باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ئالىملار ۋە پەزىــلەت ئىگىــلىرىنى ھۆرمەتلەش توغــرىسىـــدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُوْلُوا الْأَلْبَابِ 

«ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساپ ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ»-(سۈرە زۇمەر، 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبن ئەمر بەدرىل ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە قۇرئاننى ياخشى ئوقۇيالايدىغانلار ئىمام بولسۇن، ئەگەر قىرائەتتە ئوخشاش بولسا، ئۇلارنىڭ سۈننەتنى كۆپرەك بىلىدىغانلىرى ئىمام بولسۇن، ئەگەر سۈننەت ئىلمىدە ئوخشاش بولسا، ئەڭ بۇرۇن ھىجرەت قىلغانلىرى ئىمام بولسۇن، ئەگەر ھىجرەتتە ئوخشاش بولسا، يېشى چوڭلىرى ئىمام بولسۇن ۋە بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ تەۋەلىك دائىرىسىدە ئىمام بولمىسۇن ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئورنىدا رۇخسەتسىز ئولتۇرمىسۇن».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلارنىڭ يېشى چوڭلىرى ياكى ئىسلامغا بالدۇر كىرگەنلىرى»، دېيىلگەن.       — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى قارىي قۇرئان بولغانلىرى، ئۇلارنىڭ قىرائەتتە ياخشى بولغانلىرى، ئەگەر ئۇلار قىرائەتتە ئوخشاش بولسا، ئەڭ بۇرۇن ھىجرەت قىلغانلىرى، ئەگەر ھىجرەتتە ئوخشاش بولسا، ئۇلارنىڭ ياشتا چوڭلىرى ئىمام بولسۇن»، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سۇلتان، ئۆي ئىگىسى، سورۇن ئىگىسى ۋە مەسجىدنىڭ ئىمامى نامازدا ئىمام بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى.

2) ھىجرەت قىلغاننىڭ ۋە ئەڭ دەسلەپ ئىسلام دىنىغا كىرگەننىڭ پەزىل-ساۋابى.

3) ئايال ئەرگە ئىمام بولسا دۇرۇس ئەمەسلىكى.

  1. ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبن ئەمر بەدرى ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ نامازغا تۇرغاندا، بىزنىڭ مۈرىلىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «رۇس تۇرۇڭلار، ئىلگىرى-كېيىن تۇرماڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالىسىلەر، ئەقىل ۋە فەزىل ئىگىلىرى (ئەقىلدار ۋە پەزىلەتلىكلەرمۇ دېيىلگەن) يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىرى، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىرى تۇرسۇن»، دېگەن. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىلىم ئەھلى بولغان ئادەملەرنىڭ ئىمامغا يېقىن تۇرۇشى ۋە ناماز سېپىنىڭ شۇ يوسۇندا تىزىلىشى لازىملىقى، چۈنكى ئەھلى ئىلىم ئادەملەرنىڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشىلەر بولۇپ، بۇنىڭدا ئىمام ئۆزرىلىك بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىمامنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشى ياكى سەۋەنلىك تۈپەيلى نامازدا كەم قالغان، دۇرۇس بولمىغان جايلارنى بايقاپ ئىمامغا ئېيتىشى، ناماز ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى ۋە سۈپەتلىرىنى كىشىلەرگە ئۆگىتىش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلغان.

2) ئەھلى ئىلىم ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇشى نامازدىلا ئەمەس، باشقا ئىشلارغىمۇ قارىتىلغانلىقى.

3) ناماز سېپىنىڭ تۈز، باراۋەر بولۇشى كېرەكلىكى، بۇنىڭدا يەنە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ، ئىتتىپاق بولۇشى، ھەممە ئىشلاردا بۇ بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا ئىشارەت قىلىنغان.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ماڭا ئەقىل ۋە فەزل ئىگىلىرى، مۇلايىم ۋە ئەقىلدارلار يېقىن تۇرسۇن، ئاندىن ئۇلارغا يېقىن بولغانلىرى»، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن كېيىن يەنە: «ئۆزۈڭلارنى بازارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن تارتىڭلار»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مەسجىد ئالدىدا ۋە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا شاۋقۇن-سۈرەن سېلىش، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى.

2) ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ھۇزۇرى قەلب بىلەن ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن شاۋقۇن-سۈرەن، گەپ-سۆز بىلەن ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلمەسلىك كېرەكلىكى.

  1. ئەبۇ يەھيا ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبن سەھلە ۋە مۇھەييەسە ئىبن مەسئۇد خەيبەرگە ماڭدى. ئۇ كۈنلەردە خەيبەر سۈلىھ ھالىتىدە ئىدى. ئۇلار خەيبەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتتى. مۇھەييەسە كېيىن ئابدۇللاھ ئىبن سەھلنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئابدۇللاھ ئىبن سەھل ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، قانغا مىلىنىپ ياتاتتى. ئۇ ئابدۇللاھ ئىبن سەھلنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئابدۇرەھمان ئىبن سەھل ۋە مەسئۇدنىڭ ئىككى ئوغلى مۇھەييىسە بىلەن ھۇۋەييىسە رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا باردى. ئاندىن ئابدۇرەھمان ئەھۋالنى بايان قىلىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ: «چوڭدىن كەلسۇن، چوڭدىن كەلسۇن، چوڭ دېگەن قەۋمنىڭ سۆزلەيدىغان كىشىسى»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئۇ ئىككىسى سۆزلىدى. رەسۇلۇللاھ: «سىلەر قاتىل مۇشۇ دەپ قەسەم قىلىپ ئۇنىڭدا ھەققىڭلار بارلىقىنى ئىسپاتلىيالامسىلەر؟»، دېدى، دەپ ھەدىسنى تولۇق بايان قىلدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىلىم، پەزىلەتتە باراۋەر بولغان ئىككى كىشىدىن يېشى چوڭ كىشىنىڭ ئالدى بىلەن سۆزلىشى، شۇنداقلا ئىمامەتچىلىك، توي ئىشىغا باش بولۇشتىمۇ شۇنداق بولۇشى لازىملىقى.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد غازىتىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بىر قەبرىگە ئىككىدىن قوياتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: «ئىككىسىنىڭ قايسى قۇرئاننى كۆپ ياد ئالغان؟»، دەيتتى. قۇرئاننى كۆپ ياد ئالغانلىقىغا قايسى كۆرسىتىلگەن بولسا، شۇنى قەبرىگە ئىلگىرى قوياتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زۆرۈرىيەت بولغاندا ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنى بىر قەبرىگە دەپىن قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، قايسىسى قۇرئاننى كۆپ يادلىغان بولسا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن شۇنى ئالدى بىلەن قويۇش كېرەكلىكى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشۈمدە مىسۋاك ئىشلىتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە مېنىڭ ئالدىمغا ئىككى ئادەم كەپتۇدەك، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن چوڭدەك، مەن مىسۋاكنى كىچىكىگە سۇنسام، ئۇ ماڭا: ‹چوڭدىن كەلسۇن›، دەپتۇدەك، مەن ئۇنى قايتۇرۇۋېلىپ، چوڭىغا بەرگۈدەكمەن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: باشقىلارنىڭ مىسۋاكىنى رۇخسەت بىلەن ئېلىپ ئىشلىتىشنىڭ مەكرۇھ ئەمەسلىكى.

  1. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياشانغان مۇسۇلماننى ھۆرمەتلەش، قۇرئاننى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، تاشلاپمۇ قويماي ئۆزلەشتۈرگەن ئادەمنى ھۆرمەتلەش ۋە ئادىل ھۆكۈمراننى ھۆرمەتلەش ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشنىڭ جۈملىسىدىندۇر». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياشانغان مۇسۇلماننى، قۇرئان يادلىغان قارىنى ۋە ئادىل ھوقۇقدارنى ھۆرمەتلەشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى.

2) ئىشلاردا ئاشۇرۇۋەتمەستىن، شۇنداقلا كېمەيتىپمۇ قويماستىن ئوتتۇراھال بولۇش، قۇرئاننى ئوقۇشتىمۇ شۇنداق بولۇش كېرەكلىكى.

  1. ئەمر ئىبن شۇئەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان كىشىلەر بىزگە مەنسۇپ ئەمەس». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش، رەھىم-شەپقەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكى.

  1. مەيمۇنە ئىبن ئەبۇ شەبىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدىن بىر تىلەمچى ئۆتۈۋىدى، ئۇنىڭغا بىر پارچە نان بېرىپ يولغا سالدى. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىن كۆرۈنۈشى تۈزۈك، كىيىنىشى جايىدا بىر كىشى ئۆتۈۋىدى، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ تاماق بەردى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بۇ ھەقتە سورالغاندا، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىڭلار»، دېگەن، دېدى. — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كىشىلەرنى ئۆز لايىقىدا ھۆرمەتلەڭلار، دەپ بۇيرۇغان»، دېگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىلەرنىڭ ئورنى ۋە مەرتىۋىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇش كېرەكلىكى، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى شەرىئەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىسپاتنى كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىشتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى.

  1. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇيەينە ھىسنى كېلىپ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھۇررە ئىبن قەيسنىڭكىگە چۈشتى. ئۇ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ئىدى. مەيلى قېرى بولسۇن، مەيلى ياش بولسۇن، قارىيلار ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆھبەتداشلىرى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئىدى. ئۇيەينە قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! سېنىڭ خەلىفىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ بار، كۆرۈشۈشكە ماڭا رۇخسەت ئېلىپ بەرسەڭ»، دېدى. ئۇ رۇخسەت سورىۋىدى، خەلىفە ئۇمەر ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى. ئۇيەينە كىرىپ: «ئى خەتتابنىڭ ئوغلى! ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سەن بىزگە كۆپرەك بىر نەرسە بەرمىدىڭ، ئارىمىزدا ئادىل ھۆكۈم قىلمىدىڭ»، دېدى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى. ھەتتا ئۇنى ساۋىماقچى بولدى. ھۇررە ئۇنىڭغا: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ خەلىفىسى! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىگە

خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ

«ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە نادانلاردىن يۈز ئۆرىگىن»-(سۈرە ئەئراف، 199-ئايەت) دېگەنىدى، ھەقىقەتەن ئۇ نادانلاردىندۇر»، دېدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، يۇقىرىدىكى ئايەت ئوقۇلىۋاتقان چاغدا، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جىم تۇردى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان كەرىم» ئوقۇلىۋاتقان چاغدا ھەقىقەتەن جىمجىت تۇراتتى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

  1. ئەبۇ سەئد سەمۇرە جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقتىدا تېخى كىچىك بالا ئىدىم. مەن رەسۇلۇللاھتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلاپ يادلىۋالغانىدىم. لېكىن، بۇ يەردە مەندىن ياش جەھەتتە چوڭ كىشىلەر بولغاچقا ئەدەب يۈزىسىدىن مەن سۆز قىلمايمەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىبن ئەللان مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىس ئالىملىرى: ‹ئەگەر بىر يۇرتتا بىر ئادەمدىن ھەدىس ئىلىمدە ياكى قۇرئان، سۈننەتنى يادلاشتا ئارتۇق ياكى ياشتا چوڭ كىشىلەر بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ باشتا سۆزلىشى ياخشى ئەمەس، ئەمما باشقا ئىلىملاردا بۇ ئاساس قىلىنمايدۇ، كىم سۆزلىسە بولۇۋېرىدۇ›، دېيىشىدۇ».

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر ياش ياشانغان كىشىنى ھۆرمەتلەيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۇ كىشىنىڭ يېشىغا بارغاندا ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر كىشىنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ياشانغان، ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىش كېرەكلىكى.

2) كىمكى بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئۆزىمۇ شۇ ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى.

3) گۈزەل ئەخلاق دىننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭسىز دىننىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ