باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

كىشىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ الصَّلاَةَ وَآتَوُاْ الزَّكَاةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمْ

«ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار»(9-سۈرە تەۋبە، 5- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كىشىلەر بىلەن ئۇلار بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى، دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر شۇنىسى باركى، ئۇلار ئىسلامىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى ۋە ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن چەكلىنىشى لازىم. ئۇرۇش قىلىشتا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرى دەخلىسىزدۇر. ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئادا قىلغان كىشىلەرنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىغا چېقىلىش ھارام ئىكەنلىكى، ئۇلارغا بۇ دۇنيادا ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا مۇسۇلمان سۈپىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، نىيەتلىرىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ھېساب ئالىدىغانلىقى.

  1. ئابدۇللاھ تارىق ئىبن ئەشيەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېسە ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا چوقۇنىلىۋاتقان بۇتلارنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭ مېلى ۋە جېنى دەخلىسىزدۇر. ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننىڭ بارلىق باتىل مەئبۇدلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن چەك-چېگرا ئايرىشى ۋاجىپ ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ مەئبەد مىقداد ئىبن ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھقا: «ئەگەر مەن كۇففارلاردىن بىرەيلەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسام، ئۇ بىر قولۇمنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۈزۈۋەتسە، ئاندىن بىر دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپ پاناھلىنىپ: ‹ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈردۈم›، دېسە، ئۇنى ئۆلتۈرسەم بولامدۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ!»، دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئۆلتۈرسەڭ بولمايدۇ»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ مېنىڭ قولۇمنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈردۈم دېگەن تۇرسا»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئۆلتۈرمەيسەن، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرىدىغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ھالىتىڭدە بولىدۇ، سەن بولساڭ، ئۇنىڭ ئىمان ئېيتىشتىن ئىلگىرىكى ھالىتىدە بولۇپ قالىسەن»، دېدى (رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇ سېنىڭ ئورنىڭدا بولىدۇ، دېگىنى ئۇ مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا مېلى ۋە جېنى دەخلىسىز بولىدۇ، دېگىنىدۇر. سەن ئۇنىڭ ھالىتىدە بولۇپ قالىسەن دېگىنى سەن ئۇنى ئۆلتۈرسەڭ، ئۇ ئىمان بىلەن ئۆلگەچكە، ۋارىسلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەندىن قىساس ئېلىشقا ھەقلىق بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭدىن سەن ئۇنىڭ كۇفرىلىق ھالىتىدە بولۇپ قالىسەن، دېگەن مەنە چىقمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر). — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بىرەر ئادەمنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتسە، ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) ئەگەر بىر ئادەم يۇقىرىقى ھۆكۈمنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرسە ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىلمەستىن ئۆلتۈرسە دىيەت تۆلەيدۇ. بەزى ساھابىلەر كەلىمە شاھادەتنى ئېيتقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ ئىمان ئېيتتى دەپ چۈشىنىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش ئۇلار دىيەت تۆلەيدۇ.

  1. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزنى جۇھەينە قەبىلىسىدىن بولغان ھۇرەقە جەمەتىگە ئەۋەتتى. بىز تاڭ ئاتقاندا قەۋمنىڭ ئىچىدىغان سۇ بېشىغا كەلدۇق. مەن ۋە ئەنسارىيلاردىن بىر كىشى ئۇ قەۋمنىڭ بىر ئادىمىنى تۇتۇۋالدۇق. بىز ئۇنى ئارىغا ئېلىۋالغاندا، ئۇ: «بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق»، دېدى. ئەنسارىيلاردىن بولغان ئادەم ئۇنىڭغا قول سالمىدى. مەن نەيزەمنى سانجىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. بىز مەدىنىگە كەلگەندە بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى. رەسۇلۇللاھ ماڭا: «ئى ئۇسامە! ئۇنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دېگەندىن كېيىنمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق دېدى»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دېگەندىن كېيىنمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟»، دېدى. ئاندىن بۇ گەپنى تەكرارلاۋەردى، ھەتتا مەن شۇ كۈندىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولمىغان بولسام بوپتىكەن، دەپ قالدىم. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ: «ئۇ بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ ھەقىقەتەن قورالدىن قورقۇپ شۇنداق دېدى»، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: «سەن ئۇنىڭ چىن دىلىدىن دېگەن ياكى دېمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ باقتىڭمۇ؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ گەپنى تەكرارلاۋەرگەنلىكتىن مەن شۇ كۈنى مۇسۇلمان بولسام بوپتىكەن، دەپ ئويلاپ كەتتىم.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا بەندىلەرنىڭ تاشقى ھالىتى بىلەن كۇپايىلىنىش، ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە ئارتۇقچە سۈرۈشتە قىلماسلىق، بۇ ئىنتىقام ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ نىيىتىنىڭ چىن ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى مەنئى قىلىش ئۈچۈندۇر.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەدىن قىساس ئېلىشنى ھۆكۈم قىلمىغان، چۈنكى ئۇسامە ئۇ كىشىنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ يالغان ئىمان ئېيتتى دەپ چۈشەنگەن. بۇ شۈبھىلىك مەسىلىسىدۇر، شۇڭا بۇنىڭغا ھەد (شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازا) بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئۆلتۈرگۈچىگە دىيەت تۆلەش تېگىشلىكتۇر.

3) ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن مۇسۇلماننىڭ ئىمان ئېيتمىغان بولسامچۇ، دەپ پۇشايمان قىلىشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇسامە بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئىنكار قىلغانلىقتىن قورقۇپ شۇنداق دېگەن.

  1. جۇندۇب ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى بىر مۇشرىكلار قەۋمىگە ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇرۇشتى. مۇشرىكلاردىن بىر كىشى بار بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن قايسى كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولسا، شۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. بىز ئۇنى ئۆلتۈرگەن كىشى ئۇسامە ئىبن زەيد دېيىشتۇق. ئۇسامە قىلىچىنى كۆتۈرگەندە، مۇشرىك: دەپ تۇرسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ بولغان ئىشلارنى ۋە بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى يەتكۈزدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: «ئۇنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭ؟»، دەپ سورىدى. ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلدى ۋە پالانى، پۇكۇنىنى ئۆلتۈردى»، دەپ رەسۇلۇللاھقا بىر مۇنچە كىشىلەرنى ساناپ بەردى ۋە: «مەن قىلىچىمنى كۆتۈرۈۋىدىم، ئۇ قىلىچىمنى كۆرۈپ: دېگەن سۆزنى دېدى»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئۆلتۈردۈڭمۇ؟»، دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «ھەئە»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «لائىلەھە ئىللەللاھۇ» دېگەن سۆزنى قىيامەت كۈنى قانداق قىلىسەن؟»، دېدى. ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا مەغفىرەت تىلىگىن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ:«لائىلەھە ئىللەللاھۇ» دېگەن سۆزنى قىيامەت كۈنى قانداق قىلىسەن؟»، دەپ بىرەر سۆزنىمۇ ئارتتۇرماي مۇشۇ سۆزنى دەۋەردى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇقبە ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ئەمەللىرى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ۋەھىي بىلەن بىلىنەتتى. ھازىر بولسا ۋەھىي ئۈزۈلدى. ھازىر پەقەت سىلەرنىڭ زاھىرى ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، كىمكى بىزگە زاھىرى ياخشىلىقنى كۆرسەتسە، ئۇنى بىز خاتىرجەم قىلىمىز، ئۇنى ئۆزىمىزگە يېقىن تۇتىمىز ۋە بىز ئۇنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيمىز، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۆزى ھېسابلىشىدۇ. كىمكى بىزگە يامانلىقلىرىنى كۆرسەتسە بىز ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايمىز ۋە ئۇ ئىچكى ئەھۋالىم ياخشى دېسىمۇ چىن پۈتمەيمىز». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاشكارا ئەمەللىرىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى.

2) ياخشى نىيەت ھەد ۋە قىساس ئېلىشقا لايىق گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھىنى ئاقلىيالمايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ