مۇسۇلمانلار

مەن تاكسى ھەيدەيمەن، بۇلار گۇناھمۇ؟

سوئال:

مەن تاكسى ھەيدەيمەن، گاھىدا خېرىدارلار ماشىنىغا چىقىپلا ھاراق سېتىلىدىغان ياكى شەھۋانى سورۇن ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان جايلارغا ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. ئ‍ۇلارنىڭ بەزىسى مۇسۇلمان. مەن ئۇلارنى توشۇپ، شۇ يەرلەرگە ئاپىرىپ قويۇپ ھەق ئالغانلىقىم ئۈچۈن گۇناھكار بولىمەنمۇ؟

گاھىدا يولدا بولغانلىقىم ئۈچۈن جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالماي قالىمەن. كەسپىمنى ئالماشتۇرۇشۇم زۆرۈر بولامدۇ؟

جاۋاب:

تاكسىچىلىق قىلىش تىجارەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، دىنىمىزدا تىجارەت قىلىشقا يول قويۇلىدۇ، ھەتتا تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولاً فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِن رِّزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ}

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زات بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»- 67- سۈرە مۈلك، 15 – ئايەت.

{وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ}

«سىلەردىن، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدىغان يەنە باشقا كىشىلەرمۇ بولىدۇ»-  73-سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

رەسۇلەللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «قايسى كەسپ پاك ۋە ھالال؟» دېگەن سوئالغا: «كىشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن قىلغان ئىشى ۋە ھالال يول بىلەن قىلغان سودىسى» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[1].

 لېكىن تىجارەتتە بىردىنبىر قائىدە شۇكى، قىلغان كەسپىمىزدىن قولغا كەلتۈرگەن پايدىمىزنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن قىلغان ئىشىمىزنىڭ دىنىمىزدا يولغا قويۇلغان ئىش بولۇشى يەتمەيدۇ، بەلكىدە شۇ ئىشنى باشلاپ تاكى ئاخىرلاشتۇرۇپ نەتىجىسىگە ئېرىشكۈچە دىنىمىز چەكلىگەن ھېچقانداق ئىشقا يېقىنلىشىپ قالماسلىقىمىز شەرتتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

{يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُواْ مِمَّا فِي الأَرْضِ حَلاَلاً طَيِّباً وَلاَ تَتَّبِعُواْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ}

«ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر» – ‏2 -سۈرە بەقەرە ، 168 – ئايەت.

 سىزنىڭ ئىشىڭىزغا كەلسەك، تاكسىچىلىق قىلىشىڭىز ئەسلىدە دىنىمىز يول قويغان ھالال كەسىپ بولسىمۇ، بۇ كەسىپ گۇناھقا ۋە يامان ئىشلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالسا يامانلىققا ئايلىنىدۇ، يەنى بۇ شەكىلدە تاكسىچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىش تۆۋەندىكى ئايەتلەردە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ:   

{وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ}

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر»- 5- سۈرە مائىدە، 2- ئايەت.

{مَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُنْ لَهُ نَصِيبٌ مِنْهَا وَمَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُنْ لَهُ كِفْلٌ مِنْهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ مُقِيتًا}

«كىم ياخشى شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىم يامان شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەسسىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- 4- سۈرە نىسا، 85- ئايەت.

«شاپائەت» باشقىسىغا بىر ئىشتا ياردەملىشىش ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، بىر ئىشقا تەرغىب-تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئىش ئەگەر توغرا ئىش بولسا مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن ساۋاب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ساۋابنى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆپەيتىپ يازىدۇ. ناۋادا ئۇ ئىش يامان ئىش بولسا، مەزكۇر ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قىلغان ئىشىدىن بىر كىشىلىك گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بىر گۇناھنى ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر گۇناھ ھالىتىدە يازىدۇ. ياخشى شاپائەتتە نەسىبۇن «نصيب»، يامان شاپائەتتە كىفلۇن «كفل» دېيىلىشى مانا بۇ پەرققە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

ئىككىنچى سۇئالىڭىزغا كەلسەك:

دىنىمىزدا ھەرقانداق ئىش ئىنساننىڭ تاقىتى يېتىدىغان دەرىجىدە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىبادەتلەرمۇ ئىنسانلارنى قىيىنچىلىققا چۈشۈرۈپ قويمىغان ئاساستا قېلىنىدۇ. جۈمە نامىزىمۇ شۇ ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ ئاللاھ قۇرئاندا جۈمە نامىزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:  

{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ. فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ}

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە[2] ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم- سېتىمنى قويۇڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مەقسىتىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-  62- سۈرە جۇمۇئە، 9-10.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن جۈمە نامىزىنىڭ ھەممە ئادەمگە پەرز قىلىنمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت جۈمە نامىزىنىڭ سودا-سېتىق بولىدىغان جايلاردا ئوقۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. سودا-سېتىق بازارلاردا بولىدۇ، بازارلار مەركەزلەردە بولىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلەردە ياشىمايدۇ، شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننى ئاڭلىمايدۇ. دېمەككى، مەركەزدىن يىراق چەت جايلاردا ياشايدىغان، يايلاقلاردا پادىچىلىق قىلىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان رايونلاردا خىزمەت ياكى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە قىلسا قىلىپ جۈمە نامىزى ئۆتىلىدىغان يەرلەرگە كېلىشى، شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر ياشاۋاتقان يەرلىرىدە پېشىن نامىزىنى ئادا قىلسا بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزى ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەمگە پەرزدۇر»[3].

دېمەك، جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننى ئاڭلىيالمىغۇدەك يىراق يەردە بولغان مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە مۇنداق دېگەن: ئەزان ئېيتقان چېغىڭدا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەپ بولغاندىن كېيىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ (نامازغا كېلىڭلار)» دېمەي، «ئەسسەلاتۇ فىررىھال (نامىزىڭلارنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار)» دېگىن. ئىنسانلارنىڭ بۇ سۆزگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى مەندىن ياخشى بىر كىشى[4] قىلغان. جۈمە ئۆتەش بىر ۋەزىپە. سىلەرگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا پاتقاقلىق ۋە تېيىلغاق يەرلەردە ماڭغان بولاتتىڭلار» دېگەن[5].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىن ۋە شەھەر سىرتىدىن نۆۋەتلىشىپ جۈمە نامىزى ئۆتىگىلى كېلەتتى. چاڭ-توزان ئىچىدە كېلەتتى، تەرلەيىتتى ۋە تەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمدا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «كاشكى، بۈگۈن ئۈچۈن بىر يۇيۇنغان بولساڭلار» دېدى[6].

مۇئاۋىيە زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ئىككى ھېيتنىڭ بىر كۈنگە توغرا كەلگىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىدى. زەيد: كۆردۈم دەپ جاۋاب بەردى. مۇئاۋىيە: قانداق قىلدى؟ دەپ سورىدى، زەيد: ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى، جۈمە نامىزىنى ئىختىيارىمىزغا قويۇپ قويدى ۋە «خالىغانلار ئۆتىسۇن» دېدى، دەپ جاۋاب بەردى[7].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئىككى ھېيت بىر كۈنگە توغرا كەلدى. خالىغانلار جۈمە نامىزىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىز ئۆتەيمىز»[8].

ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن، يولغا قويۇلغان كەسپلەرنى قىلىپ ھالال پايدىغا ئېرىشكىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!


[1] ئىمام ئەھمەد، مۇسنەد، 502/28، نومۇر: 17265، ھەدىس تەھقىقلىغۇچىلار بۇ ھەدىسنى ھەسەن (رىۋايەت يولى ياخشى) دەپ باھا بەرگەن.  

[2] – يەنى، جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاش ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا، دېمەكتۇر.

[3] ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1067.

[4] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.

[5] بۇخارى، جۇمۇئە 14.

[6] بۇخارى، جۇمۇئە 15.

[7] ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1070، نەسەئىي، ئىيد 1592، ئىبنى ماجە، سالات 1310.

[8] ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1073.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر