مۇسۇلمانلار

43- ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش

 ئاللاھ تائالانىڭ بەنــدىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامەتـلىرى ۋە بۇ ئالامەتـــلەرنى كىـــشى ئۆزىــگە سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى قولـــغا كەلـتۈرۈش ئۈچۈن تىرىـشـــچانــلىق كۆرســىتىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

 قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ 

«(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»-(سۈرە ئال ئىمران، 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ مَن يَرْتَدَّ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَلاَ يَخَافُونَ لَوْمَةَ لآئِمٍ ذَلِكَ فَضْلُ اللّهِ يُؤْتِيهِ مَن يَشَاء وَاللّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ

«ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا بىر قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، بىلگۈچىدۇر»-(سۈرە مائىدە، 54- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى دوست تۇتسا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا: ‹ئاللاھ تائالا پالانى كىشىنى دوست تۇتىدۇ. سەنمۇ ئۇنى دوست تۇتقىن›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى دوست تۇتىدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئاسماندىكىلەرنى توۋلاپ: ‹ئاللاھ تائالا پالانى ئادەمنى دوست تۇتىدۇ، سىلەرمۇ ئۇنى دوست تۇتۇڭلار›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنى دوست تۇتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زېمىندىكىلەر دوست تۇتىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن، دېيىلىدۇ: «ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىئىلنى چاقىرىپ: ‹مەن پالانى كىشىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى سەنمۇ ياخشى كۆرگىن›، دەيدۇ. جىبرىئىل ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن ئاسماندا نىدا قىلىپ: ‹ئاللاھ تائالا پالانى كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار›، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى پەرىشتىلەرمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەمنى زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەقبۇل كۆرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىرەر بەندىنى يامان كۆرسە جىبرىئىلنى چاقىرىپ: ‹مەن پالانى كىشىنى يامان كۆرىمەن، ئۇنى يامان كۆرگىن›، دەيدۇ. ئۇنى جىبرىئىلمۇ يامان كۆرىدۇ ۋە پەرىشتىلەرگە نىدا قىلىپ: ‹پالانى كىشىنى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدۇ، ئۇنى يامان كۆرۈڭلار›، دەيدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەرمۇ ئۇنى يامان كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم كىشىلەر تەرىپىدىن يامان كۆرۈلىدۇ».

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىنساننىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈش ياكى يامان كۆرۈشىدىكى ئۆلچەمدە ياخشىلارنى ۋە پەزىلەت ئىگىلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى، پاسىقلارنىڭ سالىھ كىشىنى يامان كۆرۈشىنىڭ، ئۆزىگە ئوخشاش پاسىقلارنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئۇلارنىڭ ناچار تەبىئەتلىك بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكى. مۇئمىننىڭ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ نۇرى بىلەن قارايدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا كىمنى ياخشى كۆرسە شۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنى قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەنىدى. ئۇ كىشى ئىمام بولۇپ نامىزىدا ئوقۇغان ئايەتلىرىگە «ئىخلاس سۈرىسى…» نى قوشۇپ ئوقۇدى، ئۇلار قايتقاندىن كېيىن بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار»، دېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن سورىۋىدى، ئۇ: «ئىخلاس سۈرىسى› بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا، مەن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ كىشىگە ئېيتىپ قويۇڭلاركى، ئۇنى ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) نامازدىكى بىر رەكئەتتە سۈرە فاتىھەدىن باشقا ئىككى سۈرىنى بىللە ئوقۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئۆزلىرى يولۇققان ھەر بىر مەسىلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىپ ھۆكمىنى بىلىشكە ئالدىرايدىغانلىقى.

3) سۈرە ئىخلاسقا ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان سۈپەتلەرنىڭ جەملەنگەنلىكى، ئۇنىڭدا تەۋھىد، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا ھەممە ئىشىدا ئىلتىجا قىلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، بالا تاپقانمۇ ئەمەسلىك سۈپەتلىرى بايان قىلىنغانلىقى.

4) بەندىنىڭ ئەمەللىرىگە ئۇنىڭ مەقسىتىگە يارىشا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، بەندە ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشماقچى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى.

5) نامازدا ئوخشاش بىر سۈرىنى تەكرارلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، چۈنكى ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ساھابە ھەر بىر قىرائەتتىن كېيىن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر