مۇسۇلمانلار

38- قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا

 قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَاعْبُدُواْ اللّهَ وَلاَ تُشْرِكُواْ بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ

«ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن-يىراق قوشنىلارغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار»-(سۈرە نىسا، 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، قوشنىلارنى بىر-بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قولۇم-قوشنىلارنىڭ ھەققىنىڭ چوڭلۇقى، بۇنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى.

2) ھەدىستە قوشنىنىڭ ھەققىنى ۋەسىيەت ئارقىلىق تەكىتلەش، قوشنىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلار بىلەن ئىناق دوستانە ئۆتۈش، ئۇلارغا زىيان يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئاغرىپ قالغاندا يوقلاش، خۇشاللىقىدا تەبرىكلەش، مۇسىبىتىدە تەزىيە بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  1. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئەبۇ زەر! ئەگەر سەن شورپا قىلساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇنغىن».

يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: «ئەگەر شورپا قىلساڭ، سۈيىنى كۆپرەك قىل، قوشنلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قاراپ بېقىپ، ئۇلارغىمۇ شورپىدىن سۇنغىن»، دېگەن، دېيىلگەن. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قوشنىلارغا تاماق سۇنۇشنىڭ ياخشى پەزىلەت ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ»، دېگەن. «ئى رەسۇلۇللاھ! كىم كامىل مۇئمىن بولمايدۇ؟»، دەپ سورالغاندا، ئۇ: «قوشنىلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم»، دېگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «قولۇم-قوشنىلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ»، دېگەن، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە قوشنىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلارنى بىرەر يامانلىقتىن قوغداش ئىماننىڭ كامىللىقى ۋە گۈزەل ئەخلاق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

2) قوشنىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشنىڭ كىشىنى كۇفرىلىققا، دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان خەتىرىنى بايان قىلغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! ھەقەمسايىلىرىڭلارغا قوينىڭ تۇۋىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار». —بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قوشنىلار ئارا ئاز بولسىمۇ ئۆزئارا سوۋغات بېرىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ قويۇۋېلىشىنى توسمىسۇن». ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنى بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگەن ھالدا كۆرۈۋاتىمەنغۇ؟ ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممەڭلارغا يۈكلەيمەن (يەنى بۇ ئامانەت ئىلىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۆزۈمنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتقۇزىمەن)». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى، كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشى لازىملىقى. بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھالدا زۆرۈر بولغاندا، بەزى ھوقۇقتىن ۋاز كەچسە ھېچنېمە بولمايدىغانلىقى.

2) كىشىنىڭ قوشنىسىغا پايدىلىق بولغان، شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىغان ئىشلاردىن قوشنىسىنى توسماسلىقى لازىملىقى.

3) قوشنىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئىناق ئۆتۈشى ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە جەمئىيەت ھەمكارلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قولۇم-قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) قوشنىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ھارام بولۇپ، ئىماننىڭ كامىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى.

2) مېھمانلارنى ئىززەتلەش لازىملىقى.

3) غەيۋەت، سۇخەنچىلىككە ئوخشاش گەپ سۆزدىكى ھارامدىن ساقلىنىش لازىملىقى.

4) سۆز قىلىش پايدىسىز بولغان ئەھۋالدا سۈكۈت قىلىش لازىملىقى.

5) ئىماننىڭ قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، مېھماننى ھۆرمەتلەش، چىرايلىق گەپ قىلىش، سۆز قىلىش پايدىسىز چاغدا سۈكۈت قىلىشقا ئوخشاش ئالامەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ شۇرەيھى خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قوشنىسىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش، مېھماننى ھۆرمەتلەش، ياخشى سۆز قىلىش ياكى سۈكۈت قىلىش بولسا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ھېس قىلىشنىڭ ھەقىقىتى ئىكەنلىكى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى رەسۇلۇللاھ! ھەقىقەتەن مېنىڭ ئىككى ھەقەمسايەم بار. ئالدى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا سوۋغا بەرسەم بولار؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئىشىكى ساڭا يېقىنراق بولسا شۇنىڭغا بەرگىن»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەگەر قوشنىلارنىڭ ھەممىسىگە ياخشىلىق قىلىشقا، سوۋغا بېرىشكە قادىر بولالمىسا، يېقىنراق قوشنىلىرىغا قىلىشى كېرەكلىكى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەمراھىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قوشنىسىغا ياخشى بولغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشى ھېسابلىنىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دوستلار ۋە قوشنىلارغا پايدا يەتكۈزۈش، ئۇلارنى زىيان-زەخمەتتىن قوغداشتا ھېرىسمەن بولۇش كېرەكلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر