۋە ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشى لازىملىقى.

2) ئىنساننىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتىگە بېغىشلىشى كېرەكلىكى.

3) ئىنساننىڭ پايدىلىق ئىلىمنى ئۆگىنىپ، ئۇنى خالىس ھالدا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشى لازىملىقى.

4) قىيامەت كۈنىدە ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 

يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا

«بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ»-«سۈرە زەلزەلە 4- ئايەت» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ئاندىن: «زېمىننىڭ خەۋەرلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېدى. ساھابىلەر: «ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇ»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «زېمىن ھەر بىر ئەر ۋە ھەر بىر ئايال بەندىنىڭ زېمىندا نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ: ‹سەن پالان-پالانى كۈنلەردە مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىڭ›، دەيدۇ، مانا بۇ زېمىننىڭ خەۋەرلىرىدۇر»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشى، گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ جانسىز نەرسىلەرنى تىلغا كىرگۈزۈپ، ئىنساننىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچى قىلىشتەك ئۇلۇغ قۇدرىتى بايان قىلىنغان.

  1. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن قانداقمۇ شاد-خۇرام ياشايمەن، ھالبۇكى سۈر چالغۇچى سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئالغان تۇرسا، ئۇ رۇخسەتنى كۈتۈۋاتىدۇ، قاچانكى ئۇنى پۈۋلەشكە بۇيرۇق قىلىنسا، ئۇنى پۈۋلەيدۇ». گويا بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلغاندەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالا بىزگە كۇپايە، ئاللاھ تائالا نېمە دېگەن ياخشى ئىگە، دەڭلار»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ قىيامەت كۈنىدىن قورقۇشى لازىملىقى.

2) بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشى، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەكلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولغاندا، زېمىندا ھايات تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىكى ئەڭ يامان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋپسىرەيدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قورققان كىشى كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ماڭىدۇ، كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ماڭغان ئادەم مەنزىلىگە يېتىپ بارىدۇ، ئاگاھ بولۇڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ ماللىرى بىباھادۇر. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالانىڭ مېلى جەننەتتىن ئىبارەتتۇر».— تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى تائەت-ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە، گۇناھتىن خالاس بولۇشقا ئالدىراشقا، جەننەتكە ئېرىشىش يولىدا ماللىرىنى ۋە جانلىرىنى ئاللاھ تائالا يولىغا ئاتاشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ». مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا، بەزىلىرى بەزىلىرىگە قارايدىغۇ؟»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئائىشە! قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىغۇدەك ھالى بولمايدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۆز ھالى بىلەن قېلىپ بىر-بىرىگە قارىيالمايدۇ»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىيامەت كۈنىدىكى قورقۇنچنىڭ قاتتىق بولىدىغانلىقى. ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۇ كۈندە ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېساب بېرىشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە قاراشقا ماجالى يەتمەيدىغانلىقى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر